nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 05:12 PM 
دەھشەت كۈلۈپتىمەن ما ئىنكاسقا قېرىندىشىم،ئىلگىرى با ...
رەھمەت ئەسكەرتىش بەرگىنىڭزگە !!!
بىراق مىنىڭ ئەسكىلىگىمنى . ھەتتا ئىغىزىمنىڭ لاۋزىلىغىمنى مۇنبەردىكى ھەممە بىلىدۇ . مەن ئەزەلدىن ئىنكاس يازسسام زىيالىلارغا خاس كاستىيوم-بۇرۇلكىلىق ئىنكاس يازمايمەن . شۇڭا ئىنكاسىمدا سىپايىلىك تىپىلمايدۇ . كۆڭلۈمدە قانداق ئۆيلىسام شۇنداق تەبئىي يازىمەن . شۇنداق بىڭسى بار ئىغىزى لاۋزا ئەزالار بولسا ئۆكتە قوپسۇن قارشى ئالىمەن .
مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەۋرۇز قىلمايمەن . بۇ كىچىگىمدىن بار مىجەز-خاراكتىرىم . بىراق قارشى تەرەپ مىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىمغا دەخلى قىلسا ھەتتا ئۇلۇغ رامىزان ، روزا ھىيت-قۇربان ھىيتنىڭ بىرىنجى كۈنى بولسىمۇ نىسىگە قالدۇرماي ئىغىزمنى بۇزىمەن .
ھازىر كۆپ سانلىق كىشى تومۇچى بولۇپ كەتتى . ياۋاش تۇرسىڭىز سىزنى تەربىيە كۆرگەن كىشىكەن جىدەلدىن قىچىۋاتىدۇ بولدى قىلاي دىمەي تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ باقىدۇ .
يەر شارى ئۈزۈمى ھەقىقەتەن بولدىغان ئۈزۈم ئىدى بىراق مۇنبەردە ، مۇنبەرنىڭ قاتتىق قول مەلىكىسى بىلەن سوقۇشۇپ چەكلەنگەن .ماۋۇسى ئىككىنجى قىتىم تىزىملىتىپ كىرگىنىم ، بەيدۇنى شۇنچە ئاقتۇرۇپ ئۇ سۈرەتنى تاپالماي ماۋۇنى باش سۈرەت قىلدىم .
يىڭى مۇنبەرگە تېزىملاتقاندا نىمە ئىسىم قويسام بولار ، باش سۈرەتكە نىمىلەرنى چىقارسام بولار دەپ ئويلىنىۋاتقان ئېگىلىس تىلىدا ئوقۇيدىغان بىر ئاپىرانىت ئاغىنەم بولدىغان . شۇ سىنىڭ پىكىرلىڭ باشتا ئاچچىق كىينچە بىر خىل چۈچىمەل تۇيۇلىدۇ . ئۈزۈم دەپ قوي ئۈزۈم شىرنىسى دەل سىنىڭ خاراكتىرىڭگە ئوخشايدۇ دىگەن پىكىرى بىلەن مۇشۇ ئىسىمنى قوللانغان .
يەشىككە سولاپ ، ماركا چاپلاپ ، تۈرلرىنى ئىلغاپ پەردازلماستىن تەبئىيلىگىنى ساقلاي دەپ شۇڭلاشقا قىرغىزنىڭ قالپىقىدەك ئىمزامۇ قوللانمىدىم شۇڭا ھويلام نامراتچىلىك . بايلىق يوق ئۆيىگە ئوغىرى ، ئىمان يوق قەلبىكە شەيتان كىرمەس دىگەندەك ھويلامغا بىرسىمۇ كىرىپ قالارمۇ دەپ ھەر كۈنى قاراپمۇ باقمايمەن . كىرگەن كىشىمۇ بىزار بولۇپ يىنىپ چىقىدۇ . ھې ھې
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-16 05:58 PM