ھىجران
يارىم شەھلا كۆزۈڭگە بېقىپ،
كۆرگەن ئۇندا سۆيگۈ سىماسى .
قۇلىقىمنى كۆكسۈڭگە ياققان،
كەلگەچ ماڭا ۋىسال ساداسى.
يارىم گويا قۇياشتەك ئىسسىق ،
ئېرىپ كەتسەم ھارارىتىڭدە .
ئارزۇيۇمسەن ھاياتتا بىرلا ،
ئۆتسەم مەڭگۈ پاراغىتىڭدە .
يارىم ئۈمىد ئۈزۈلدى ئەمما ،
پاك سۆيگۈگە چۈشكەن چاغدا داغ .
زۇلمەت باستى شەھلا كۆزۈڭنى ،
ئارىمىزنى توستى تىلسىم تاغ .
كىچىك ئىشلار چوڭىيىدىكەن ،
زەررە گۇمان بۇزدى ۋىسالنى .
ياكى شۇنچە ئاجىزمۇ سۆيگۈ ،
كۆزلىسەكمۇ شېرىن نىشاننى .
چۈشەندۈرمەك تەس كەلدى ئەجەب ،
شۇنچە يېقىن غەمگۈزارىمغا .
قايتا يېتىش چۈش بولدى ئەمدى ،
سېنىڭ ئىللىق پاك دىدارىڭغا .
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە دەيدۇ ،
كۆيمەس ئەرمىش كۆيەك ئوتىدا .
كۆيدۈم كۆيدۈم گۈلخانچە ياندىم ،
قىلدىم زەئىب ھىجراندىن نىدا .
بىر خاتالىق بىر كۈنلۈك ئاچچىق ،
دەسسەيدىكەن مېھىر ئۈستىگە .
بىر كىشىدە قانچىلىك ئۆمۈر ؟
ئەمما كەتكەن يانماس كەينىگە .
يانمىساڭمۇ يانمىغىن پەلەك ،
ئۇن تاسقىغىن ئېزىپ يۈرەكنى .
ئارزۇيۇم يار بەختلىك بولغىن ،
سۆيمىگەنمەن سەندىن بۆلەكنى .
يەنە بىر رەت ئىزھار قىلغۇم بار ،
سۆيمىگەنمەن سەندىن بۆلەكنى .
2014-يىلى 16-ئىيۇل
قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-16 06:52 PM