مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1913|ئىنكاس: 11

رامىزان تۇتۇشنىڭ مەقسەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 06:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رامىزان تۇتۇشنىڭ مەقسەتلىرى


روزا تۇتۇش ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ تۆتىنچىسى، مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىدىكى پرىنسىپال ئىبادەتنىڭ بىرى. ئىسلامدىكى روزا تۇتۇش باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئوتتۇرىھال ۋە تەڭپۇڭ شەكىلدە  ھىجرىيىنىڭ ئىككىنچى يىلى پەرز قىلىنغان.
روزا تۇتۇشتىن مەقسەت تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تەقۋالىق: ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان بارلىق گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن قول تارتىش دېگەنلىك بولىدۇ.
رامىزان ئېيى يۈرەكلەرگە شىپا، مۆمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت ۋە ھىدايەت بولغان قۇرئان كەرىم چۈشكەن مۇبارەك ئاي، شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇش قەلبىنى تازىلاش، روھنى ئۈستۈن كۆتۈرۈش ۋە ئىرادىنى جانلاندۇرۇشنىڭ پۇرسىتى. روزا تۇتۇش ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى سىردىن ئىبارەت. روزا تۇتۇش روھ، ئەقىل، ئەخلاق ۋە بەدەن ساغلاملىقنىڭ دورىسى.
روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دەرىجىسى ئاشىدۇ، خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بىنورمال نەپسى شەھۋەتلىرى بېسىقىدۇ، ياخشى ئىشلار كۆپ قىلىنىدۇ، ئىتائەت ئىشلار جانلىق شەكىلدە كۆپ بولىدۇ، گۇناھ ۋە پاسسىپ ئىشلار ئازىيىدۇ ۋە تۈگەيدۇ، شۇنداقلا شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرى روزا تۇتقۇچىلارغا قارىتا ئۈزۈلىدۇ. روزا تۇتۇش گۇناھ ئىشلاردىن ساقلايدىغان قورغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاشقا كېپىللىك قىلىدۇ.

(1)
رامزاننىڭ روھى جەھەتتىكى تەربىيە مەقسىتى


رامىزان مۇسۇلمانغا نىسبەتەن روھى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى تەسىر بېرىدىغان ئىبادەتتۇر، بۇنى بىر قانچە تەرەپتىن بىلگىلى بولىدۇ:
1.رامىزان ئەدەب-ئەخلاق ۋە كۆرسەتمىلىرى بىلەن تەقۋالىققا ئېلىپ بارىدۇ، تەقۋالىق كۆڭۈلنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تۈۋرۈكى. ئەگەر بىر ئىنساندا تەقۋالىق ۋۇجۇتقا چىقسا، غەم-قايغۇ، قورقۇنچ ۋە ئەنسىرەش ھالەتلىرى تۈگەپ، بەخت-سائادەت قولغا كېلىدۇ:«تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە)قايغۇرۇش بولمايدۇ»(ئەئراپ سۈرىسى، 35- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
كۆڭۈلنى تۇراقسىز قىلىدىغان ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان ئىشنىڭ تۈۋرۈكى قورقۇش ۋە غەم-قايغۇ ئىكەنلىكى ئېنىق، تەقۋالىق ۋە ئۆزىنى تۈزەش بولسا كەلگۈسىدىن ئەنسىرەش ياكى ئۆتمۈشكە غەم قىلىشتىن ئىبارەت غەم-قايغۇ شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىدۇ. چۈنكى تەقۋالىق مۇسۇلمانغا قاراڭغۇ زۇلمەتلەردە يول باشلايدىغان ۋە تۈرلۈك بالا-قازالاردىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئۆلچەم: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ»(تالاق سۈرىسى، 2،3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
2. ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان مۇسۇلمان رامىزاننى ئۈزۈپ قويماي تۇتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى گۇناھ، ئاسىيلىق ۋە خاتالىقلاردىن تازىلاش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈپ تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«قايسى بىر مۇسۇلمان رامىزاننىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە ئاللاھغا ھەقىقى ئىشىنىپ ۋە ساۋاب تەلەپ قىلىپ تۇتسا ۋە كېچىلىرى ئىبادەت قىلسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندا، روزا تۇتۇش بۇ ئادەمگە ئادەتكە ئايلىنىپ، قەلبى خۇرسەن بولۇپ، ھەر ھەپتىدە نەپلە روزا تۇتۇشقا باشلايدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان كىشى گۇناھلىرىدىن دائىم پاك بولۇپ تۇرىدۇ. بىر ھەدىس شەرىپتە ئاللاھ:«روزىنى مېنى دەپ تۇتتى، مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بىلىپ بېرىمەن، چۈنكى ئۇ مېنى دەپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كۆڭۈل شەھۋىتى ۋە يېمەك-ئىچمىكىنى تاشلايدۇ..» دېگەن(بۇخارى بايان قىلغان). دېمەك، روزا تۇتۇش ئارقىلىق دۇنيادا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشسە، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ چەكسىز نېمىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
3.مۇسۇلمان رامىزان ئېيىدا ئالاھىدە روھى قۇۋۋەت بايقايدۇ، چۈنكى رامزاندا روزىنىڭ تەسىرى بىلەن گۇناھ ۋە خاتالىق سادىر قىلىدىغان ئىشلار ئازىيىدۇ. شەيتانلار ئىبادەتنىڭ تەسىرىدە ئازدۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. دېمەك، روزا تۇتۇش يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئايلىق روھى جەھەتتىن داۋالىنىشتىن ئىبارەت.
4. مۇسۇلمان رامىزان كۈندۈزلىرىدە مەنىۋىي جەھەتتىن قۇۋۋەت ئۈستۈنلۈكنى ھېس قىلسا، كەچ تەرەپتە تاراۋى نامازلىرى ئارقىلىق يەنە مەنىۋى جەھەتتىن روھلىنىش ۋە جانلىنىش نېمىتىگە ئېرىشىدۇ.
5. رامىزاندا دۇئا قىلسا تېز ئىجابەت بولىدىغان پەزىلەتلىك بىر ۋاقىت بار. رەسۇلۇللاھ:«روزا تۇتقان كىشى ئىپتار قىلىدىغان چاغدا دۇئا قىلسا، دۇئاسى تېز ئىجابەت بولىدۇ»دېگەن(ئىبنى ماجە بايان قىلغان). قول كۆتۈرۈپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىش ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە باشلاپ بېرىشنىڭ ياخشى ئاچقۇچى، چۈنكى مۇسۇلمان دۇئاسىدا دۇنيالىقىنى ئىسلاھ قىلىپ بېرىشىنى ۋە ئاخىرەتتە ئالى جەننەت بىلەن بەھرىمەن بولىشىنى ئاللاھتىن توختىماي تىلەپ تۇرىدۇ.
6. مۇسۇلمان رامىزان ئېيىدا ياخشىلىقتىن ياخشىلىققا يۆتكىلىدۇ، ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ، دۇنياغا قۇل بولۇپ كېتىشتىن ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ، كېچە- كۈندۈز قۇرئان ئوقۇش، قول كۆتۈرۈپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ خىل ھالەت مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە تەسەللى بېرىدۇ، بەدىنى جەھەتتىن جانلىنىدۇ، ئەخلاقى جەھەتتىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، ئىبادەت جەھەتتىن تەرەققى قىلىدۇ، ئاللاھغا قارىتا مۇھەببىتى ئاشىدۇ، كەمبەغەللەرگە كۆيۈنىدۇ، خاتالىشىپ قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق، خاتىرجەملىك، ئامانلىق، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تىلەيدۇ. دېمەك، ئىسلامنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ.
7. پۇرسەت بولۇپ قالسا، مەسچىتتە بىرەر سائەت بولسىمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئۆزى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈزىدىغان جايلىرىنى تۈزۈتۈپ ۋە جانلاندۇرىدىغان تەرەپلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ.
دېمەك، بىر ئايلىق رامىزان ئىجابىي نۇقتىلارنى جانلاندۇرۇپ، پاسسىپ نۇقتىلاردىن قۇتۇلۇشتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھات مەكتىپىدىن ئىبارەت.

(2)
رامزاننىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى تەربىيە مەقسىتى



رامىزاننىڭ ناچار ئەخلاقلارنى تۈزۈتۈش ۋە ئېسىل ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈشتە ئىلغار تەسىرى بار:
1.روزا تۇتۇش: بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك، جىنسى ئالاقە ۋە بارلىق رەزىل ئىشلاردىن چەكلىنىش دېمەكتۇر.
2.روزا تۇتۇش مۇسۇلمان بىلەن ھارام ئىشلار ئارىسىدا كۈچلۈك قورغان پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى مۇئەييەن مۇددەتتە كۆڭلى ۋە قورسىقىنى باشقۇرالىغان ئادەم ھەر قانداق ۋاقىتتا ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشقا ئىقتىدارى يېتىدۇ. ئىنسان كۆڭۈل ھەۋىسى ۋە كۈچلۈك جىنسى ئارزۇسىنىڭ سەۋەبىدىن ھارامغا بەك ئىنتىلىدۇ. ئارقىمۇ- ئارقا بىر ئاي رامىزان تۇتسا، ھەر قانداق ھارام ئىشتىن ساقلىنىش روھىنى يېتىشتۈرەلەيدىغان بولىدۇ.
3.رەسۇلۇللاھ:«كىم روزا تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان گەپ ۋە ساختىپەزلىكنى تاشلىمايدىغان، ئۇ ئادەمنىڭ تاماق يېمەي ۋە بىر نەرسە ئىچمەي تۇتقان روزىسى ئىناۋەتسىز»دېگەن(بۇخارى بايان قىلغان).
يەنە:«سىلەردىن بېرىڭلار روزا تۇتقان بولسا، بۇزۇق ۋە ئەخلاقسىز گەپ -سۆز قىلمىسۇن. نادانلىق قىلىپ، كىشىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ تىللىشىدىغان ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىپ سالمىسۇن، ناۋادا بىرەرسى ئۇنىڭغا ئەدەبسىزلىك قىلىپ سالغان بولسا، ئوخشاش ئەدەبسىزلىك قىلماستىن، مەن روزا تۇتقان ئىدىم، ساڭا ئوخشاش ئەدەبسىزلىك قىلمايمەن، سەن بىلەن تەڭ تۇرمايمەن دەپ جاۋاب بەرسۇن»دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
دېمەك، روزا تۇتقاندا جىنسى ھايات ۋە قورساققا ئىگە بولغاندەك، كۆز، قۇلاق ۋە ئېغىزغا ياخشى ئىگە بولۇش لازىم. سەت گەپ قىلىدىغان، تىللايدىغان، غەيۋەت قىلىدىغان، سۇخەنچىلىك قىلىدىغان، ھارام ئىشلاردىن كۆزىنى يۇممايدىغان ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى چېقىپ ساتقۇنلۇق قىلىدىغان پەسكەش ۋە ئىپلاس ئىشلاردىن قول تارتمىسا، روزا تۇتقاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
4.روزا تۇتۇش مۇسۇلماننى بېخىللىق ۋە شەخسىيەتچىلىك كېسىلىدىن ئازات قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«سېخى ئادەم ئاللاھغا يېقىن، جەننەتكە يېقىن، كىشىلەرگە يېقىن ۋە دوزاختىن يىراق بولىدۇ. بېخىل ئادەم ئاللاھدىن يىراق، جەننەتتىن يىراق، كىشىلەردىن يىراق، دوزاخقا يېقىن بولىدۇ. نادان سېخى ئادەم بېخىل ئابىدتىن ياخشى»دېگەن(تىرمىزى بايان قىلغان).
دېمەك، روزا تۇتۇش بېخىللىق ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت مۇرەككەپ كېسەلنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن داۋالايدۇ:
(1).روزا تۇتقانلارغا ئىپتارلىق بېرىشكە قىزىقتۇرۇش، مۇسۇلماندا سېخىلىق روھىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
(2).رامىزان ئېيىدا ياخشىلىق ۋە ساخاۋەت يوللىرى ئېچىلىپ، بېخىللىق كېسىلى ساقىيىدۇ.
(3).زاكات ۋە سەدىقە ئارقىلىق، يېتىم-يېسىر، يوقسۇل ۋە بىچارىلەرگە ياخشىلىق ۋە مېھرىبانلىق يوللىرى ئېچىلىدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللىككە خاتىمە بېرىلىدۇ.
5.روزا تۇتۇش مۇسۇلماننى ئىپپەتلىك ۋە پاك بولۇشقا ئادەتلەندۈرىدۇ، كۆڭۈلنىڭ يامان خىياللىرى ۋە شەھۋەت ئوتلىرىنى چەكلەيدۇ. رامىزان تۇتۇشتىن مەقسەت قورساق ۋە جىنسى شەھۋەتنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە چەكلىمە قويۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ، يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، تۈرلۈك شەھۋەت كۈچى ئۇلغىيىدۇ، روزا تۇتسا شەھۋەت ئوتلىرى پەسىيىشكە باشلايدۇ.
6. بىر ئىنسان جىنسى ئەزاسىنى ھارامدىن پاك تۇتالىسا، تىلىنىمۇ ناچار ۋە بۇزۇق سۆزلەردىن پاك تۇتۇشى لازىم. روزا تۇتۇش تىلنىڭ ئاپەتلىرىنى ھەل قىلالايدۇ. قايسى بىر ئادەم جىنسى ئەزاسى، قورسىقى ۋە تىلىنى ھارامدىن ساقلىيالىسا، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىل بولىدۇ. روزا تۇتۇش ئەمەلىيەتتە بارلىق ئەزالارنى ئاللاھ رەنجىيدىغان ئىشلاردىن ساقلاش دېمەكتۇر. روزا تۇتقاندا ھالال ئىشلاردىن ساقلىنىپ، ھارام ئىشلارنى قىلغان ئادەم، داچا سېلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلغان ئادەمگە ئوخشايدۇ.
7. روزا تۇتۇش مۇسۇلماندا شەرمى ھايالىق بولۇش ۋە ئىپپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغ ئەخلاقنى يېتىشتۈرىدۇ:«ھەر بىر دىننىڭ ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلامنىڭ ئەخلاقى ھايا قىلىشتۇر»(ئىمام مالىك بايان قىلغان).
روزا تۇتۇش ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى سىردىن ئىبارەت، بۇ سىرنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ئىنسان كۆرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى مۇسۇلمان ئاللاھدىن ھايا قىلىپ، ئادەم كۆرمەيدىغان يەردە بىر نەرسە يەۋالمايدۇ ياكى ئىچىۋالمايدۇ. ھايا شەكىللەنگەندە ياخشىلىقتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ.
8. روزا تۇتۇش مۇسۇلماننىڭ ۋاقىت قارىشىنى ھۆرمەتلەشكە كۆندۈرىدۇ، ھەر ۋاقىتنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا باغلايدۇ. سوھۇرلۇق قىلىش ۋە ئىپتار قىلىش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولىدۇ. دېمەك، مۇسۇلمان ۋاقىتقا رېئايە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، بىرەر ئىشنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ قويمايدۇ. مانا بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى!، بىز رېئايە قىلىۋاتامدۇق؟!.

(3)
رامىزاننىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى تەربىيە مەقسىتى


روزا تۇتۇش ئىنساننىڭ روھى، ئەخلاقى ۋە بەدىنى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا كېرەك. روزا تۇتۇشنىڭ بەدەنگە قارىتا تەسىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ:
1.روزا تۇتۇش سەھەر ۋاقتىغا يېقىن سوھۇرلۇق يېيىش بىلەن باشلىنىدۇ، دېمەك، بەدەننى چارچاتماسلىق ئۈچۈن سوھۇرلۇق يېيىش مۇھىم، شۇڭا سوھۇرلۇق يېيىش بەرىكەت دەپ كۆرسەتمە كەلگەن.
2.ئىپتارنى كۈننىڭ توقىچى كىرىپ بولغان ھامان قىلىش سۈننەت. ئىپتارنى خورما ۋە سۇ بىلەن قىلىش، بەدەننىڭ شېكەر ماددىسىغا بولغان ئېھتىياجىنى دەرھال قاندۇرۇش ۋە سۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ نەملىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش سۈننەت.
3.مۇساپىر، كېسەل، كېچىك بالا، ئەقىلسىز، بەك ياشىنىپ قالغانلار، تاماق يېيىشكە مەجبۇرلانغانلار، ئېغىر ئاياغ ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ھەيىزدار  ئاياللارنىڭ ئېغىز ئېچىۋېتىشى بەدەننىڭ كۈچ قۇۋۋىتىنى ساقلاش ۋە ئاسراش مەقسىتىدە رۇخسەت قىلىندى.
4.روزا تۇتۇش بەدەننى ئاجىز ياكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەردىن، يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قالغان قالدۇق زەھەرلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئىنسان كېسەل بولمىسىمۇ روزا تۇتۇشقا ئېھتىياجى بار. دېمەك، روزا تۇتۇش بۇزۇلغان ياكى ئاجىز ھۈجەيرىلەرنى يوقتىدىغان ئوپېراتسىيىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. روزا تۇتۇشنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى پايدىلىرى ساناقسىز، كېين ئايرىم توختىلىمىز.

ئابدۇراخمان  جامال  كاشىغەرى
(دوكتۇر ئاسپىرانتى)
2014- 7- 15 كۈنى
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.




دۇنيانى مېھىر-مۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11277
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 11:38:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت  قىلسۇن  قېرىندىشىم  ،   مۇشۇ  ئايلاردا  بىز  ئۈچۈن  بۇنىڭدىنمۇ  ئارتۇق  ،  روھى  ئۇزۇق بولمىسا   كېرەك  .  
   رامىزان  مۇبارەك  !

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 05:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(4)
روزا تۇتۇشنىڭ ئەقلى جەھەتتىكى تەربىيە مەقسىتى


ئەقىل ئىنساندىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىي، ئەقىل ئارقىلىق ئاللاھ ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلدى، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت يۈكلەندى. روزا تۇتۇشنىڭ ئەقىلنى ئىسلاھ قىلىش ۋە زېرەكلەشتۈرۈشتە بىۋاستە تەسىرى بار:
1.روزا تۇتۇشتىن مەقسەت تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش بولسا، تەقۋالىق مۇسۇلمانغا بىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشىلىق مەيدانلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ:«ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ(يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)»(بەقەر سۈرىسى، 282- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
تەقۋالىق مۇسۇلمانغا بىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشىلىق ئۇپۇقلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ:«ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ، ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ»(بەقەر سۈرىسى،269-ئايەت).(«ھېكمەت ئەڭ چوڭ ياخشىلىق»دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
2. روزا تۇتۇش مۇسۇلماننىڭ ئەقلىنى پائالىيەتچان ۋە روھلۇق قىلىدۇ، چۈنكى قورساق بەك تويۇپ كەتسە، ئەقىل قاچىدۇ. كىم كۆپ يېسە كۆپ ئۇخلايدۇ ۋە كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. كىم بىلىم-مەرىپەت سەۋەبلىرىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسا، قورسىقىنى بەك تويغۇزىۋەتمىسۇن. چۈنكى قورسىقى بەك تويۇپ كەتكەن كىشى ھورۇن بولۇپ، ئۇزۇن ئۇخلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن روزا تۇتۇش مۇسۇلماننى يېمەك-ئىچمەكتە ئەقىلنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ساقلاپ قالغۇدەك دەرىجىدە نۇرمالىققا كۆندۈرىدۇ.
3.بۇ ئايدا كۆپ قۇرئان كەرىم ئوقۇيدۇ ۋە تاراۋى نامىزىدا كۆپ قۇرئان ئاڭلايدۇ. مانا بۇمۇ مۇسۇلماندا بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ. چۈنكى قۇرئاندا تەجرىبە بىلىمىنىڭ ئاساسىي، توغرا ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى، قانۇن چىقىرىش قائىدىلىرى، بۇرۇنقى مىللەتلەردىكى ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقەلىكلىرى بار. بۇلار مۇسۇلماننىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.
4.روزا تۇتۇش ئەھكاملىرى مۇسۇلماننىڭ ئەقلىنى ئەۋرىشىم ھالەتتە شەكىللەندۈرۈشتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ:
       (1).مەسىلەن، ئىنسان ئىشلارنى ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل مىزانى بىلەن ئۆلچىشى لازىم. مانا  رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن ئاشۇرۇپ روزا تۇتقان ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ ماڭسام بولۇپتىكەن دېگەن.
(2). رەسۇلۇللاھ نەپلە روزىلارنى كۈن ئۈزمەي ئۇلاپ تۇتۇشتىن توسقان، ئىسلام شەرىئىتى ئىنساننىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدۇ. بۇ ئىش مەسىلىلەرگە قارىتا نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغۇدەك دەرىجىدە ئەۋرىشىملىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇش، ئىمكانىيەتلىرىنى مۆلچەرلەشتە چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك ۋە ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن ئاسانلاشتۇرۇش دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىش لازىم.
(3).شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئەۋرىشىملىك ۋۇجۇتقا چىقسا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە مېنىڭ پەزىلىتىم ئارتۇق دەپ قارىمايدىغان بولىدۇ، چۈنكى كىمنىڭ ھەقىقى تەقۋالىق قىلغىنىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
(4).مۇسۇلماننىڭ ئەقلى روزا تۇتۇش ئەھكاملىرىنى ئوقۇغاندا ئەۋرىشىم بولىدۇ. روزىنىڭ ئەھكاملىرىدا قورساققا ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان تۈتۈن، خۇشپۇراق نەرسىلەر ياكى ئاغزىنى نورمال چايقىغاندا گالغا ئۆتۈپ كەتكەن سۇ روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يۇيۇنغان چاغدا قۇلاقتىن كىرىپ كەتكەن نەرسە ياكى شەھۋەتسىز مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، كىم ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغان بولسا ياكى بىر نەرسە ئىچىپ سالغان بولسا، ياكى قۇسقۇسى كېلىپ قۇسۇۋەتكەن بولسا روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ. كۆزگە بىر نەرسە تېمىتسا، داۋالىنىش ئۈچۈن ئوكۇل سالغان بولسا ياكى ئاسما ئاسقان بولسا روزىنى بۇزمايدۇ.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھكاملار مۇسۇلمان ئەقلىنى ئاجايىپ ئەۋرىشىم ھالدا ياساپ چىقىدۇ. بۇ ئەقىل شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى بىلىدۇ، رۇخسەت تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلاردا شارائىتلارغا رېئايە قىلىپ، مۇناسىپ چارە قوللىنىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 05:24:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 11:09:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەقسەت بولسا يولى تېپىلار ...ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 12:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ،ئىسىل يازمىكەن،ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن!داۋاملىق ئەسەر يوللاپ تۇرغايسىز!
رامىزاندا قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلايلى!
قۇرئان چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://kitaphumar.com/?p=225  
http://pan.baidu.com/wap/link?uk=1328601847&shareid=702769506&third=1


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-17 10:37 AM):
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى MP3 http://pan.baidu.com/wap/link?uk ... 2769506&third=1

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-17 10:39 AM):
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى  PDF  http://kitaphumar.com/?p=225

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-17 10:42 AM):
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى DVD http://pan.baidu.com/wap/link?uk ... 1423139&third=0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 11:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغىن يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 12:42 PM
ناھايىتى ياخشى ،ئىسىل يازمىكەن،ئاللاھ سىزگە رەھمەت قى ...

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسىنى تاپقىلى بولامدۇ؟

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 11:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوھۇرلۇقنى بىر ۋاخلىق تاماق بىلەن قىلسا توغرا بولىدۇ.بەزى ئادەملەر بار، قورسىقىم ئېچىپ كەتمىسۇن دەپ بىر كۈنلۈك تاماقنى قورسىقى ئېتىلىپ كەتكۈدەك توشقۇزۇپ يەپ ئىپتار كەلگەندە:«قورسىقىم قەتئىي ئاچمىدى،ئۇسسىمىدىم.»دەپ مەمنۇن بولىدىغان. مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەربىيلىرى روزىدار ھالەتتە مەشىق قىلىپ چېنىقىدىكەن.  رامىزاننىڭ خاسىيىتى شۇكى،ھەزىم ئەزالىرى ئارام ئېلىپ،قان تازىلىنىپ كېسەللەر ساقىيىدۇ.

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:26:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 10:07:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق! ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش