2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق قېلىش كېرەك.
مەن 2009-يىلى ئالىي مەكتەپكە قەدەم باستىم. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2014-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىغا ئىشقا چۇشتۇم.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي شىركەتتىكى ئۈستازلارنىڭ يىتەكچىلىكدە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 37 شەھەر ۋە ناھىيىگە بازار تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن چۇشتۇم.بىرئاي جەريانىدا مەن ئۈستازلارنىڭ يىتەكچىلىكدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرىقى قىسىملىرىنى بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىىم. بۇبىر ئاي جەريانىدا مەن شۇ رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سودىگەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم.(شىركىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى شۇ رايونىدىكى مۇنەۋۋەر ، ئالدىنقى قاتاردىكى سودىگەرلەر) ھەمسۆھبەتتە بولغان سودىگەرلەر مەندىن ئون نەچچە ياش چوڭ كىشلەر بولۇپ ، مول تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. بۇ بىر ئاي جەريانىدا رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە بازار ئەھۋالىنى چۇشەندىم. بۇ بىر ئاي ھېسياتىمنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغغقاندا:
‹ئوقۇش ئەمدى باشلىنىپتۇ،17 يىل ئوقۇغانلىرىم پەقەت ساۋاد چىقارغىنىمغا ئوخشايدىكەن.›
بىر ئايلىق بازار تەكشۈرۈشتىن يىنىپ كىلىپ ،20 نەچچە كۈندىن كېيىن شىركىتىمىزنىڭ تور بازار بۆلىمىگە مەسئۇل بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. مەن 2011- يىلىدىن باشلاپ تور سودىسىنى ئۈگىنىشكە باشلىغان، ئۈچ يىل جەريانىدا ئۈگەنگىلىرىم ئوبدان ئەسقاتتى. ئەمما يەنىلا شىركىتىمىزنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچەمنىڭ كەمچىل بولغانىلىقى سەۋەبىدىن دىگەن مەقسەتكە يەتكۈچە بولغان ئارىلىققتا قېىيىنچىلىقلار ئاز بولمىدى. ئۇچرىغان قېيىنچىلقىلارنى ھەل قىلىپ مىڭۋاتىمەن. تور بازار بۆلىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ مىڭۋاتىدۇ.
يۇقارىقىسى پەقەت مېنىڭ بۇ بىر قانچە ئاي خىزمەت جەريانىم.
بۈگۈن چۇشلۇك ئارام ۋاقىتىدا تۇيۇقسىز كاللامغا 2014 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق قېلىش كېرەك؟ دىگەن سۇئال كېلىپ قالدى. ئەتراپىمىغا نەزەر سالسام نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم ۋە تەڭتۇشلىرىم يۇرتلىرىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەمۇرىي خىزمەتنى كۈتۈپ تۇرغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. يەنە ماڭا ئوخشاش يۇرتقا قايتىماي ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىممۇ كۆپ ئىكەن.
بىز 2014 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈگەنلەر 90 - يىلى تۇغۇلغان بالىلار قايناق ھېيساتقا تولغان. ئەمما 2014-يىلىنىڭ باشلىنى دىگەندەك ياخشى باشلانماي قالدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ناچارلاشقان بىر يىل بولۇپ قالدى. ئەمدى 2014 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر قانداق قېلىشىمىز كېرەك؟
تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ بىر قانچە كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلمەن.
1.ئۈگىنىش.
2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم دەپ خۇش بولىمىز. ئوقۇش ئەمدى باشلاندى ، بۇرۇن ئىمتىھان ئۈچۈن ئۈگەنگەنلەر ئەمدى ياشاش ئۈچۈن ئۈگىنىش قىلىدۇ. بىر كۈندە سەككىز سائەت خىزمەت قىلغان بولساق ، يەنە سەككىز سائەت ئۈگىنىمىز. ئالىي مەكتەپتىكى ئىمتھاندىن ئۆتەلمىسەك قايتا ئىمتىھان بولغىنى بىلەن ھازىرقى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە قايتا ئىمتىھان يوق.
2.كەسپ ئۈگىنىش.
2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر چوقۇم نىشاننى بېكىتىپ بىر ساھەنى چوڭقۇرلاپ تەتىقىق قىلىش. ھەمدە ئەمەلىي كەسپتىن بىرنى چوڭقۇرلاپ ئۈگىنىش. ئېرىشكەن خىزمىتى قەدىرلەپ شۇنىڭدا ۋايىغا يېتىشنى مەقسەت قېلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئەتراپىمغا نەزەر سالسام مەندىن چوڭ بىرنەچچە ئاكاش ۋە ئاچاشلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىزدەك ۋاقىتىتا بىر كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگەنمىگەنلىكى ھەققىدە ئېچىنغانلىقى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
3.ئۆمۈرلۈك نىشاننى بېكىتىش.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا دىلغۇل بولۇپ قالىمىز. دائىم دىگۈدەك خىزمەت نىشاننى ئۆزگەرتىپ تۇرىمىز. بىر يەردە ئىشلەۋاتساق يەنە بىر يەر تەمنات يۇقىرى دەپ بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. كىچىكىنە پۇلنى دەپ قىلىۋاتقان ئىشمىزدىن ۋاز كەچسەك ياخشى بولمايدۇ.
كىچىكنە ئىقتسىادىي مەنپەئەتنى دەپ قىلىۋاتقان ئىشىمىزدىن ۋاز كىچىپ ، يىڭى ئىشقا تۇتۇش قىلساق بولمايدۇ. شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. شۇڭا چىداپ ئۆزىمىز ياقتۇرغان خىزمەتنى قىلساق بىز چوقۇم ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز. ئۆمۈرلۈك كەسپ نىشانى تاللىغاندا ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللىساق تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز . ئېقتىسادنى دەپ قىزىقمايدىغان كەسپنى تاللاپ قويساق تۇرمۇش تۇرمۇشتەك، خىزمەت خىزمەتتەك بولماي قالىدۇ.
يۇقارىقىلار مېنىڭ ھازىر ھېس قىلغانلىرىم، قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويسا
2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىگە تۆھپە قوشقان بولىمىز.
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى(سەيشەنبە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-15 08:15 PM