مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: guluqun

قىبلىنى ئېنىق تېپىپ بېرەلەيدۇ (يانفۇن دىتالى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 10:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆ-تاڭ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 11:01 PM
%100 نەق مەككىنى توغرىلاپ ئۆتەيسە ،دەپ بۇنداق قىينچىلى ...

يىقىشلىق ئىنكاس ! ھۆ- تاڭ بۇرادەر  .

  ئىسمىڭىز نىمە دىگەن پاساھەت ۋە نىمىدىكەن بەركەتلىك ئىسىم دەيمەن لىكىن بۇ ئىسىمنى قاسساپ بۇرادەرمۇ شۇنداق جايىدا قويۇپتىكەن .

بەزىلەر بارغۇ ھازىر ,  دىننى ئۆلما-ئالىملارنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆزگىچە بىر شەرىئەت تۈزۈمىنى بىكىتىپ چىقىۋاتىدۇ .   مىسال  ھەر قايسى جايلارنىڭ رامزاندا ئىغىز ئىچىش ۋە سوھۇرلۇق يىيىش قوللانمىسى . قىبلە بىكتىش سائىتى .   زىكىر-تەسبىھ سانىنى ئاپتىماتىك ساناش-ساقلاش سائىتى .  نامازغا ئويغىتىش مۈزىكا قۇتۇسى ، مەسچىتنى ئاپتىماتىك كۆرسىتىپ بىردىغان  ئورۇن بەلگۈلەش سېستىمىسى ،،،دىگەندەك .

بۇ زاڭدىن سۆڭەك چىققانداق چىقىپ قالغان ئەھلى مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئىغىزىڭىزغا قارىسڭىز . قىبلە %100 بولۇشى ، -ئىغىز ئىچىش سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى دەل بىرلا  خۇددى ھەربىيلەر بىر پۇشتەك بىلەن كىيىم سىلىپ بىر پۇشتەك بىلەن بىر سەپكە قاقىرلاردەك تىزىلغىنىغا ئوخشاش مىنۇت ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى ، كىيمى-كچىنىڭ رەڭگى بىر خىل بولۇشىتىن ئىبارەت  زىيادە چەكتىن ئاشقان بىرلىكنى ئاساس قىلغان شەرىئەت ھۆكۈملىرى ھەققىدە ۋەز ئىيتىدۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ۋاھاكازالار .

    شۇنداقلارغا دەيدىغىنىم   ئۈرۈمچىدە بىر كىشنىڭ قولغا رامزانلىق كالېندار ، توقسۇندا بىر كىشنىڭ قولغا كالېندار ، شىخودا بىر كىشىنىڭ قولغا كالېندار تۇتقۇزۇپ قويۇپ مۇشۇ بويۇنچە ئىپتار قىلىڭلار دىسۇن قىنى بۇيۈك ئاللاھ بىلەن قەسىمكى ! -  مۇشۇ كىچىككىنە رايۇندىمۇ ئاز بولغاندا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە پەرىق چىقىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كالېندارنىڭ تۆت ئەتىراپىدىكى رامزاننىڭ بەركىتى ۋە شەرىپى ئۈچۈن يىزىلغان شېئىرلاردىن باشقا مەزمۇنلارنىڭ قىلچىمۇ كىرىكى قالمايدۇ  .
   نىمە قىلسەن مۆتىدىل يولدا مىڭىشنى تەشەببۇس قىلۋاتقان گۈزەل دىننىڭ ئەھكاملىرىغا ئىلغار تېخنىكا، مۇكەممەل تېخنىكا ،،، دىگەن نام بىلەن پۇت-قوللىرىغا  پۇتلىرىىغا ئىكەك سىلىپ ؟-  قىلغى ئىش يوقمىدۇ مۇشۇ بەزەنلەرنىڭ ؟
  ئىسلامغا تېخنىكىنى قوللانما دىمەيمىز ! - قوللان .  بىراق يولىدا  مۇناسىپ قوللان .

ئى كاۋاپ دىگەن نەرسىگە باغۇ . ئازىراق زىرە ، لازا ، تۈز بولسا شۇنداق تەملىك بولىدۇ . بىراق زىيادە نوچى قىلىپ كاۋاپ شاھى قىلىمەن دەپ ئاتام-كۆرمگەن ئانام كۆرمىگەن خۇرۇچلارنى زىيادە قوششاق كاۋاپنىڭ تەبئىيلىگى بۇزلىدۇ .

ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ خاسلىقى بولىدۇ . ئىسلامنىڭ خاسلىقى مۆتىدىل يولدۇر . بۇ يول يىقىشلىق ۋە ئىتقاتچى  كىشىلەرگە  تولىمۇ تەبئىي ھوزۇر بىرىدىغان ،  ھىچ بىر كىشىگە بىسىم ، پەرىشانلىق ، ساختا ئالىجاناپلىك ھىس قىلدۇرمايدىغان  خۇددى راھەت كىيىملىرىگە ئوخشاش تۇيغۇسى بار بىر خىل دىندۇر .ئۇنىڭغا زىيادە زىبۇ-زىننەت بىرىپ تىخمۇ رەڭدار قىلىساق بۇ گۈزەل دىننىڭ خاسلىقى تەبئىيلىگى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرايدۇ .


بۇنداق قىلمىشلارغا يول قويۇپ ئەگەر ياخشى قىپسىز . يارايسىز بەك تالانتىلىقكەنسىز دەپ بەرسەك  قاراپ تۇراڭلار ئەتە-ئۆگۈن ئىسلامى  دۇربۇن چىقمىسا تىخى.

  ئەزىز   مۇسۇلمان قىرىنداشلرىمىز  خۇش-خەۋەر !

        يىقىندا قەلبىي ئىسلام گۇلخان بولۇپ يىنىۋاتقان ئىقتىدارلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان تەتقىقاتچى خادىملا كەڭ مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن ‹‹ ئىسلامى دۇربۇن ›› نى ياساپ چىقىپ بازارغا سالدى .

   بۇ دۇربۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىيدىلىگى بولسا . ئاسماندىكى ئايدىن باشقا ھىچنىمى كۆرسەتمەيدۇ . كىچىك ۋە نىيتى بۇزۇق كىشىلەرنىڭ بۇ دۇربۇننى باشقا كۆڭۈل خۇشى  ئىشلارغا ئىشلىتىپ ئىسلامنىڭ ئوبرەزىنى خۇنۇكلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن بۇ دۇربۇنغا مەخسۇس ئايدىن باشقا شەيئىلەرنى كۆرمەيدىغان سېستىما قاچىلانغان بولۇپ . بىر قىسىم زىيادە تەقۋادار مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ رامزان كىرىشتىن 5~4 كۇن بۇرۇن ئاكتىپ پىدائىي مۇسۇلمان بولۇش ئىستىكى بىلەن ئالدىن تۇتىۋالغان رامزان كۈنلىرىگە بىر قىسىم ئەھلى ئۆلما-قارىلارنىڭ بەرگەن كۆڭۈلسىز پەتۋالىرى سەۋەبىدىن ئىچى سىقىلىپ يۈىۋاتقان كەڭ بىدئەتچى مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا كۈچلۈك رەدىيە ۋە چىقىش يولى ھازىرلانغان بولۇپ . بۇ خىلدىكى ئىسلامى دۇربۇن رامزان كىرىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن كۆپكۆك ئاسمدا  تىخى چىقمىغان ئاينى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ . ھەتتا ئاسماننى قاپقارا تۇمان-بۇلۇت قاپلاپ كەتكەن ناچار ھاۋا رايى مۇھىيتىدىمۇ ئېفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق ئاينى شەكىل چۈشۈرۈش ۋە كوردىنات ھىساپلاش ئارقىلىق ئاينىڭ ئورنىنى ئىنىق كۆرسۈتۈپ بىرىش بىلەن بىرگە بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ئاينى رەسىمگە تارتىش بىلەن بىرگە يىل-ئاي-كۈن ، مىنۇت-سېكىنۇت،،،قاتارلىق ئىنچىكە ۋاقىت خاتىرسى قاتارلىق پاكىت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ . سانى چەكلىك . ئۆز يۈرتىدىكى ئەھلى-ئالىملارنىڭ پەتۋاسىنى كونا پەتۋا دەپ كۆڭلى دەرگۇماندا بولغان تەقۋا ئاشتى مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ‹‹ ئىسلامى دۇربۇن ›› نى قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋىلىپ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرشىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىمىز !

   بۇ دۇربۇننى ئىشلەتكەن كۈنىڭىزدىن باشلاپ ئۆز يۈرتىڭىزدىكى ۋە سەۋئۇدىيە، ،مىسىر ئەزەرى ،، ئالىملىرىنىڭ پەتۋاسىغا ھاجىتىڭىز چۈشمەي ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل روزا كۈنىنى بىكىتەلەيسىز . يەنە نىمىنى ساقلايسىز باشقىلاردىن ئاشۇرۇپ تەقۋالىق قىلىپ جەننەتى فېردەسىتىن ئورۇن ئالغۇڭىز يوقمۇ ؟

  
   ئۈرۈمچىدىكى باش ۋاكالەتچى  ‹‹ روزى مۇھەممەت ھاجىم مەخسۇس تەقۋا بويۇملىرى جەمگاھى››غا قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ .

   ئاقسۇدىكى سېتىش باش ۋاكالەتچىسى  ئۆمەر ھاجىم ‹‹ مۇجاھىيت مەخسۇس تەقۋا بۇيۇملىرىنى سېتىش دۇكىنى ››

  قەشقەردىكى باش ۋاكالەتچىسى مىرزا ھەيدەر ئوسمانى تۈرۈكنىڭ ‹‹ ئۇ ئالەم مەخسۇس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى ››

  خوتەندىكى باش ۋاكالەتچى ئابدۇ سۇلتان ئابدۇۋاقى ئابدۇرەززاق ئابدۇماناقنىڭ ‹‹ شەرىف رامزانى ئەل رىسقى زىيادە ئەلشىھىيىت ئەزىز قىرىنداشلار مەخسۇس تەقۋا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى  ››

    ،،،خانلىق مەدىرىس ئايبانۇ بۇۋى ھەجەر ئاتىكە ھاجىمنىڭ ‹‹ يەتتە-سۇلتان قىرىق چىلتەن ئاخىرەتلىك بۇيۇملىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ››

   دىگەندەك ئادەمنىڭ ھاياجىننى قوزغايدىغان يۇقارقىدەك ئىشلارنىڭ يۈز بىرىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ  قالدۇق دىسە .

  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 01:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 11:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-16 10:01 PM
يىقىشلىق ئىنكاس ! ھۆ- تاڭ بۇرادەر  .

  ئىسمىڭىز نىمە دى ...

‏ئۈزۈمتال ئەپەندى،  قالتىس ئىكەنسىز، قايسى تىمىغا كىرسەم پاساھەتلىك ئىنكاسلىرىڭىز كۆزۈمنى قاماشتۇرۇۋاتىدۇ.......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 12:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75412
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 08:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنشىڭ 589 تىلىفۇندا ئىشلىمىدىغۇ،قانداق قىلسا ئىشلەيدۇ.ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:38:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق چۇشمەيدۇ بۇ دىتاك مۇمكىن بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسىنى قايتا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96154
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:58:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-19 02:38 AM
نىمانداق چۇشمەيدۇ بۇ دىتاك مۇمكىن بولسا چۇشۇرۇش ئادىر ...

توغۇرلاپ قويدۇم قايتا سىناپ بېقىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 10:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahmutja12 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 08:56 PM
سەنشىڭ 589 تىلىفۇندا ئىشلىمىدىغۇ،قانداق قىلسا ئىشلەيدۇ ...

ج خ ئىدارىسىنىڭ ھەممىباب تەكشۈرۈش سايمانلىرىدا بەك ئىشلەيدۇ.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100196
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 07:10:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش