تىلى يىنىك ، چۈشۈنىشلىك چىقىپتۇ . ھارمىغايسىز .
مۇھەببەت ئۆلمەس تېما دەپ كىم ئېيتقان بولغۇيتتىكى ، ھەقىقەتەن بۇ سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسى باركەن دەپ ئويلاپ قالىمەن . بەزىدە مەلۇم سەۋەپلەردىن ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەي ئازاپ چىكىپ قالىدۇ كىشى ، ئەمما قارشى تەرەپنىمۇ ئازاپ چەكمىدى دېگىلى بولمايدۇ .
چۆلنى سۆيگەن قۇياش نۇرىدەك ،
ئۆتۈپ بارار ئۆمرۈم بىھۇدە .
ساڭا بولغان سۆيگۈم ئالدىدا ،
قەدىر غۇرور بولدى ھېچنىمە .
بەلكىم مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن ،
كەتكەنمىدىڭ مەڭگۈ كەلمەسكە .
بىللە ئۆتكەن گۈزەل چاغلارنى ،
ئۇچراشقاندا ئالارسەن ئەسكە .
ئاشۇ كېچە ئاشۇ ئىللىق جاي ،
ئاشۇ كېچە تولغان تۇلۇن ئاي .
كۆڭلۈم يېرىم بولغان كۈنلەردە ،
ياشاپ كەلدىم سېنى ئۇنتىماي .
ئېسىمدا بار ئىللىق تارتىنىش ،
تىلىگىمنىڭ گۈزەل قىبلىسى .
ئېسىڭدىمۇ تۇنجى سۆيىشىش ،
مەنسۇپ ئېدى ساڭا ھەممىسى .
مەن روھلارغا سېڭىپ كېتەرمەن ،
مەن شائىرغا ئايلىنىپ سەنسىز .
ۋىسالىڭغا يىتەلمىسەممۇ ،
سېنى يارىم سۆيىمەن چەكسىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-15 11:15 AM