[ مىسرانىم تورىغا تەۋىسىيە قىلىنغان مۇكاپاتلىق ئەسەر]
بىر مىليارت300 مىليون نوپۇستن
11 توپچى چىقماسمۇ ؟
بوزقىر تەرجىمىسى
بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن جۇڭگولۇق توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن كەيپىياتى چەتئەل تاراتقۇلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. جۈملىدىن ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ، « جۇڭگودا شۇنچە كۆپ ئادەم پۇتبولنى سۆيۈدىكەنۇ ، نېمىدەپ پۇتبول ماھىرلىرى چىقمايدۇ ؟ »دېگەن. بۇ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ قارىشىچە ، جۇڭگودىكى بىر مىليارت 300 مىليون نوپۇستىن توپ تېپەلەيدىغان 11 نەپەر مۇنەۋۋەر پۇتبول ماھىرىنىڭ چىقماسلىقى ناھايتى ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى يەنە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېگەن : « 2002-يىلى ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرگەن . ئەمما، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن باشلاپ تارىختىكى ئەڭ ناچار ھالەتكە يۈزلىنىپ ، پۈتۈنلەي گۆدەك ياشلاردىن تەركىپ تاپقان تايلانىد كوماندىسىغا بەشكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن سەت ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئاز كەپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى كالامپايلىقى زور دەرىجىدە مەسخىرىگە قېلىپ ، توپ مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە يەرگە قاراتتى » . ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى يەنە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى مۇنۇ ئالتە جەھەتتىن ئوپراتسىيە قىلدى :
چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىش دەرىجىسى
جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى 2011-يىلى يۇقۇرى ئىش ھەققى بىلەن خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىدىكى ئەپسانىۋى شەخىس كاماچنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما ، تايلان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئاپەت خارەكتىرلىك يېڭىلدى. كىشىلەر كاماچ يېتەكلىگەن جۇڭگو كوماندىسى تېخىمۇ كالامپايلىشىپ كېتىپتۇ ، دېيىشتى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى ، كاماچ جۇڭگودىن ئايرىلىش ئالدىدا 4 مىليون دوللارلىق ئالدىن پۈتۈشۈش ھەققىنى نېسى قويمىدى. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ، جۇڭگو پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىىسى دۆلەت پۇتبولچىلىقىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارىغان بولسىمۇ ئەمما ، ئەمەلىيەتتە بىرلەشمە مۇسابقىىنىڭ داڭقىنى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەشۇ سەتچىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلا-قىلمايلا بېكھامنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش ئەلچىسى قىلىپ تەكلىپ قىلدى. كىشىلەر بېكھامنىڭ داڭقى ۋە تەسىرىنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا بەزى ئامەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئۈمىدلىنىشمەكتە.
مەبلەغنىڭ ئۈزلۈكسىز كىرىشى
بۇ يەردىكى يەنە بىر ھەركەتلەندۈرگەۈچ كۈچ گۇاڭجۇدىكى خېڭدا پۇتبول مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ ، كاتتا زەردار شۈ جىيايىن 2012-يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ مەكتەپنى قۇرغان. ئېيتىلىشىچە ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتى بولۇپ ، كۆلۈمى 167 ئىنگلىز موسى كېلىدىكەن. يېتەرلىك دەرىجىدى ياش-ئۆسمۈر پۇتبول ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيلەش ئۇلارنىڭ مەقسىدىكەن. بىراق ، مۇشۇ ساھەدىكى بەزى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە ، جۇڭگونىڭ ئەرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە تېخى نەچچە ئۈژۈم پىششىقى بار ئىكەن ھەم ۋەزىپە مۈشكۈل ئىكەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان توپ مەستانىلىرى سانى ۋە توپچىلار سانى
بېيجىڭدىكى بىر ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ رەئىسى روبىن شىمىس مۇنداق دېگەن : « پۇتبولنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن پۇتبولنىڭ نوپۇسى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە 200 مىڭ توپچىدىن ئاران بىر مەشھۇر توچى چىقىدۇ. جۇڭگودا بولسا 70 مىليوندىن 50 مىڭگىچە بالا توپ تېپىدۇ. ئەنگىلىيىدە بولسا ئاران 400 مىڭ ئادەم توپ تېپىدۇ. مۇشۇ نىسبەت بويىچە قارىغاندا ، دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبولچىلارنىڭ تۆتتىن بىرى جۇڭگودىن چىقىشى كېرەك ئىدى».
يەلپەرەك پۇتبولچىلىقنىڭ گۈللىنىشى
تام بەيئەر جۇڭگودىكى مەكتەپلەر پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ تۇنجى مەسلىھەتچىسى . ئۇ ئىلگىرى ياپونىيىنىڭ مەكتەپلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن. ئەگەر ئۇ ھازىرمۇ جۇڭگودا بولغان بولسا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبولچىلىقىدا پائال تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولارىدى. بەيئېر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : « توپ چولپانلىرىنى قېزىش ۋە مەشقاۋۇل تەكلىپ قىلغانغا قارىغاندا يەلپەرەك پۇتبولچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېتىدىغان بەدەل تېخىمۇ زور بولىدۇ. بۇنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى چوڭلارغا بولغان تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەپ ، بالىلارنى كىچىگىدىن باشلاپلا تەربىيلەش زۆرۈر. سىلو ۋە مېشىلغا ئوخشاش پۇتبول چولپانلىرى كۆپ ۋاقىتنى ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈشكە-مەشىققە قارىتىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن . ۋەھالەنكى ، جۇڭگولۇق ئائىلە باشلىقلىرى پۇتبول ئويناش بالىلارنىڭ ئۆگۈنۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، دەپ قارايدۇ» .
پۇتبول پەقەت بىر تۈرلۈك ھەركەتلا ئەمە
شېمىس « بالىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ھالقىسى » دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئويناش ئارقىلىق ئۆز خارەكتىرىنى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرەلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « بىز كىشىلەرگە شۇنداق بىر قاراشنى چۈشەندۈرىشىمىز كېرەككى ، تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللۇنۇش كەسپىي توپچىلارغا ئايلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ، تەنھەركەت بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدۇر» . 13 يىل ئاۋال شېمىس پۇتبول كۇلۇبى قۇرغاندا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەللىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقانىكەن. ھازىر بولسا بۇ كۇلۇپتا 3 مىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ %60 جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاركەن.
شېمىس يەنە مۇنداق دەيدۇ : « نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بۇ يەردە ئىنگلىز تىلىدا دەرىس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، بالىلىرىمىز توپ تېپىشتىن سىرىت ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگۈنىۋالغۇدەك ، دەپ قاراپ بالىلىرىنى ئەكەپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئەشۇ بالىلار بۇ يەردە توپ تەپكەنسېرى شۇنچە خوش بولۇپ كېتىشىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ ئىنگلىز چىنى ئۈگىنىۋالغاندىن سىرىت تەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ، ئىرادىسىنىڭمۇ تاۋلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشماقتا ».
نۆۋەتتە ، شىمىس جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ توپ تەپكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغۇزۇشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېگەن : « چۈنكى ، جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقى ساقتىلىق ۋە شەكىلۋازلىققا تولغان » .
يېڭى ئۈمىد
ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئەن دىنىڭ جۇڭگودىكى بىر كۇلۇبتا توپ تېپىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان. ۋاڭ ئەپەندى بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن : « جۇڭگودا پىلانلىق تۇغۇت سېياسىتى يولغا قويۇلغان. شۇڭا ، مەن يالغۇز ئوغلۇمغا چوقۇم باشقا دوسىتلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۈگىتىپ ، كوللىكتىپ روھنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشۇم كېرەك. پۇتبول بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر. نەچچە يىل توپ تېپىش ئارقىلىق ئوغلۇمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ ، دەرىس نەتىجىسىمۇ سىنىپ بويىچە 3- ئورۇنغا ئۆتتى ».
بەيئېر مۇنداق قارايدۇ : جۇڭگو داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىغا ئەمەس بەلكى پۇتبولنىڭ قاتلام قۇرۇلۇشىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشى كېرەك. گەرچە جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقى قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، بەزى ئەكسىنچە ھالەتلەرمۇ نامايەن بولماقتا. مانا بۇنىڭدىن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىندۇر ، ئەلبەتتە.
مەنبەسى :
http://gb.cri.cn/41280/2014/07/09/7511s4607821.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-14 12:35 PM