مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 11

شېركەت تىزىمغا ئالدۇرۇشقا دائىر يېڭى ئۆزگىرىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82984
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 11:37:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگەئالىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

1.تىجارەت كېنىشكا: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىتىبارەن يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلىدۇ.(يەككە تىجارەتچىلەر، دىھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپلىرى بۇرۇنقى نۇسخىدىكى تىجارەت كېنىشكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدۇ،يېڭى نۇسقىدىكى تىجارەت كىېنىشكىسى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدۇ.)

2.رويخەتكەئالدۇرغان كاپىتالى: شىركەتلەرنىڭ كاپىتالىنى رويخەتكە ئېلىشتا ئېتىراپ قىلىپ چىقارغان مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پايچېكلارنىڭ مەبلەغ سوممىسىنىڭ مىقدارى،مەبلەغ چىقىرىش شەكلى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئۆزى بەلگىلەپ، شىركەت نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇنداقلا مەبلەغ چېقىرىش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىيلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا مەسئۇل بولۇشى؛ شىركەتنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلغاندا، قانۇن نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى يوللىمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، شىركەتلىرىنىڭ رويخەتكەئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى، تۇنجى قېتىملىق چىقىرىلغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى ۋە چىقارغان نەخ پۇل مەبلىغىنىڭ نىسبىتىگە چەك قويۇش قاتارلىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.مەبلەغ سوممىسى مەبلەغ چىقىرىش شەكلى،مەبلەغ چىقىرىش ۋاقتى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزگىرىش بولسا تىزىملىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

3. تۇرۇشلۇق جايى:(تىجارەت سورۇنى) تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ،ئىلتىماس قىلغۇچى تىجارەت ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرسىلا تىزىمغا ئالىدىغان بولدى. تىجارەت سورۇنى ئىسپاتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر ئورۇنداكۆپ تىجارەت كېنىشكىسى›› بولۇشقا يول قويدى.

4.يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى:  ئىلگىرىكى ھەريىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يىللىق تەكشۈرۈش ماتىرىيالىنى يوللاشتىن، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سېستىمىسى ئارقىلىق تىزىملاش ئورگىنىغا يىلدا بىر قېتىم يىللىق دوكلاتىنى يوللايدىغان، شۇنداقلا مەزكۇر سېستىمىدا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلايدىغان بولۇپ،يازما شەكىلدىكى ماتىرىيالنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

5.تىجارىتى نورمالسىزلار تىزىملىكى ۋە‹‹قارا تىزىملىك›› تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.

6.ئىتىراپ قىلىپ چىقارغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلىنمايدىغان كەسىپلەر:پۇل مۇئامىلە،مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، بانكا .ئاكسىيە،سۇغۇرتا، قەرەللىك مال،بىۋاستە سېتىش،ئەمگەك مۇلازىمىتى يەتكۈزۈش، پۇل فوندى باشقۇرۇش قاتارلىقلار


‹‹رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىىياسەت ئىزاھات ئوقۇشلىقى››دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.تەييارلىغۇچى بىلوگ:http://www.xjiqbal.com


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 02:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 پايدىلىق تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10863
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 04:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاركەن............  ۋاقتى كەلگەندە تىنەپ قالمايدۇ.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1055
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 05:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن . يۇللىغىنىڭىزغا رەھمەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 05:18 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 08:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان تىمىكەن .ھامان بىر كۈنى ئەسقېتىپ قالىدۇ ،ئاللا خالىسا

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3914 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 10:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلاپ قۇياي، ماڭا لازىم ئىكەن. تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   motiwarlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 10:49 PM  


قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 10:43:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ، بۇ يىلدىن باشلاپ تىجارەت كىنىشكىلىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈشنى  ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ بەك خوش بولغان ئىدىم، مانا ئەمدى شىركەت  قۇرۇشتىكى تەرتىپلەرمۇ  خېلى ئاددىيلىشىپتۇ،  بولسا  تىجارەت كىنىشكىسىنىلا ئەمەس ،  QS كىنىشكىسىنى  يىللىق تەكشۈرتۈش، 3 يىلدا بىر ئالماشتۇرۇشتىكى ماتېرىيال يوللاش تەرتىپلىرىنىمۇ ئاددىيلاشتۇرسا بۇلاتتى. شۇنچىلىك ئاۋارىچىلىق ، بىر پاتمان ماتېريال يوللىغان،  ئىشقىلىپ ئەجەپ بىزار بولدۇم مۇشۇنىڭ تەرتىپلىرىدىن.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 08:31:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر خىل ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا كىرەك، شىركەت تىزىملىتىش ئۈچۈن 2000 يۈئەنگە يىقىن پۇل خەشلىنىدۇ، ھازىر تەرتىپ ۋە رەسمىيەت ئاددىيلاشتى دەپ ئالدىراپلا شىركەت قۇرۇۋاتقانلار خىلى كۆپ.
شىركەت قۇرۇش ئاسان ئەمما ئۇنى روناق تاپقۇزۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق شىركەت ھالىتىدە نەچچە يىل تۇتۇپ تۇرۇش خىلىلا تەس ئىش، ھازىرقى شىركەت قۇرۇش دولقۇنى نەچچە يىلدىن كىيىن شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈش دولقۇنىغا ئايلىنىپ قالمىسىلا مەيلىتتىغۇ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغان ياخشى، ھىچ بولمىغاندىمۇ، يوتقاندىن پۇت چىقىپ قالسا مەيلى، يوتقان بەكلا قىسقا بوپ قىلىپ، بىلىغىچە ئىچىلىپ قالسا ياخشى بومايتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-15 08:32 PM  


مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 09:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 10:43 AM
ياخشى تېما يوللاپسىز ، بۇ يىلدىن باشلاپ تىجارەت كىنىشك ...

QS بىلەن QE غا بىر ئېنىقلىما بەرسىڭىز ؟!

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 09:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 08:31 PM
بۇمۇ بىر خىل ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا كىرەك، شىر ...

ئىنكاس بۇلا مۇشتاق بۇلا

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 10:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ArmanimⅡ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 09:37 PM
QS بىلەن QE غا بىر ئېنىقلىما بەرسىڭىز ؟!

QS  بولسا   مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى دىگەندەك مەناغا ئىگە ،
QE  بولسا  سۈپەت ئىنژىنىرى دىگەندەك مەناغا ئىگە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ArmanimⅡ + 20 سەت ئىش بولدى، مۇكاپا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش