رەنجىتمە دىلنى
ھەر سۈزۈمدە تۈكەتتىم ئەنبەر،
مېھرى كۆيدە تۇقۇپ نەزمىلەر.
گاھ، سۆزۈمگە پەرۋاسىز بولساڭ،
ئاغرىدى شۇ چاغدا قەلىبلەر.
ھەممە سۆزنى تۈكۈپ نەزمەمدە،
سورغان ئىدىم رەتمۇ-رەت شۇچاغ.
قەسەم قىلىپ ئەركەكلىكىڭ بىلەن،
باغرىڭنى ئەتكەن ئىدىڭ بىرباغ.
ھەرسۈزۈڭدىن تۆكۈپ خۇش پۇراق.
ئوخشىتاتتىڭ مەلىكىلەرگە.
ياش ئاققۇزمايمەن ھەرگىز-ھەرگىزدەپ،
بەرگەن ئىدىڭ قەسەم- ۋەدىلە.
ئۆتتى كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلاپ،
گاھ، يىغلىسام گاھىدا كۈلدۈم.
مېھىر بەرگەن سادىق يۈرەكتىن،
ئەقىدەمدە يول ياساپ ئۆتتۈم.
تۇمان باستى بەزى قەلىبنى،
گاھ، سۆزۈڭدە تاشلار ئېتىلىپ.
سەبرىلەردە بەزلىدىم يەنە ،
كۆزياشلاردا ئۆزۈمنى يىڭىپ.
ئاغرىتمىغىن مىنىڭ دىلىمنى،
روھىم تۇرسۇن مەزمۇت جىسمىمدا.
مېھرى بولقىمدىن ئوقچىماي قان،
مۇھەببىتىم ئاقسۇن دىلىمدا.
تۇرمۇش شۇنداق بەزى رىتىمسىز،
ئاچچىق-تاتلىق ئارلىشىپ كەلگەن.
گاھ، سۈزۈمگە رەنجىتمە دىلنى،
شۇ تاتلىق مىسرانى سەن بەرگەن.
مەنبە قەلىمىم