تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن
قارلىغاچلار ئۇچۇپ كەتتى
(ھېكايە)
بۇنىڭدىن بەش ، ئالتە يىل يىل ئىلگىرى بۇ پىشايۋانغا ئۇۋا سالغان بىر جۇپ قارلىغاچ بۇ يىلمۇ كەلدى. بىر جۇپ خانىڭ تۇتاشقان جايىدىن كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ ئىككى قولدەك ئېشىپ قالغان جايىغا ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان ئۇۋىسىنى بىر نەچچە كۈن رېمىنۇت قىلغاندىن كېيىن، تۇخۇم باستى. بۇ بىر جۇپ قارلىغاچ ئۇپۇق ئاقرىشى بىلەن تەڭ خېلى بىر ھازاغىچە تاكى ئۆي ئىگىللىرى قوپۇپ يېڭى بىر كۈنلۈك مەشخۇلاتىنى باشلىۋەتمىگىچە چاڭىلداپ سايرىشاتتى. ئۇلارنىڭ بەس-بەستە سايراشلىرىدىن بۇ ئۆيدىكىلەر ئازىراقمۇ بىزارلىق ھىس قىلىشمايتى. ئەكسىچە كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن قارلىغاچلارغا بولغان چەكسىز بىر ئىشتىياق ئورۇن ئالغان ئىدى. قارلىغاچلارنىڭ ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتماقچى بولغاندەك سايرىغان ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇھەببەتلىك ھەم ئۈمىدلىك ئىدى.
قارلىغاچنىڭ بەش بالىسىنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى بۇ ئۆيدىكى كىشلەرگە بۆلەكچىلا خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلىدى.بىر جۇپ قارلىغاچ باللىرىغا بەس-بەس بىلەن دان ، سۇ توشۇيتى. باللىرى چىچقان پوقنى چىشلەپ سىرتقا ئەپچىقىپ تاشلايتى.
يېقىندىن بۇيان زىۋىدەم شادلىقى ئۈستىگە شادلىق قېتىلغاندەك بىر خىل ھوزۇرلۇق تۇيغۇ ئىچىدە پات-پات ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا مىيغىدە كۈلۈپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق چاغدا ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ بەختىيار، ئازادە ھىس قىلاتتى، ھوزۇرلۇق تۇيغۇلارغا چۈمىلاتتى. ئۇ ھەر قېتىم سادىق يادىغا يەتكەندە كۆزلىرى خۇمارلىشىپ كېتەتتى، كېرىلەتتى، ئەسنەيتى. ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۆيدىن ھويلىسىغا چىقاتتى ، ھويلىدىن تالاغا چىقىپ مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا قاراپ-قاراپ كېتەتتى. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا چىرايىدا ھەسەن-ھۈسەننىڭ ھەممە رەڭلىرى ئىپادىلىنەتتى. ئارقىدىنلا خوشاللىقى بىلەن بىئاراملىقى ئارلىشىپ كېتەتتى. بىربىرىدىن چىگىش خىيالىغا ھەسرەتمۇ ئارلىشىۋالاتتى. ئېرىنىڭ پۇل تاپىمەن دەپ ئايلاپ-ئايلاپ سىرتتىن كىرمەسلىكى ئۇنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى. بەزىللىرى قەلبىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر تەشنالىق ئۇنىڭغا تاڭغاغىچە ئارام بەرمەي ، قىينايتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنى سىرتقا قۇلاق سېلىپ ، ئىچ-ئىچىدىن تىت-تىت بولاتتى.
« مەن سېنى بەك بەكلا ياخشى كۆرىمەن . كۆز قارچۇغۇم دەپ بىلىمەن » سادىق بىر قېتىم بوينىغا مەھكەم گىرە سېلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن چېغىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر خىل سوغوق نۇر چاقناپ كەتكەن. ئەمما ، زىۋىدەمنىڭ يۈرەك–باغرى ئىزىلىپ چاناقلىرى ئىسسىق ياشقا لىقلا تولغان. ئېرى ئۇنى تا شۇكۈنگىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ شۇنداق دەپ چاقىرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشنى كۆرۈپ ، سادىقنىڭ سوزۇنچاق كەلگەن يۈزلىرىدە زىمىستان كۈنلىرىنىڭ ھاۋاسىدىكى تۇتۇق قىزغۇچ قۇياش نۇرىدەك ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان سوغۇق كۈلكە جىلۋە قىلغان . لېكىن زىۋىدەم بۇنى كۆرمىگەن ئىدى.
قارلىغاچ باللىرى كۈندىن –كۈنگە يوغىناپ ،قىپقىزىل گۆش ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ، پەي-قۇيرۇقلىرى يىتىلىشكە باشلىدى.ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك پات-پات قاناتلىرىنى سىلكىشىپ ، كىرىشىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىشەتتى.
يېقىندىن بۇيان بۇ ھويلىدا پەيدا بولۇپ قالغان يوغان بىر قارا مۈشۈك قارلىغاچ باللىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى.ئانا قارلىغاچنى ساراسىمىگە سېلېپ قويدى.قارا مۈشۈك بۇ ھويلىدا پەيدا بولغان ھامان ئانا قارىلغاچ قارا مۈشۈككە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالاتتى. ئۆي ئىگىسىنى ياردەمگە چاقىرىۋاتقاندەك بار ئاۋازى بىلەن ئەندىشىلىك ۋىچىرلاپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا زىۋىدەمنىڭ قېينىسىڭنىنىسى چېمەنگۈل يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ھويلىدا پەيدا بولاتتى- دە، قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى قارا مۈشۈككە قارىتىپ ئېتىپ ئۇنى قوغلايتى. چىمەنگۈل كۆپ ھاللاردا خانئاچىسىغا ھەمرا بولۇپ بۇ ئۆيدە قوناتتى. زىۋىدەمنىڭ يوقۇلاڭ ئىشلانى باھانە قىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىگە خېلى بولغان بولسىمۇ تېخىچىلا كىرمەۋاتاتتى. چىمەنگۈل چىقىراپ يىغلاۋاتقان ئىمراننى گوزلىيالماي ، ئۆزىمۇ يىغلىغۇدەك بولۇپ كەتكەنتى. بالىنىڭ ئۇيقۇسى كەلدىمۇ ياكى تولا يىغلاپ ھېرىپ قالدىمۇ نېمىلا بولمىسۇن ئاخىرى ئۇخلاپ قالدى. « خانئاچام نېمىنداق كىرمەيدىغاندۇ ، نېمىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ بۇ كېچىدە ؟ ...ئاكاممۇ پۇل تاپىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ ، ئايلاپ-ئايلاپ قارىسىنى كۆرسەتمەي يۈرگىچە پات-پات ئۆيىگە كېلىپ تۇرسا بولىدۇ شۇ...» چىمەنگۈلنىڭ خىيالىنى قارلىغاچلارنىڭ ئەنسىز ۋىچىرلاشلىرىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ پەگادا تۇرغا سۈپۈرگىنى ئېلىپلا سىرتقا پىشايۋانغا قاراپ يۈگۈردى-دە، چىقىپلا چىراقنى ياندۇردى.
-يوقال! مەلئۇن، بېشىڭنى يەيدىغان يوقال! چاچقىنىڭنى تۇتۇپ يىمەي نېمە بۇ بىچارىلەرگە ئارام بەرمەيسەن؟...پەخەس بولمىسام قارلىغاچ باللىرىنى يەۋېلىپ ،بۇ ھويلىدىن بۇلارنى تىزىتىۋېتىسەنغۇ ئاچكۆز.. – ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى تۈرۈككە ياماشقىنىچە قارلىغاچنىڭ ئۇۋىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان مۈشۈككە قارىتىپ ئاتتى. سۈپۈرگىنىڭ كۆتۈكى مۈشۈكنىڭ قەيىرىگە تەگدىكىن –تاڭ ، سەت مىياڭلىغىنىچە يەرگە پوككىدە چۈشۈپ ، ساماللىققا قاراپ قاچتى، چىمەنگۈل ئارقىسىدىن يۈگۈردى.
- نېمە بولدى ، نېمە ...- زىۋىدەم شۇنداق دېگىنىچە ساماللىقتىن ئۆڭ-سۆلى ئۆچكەن ھالدا چىقتى.
- يېقىندىن بۇيان بىر ئوغرى مۈشۈك پەيدا بولۇپ قالدى . ئۇ قارلىغاچ باللىرىغا چاڭ سېلىپلا تۇرىدۇ.
- ۋاقىراپ-جاقىراپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەكەنغۇ ، مەن تېخى كەلكۈن كېلىپ ئۆينى بېسىپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن.- زىۋىدەم شۇنداق دېگىنىچە سامانلىقتىن چىقتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەلىتە بىر نۇر چاقناپ تۇراتتى. قەلبىدىكى قانمىغان بىر تەشنالىق تېشىغا تەپكەنتى. كىمدۇر بىرى نىسىۋىسىگە چاڭ سالغاندەك خاپا چىراي ئىدى.
- كەلكۈن كەلسە ئاۋال سامانلىققا كىرە خانئاچا ، ئۆيدىن ئورنى پەس بولغاندىكىن ، نېمىنداق گەپ قىلىسىز.-چىمەنگۈلنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
چىمەنگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، زىۋىدەمنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. « بىلىپ قالدىمۇ نېمە بۇ بېغىدا پىشىپ قالغان قېرى سويما، گەپلىرى ئەجەپ ئىككى بىسلىقا ؟ ئېھتىيات قىلاي ، بۇنى ئەمدى كىچىك چاغلىسام بولمىغىدەك .»
-سىز بەك تىرىككەك جۇمۇ سىڭلىم ، بۇنداقلا دەپ قويسام قايناپلا كەتتىڭىز.
- مەن ئەنسىرەپ قالدىم شۇ.
-نېمىدىن ؟
- ئۇ بېشىڭنى يەيدىغان قارا مۈشۈكنىڭ قارلىغاچ باللىرىنى يىۋېتىپ ، ئۇۋىسىنى بۇزىۋىتىشدىن.
- بۇنچە ئەنسىرىمەڭ، بودۇ پەمىلەپ تۇرۇپ ئۇ قارا مۈشۈكنى تۇتۇۋېلىپ تازا ئىدىپىنى بىرەيلى قانداق.
- ھازىرلا تۇتىۋالالايتۇق.
- بۇ يەردە يوق تۇرسا.
- سامانلىققا كىرىپ كەتكەنچە چىقمىدى تېخى.
- سىز بەك چاقچاقچى جۇمۇ سىڭلىم . – زىۋىدەم شۇنداق دەپلا زورىغا كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلكقسى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى.
- ياق ، مەن چاقچاق قىلمىدىم ، راست گەپنى قىلدىم.-چىمەنگل خانئاچىسىنىڭ كۆزلىرىگە مىقتەك تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. زىۋىدەم بۇ قاراشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى. چىرايى بۆلەكچىلا تاترىپ، كۆزلىرىنى دەلتە ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئەسلەتتى. چېمەنگۈلنىڭ گەپلىرىنى ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قويغانتى.
-يۈرۈڭ ، يۈرۈڭ تىز كىرىپ ئىمرانجاننى پەس قىلايلى ئۇ يىغلاشقا باشلىدى ، سېرىق ئىتى چىقىۋالمىسۇن يەنە. قارا مۈشۈكنى يەنە بىر تۇتارمىز.- زىۋىدەم شۇنداق دەۋاتقان بىلەن يۈرىكى بۆلەكچىلا ئەنسىز سېلىپ كېتىۋاتاتتى. ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز يىغلاپ كېتىشى كۆڭلىدىكىدەك بىر ئىش بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرىغا سامانلار يامىشىۋالغانتى. خانئاچىسىنىڭ تۇرىقىغا قاراپ چىمەنگۈلنىڭ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. كۆڭلىگە كەلمىگەن خىياللار كەلدى. كۆزىگە خانئاچىسى باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرىنىپ كەتتى.
شۇ كۈندىن بۇيان زىۋىدەم چىمەنگۈلگە تازا ئۇدۇل قارالمايدىغان ، ئوچۇق-يورۇق گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
خانئاچىسى « ھازىرلا كىرىمەن » دەپ سىرتقا چىقىپ كىتىپ، خېلى بىر ھازاغىچە كىرمىگەچكە چىمەنگۈل ئەنسىرەشكە باشلىدى. قارا مۈشۈك ، سامانلىق ، خانئاچىسىنىڭ چاچلىرىغا يامىشىۋالغان سامانلار... ئۇنىڭ يەنە خىياللىرى قالايمىقانلاشتى. ئۇ ھويلىغا چىققاتتى، ئۆيگە كىرەتتى . تېخىچىلا خانئاچىسى كىرمەۋاتاتتى. « نەگىمۇ كەتكەندۇ ، ئادەمنى ئەنسىرىتىپ بۇ كېچىدە ؟ توۋا يېقىندىن بۇيان خانئاچامغا نېمە بولغاندۇ دەيمەن ، پات-پات خۇيلىنىپ قالىدۇ ، بەزىدە مانا مۇشۇنداق يوق بولۇپ كېتىدۇ ،ئادەمنى ئەنسىرىتپ . كېچىدە خوتۇن كىشىگە نېمە بار دەيمەن يالغۇز تالادا... قوشنىلارنىڭ تايىنى يوق چەتتىكى بىر ئۆي تۇرسا بۇ . دەرۋازىنى ئىچىدىن مەھكەم تاقاپ ، ئىشىك –دەرىزىلەرنى مەھكەم ئىتىپ ئۆيدە ئولتۇرماي...» ئالىقاچان ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانتى. يان ئىشىك تەرەپتىن كىملەرنىڭدۇر گۇڭۇر-مۇڭۇر قىلغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. چىمەنگۈل سەگەكلەشتى :
- ياق ، بۈگۈن بولمايدۇ .
- -نېمىشقا ؟
- ئۆيدە ساقچى بار .
- ئۇ سېرىق تۈك ساقچىدىن نىمانچە قورقۇيسەن.
- بەك تۇيغۇن ، بەك سەگەك بىلىپ قالسا رەسۋا بولىمىز.
- ماڭا قويۇپ بەر ؟
- قانداق قىلىسىز ؟
- ئەگەر بىلىپ قالسا ئۇنىمۇ ...
- سىز ئادەممۇ نېمە ؟...
- ئادەم .
- ئادەمنىڭمۇ ئاغزىدىن شۇنداق گەپ چىقامدۇ؟
- بولدى، بولدى . چاقچاق قىلىپ قويدۇم . مۇنداقلا يولغا سېلىپ قويامسەن مېنى ، نى ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن تۇرسام.
- باشقا ئامال يوق . ئەگەر بۇرۇنراق شەپە بىرىۋەتكەن بولىسىڭىز ساقچىنى چوڭ ئۆيگە يولغا سېلىۋىتەتتىم .
- بولدى سەتلەشمەڭ...
- بولە ، مانا ھازىرلا تۈگەيدۇ .
- قويۇپ بىرىڭ ، بالىلار چىقىپ قالىدۇ دەيمەن... ئەتە كېلىڭ...
چىمەنگۈلنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ ، كۆز ئالدى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئۇ ياخشى –ياماننى ئالىقاچان پەرق ئېتىپ بولغان قىز بولۇپ ئاچچىقتىن تەنلىرى تىترەپ كەتتى.
- خانئاچا ، ۋوي خانئاچا ...
- ھە ، نېمە بولدى ، كېچە ئېزىپ قالغاندەك ۋاقرىماڭ، سەت تۇرىدۇ.
- شۇ سەت بولمىسۇن دەۋاتىمەن ، خانئاچا ، تىز ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى ئىمران يىغلاپ ئۇنىۋاتىدۇ .
- مانا ، مانا ...ھۇ ئىتنىڭ كۈچۈكى... جېنىمغا ئورنىغان ، بېشىمغا بالالار...
- كىچىك بالا نېمىنى بىلىدۇ، بۇنداق سەر قارغىمايدىغان ... رۇزى-رامىزاندا ئاغزىڭىزنى پەرىشان قىلماڭ ، خانئاچا!
قارلىغاچ باللىرى كۈندىن –كۈنگە يوغىناپ ،قىپقىزىل گۆش ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ، پەي-قۇيرۇقلىرى يىتىلىشكە باشلىدى.ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك پات-پات قاناتلىرىنى سىلكىشىپ ، كىرىشىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىشەتتى. ئۇچايلا دەپ قالغان قارلىغاچ باللىرىنى نەدىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان ھېلىقى قاپقارا ئوغرى مۈشۈك كېچە پىشايۋاننىڭ تۈرۈكىگە يامىشىپ چىقىپ، يەپ تۈگىتىۋەتتى. چىمەنگۈل تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ھېچكىم بىلەن خوشلاشماي بۇ ئۆيدىن چوڭ ئۆيگە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەتتى. ئاتا-ئانىسى شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ، پوپۇزا قىلسىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ، خانئاچىسىغا ھەمرا بولۇپ قۇنۇشۇپ بەرگىنى ھەرگىزمۇ ئۇنىمىدى. ئەزەلدىنلا رايىش ، گەپ يىرمايدىغان بۇ قىزنىڭ جايىللىقىدىن ئاللىقانداق بىر كۆڭۈلسىزلىكنى چۈشەنگەن ئاتا –ئانا قىزنى قايتا زورلىمىدى. لېكىن ئىچىگە تىنىپ قېلىشتى. بىر جۇپ قارلىغاچ ئۇۋىسىنى يىتىم قالدۇرۇپ بۇ پىشايۋاندىن ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ يېقىملىق ، مۇھەببەتلىك ئاۋازى بۇ ھويلىدىن ئەمدى يوقالدى. بۇ ھويلا كۈندىن –كۈنگە جىن ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك قورقۇنچلۇق،سۈرلۈك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. زېۋىدەمنى كۈيلىكى تۇتۇپ كەتكەن ئىنىكى سۆرەپ كېتىپ ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى ، سول قولىنىڭ چىمچالىقىنى يۆگۈلۈپ قالغان ئارغامچا ئۈزۈپلاۋەتتى. گۈلچېرى سۇپىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى سۇندۇرىۋالغان كۈننىڭ ئەتىسى ئەمدىلا پاقلان بولغان ئىمران بۆشۈكتىن ساڭگىلاپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىر جۇپ سەبى قارچۇقى ئىشىككە قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك بالىسى ئۆلۈپ كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەمدىلا بوسۇغا ئاتلىغان كىرىمنى ساقچىلار تاپ باستۇرۇپ كېلىپ ، « ئىچكىرگە نىشە ئېلىپ كىرىپ ساتقان... ئىچكىردىن ئاق ئېلىپ چىقىپ سۇ قىلغان ... ھەتتا بىر بالا ئالداپ سېتىش شايكىسى بىلەن چېتىشلىقى بار ...» دەپ تۇتۇپ كەتتى.
قارىلغاچلار ئۇچۇپ كەتتى، ئۇۋىسى يىتىم قالدى. ياق قارلىغاچلار كۆچۈپ كەتتى، ياق ، ياق توزۇپ كەتتى. قايتىپ كېلەمدۇ ، كەلمەمدۇ ، بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇ ھويلىدىكىلەرنىڭ بەختىمۇ كۈل شامالدا توزۇغاندەك توزۇپ كەتتى...
چىمەنگۈل ھەم ئاتا-ئانىسى ئىچىگە تىنىپ قالدى.
چىمەنگۈل ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلايتى : « ھەممىنى ياراتقان ئىگەم قەيەردە بولسۇن ئۇچۇپ كەتكەن ئاشۇ قارلىغاچلارنى ئامان قىلغىن!... »
( مىسرانىم 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە تەۋسىيە )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 06:30 PM