مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2170|ئىنكاس: 16

نەسىردىن ئەپەندى قوش بىسلىق ئوبرازمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1290
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23036
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1276 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 07:31:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەسىردىن ئەپەندى قوش بىسلىق ئوبرازمۇ؟
نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ مىللىتى ھەققىدە ھازىرغىچە تالاش-تارتىش بولۇپ كەلمەكتە ،ئۇنداقتا نەسىردىن ئەپەندى كىمنىڭ؟بۇسۇئالغا جاۋاب بىرىش ئانچە تەس ئەمەس ،نەسىردىن ئەپەندى ،بارلىق تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ،تۈركنىڭ ،ئۈزبىكنىڭ ،قازاقنىڭ ،قىرغىزنىڭ ،بەلكىم ئافخاننىڭ ….يەنە مول ئىغىز ئەدىبىياتىغا باي،نەسىردىن ئەپەندى ،سەلەي چاققان ،موللازەيدىن،ھىسام قۇربان قاتارلىقلارنى باش لىنىيە قىلغان لەتىپە ،يۇمۇر،چاقچاق ،مەدىنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىيەلەيمىز.
ئۇنداقتا تورلاردىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەرجىمالى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .
نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارىسدا ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغان، ھەتتا نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن.

XIX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۈركىيىلىك ئالىم مىجىت ھاسان يەرلىك ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردە تۈركىيىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كونيالىق ئىبراھىم خاككى يازغان ۋە 1945 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاقشەھىر تارىخى» ناملىق ئەسەردە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن. 1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېچلىغان «يىپەك يولى مىللەتلىرى ئارا خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي كېڭىشى» گە ئېلىمىز ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان تۈركىيىدىكى ئىلمىي پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان: «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىق ماقالىسىدە نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.
نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 – يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىردىكى سەرۋىھسار قەلئەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان. ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدرىسەسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان. ئۇ ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان. مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن، ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226 – يىلى 8 – ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان. شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسرىدىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 1237 – يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسرىدىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان.
نەسرىدىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن. ئۇ ھەر ئاخشىمى «قۇرئان كەرىم»، تەپسىر، ھەدىس، «دەدە قۇرقۇت مەسەللىرى»، «كەلىلە–دەمىنە»، «باتتالنامە» (ھىندى مەھەللىرى)، ۋەلىد يازغان «مەرىپەتنامە»، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان «سىياسەتنامە»، شەيخ سەئىدى يازغان «بوستان» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان. بوش ۋاقىت تاپسىلا، «گۈدەك مۇنارى مەدرىسە»، «فەرۇخ شاھ مەدرىسە»، «ئالتۇن قەلەم مەدرىسە» قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ، كۆپ قېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە–چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.
ئۇ تەخمىنەن 1285 – يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسرىدىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» تەسىس قىلىنغان.
XIV ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچرىغان، نۇرغۇن يادىكارلىقلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. شۇ قاتاردا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان.
ئابدۇلھەمىدخان (1876-19090 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسرىدىن مەقبەرىسىنى ئەسلىى شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ، 1905 – يىل 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى پۈتكۈزگەن. مەقبەرە يېنىدىكى «خوجا نەسرىدىن مەدرىسەسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن. ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال–بۇرۇت قويغان، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگەن قىياپەتتىكى سۈرىتى؛ ئاقشەھىردىكى «خوجا نەسرىدىن مۇزېيې» دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىي بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار. ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىي مۇزېيى ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي كىتاب ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋرىدىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480 – يىلى يازغان «سالتۇقنامە» دېگەن ئەسەردە، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى، ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسرىدىن بولۇپ، «موللا نەسرىدىن»، «نەسرىدىن ئەپەندى» دېگەن ئىسمىلا كېيىنچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن. «ئەپەندى» دېگەن سۆز تۈركچە «مۇئەللىم»، «ئۇستاز» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى.
نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۈركىيىگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد، ئەشاپ، ئەبۇ نەۋۋاس، جۇھا، ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ–سۆزلىرى نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا–يېقىن شەرق، بالقان يېرىم ئارىلى، ئەرەب ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان. نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى XVI ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان. XVII ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، XVIII ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن. XIX ئەسىردە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان. تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ، 1909 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. XX ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغا كەلگەندە، «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» نىڭ ئالتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 – يىلى ئىتسانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. ئەنگلىيىدە 1966 – يىلى، 1973 – يىلى ۋە 1978 – يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى «ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىمى» نىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» 1936 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1957 – يىلى، 1959 – يىلى ۋە 1963 – يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959 – يىلى تاشكەنت «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى ل.ۋ.سولۇيىۋنىڭ «خوجا نەسرىدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان. بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ياپونىيىدە «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى» نىڭ تەرجىمىسى 1965 – يىلى تۇنجى قېتىم، 1977 – يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. دۆلىتىمىزدە 1958 – يىلىدىن كېيىن، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» بىر قەدەر تولۇق. جاۋ شىجيې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن، دۇنخۇئاڭ ئەدەبىيات–سەنئەت نەشرىياتى 1990 – يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر لەتىپە–چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى، دۇنياۋى فولكلور قەھرىمانى، ھازىرجاۋاب سۆز سەنەتكارى، ئۆتكۈر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسرىدىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ. خەلقىمىز ئۆز ئەقىل–پاراسىتى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەرخىل زامان–ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋىي بەدىئىي ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.
تۇركىيىدىكى بىر قەبرىنى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دەپ بېكىتىلگەن .
بۇ قەبرە بىر يانتۇ دۆڭلۈككە سېلىنغان، ئەسلى قائىدە بويىچە قەبرىنىڭ ئاستىغا يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن تىرەك قويۇلاتتى . ئەمما بۇ تىرەك ئۈستى تەرەپكە سېلىنغان ئىنتايىن ھەيۋەتلىك دەرۋزىغا يوغان ئاتنىڭ كاللىسىدەك قۇلۇپ سىلىنغانۇ ئەمما چۆرىسىدە تام قوپۇرلمىغان .

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مىللىتى توغرلىق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ ئەمما يەنلا تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق شەخس دەپ قارايمىز.
、ئالدىنقى قۇرلاردا بايان قىلىنغىدەك نەسىردىن ئەپەندى خەلقئارالىق شەخىسكە ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ ،نەسىردىن ئەپەندىمنىڭمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىلا نامى بولۇپلا قالماي ،يەنە بىر پۈتۈن جۇڭگۇ جەمىيتىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ،شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ھازىر تۈركى مىللەتلىرىنىڭ سىموۋۇل خاراكتىرلىك داڭلىق شەخىسىگە ئايلاندى دىيەلەيمىز .
دىيارىمىزدىمۇ ،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توپلىنىپ كىتاب بولۇپ نەشىردىن چىقتى ،نەسىردىن ئەپەندى توغرىسىدا تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ،بالىلار كارتون فىلىملىرى ئىشلىنىپ نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ غايىۋى ئوبراز خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇلدى .
كىچىك ۋاقتىلىرىمىزدا نەسىردىن ئەپەندىمنى ئاقكۆڭۈل ،كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىدىغان ،كىچىك بالىلارغا ئامراق قىلىپ تېلىۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلىنەتتى بىزمۇ قىزىقىپ كۆرەتتۇق .
ئارىدىن يىللار ئۆتتى ،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىمۇ غۇۋالىشىپ ،ھازىر بولسا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ كارتون ئوبرازىنى،دورا ،سۇلياۋ يوپۇق،خىمىۋى ئوغۇتنى داۋراڭ قىلىپ چىققىنىنى ،ئىشەككە مىنىۋىلىپ ‹‹قايدۇ ››ماركىلىق مۇچ قىيامىنى تارقىتىۋاتقىنىنى كۆرىدىغان بولدۇم ،كىتابلاردىنمۇ نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ھەرخىل ،كىلونلانغان سىمالىرىنى ئوقۇيدىغان بولدۇم .بۇ كۆرۈنۈشلەر مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن ئوبرازلارغا ھىچ ئوخشىمايتتى ،ئۇنداقتا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى زادى قانداق ئوبراز ؟نەسىردىن ئەپەندى قانداق ئىپادىلەنسە جايىنى تاپقان بولىدۇ ؟
بۇ توغرۇلۇق يالقۇن روزىنىڭ ‹‹شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەش››ھەم بۇنىڭغا رەددىيە بىرىلگەن ‹‹شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەشمۇ ؟››بۇ ئىككى ماقالە بىزگە مەسلىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرەلەيدۇ .
بىر تەرەپ بولسا مىللى سىموۋول بىر مىللەتنىڭ ،مىللى خاسلىقىنى ھەم قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدىغان مۇھىم بەلگە شۇڭا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى قالايمىقان تەسۋىرلەنمەسلىكى سەھنىگە ئىلىپ چىقىلماسلىقى ،ئەمەلىيەتنى رىئاللىقنى كۆزەتكەن ھالدا چىن ھەقىقى تەسۋىرلىنىشى كېرەك دىيىلسە يەنە بىر تەرەپ؛
نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى قوش بىسلىق ئوبراز بولۇپ ئۇھەم دانالىق ،ئادالەت ،ئاقكۆڭۈللۈكنى ،نادانلىق ،پىخسىقلىق ،ئەخمەقلىقنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن ،
نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ساتىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتىرلەنگەن. ئەپەندى ئوبرازى قوش بىسلىق ئوبراز بولۇپ، ئۇ ھەم دانالىق، ئادالەت، ئاقكۆللۈكنى ھەم نادانلىق، پىخسىقلىق، ئەخمەقلىقنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن. «ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىزىقچىلىقلىرىنى، يۇمۇرىستىك ھېكايە-لەتىپىلىرىنى نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئوبراز ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگەن». نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بەزىدە ھەققانىيەتچىل، خەلقچىل ئوبرازى ئىپادىلەنگەن بولسا، بەزىدە يەنە ئەخمەق، پىخسىق، ئالدامچى، روھى غالىبىيەتچى، ئاچكۆزبولۇشتەك سەلبىي ئوبرازىمۇ ئىپادىلەنگەن.  ئاۋۋالقىسىدا ئۇ خەلقنىڭ دەردۇ-ھالىغا يېتىدىغان، ئادالەتچى، زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدىمۇ راست گەپ قىلىدىغان دادىل كىشى سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىقسا، كېيىنكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۈرلۈك روھىي ئىللەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى يامانلىق، ئەخمەقلىق، پىخسىقلىققا ئوخشاش تۈرلۈك مەنىۋى كېسەلىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگۈچى شەخس سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەزىلگە ياتىدىغان مەنفى خاراكتىرى يات تۇيۇلمايدۇ، بەلكى خەلقنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ناچار مىجەز-خاراكتىرى ۋە قىلمىشلىرى ئەپەندىمگە يۈكلىنىپ قامچىلىنىپتۇ، دەپ چۈشىنىلىدۇ. كىشىلەر «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىجابىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن ھەققانىيەتنى، ئادالەتنى، ۋىجدان ۋە غورورنى ھىس قىلىپ،  ئۇنىڭدىن  تېگىشلىك شاتلىققا ۋە دەپمۇ دەل توغرا قىممەت قاراشقا ئېرىشىدۇ.  سەلبي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى روھىي نۇقسانلارنى، بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان خاتالىقلىرىنى،  تۇرمۇشنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ساددا ئوقۇرمەنمۇ مەسىلىنى نەسىردىن ئەپەندى تەرەپكە قويماستىن، ئۆزىدىن ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئىزدەيدۇ، كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان تەرەپلىرىنى ئويلاپ، تۇرمۇش نىشانى ھەققىدە ئويغا چۈمىدۇ،  ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بەزىدە قېنىپ شادلىق كۈلكىسىگە چۈمىدۇ، بەزىدە خىيال ئىچىدە ئاچچىق كۈلىدۇ. «لەتىپىلەردىكى تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرسى بىۋاستە ھالدا ئاشۇ خىل يارىماس ئادەتلەرنى ھەجۋى قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، يەنە بىرسى ئەپەندىم ئۆزىنى نادان، ئەخمەق ئورۇندا قويۇپ ئۆز ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. »⒁نەسىردىن ئەپەندى چاسا پېرسوناژ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا ھەق-ناھەق، توغرا-خاتا، ياخشىلىق-يامانلىق مەسىلىلىرى كىتابخان ئالدىدا قايناق كۈلكە ئىچىدە ئايان بولسا، يۇمىلاق پېرسوناژ سۈپىتىدە لەتىپىلىرىدە ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندا ئىنسان روھىدىكى تۈرلۈك تۈگۈنلەر، يارىلىش ۋە يارىتىلىش ھەققىدىكى سىرلار، ھاياتتىكى زىددىيەتلىك ئىچكى توقۇنۇشلار ئادەمنى سالماق ھالدا ئويلاندۇرىدىغان كۈلكە ئىچىدە ئايان بولۇشقا باشلايدۇ
مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ خاراكتىرگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى ، ئەلۋەتتە،  بەزى لەتىپىلىرىدە خوتۇن- قىزلارنى كۆرسە، قاش ئېتىپ قويىدىغان، ئاياللارغا چاخچاق قىلىپ قويىدىغان«كەمچىلىك»لەردىن خالى ئەمەس.  بۇنداق لەتىپىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى يۇقۇرىدىكى پىكىر يولى بويىچە بولغاندا «خوتۇنپۇرۇش»، «بۇزۇق، شەھۋەتخور»نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى خانىم-قىزلارنى كۆرسە ئانچە-مۇنچە چاخچاق قىلپ قويىدىغان خىلمۇ خىل رىئال شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
دىيىلگەن ئۇنداقتا زادى نەسىردىن ئەپەندى قانداق بولىشى كېرەك ،چوقۇم قوش بىسلىق بولۇشى كېرەكمۇ ؟ئۇيغۇر جەمىيىتىدە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى خۇنۇكلىشىۋاتامدۇ؟يا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى مۇشۇنداق يارىتىلمىسا زادى بولمامدۇ ؟
مەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى tەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ››‹‹ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى ››قاتارلىق كىتابلاردىن نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى قاتارىدا بىر نەچچە لەتىپىنى ئۇچرىتىپ قالدىم بۇ لەتىپىلەردىكى ئوخشاشلىق ،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دىنى ئىتىقادى سۇس ،دىنى قائىدە ئەھكاملارنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ،شۇ لەتىپىلەردىن بىر نەچچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
كەمتەر پەيغەمبەر
ئەپەندىم كىشىلەرگە؛
-ماڭا خۇدادىن ۋەھيى چۈشتى ،پەيغەمبەر بولدۇم ،ئىشەنمىسەڭلار مۆجىزە كۆرسىتىمەن دەپتۇ .
توپلانغان كىشىلەردىن بىرى :
قىنى ،مۆجىزە كۆرسەتسىڭىز ،ئاۋۇ يوغان تىرەكنى ‹‹سۈف››دەپ ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بىقىڭا !دەپتۇ .
ئەپەندىم بىلگەن ئايەتلىرىنى پىچىرلاپ ‹‹سۈف››دەپتىكەن ،دەرەخ ئورنىدىن قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ .
ئەپەندىم دەررۇ دەرەخنىڭ قىشىغا بىرىپتۇ دە :
مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كەمتىرى ،دەرەخ كەلمىسە مەن خاپا بولماي ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم بارىمەن .
ئەپەندىم بىناماز
ئەپەندىم بىنامازلىقتا ئەيىبلىنىپ سوراققا تارتىلىپتۇ ،
-ئەپەندىم ،نېمىشقا مەسچىتكە چىقمايسىز ؟دەپ سوراپتۇ رەئىس .
-نامازنى ئۆيدە ئوقۇيمەن ،دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئەپەندىم .
-يالغان دەپتۇ رەئىس ئۆيىڭىزدە ئوقۇسىڭىز ئىيتىپ بىقىڭە خۇپتەن نەچچە ھەرىكەت .
-يىگىرمە ھەرىكەت تەقسىر دەپتۇ ئەپەندىم .
رەئىس ئەپەندىمنى دەررىگە بىسىشقا بۇيرۇپتۇ ،دەررە يەۋاتقان ئەپەندىمگە ئىچى ئاغرىغان بىرى ئاستا پىچىرلاپتۇ .
-ئەپەندىم ئون ھەرىكەت دەڭ قۇتۇلىسىز .
يىگىرمە ھەرىكەت دېسەم بۇنچىلىك ئۇرىۋاتىدۇ ،ئون دىسەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويار دەپتۇ –ئەپەندىم .
بۇ قانداق ناماز
ئەپەندىم تەرەت ئالغاندا بىر ئايىغىغا سۇ يەتمەي قاپتىكەن ،بىر ئايىغىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ نامازغا تۇرۇپتۇ .بۇنى كۆرگەن كىشىلەر .
-ئەپەندىم بۇقانداق ناماز ؟-دەپ سوراپتۇ .
ئەپەندىم-بىر ئايىغىنىڭ تەرىتى يوق ناماز دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .
خۇدا قانداق كۆرسۈن
ئەپەندىم كۈندىزى كۆپ ئىشلەپ چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئەتىگىنى ناماز بامداتقا ئۈلگۈرەلمەي ئالدىراپ-سالدىراپ تەرەت ئىلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىكەن بىر كۈنى خوتۇنى :
ئەپەندىم نامازغا ماڭغاندا ئالدىرىماي تەرەت ئىلىپ ‹‹بىسمىللا››دەپ بوسۇغىدىن ئوڭ ئاياغنى ئىلىپ چىقىدىغان بولمىسا ناماز راۋا بولمايدۇ .دەپتۇ .
ئەپەندىم –ئەخمەق خوتۇنسەندە ،قاراڭغۇدا قايسى پۇتۇمنى ئاۋۋال باسقىنىمنى خۇدا قانداق كۆرسۇن دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .

..............
يەنە ۋاراقلايدىغان بولساق بۇنداق ‹‹لەتىپىلەر ››خىلى كۆپ ئۇچرايدۇ ،تېلۋۇزۇرلاردىمۇ ئەپەندىم توغرىسىدا لەتىپىلەر ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ .
بۇنىڭ مىسالى ئەبەي تاققا –تۇققىنىڭ تاققا –تۇققىلىرىدىكى مەلۇم بىر بۆلەكتە مۇنداق قىزىقچىلىق بار .
ئەپەندىم ئىماملىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىكەندە ،بىر كۈنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئەپەندىم جامائەتكە دەپتۇ .
-جامائەت بۈگۈن مېنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىلە ؟
جامائەت بىلىمىز دەپتۇ .
-بىلسەڭلار سۆزلەشنىڭ ئورنى يوقكەن دەپتۇ .
يەنە بىر كۈنى جامائەتتىن يەنە
-جامائەتتىن مېنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟دوپ سوراپتۇ .
جامائەت بىلمەيمىز دەپتۇ .
-بىلمىسەڭلار ئۇنى دىيىشنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوقكەن دەپتۇ .
يەنە بىر كۈنى شۇنداق سوراپتىكەن جامائەت
-يىرىمىمىز بىلىمىز يىرىمىز بىلمەيمىز دەپتۇ .
ئەپەندىم قوپۇپ بىلىدىغانلار ،بىلمەيدىغانلارغا ئۈگەتسۇن .
ئاندىن لاۋزا كۈلكە ئاۋازى .
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي تېخى نەسىردىن ئەپەندى نامىدا ئاتالغان سىرىق يۇمۇرلار ھەرخىل سورۇنلاردا شالىسىنى ئىقىتىپ ئاغزىنى كالاچتەك قىلىپ ئىيتىلىپ كۈلۈشۈپ كەلمەكتە .
ئەبەي تاققا-تۇققا ئىيتىقان ئۇ گىپىدە نېمە دېمەكچى ،ئەپەندىم ئىمام تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنداق پەلپەتىش گەپ قىلغۇدەك ،نېمىشقا ئەپەندىم توغرىسىدا لەتىپە توپلىغۇچىلار دىنى نوقتىدىن كۆپرەك لەتىپەيازىدۇ .
بۇنىڭدا باشقىلارغا ئەپەندىم ئارقىلىق ئىبرەت قىلماقچىمۇ؟يا ئەپەندىم ئوبرازىنى مۇشۇنداق يارىتىپ خۇنۈكلەشتۈرمەكچىمۇ ۋەيا ئىسلام دىنىنى يامان كۆرسەتمەكچىمۇ ؟بۇلارنى ھىچ بىلەلمىدىم .
ۋە يا خەلقمىز ئارىسىدا ئىيتىلىپ كېلىۋاتقان لەتىپىلەر تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ دىنى بىلىم ئىلىپ زور شۆھرەت قازانغان خوجا نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن ،خەلقمىز ئۆزى ياراتقان مەھەللىۋى ئەپەندى ئوبرازىمۇ بوپتۇ شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى بىز لەتىپىلىردە ئىيتىپ كېلىۋاتقان ئەپەندىم يەنى سۈنۋۇكۇڭنىڭ ئەپسۇنىدەك خىلمۇخىل ئۆزگىرەلەيدىغان ئەپەندىم ،تارىختا ئاشۇنداق بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەن بولسىدى خەلقمىز ھەرگىزمۇ ‹‹ئەپەندى ››نامىنى بەرمىگەن بولاتتى .
ھەممىمىزگە ئايانكى ‹‹ئەپەندى ››دېگەن بۇنام ‹‹ئۇستاز››‹‹مۇئەللىم ››‹‹يولباشچى ››‹‹بىلىملىك دانىشمەن ››دېگەن مەنالارنى بىرىدۇ ،تارىخىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئەپەندى قوشۇلۇپ ئاتالغان كىشىلەر ساناقلىقلا مەسىلەن ئۆتكۈر ئەپەندى ،مەمتىلى ئەپەندى.....دېگەندەك .
شۇنداق بولغانىكەن ،نەسىردىن ئەپەندى دېگەن بۇ ئوبرازمۇ ھەرگىز ئاددى بىر خەلق قىزىقچىسى ياكى ئىشىكىنى خالىغان يەرگە قويىۋىتىپ بەڭ چىكىپ كىشىلەرنى ئالداپ پو ئىتىپ ياشايدىغان ساختا دۇئاگۇي ئىشان ئەمەس .
نەسىردىن ئەپەندى توغرىسىدا قالايمىقان بىر نەرسە يېزىۋاتقان شۇ مەنتىقە ،ئەخلاق ،دىنىمىزغا خىلاپ يەرلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سىلىۋاتقان ‹‹ئەپەندىلەرنىڭ ››ھىلىقى خەلقنى كۈلدۈرىمەن دەپ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەي بىلجىرلاۋاتقان جانباقتى سەنئەتچىلەرنىڭ ،ھىلىقى سىرىق يۇمۇر ئىيتىپ ھوزۇرلنىپ كۈلىۋاتقان ماڭقۇرتلاردىن پەرقى يوق .
نەسىردىن ئەپەندى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغانمۇ؟-ئەكبەر غولام ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹بالانەسىردىن ئەپەندى ››دېگەن كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم ‹‹بالا نەسىردىن ئەپەندى ››مېنى خىلى قىزىقتۇرالىدى ،بۇ كارتون فىلىم ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ قىسمەن كارتىنىلىرىنى خىلى ياخشى تەسۋىرلىيەلەپتۇ .
مەن ئەكبەر غۇلام ئەپەندى يازغان ئۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باقمىدىم شۇڭا ئۇتوغرۇلۇق گەپ قىلىش سالاھىيىتىم يوق لېكىن ‹‹بالا نەسىردىن ئەپەندى ››ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ باققۇم كەلدى .
كارتون فىلىمدىكى ئۈزۈملۈك ،كارىز قاتارلىق مەنزىرىلەردىن قارىغاندا كارتون فىلىم تۇرپاننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىمنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە مۇئەييەن قىممىتى بار دىيىشكە بولىدۇ .
شۇڭا بۇ كارتون فىلىمدىكى قىسمەن سەل قارالغان تەرەپلەردىن تارىخ ۋە رىئاللىق توغرا تەسۋىرلەنمىگەن ،فىلىمدىكى باينىڭ لوڭقىسى يۈتۈپ كېتىدىغان قىسمىدا مەجبۇرى ھالدا ۋاڭ خوجايىن قىستۇرۇلۇپ قويۇلغان ،يەنە كېلىپ ۋاڭ خوجايىننى ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىق قىلىپ تەسۋىرىلىگەن ھەممىمىزبىلىمىز ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئادىتى ئۇنداقتا نەسىردىن ئەپەندى چىڭ سۇلالىسىدا ياشىغانمۇ؟
بەلكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغاچقا شۇنداقمۇ بايدىن سۇ سىتىۋالىدىغان قىسمىدا بىر چىلەك سۇ ،بىر تەڭگە دېگەن خەت خەنزۇچە يېزىلغان ،بۇ ھەرگىزمۇ شۇ ۋاقىتتىكى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس .
بالىلار كارتون فىلىمىگىمۇ سىياسى ئىددىيە سىڭدۈرۈلگەن ،بۇ خىل ئىددىيە شۇكى پومىشچىك ،بورۇژئا بايلار ،كەڭ خەلقنىڭ دۈشمىنى ئۇلار خەلقنى ئىزىدۇ ئىكىسپالاتسىيە قىلىدۇ ،بوزەك قىلىدۇ دېگەن قاراش .بۇقاراش مەلۇم بىرشەخىسنى كۆرۈپلا ئوبىكتىپ بىرىلگەن باھا ،مەيلى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بولسۇن مەيلى قۇرۇلۇپ ئىسلاھات دەۋرى بولسۇن ،نۇرغۇن مەرىپەتپەرۋەر ،خەلقپەرۋەر بايلىرىمىز چىققان ،ئەپسۇس شۇ بايلىرىمىز ،يۇقىرىقى ئىددىيەنىڭ نەتىجىسىدە خۇسۇسى ئىگىلىكنى ھۆكۈمەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش ،يەر ئىسلاھاتى ،كوممۇنا ،مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرلىرىدە جىق كۈلپەت تارتتى ،بايلىقلىرىدىن ئىسسىق جانلىرىدىن ئايرىلدى .
خەلقنىڭ دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىلدى ،ئەجىبا كارتون فىلىمدىمۇ باشتىن ئاخىرى بايدىن بۆلەك ئەدىبىنى بىرىدىغان شەخىس چىقمىغانمىدۇ ؟شۇ تۇرپاندا نەپسانىيەتچى موللا،قازى ،زالىم ئامبال ۋاڭلار ،پادىشاھلار يوق بولغىيمىتى .
بالا نەسىردىن ئاخىرىغىچە شۇ بايدىن بۆلەك ئادەم تاپاممىغىنى ئادەمنى بىر قىسما قىلىدۇ .
كارتون فىلىمدىمۇ ئوخشاشلا نەسىردىن ئەپەندىنى ئەقىللىق بولغىنى بىلەن دىنى بىلىملەرگە قىزىقمايدىغان ،دەرسنى كۆرسە بىشى ئاغرىيدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن باينى بولسا ھەددىدىن زىيادە يۇمۇرىستىك ،خۇتۇنىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن ،مەيلى شۇ تارىخى دەۋىردە بولسۇن ،مەيلى ھازىر بولسۇن ،ئۇيغۇر ئەرلىك پىسخىكىسى ئۇنداق خاراكتىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرغىنى يوق ،مۇھەببىتى بىلەن ،مەردۇ مەردانىلىكى بىلەن ئاياللارنى قايىل قىلغان بويسۇندۇرغان .
خۇددى ئۇيغۇرلىرىمىز بەزى خەنزۇ تونۇشلىرىنى كۆرسە ‹‹سايىماخۇن››دەپ ئاتىغاندەك كارتون فىلىمدىكى باي كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ‹‹سايىماخۇن››خالاس .
تېلۋىزىيە فىلىملىرىگە ھەرخىل  ئاڭ ۋە ئىددىيەلەر سىڭدۈرۈلسۇن،سەبىي باللىرىمىزنىڭمۇ بۇ قارا سايىلەردىن قۇتۇلالماسلىقى مېنى ئۈمىدسىز لەندۈردى .
ئەپەندى سودىگەر ئەمەس –لېكىن سودىگەرنىڭ بايلىقى
مەن كۆرگەن نەسىردىن ئەپەندى فىلىمىدە نەسىردىن ئەپەندى ئىشىكىنى مىنىپ كېتىۋىتىپ يولدىكى بالىلارنىڭ ياڭاق بۆلىشىۋاتقان جىدىلىنى كۆرۈپ بۇ ياڭاقلارنى ئاخىرى ‹‹پۇقراچە››تەقسىم قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم ،مۇشۇ كۆرۈنىشلەردىن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ‹‹قايدۇ››ياغمۇچ قىيامىنى تارقىتىۋاتقان سودىگەر قىلىپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم ،باشتا نەسىردىن ئەپەندىمنى بۇنداق ئوبرازدا سەھنىگە ئىلىپ چىقىلغىنىنى ئانچە قوبۇل قىلالمىدىم ،لېكىن يىڭى يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشى رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ،غەربى ئاسىيا ،ياۋروپا بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەپەندىمدىن ئىبارەت ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ سىمانىڭ ‹‹قايدۇ››دىن ئىبارەت بۇمىللى ماركىمىز ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققىنى ياخشى ئىشكەن ئەلۋەتتە .باشقىلارنىڭمۇ ھارماي خىمىيەۋى ئوغۇتتا ،سۇلياۋ يوپۇقتا ،دورىدا ،ئەپەندىم ئوبرازىنى ئىكرانغا چىقىرىشى ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ شەخىسنىڭ قىممىتىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەنلىكى ئەلۋەتتە .
بەلكىم كەلگۈسىدە يېڭى يىپەك يولىدا ئەپەندى ‹‹ئەفەنتى ››دېگەن يېڭىچە قىياپەتتە ئىشىكىنى چاپتۇرۇپ يۈرىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇ ۋاقىتتا ئەپەندىمنىڭ تارقىتىۋاتقىنى قايدۇ بولماستىن ،باشقا ئالاھىدە مەسھۇلاتلار بولىشى مۇمكىن .
شۇڭا ئەپەندى نامىنى ‹‹مەشرەپ ››‹‹مۇقام ››‹‹جۇلا ››ماركىلىرىدەك (مىللى كارخانىلارنىڭ نامىنى دىمىدىم )باشقىلارنىڭ تەكچىسىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆز قوينىنى تىپىۋالسا ئەجەب ئەمەس .
قىسقىسى نەسىردىن ئەپەندى تۈركى مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقىلا بولۇپ قالماي يەنە ماددى بايلىقى دېيىشكە بولىدۇ .بۇ بايلىقنى قوغداشتا كەڭ مىللى كارخانىچىلىرىمىز بىلەن بىللە مىللى خاسلىقىمىزنى ھەم قىممىتىمىزنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا كەڭ زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىغا دۇردانىلەر تۆكۈلىشى بىلەن بۇ بايلىق قوغدىلىپ قىلىشى مۇمكىن شۇندىلا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ئىكرانلاردا مازاققا ،ساياقلار ئاغزىدا بۇزۇق دېگەن نامغا قالمايدۇ .
مەنبە:تور ۋە مېنىڭ كاللام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 07:35 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:43:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەق گالۋاڭ بولۇپمۇ سۈپەتلىنىدۇ بەزى لەتىپىلەردە ، مۇشۇ  بەزى چاقچاقچى لەتىپىچىلەر نۇرغۇن شەخىشلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۋاتىدۇ …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3968
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 11:52:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Tehlil we pakitléringizdin bu téma üstide az bash qaturmighanliqingiz chiqip turidu.

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78842
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3242
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 12:44:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر ئەپەندىمنى شۇنداق ئەقىللىق،بىلىملىك،سۆزمەن دەپ تەرىپلىشىدىكەن.
يەنە بەزىلەر بولسا تۆپىدىكى تورداشلار دىگەندەك شۇنداقمۇ بىمەنە گەپلەر بىلەن سۆزلەپ قويىدىكەن

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 12:54:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق يېزىپسىز. ئويلىنىشقا تېگىشلىك يازما بولۇپتۇ

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 02:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرىدىن ئەپەندى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماپتىكەن،مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىزدەپ كەپتۇ.ئەپەندىم :«نېمە قىلىمىز روزىنى تۇتۇۋېلىپ؟! ئەركىن قويۇپ بېرەيلى،كوچا-كويلارنى ئايلانمىسۇنما؟»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
     ئەپەندىم ئىمامنى ئىزدەپتۇ.«سوراپ باقاي،ئايال خەقنىڭ گېپىگە كىرگەن ياخشىمۇ ياكى كىرمىگەنمۇ؟»ئىمام:«خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا.ھەرگىز ئاڭلىماڭ.»دەپتۇ.ئەپەندىم:«ئاخشام خوتۇنۇم ئىمامنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ناچار،قوزىدىن بىرنى بېرەيلى دېگەنتى ھېلىمۇ ياخشى ئاڭلىماپتىمەن.»دېگەنىكەن ئىمام دەرھال:«ياق ياق ئەپەندىم خوتۇننىڭ گېپىگە بەزى چاغدا كىرىپ قويغان تۈزۈك.
  
   
   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hatem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 02:36 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3892
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 08:59:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشنىشلىك تېما بۇلۇپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 12:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، باشقا تېمىلاردىمۇ داۋاملىق ئىزدەنگەيسىز.

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 01:03:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپەندىم ئوبرازىغا پاتنىت ئالغىلى بوممىسا يا؟؟؟   سەلتەنەتلىك يۈز يىلنىمۇ كۆكسى ئۇچۇق ھۆررەم قىلۋەتتى   ئەر دوغانمۇ قاقشىدى،  بۈلەك ئىش قىلاممىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش