بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ R! w- b, F) h1 J6 a( E
ئاينىڭ يۈزى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: N, f- E, z9 ?3 V, c4 d
كامىل توختى(چىۋىق)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# w. V4 h8 `7 g4 W) d- ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" C9 J2 D$ S/ o
ئانام ئايدەك،دادام كۈندەك،
بىزنى باقىدۇ قىزىلگۈلدەك.
.......
سىرتتىكى بالىلارنىڭ چۈچۈك تىللىرىدا ئېيتقان ناخشىسى بالىلىقىمنى ئەسلەتتى.بالىلىق چاغلىرىمىز نەقەدەر غەمسىز چاغلار ئىدى-ھە! گەرچە ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ھازىرقىدەك پاراۋان بولمىسىمۇ،ئەمما كۈنلىرىمىز كۇڭۇللۇك ئىدى. كېچە-كۈندۇز دىمەي ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرىمىزنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغىلىمۇ بولماس.ئۇ چاغلاردا ئاجايىپ ئىناق-ئىجىل ئۇينايدىغان.كىچىكلەر چۇڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى.تەڭتۇشلار بىر-بىرى بىلەن ئۇيۇن ھوقوقىنى تالاشمايتتى.ھازىرقى بالىلار ھەدىسىلا بىر-بىرىنى باشقۇرىمەن،دەپ ھوقوق تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدۇ.ئاتا-ئانىمىز دېھقان تۇرۇپمۇ ئۇبدان تەربىيەلەپتىكەن.بىزلەر بالىمىزنى تەربىيلەشكە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىمىزيۇ، نەتىجىسى يەنىلا شۇ.ھەي شۇ چاغلاردا ئۇيۇندىن ھېرىپ-ئېچىپ كىرىپ ئانىمىز ياققان ئايدەك توقاچ-نانلارنى مەززە قىلىپ يەيتتۇق.ئانىمىز بىزگە قانداق تاماق ئەتسە شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ يەيتتۇق.ھازىرقى بالىلارنىڭ شۇنچە ئىسىل تاماقلارنىمۇ تاللاپ يېمەسلىگى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.مۇشۇ ئەسنادا ئانامنى ئەسلەپ قالدىم.چېچىنى ئىككى تال ئۆرۇپ،ياغلىقنى ئەپچىل چىگكەن،ئاپئاق يۇزلۇك ئانامنىڭ مېنى ئەركىلەتكەن،مىھرى بىلەن سۆيگەن،تاماق ئەتكەن،كىر يۇيغان،ئۆيلەرنى يىغىشتۇرغان،نان ياققان، قوتان-قورونى بېسىقتۇرغان ...دىكى ھالىتى كۆز ئالدىمدىن سۆرەتتەك لىپىداپ ئۆتۇشكە باشلىدى، ئانامنى سېغىنىپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدۇم.
-نىمە بولدىڭىز؟
يۇزىگە ئالۋاستىدەك قىلىپ يۇز چاپلىقىنى بالدۇرلا چاپلىۋالغان ئايالىمنىڭ يېنىمغا كىرگىنىنى تۇيماي قاپتىمەن.
-چوڭلار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
-ۋاييەي،كىچىك بالىدەك ئاپامنى سېغىندىم،دەپ قۇيىڭە.ئۇلار يېزىدا شۇنداق سالامەت تۇرىۋاتمامدۇ.
-ئوغۇ شۇ.ئۇلار ياشىنىپ قالدى.يېراقنى يېقىن،ئېغىرىنى يىنىك قىلىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، قىينىلىپ قالغانمىدۇ،دەيمىنا.
-ئۇنىسىغۇ توغرا.بۇ قېتىم ئانىلار بايرىمىدا بېرىپ كۇرۇپ كېلەرمىز بولمىسا.
ئايالىمنىڭ بۇ گىپىدىن سۇيۇنۇپ قالدىميۇ،بىر تۇرۇپ ”ئانىلار بايرىمىدا“ دەپ ئورغۇلۇق ئېيتىپ،مېنىڭ بايرىمىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ،جۇمۇڭ،دىمەكچىمۇيا،دەپ ئۇيلاپ قالدىم.
ئايالىم گىرىم ئۇستىلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى.يۇزىدىكى ھېلىقى نەرسىنى سۇيۇپ ئېلىپ، بىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى.گىرىم ئۇستىلى تۇركىيەنىڭ دەمسىز،كۇرىيەنىڭ دەمسىز،ئىچكىرىنىڭ دەمسىز ھەممە يەرنىڭ تۇرلۇك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولغان بۇلۇپ، بەئەينى گىرىم بۇيۇملىرى يايمىسىغا ئۇخشاپ قالغان ئىدى.
-بۇگۇن بۇ چاپلىغىڭىزنى بالدۇرلا ئېلىۋەتتىڭىزغۇ؟-دىدىم قىزىقىپ.ئۆزەممۇ بىلمىگەن ھالدا ئايالىمنىڭ گىرىم ئىشلىرىغا دىققەت قىلىدىغان،تېخى ئارىلاپ گەپ قۇشۇپ،مەسلىھەت بېرىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم.بۇرۇنقىلارغۇ ئايالىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ گىپىنى قىلىپ قۇيغان ئەرنى زاڭلىق قىلىپ ئۆلتۇرەتتى.ھازىر ئاياللار بىزنى كۆندۇرىۋەتتىمۇ بىزلەر ئۇنداق ئىشلارنى ئېغىر ئالمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدۇق.بەزىدە مەنمۇ ئايالىمنىڭ تەلىۋىگە قۇشۇلۇپ ئەرلەرنىڭ يۇزماي، ئەتىرلىرىنى ئىشلىتىپ قوياتتىم.مېنىڭ قىزىققىنىمغا خوشال بۇلۇپ كەتكەن ئايالىم ئەۋزەلەپ چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى.
-بۇچۇ قاراڭ كۇرىيەنىڭ يېڭىدىن چىققان يۇز چاپلىمىسى.بۇنى بىر سائەت چاپلاپ بولغاندىن كىيىن،كۇرىيەنىڭ يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيىۋېتىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇيىنى سۇرۇپ ئۇخلاپ قالىمەن.ئەتە ئەتىگەن تۇرۇپ،يەنە يۇزۇمنى يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن پاكىزە يۇيىۋېتىپ،ئۇنىڭ ئۇستىگە كۇرىيەنىڭ تەگلىكىنى سۇرىمەن،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاقارتىش سۇرىمەن.ۋۇي دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،يەنە 35گىرادۇسلۇق كۈن قالقىنىنى سۇرىمەن.تۇركىيەنىڭ كالپۇك لېكىنى سۇرىمەن،قېشىمغا قاشلىق ئېتىمەن،قاپقىمغا خورما رەڭ لاك،كىرپىگىمگە سۇرمە ياكى لاك سۇرىمەن.ئىشىم بەك كۆپ جۇمۇڭ.ئۇنىڭ كەينىدىن قولتۇقىمغا قولتۇق ئەتىرى سۇرىمەن،ئەتىر چاچىمەن.چېچېمنى كۈندە ئەتىگەندە بىر يۇيۇپ،چاچ ئاسراش سۇيۇقلىقى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن،يەنە ھازىر مۇدا بولغان بۇدرە چاچ يىلىمى ئىشلىتىمەن.قول-پۇت تىرناقلىرىمغا لاك قىلمىسام بولمايدۇ،زىننەت بۇيۇم، كىيىملىرىمچۇ تېخى.
-ۋاي-ۋۇي،شۇنچىلىك كۆپما.
-ۋىيەي تېخى،مېنى بۇنداق دەيسىز،خەقنىڭ خۇتۇنلىرىچۇ بىزدەك ئاددىي قىلمايدۇ.كۈندە دىگۇدەك ئالىي گىرىمخانىلار بېرىپ،يۇزلىرىنى يۇيغۇزىدۇ،ھورلاندۇرىدۇ، ئۇۋلىتىدۇ، ساڭناغا چۇشىدۇ.بەزىللىرى تېخى قېشىنى چەكتۇرىدۇ،قوش قاپاق قىلىدۇ،يالغان چاچ سالىدۇ،كۆزىگە ھەرخىل رەڭلىك قارىچوق سالىدۇ،تېرىسىنى تارتقۇزىدۇ. مىنىڭدەك بۇنداق ئاددى ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.زىننەت بۇيۇملىرى،كەيگەن كىيىم،ئاسقان سومكىللىرىنى دىمەيلا قوياي.
-شۇڭا ئۇ دىگەن خەقنىڭ خۇتۇنى.
ئايالىم رازى بولمىغاندەك ئالىيىپ قويدى.شۇ چاغدا ئانامنىڭ ياش چاغدىكى چىرايى كۆز ئالدىمغا يەنە لاپ قىلىپ كەلدى.ئانامنىڭ ئۇ چاغلاردا نەدىمۇ گىرىم بۇيۇملىرى بولسۇن؟ئەشۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە كەچلىگى يۇزىنى يۇيۇشقىمۇ ۋاقتى يوق.بەزىدە قوللىرى يېرىلىپ كەتسە قوي يېغىنى سۇرىۋالىدۇ.يۇزىگە نە سۇپۇن ئىشلەتمەيدۇ،نە ئۇپا-ئەڭلىك سۇرمەيدۇ،.لىكىن يەنىلا يۇزى ئاپئاق، قان يۇگۇرۇشۇپ،نۇرلۇق تۇرىدۇ.سەبىي چاغلىرىمغا ئاپامنىڭ مەڭزىگە ھەر نۆۋەت سۆيگەندە شۇنچە ھۇزۇرلىنىپ،شۇنچە سۆيگۇم كېلەتتى.ئۇنىڭ ئانىلىق مىھرى تەپتىدىن ئىرىپ كېتەتتىم.
ھازىرقى بىر قىسىم ئاياللار يۇزىگە شۇنچە ئىشلىگەنسىرى شۇنچە كۇرۇمسىز،شۇنچىلىك نۇرسىز كۇرىنىدۇ.ئاپئاق بولغان بىلەن نە قان دىدارى يوق،خۇددى ئۇلۇكنىڭ يۇزىنى ئەسلىتىدۇ.يەنە كىلىپ ۋاقتىنى مۇشۇنداق تۇگىمەس گىرىم مەشغۇلاتلىرى بىلەن ئىسراپ قىلغاچقا ئۆينىڭ ئىشلىرى شۇ پېتى قالىدۇ.يا تۇزۇك تاماق ئەتمىگەن.يا ئېرى رازى بولمىغان،يا بالىلىرى،يا ئاتا-ئانىسى.قىلىقى سەت شۇڭا چىرايلىق كۇرۇنمەمدىكىن يا. ئۇيلىغانسىرى،سېلىشتۇرغانسىرى ئانامنىڭ ئوبرازى يەنىمۇ بۇيۇك تۇيۇلۇپ،بەك كۆرگۇم، مەڭزىللىرىگە بالىلىق چاغلىرىمدىكىدەك سۆيگۇم كەلدى.
-ئانامنى يېنىغا تىزراق بارساق بوپتىكەن.
-ئانىلار بايرىمىغا يەنە ۋاقىت بارغۇ؟
-بايرامدىمۇ بارارمىز،نەچچە بارساق سانىنى ئالاتتىمۇ؟
-ئوغۇ شۇ لىكىن مېنىڭ ۋاقتىم يوق دەڭا.بىلىسىز مېنىڭ خىزمەت،چاي، ئولتۇرۇش، توي، نەزىرلىرىم ئارام ۋاقىتلىرىمنى ئىگەللەپ بولدى.
-ئۇنداق رەسمىيەتلەرنى ئاز قىلسىڭىز بولمامدۇ؟
-ۋىييەي،«بار تاۋىقىم،يان تاۋىقىم»،«قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال»دىگەن گەپ بار،بارماي ئۇلارنىڭ سېسىق گەپلىرىگە چىداپ بولغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناملارمۇ ساق-سالامەت تۇرسا.
ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۇنداق سۇرۇنلاردىن كېچەلمەيدىغىنى ئېنىق.ھازىر بىر قىسىم ئاياللارغا چاپلاشقان بۇ جىن ئاياللارنى ئوخشىمايدىغان قىلىپ قويدى.ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلسا بولىدىغىنىنى بىلمەيدۇ.بىر ئىزدا تۇرالمايدۇ.ھەممىگە ئۆزىنى ئۇرىدۇ يۇ،يەنە ھەممىدىن قاخشايدۇ.ئۆزىنىڭ نىمىدىن خوشال بۇلىشى كېرەكلىگىنىمۇ بىلمەيدۇ. دورامچىلىق، سۆلەتۋازلىق، ھەشەمەتچىلىك، بۇزۇپ-چېچېش،تۇرلۇك قائىدە- يۇسۇنلار ... بۇلارنى بەكلا ئۆزگەرتىۋەتتى.ئانامنىڭ ئاددى- ساددىلىقى، ئىقتىسادچانلىقى، پاكىزە،ئىشچانلىقى ....
ئانىلار بايرىمى كەلدى.بىچارە ئايالىم يامان تەستە نەچچە چاينى قۇربان قىلىپ،ئاناملارنى كۇرۇپ كېلىشكە بارىدىغان بولدۇق.ئەمدى ئانامغا نىمە سوۋغا ئېلىش مەسىلىسى.مەن دىدىم:
-ئانامغا گۆش ئېلىۋالايلى،ئاندىن بىر قىسىم كالتىسىي-ۋىتامىن تۇلۇقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالايلى.
ئايالىم دەيدۇ:
-كىيىم سېتىۋالايلى.چۇڭلارغا خاس كىيىملەر جىققۇ،
دەتالاش خېلى داۋاملاشتى.ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىرەر نەرسە ئالغۇزغىسى بارلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم.ئۇندا ئويلاپ،بۇندا ئويلاپ تۇيۇقسىز گىرىم بۇيۇملىرى ئېلىش خىيالىمغا كىلىپ قالدى. توۋا!مەن ئەر كىشىلىكتىن چىقىپ كەتتىممۇ نىمە!مەن ئانامنىڭ ئايدەك يۇزىنىڭ قېرىلىق يېتىپ قارىداپ،قۇرۇق چۇشۇپ كەتكىنىنى ئىسىمگە ئالدىم.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئانام بىرەر قېتىم تۇزۇكرەك گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدى.ھېلىمۇ ئىسىمدە كىچىك چېغىمدا بىر قېتىم دادام ئەرزان باھالىق يۇزماي ئېلىپ بەرگەندە ئانام بەك خوشال بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
-گىرىم بۇيۇملىرى ئالايلى.
-ۋۇي نىمە دەۋاتىسىز،ئۇ قېرى خۇتۇن قانداق ئىشلىتەلەيدۇ؟
-ئىشلىتەلەيدۇ.”چىن نۇرى“گىرىم بۇيۇملىرىنىمۇ چوڭ ئاياللارمۇ ئىشلەتسە بولىدىكەنغۇ، شۇنى ئالايلى.
-ئۇ بەك قىممەت.
-قىممەت بولسىمۇ مەيلى.بىر قېتىم مېنىڭ گىپىمگە كىرىڭ.
-ئۇنداق بولسا ماڭىچۇ؟
ئايالىمنىڭ ئىچى ئېچىشىشقا باشلىغان ئىدى.
-خاتىرجەم بۇلۇڭ،سىزگىمۇ بار.
شۇنداق قىلىپ ئايالىمغا ۋە ئانامغا ”چىن نۇرى“گىرىم بۇيۇملىرىدىن سېتىۋالدۇق.ئايالىممۇ ئاچكۈزلۇك قىلىپ ئۈستەلدىكى تۇشقىچە گىرىم بۇيۇملىرىغىمۇ رازى بولماي،يەنە گىرىم بۇيۇملىرى ئالدى دىسە.”ئالىيەمۇ ئاپتىكەن بەك ئالغۇم كەلگەن“دەيدۇ تېخى.
يۇرتقا كەلدۇق.مەھەللىگە كىرگەندە مەھەللىنىڭ ھەربىر تال گىياھ،تاش،چىمدىم توپىسىمۇ مېنىڭ خىياللىرىمنى ئەسلىمىگە سۆرەپ كىرەتتى.نۇرغۇن ئاياللارنى ئۇچراتتۇق.لىكىن ئانامنىڭ ياش ۋاقتىدىكىدەك ئايدەك يۇزى بار ئاياللار كۇرۇنمەيتتى.دەۋىر بىلەن ئۆزگەرگەن ئاياللار ئانامدەك يۇزىنى نەگىدۇر كۇمىۋەتكەندەك قىلاتتى.
ئۆيىمىزنىڭ قۇرۇسىغا كەلدۇق.ھويلا-قورو پاك-پاكىزە سۇپۇرۇلگەن بۇلۇپ،بۇرۇنقىدەك پاكىزە ھالىتىنى ساقلاپ تۇراتتى.دادام ئالدىمىزغا چىقتى.ئۇنىڭ ئاپئاق يەكتىكى،ئاپپاق ساقىلى، ئاپئاق دوپپىسى بەك ياراشقان ئىدى.تىچلىق سوراشتۇق.ئانام كۇرۇنمەيتتى.
-ئانام قېنى دادا؟
-ئۆيدە.
يۇرىكىم بىر ئىشنى تۇيۇپ قالغاندەك ”قارتتىدە“قىلىپ قالدى.-دە،يۈگۇرگەندەك ئاناملارنىڭ ھوجرىسىغا كىرسەم ئانام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتۇ.
-ئانا،نىمە بولدىڭىز؟ئاغرىپ قالدىڭىزما؟
-ياق بالام،ئېغىر ئەمەس،شۇ زۇكام تىگىپ قالغان ئوخشايدۇ؟
-دوختۇرخانىغا ئاپىراي سىزنى.
-ياق بالام،داداڭ،ئىنىڭمۇ شۇنداق دىگەن مەن ئۇنىمىدىم.مەندە ئېغىر كېسەل يوق.شۇڭا ساڭىمۇ خەۋەر قىلغۇزمىغان.
ئايالىممۇ كىلىپ مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ ئەھۋال سورىدى.
-بۇگۇن بايراملىرى بولغان ئانا،مۇشۇ كۈننى ساقلاپ بالدۇر كېلەلمەي قاپتىمىز.
-ھىچقىسى يوق قىزىم،سىلەر كادىرلار ئالدىراش كېلىسىلەر.مەندىن ئەندىشە قىلماڭلار.
ئانامدىن بەك ئەنسىرەۋاتاتتىم.ئانامنىڭ چىرايىغا قارىدىم.ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.چىرايى قارىداپ قۇرۇقلار چۇشۇپ بۇرۇنقى ئايدەك يۇزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. قوللىرىنى تۇتتۇم.قوللىرىنىڭ تېرىللىرى قۇرۇغداپ،تارشىدەك بۇلۇپ كىتىپتۇ.
-ئانا سىلىگە ”چىننۇرى“ىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۇق.
-جېنىم بالام،قېرىغاندا نىمە ئەڭلىك قىلىش ماڭا.ئاۋارە بۇلۇپسىلەر.
-بۇنى چۇڭلار ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن.
-ئەرلەرنىڭ يېنىدا بۇنداق گەپلەرنى دىيىشمەيلى بالام.رەھمەت سىلەرگە.
دادام بىلەن ئايرىم كۇرۇشتۇم.دادام ئانامنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا ئىشىك ئالدىدىكى ئوتياشلىقنى ئوتاۋىتىپ يىقىلىپ قالغىنىنى،دوختۇرخانىغا بېرىشقا پەقەت ئۇنىمىغىنىنى،مەجبۇرلاپ ئېلىپ ماڭغاندىمۇ ئۆزىنى مۇشۇ ئۆيدە خاتىرجەم يېتىشقا يول قۇيۇشىنى دەپ يىغلاپ پەقەت ئۇنمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئانامنىڭ يېنىغا كىردىم.
-ئانا،سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق زادىلا بولمايدۇ.
-ياق بالام،مېنى ئۇنداق قىينىمىغىن.ئۆزەمنىڭ ئەھۋالى ئۆزەمگە ئايان.مەن دوختۇرخانىغا بارماي.بارساممۇ بىكار پۇلغا زىيان،پايدىسى يوق.
-ئانا،سىزدە ئېغىر كېسەل يوق.چۇقۇم ساقىيىپ كېتىسىز.
-رەھمەت بالام،مېنى خاتىرجەم كۆز يۇمسۇن دىسەڭلەر مۇشۇنداق يېتىشىمغا يول قۇيۇڭلار، سىلەردىن رازى بۇلۇپ كېتەي.
ئاخىرى ئۇنىتالماي،شەھەرگە كەلدىم.چوڭ دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسىس،دوختۇر،سېستىرالارنى دوختۇرلۇق ئەسلىھەلىرى بىلەن جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا ئېلىپ كەلدىم.دوختۇر تەكشۇرگەندىن كىيىن، قان ۋە بەدەن سۇيۇقلىقىنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۇردى.ئەتە تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى دوختۇرخانىدىن ئېلىشنى ئۇقتۇردى.
كېچە شۇ ئۆيدە قوندۇق.ئانام دادام بىلەن بىر ئۆيدە، بىز بىر ئۆيدە ياتتۇق.ناھايىتى كەچ ياتقان بولساممۇ ئانامدىن ئەنسىرەپ پەقەت خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم.تۇيۇقسىز ئانامنىڭ دادام بىلەن دىيىشكەن گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-دادىسى،مەن كەتسەم بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭلار.بالىلارمۇ يىغلىمىسۇن.
-ئۇنداق دىمەڭلار ئانىسى،سىلى ساقىيىپ قالىسىلە.
-ئىگەم ئۇنىڭغا ئۇنىمايدىغان ئوخشايدۇ.
-قاراڭلا،بالىلار سىلىگە ئەكەلگەن بۇ نەرسە بەك چىرايلىقكەن.دادام ئانامنىڭ دىققىتىنى بۇرىدى بولغاي.
-تېلىۋىزوردا داڭلىغان ”چىننۇرى“دىگەن شۇ ئىكەن.بۇ بەك قىممەت.ئۇنى بىزنىڭ خەق ئىشلەپتۇدەك.ھالال دەيدۇ.
-ھېلىقى ئۇسۇلچىمىز داڭلىغان شۇمۇ ئانىسى؟
-شۇ.قىززىق ئىدىلە دادىسى.بۇرۇن ياش چاغلاردا ماڭا ئوغرىلىقچە يۇزماي ئەكىلىپ بىرەتتىلە. ئەگەر مەھەللىدىكى بىرەرسى كۇرۇپ قالغان بولسا،بەك سەت بولاتتى دىسىلە.
-بىر قېتىم ھاشىم كېكەش كۇرۇپ قالغىلى تاس قالغان دىسىلە.شۇ چاغدا ئۆيگە ئالدىراپ ماڭسام يانچۇقۇمدىن بىرنەرسە توككىدە چۇشتى .ئاپلا،دەپ ئېلىپ بولغىچە ھېلىقى ھاشىم كېكەش ”ھى،ھى..نى نى نىمە بۇ؟ئا ئا ئاياللارنىڭ بىرمىسىمۇ نىمە؟ “دىگەنتى،مەن ”خاتا كۇرۇپ قالدىڭ،بۇ دىگەن بالىلارنىڭ دورىسى“دەپ ئىتتىكلا كىتىپ قالغان دىسىلە.
-بىلىپ قالغان بولسا بەك سەت بولاتتى.مەھەللىدە تۇرالماي قالاتتىلە.
-شۇنى دىسىلە.ياش ۋاقتىڭلىدا بۇنى سۇرمىسەڭلىمۇ ئايدەك ھوسنۇڭلار بار ئىدى ئانىسى.
-شۇ جاپالىق يىللاردا بىزنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىشقا نەدىكى پۇل دىسىلە دادىسى.مۇشۇ بالىلار ئازراق بولسىمۇ جىق بىرنەرسە يەۋالسۇن،بەلەن كىيىۋالسۇن،ياخشى ئوقۇۋالسۇن دەپ،بالىلارغا قىسىنىپ ئالمىغان.دىمىسىمۇ دادىسى، راست گەپنى دىسەم،مېنىڭمۇ بۇنداق نەرسىنى بەك سۇرگۇم كېلەتتى.قولىمىز پۇل كۆرگەندە قېرىپ كەتتۇق،ئەمدى قېرىلار سۇرسىمۇ بۇلىدىغان چىققاندا يىقىلىپ ياتتىم،دىسىلە.
ئانامنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يىغلىغۇم كەلدى.توۋا! ئوغۇل دىگەن ھەجەپ بۇلىدىكەنمىز، قولىمىز پۇل كۆرگەندە دادا، ئانا نىمە لازىم دىمەي پۇلنى ياكى چوڭراق نەرسىنى ئېلىپ بېرىپلا مىھرىمنى يەتكۇزدۇم، دەيدىكەنمىز.ئاياللارغا ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئېلىپ بىرىشنى بىلمەيدىكەنمىز.
-ھازىر سۇرۇپ قويايمۇ يە ئانىسى؟
-ۋاي ئۆلەي،نىمە دەيدۇ ماۋۇ ئادەم.ئەر كىشى تۇرۇپ بۇنى تۇتسىلا قانداق بولىدۇ.
ئايالىمنى ئويغىتاي دىدىم يۇ ۋاز كەچتىم.ھازىرى غەيۋەتچى ئاياللار نىمە دىمەيدۇ دەيسىز.شۇڭا ئاستا چىقتىم.
-ئانا مەن سىزگە سۇرۇپ قوياي.
-ياق بالام،سەت تۇرىدۇ.
-ئانا،سىزگە مەن مىھرىمنى يەتكۇزەلمەپتىمەن.ئەمدى بولسىمۇ بىر قېتىم ماقۇل دەڭ.
ئانام كاللىسىنى يىنىك لىڭىشىتتى.مەن ئايالىم دەپ بەرگەن تەرتىپ بۇيىچە ئاۋال ئانامنىڭ يۇز قوللىرىنى ئىلمان سۇدا لۇڭگە بىلەن سۇرتۇپ،يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇدۇم،ئاندىن تەگلىكنى ئارقىدىن ئاقارتىشنى سۇردۇم.ئاھ خۇدا!ئانامنىڭ گەرچە يۇز قۇرۇقلىرى يوقىمىغان بولسىمۇ،لىكىن چىرايى باشقىچە ئاقىرىپ كەتتى.خۇددى كىچىك چېغىمدىكى ئانامنىڭ ئاي يۇزىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
ئەتىسى تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى ئالغىلى باردىم.ئانامنىڭ يۇرىكى تۇيۇپتۇ.ئاق قان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن.ئۇزاق ۋاقتى قالماپتۇ.كۆزلىرىمدىن ياش ئۇزۇلمەي تۇكىلەتتى.بىچارە ئانام قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بۇلۇپ قالغاندۇ؟قايسى چاغدىكى يارا بۇگۇنكى جىددى خارەكتىرلىك ئاق قان راكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغاندۇ؟
بۇنى ئايالىمغا،ئىنىمغا دىدىم.لىكىن دادامغا دىيىشنى خالىمىدىم.ئىدارىگە ۋە ئايالىمنىڭ ئىدارىسىگە خەۋەر بىرىۋەتتۇق.ئەمدى ئانامنى ياخشى كۇتمەكتىن باشقا ئامال يوق.مەن كېچىسى ئانامنىڭ يېنىدا ياتىمەن،دەپ تۇرىۋالاتتىم،ئايالىم ئارام ئېلىڭ،مەن قاراي،دەپ ئوتتۇرا كېچىدىن باشلاپ مېنى چىقىرىۋېتەتتى.ئادەم ئاخىرقى ھاياتىدا شۇنداق چىرايلىق بۇلۇپ كېتەمدۇ بىلمىدىم. ئانامنىڭ يۇزلىرى ئاقىرىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى.
بىر كۈنى كېچىسى ئايالىم ئانامغا قارىغاندا،خوشنا ياتاق ئۆيدە پەقەت ئۇخلىيالمىدىم.شۇڭا ئايالىم بىلەن پاراڭلىشاي،دەپ ئانامنىڭ يېنىغا چىقىپ ھەيران قالدىم.ئايالىم ئانامنىڭ يۇزىگە ماي سۇرىۋاتاتتى. ئانامنىڭ يۇزىنىڭ نىمىشقا ئاقىرىپ كېتىپ بارغانلىقىنى چۇشەندىم.ئانام ئۇخلاپ قالغاندا، ئايالىمغا بولغان مىننەتددارلىقىمنى بىلدۇرۇپ، كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم.ئۇمۇ ماڭا ئېسىلىپ ئۈنسىز يىغلىدى.
-بىرىنچى كۈنى مەن سىزنىڭ چىقىپ كەتكىنىڭىزنى تۇيغان ئىدىم.سىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مەنمۇ بىرئايال تۇرۇپ ئانامغا مىھرىمنى يەتكۇزمەپتىمەن.شۇڭا كىيىنكى كۈنلەردە سىزگە بىلىندۇرمەي ئۇنىڭغا ماي سۇرۇپ قويدۇم.ئانام دەسلەپ ئۇنىمىدى،كىيىن مەن ئۇنى تەسىرلەندۇردۇم.بىز ئاياللار مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن خوشال بولىمىز،تەسەللى تاپىمىز.ئانام كېتىدىغاندا بۇنداق قىلمىسام بولاتتى،دىگەن ئىدى.ئۇنىڭغا بۇۋىپاتىمە ئانىنىڭمۇ پەرداز قىلغانلىقىنى سۆزلىدىم.بوپتۇ،ئاخىرقى ئۆمرىدە مۇشۇ كىچىك ئىشتىن بولسىمۇ خوشال بۇلىۋالسۇن.
-رەھمەت سىزگە.
-ئۇنداق دىمەڭ،ئۇمۇ مېنىڭ ئانام.
نەچچە كۈندىن كىيىن ئانام ئاش-تاماقتىن قالدى.ئۆزىنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئايالىمغا ۋە ئىنىمنىڭ ئايالىغا مىراس قىلدى.ئۇ جان ئۈزگەن كۈنى ئۇنىڭ يۇزىگە خۇددى كىچىك چاغلىرىمدىكىگە ئوخشاش سۆيدۇم،كۆز ياشلىرىم ئاي يامغۇرىغا ئوخشاش ئۇنىڭ يۇزلىرىگە تۇكۇلدى.
ئانامنى ئۇزۇتۇپ ئاخىرەتلىكلىرىنى تۇگىتىپ ئۆيگە كەلگەن كۈنى قايغۇ ۋە ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن بولسا كېرەك،بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن.ئەتىسى ئەتىگىنى كۇزۇمنى ئاچسام ئىللىق كۈن نۇرى دىرىزىدىن چۇشۇپ خۇددى ئانام مېنى سۆيگەندەك چەكسىز ھۇزۇرلاندۇردى.ئاھ ئانا! مىھمانخانىغا چىقسام ئانام ئۆي سۇپۇرمەكتە ئىدى. ئانام!؟! بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدىغۇ،ئانام قانداقسىگە،ياق،ياق، مەن چۇش كۇرىۋېتىپتىمەن.
-ئويغاندىڭىزما؟
كۈزۈمنى ئۇۋىلاپ قارىسام ئايالىم ئىكەن.ئۇ چېچىنى ئىككى تال ئۆرۇپ،ياغلىق چىگىپ ئانامنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قاپتۇ.
-قانداق ئانامغا ئوخشاپتىمەنمۇ؟مەن ئەمدى ئۆزگەردىم.بۇنىڭدىن كىيىن چېچېمنى مۇشۇنداق ئىككى تال ئۆرۇيمەن.
مەن ئايالىمنىڭ گىرىم ئۇستىلىگە قارىدىم.ئۇستەلدىكى بارلىق گىرىم بۇيۇملىرى غايىپ بۇلۇپ، ئىككى يۇرۇش ”چىننۇرى“ ماركىلىق گىرىم بۇيۇمىلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر يۇرىشى ئايالىمنىڭ، يەنە بىر يۇرىشى ئانامنىڭ ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 08:03 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 a! ]3 f' }1 x( f# ?+ B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 C& ]- A" Y& b" @ [' |! Y1 O