ناتايىن
تەشنائى
دوستۇم ئېتىپ ئاتايىن ،
كېلىپ قالدىڭ ئاتايىن .
ئىمزەك تەڭلەپ ئاتايىن ،
سالالىشىڭ ناتايىن .
بىلەتتىم مەن خۇيۇڭنى،
قىلماستا سەن تويۇڭنى.
كۆنۈۋالغان خۇيۇڭنى ،
تاشلىغىنىڭ ناتايىن .
ئۇيان-بۇيان چاپىسەن،
ئەخمەقلەرنى تاپىسەن .
ياماندىن ھەم قاچىسەن،
ئۆزگۈرۈشۈڭ ناتايىن .
ئاتا -ناڭنى قاخشىتىپ ،
قىلغان ئىشنى ئاقسىتىپ.
نامىڭنى يۈرسەڭ سېتىپ،
ۋاپا قىلشىڭ ناتايىن.
كۈندە قاتراپ ساراڭدەك،
بۇيرۇق بېرىپ داداڭدەك .
خۇددى سېنىڭ بالاڭدەك ،
باشقۇرغۇنۇڭ ناتايىن .
ئويناپ تۇرغاچ كۈنۈڭنى ،
يۇمۇۋالدىڭ كۆزۈڭنى .
قارا قىلىپ يۈزۈڭنى ،
يۈرەلىشىڭ ناتايىن .
بىخىل بولسا ياراتماي،
ئاقىللارنى قاراتماي .
نەپ بەرگەننى تاشلىماي،
يۈگۈرگۈنۈڭ ناتايىن
ياخشى ئادەم بولالماي،
ئەسكى يەرگە بارالماي .
تونۇشلارنى قويالماي ،
ئۆتەلىشىڭ ناتايىن .
ئەلمۇ ھامان بىلىدۇ ،
داۋاسىنى قىلىدۇ .
يۈرەكنى خۇن قىلىدۇ،
قاچالىشىڭ ناتايىن .
نىقاپ تارتىپ يۈزۈڭگە ،
قاراتتىڭ سەن ئۆزۈڭگە.
ئالداپ ئۆتكەن ئۆمرۈڭگە،
كۈلۈپ قارشىڭ ناتايىن .
كۆرۈپ قالسام ناۋادا ،
كەچۈرمەيمەن تالادا .
قالدۇرىمەن بالادا ،
قۇتۇلىشىڭ ناتايىن .
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا ،
كۆزلىرىڭدىن ئۇچقۇنلار چېچىپ .
يېقىن تۇرۇپ ئۈزمەي شۇنداق قارىشىڭ ،
دىل خانەمنى قويامدۇ ئېچىپ .
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا،
پاك قەلبىمنى ھېسلارغا قېتىپ .
ئاھ،سەندىن تارىغان ئاشۇ مۇھەببەت،
رىشتىمىزنى قويامدۇ چېتىپ .
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا ،
كۆزلۈرۈڭنى ئۈزمەي مېنىڭدىن .
بولامدىم چىدىماي مەنمۇ بىر ئاشىق،
كۈيەك ئوتى يۇقۇپ سېنىڭدىن .
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا ،
كۆزلۈرۈمدىن سۆيگۈلەر تىلەپ .
ئويلاپمۇ قالىمەن قاراشلارىڭدىن ،
ۋاپا گۈلى ئېچىلسىكەندەپ .
نىمىشقا تىكىلىپ قارايسەن ماڭا،
مۇھەببەتلىك ئاشۇ كۆزۈڭدە .
ھەقىقى ساپ بولسا كۆيۇشلۇرۈڭ ھەم،
مېنىڭ بەختىم نىگار ئۆزۈڭدە .
مەنبە ؛ئۆز ئىجادىيتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 09:08 PM