رەنجىمىگىن چۈشەن كۆڭلىمنى
مىھرى كۈيدىن مىسرالار تىزىپ،
ھەر نەپسىمدە سۇندىم مەن ساڭا.
گاھ ،مۇڭلانسام گاھى ئەركىلەپ،
ساددىلىقنى قىپتىمەن ئاڭا.
چۈشەنمىگەچ بەزى ئىشلارنى،
ھەممە ئاپپاق دەپتىمەن تېخى.
قۇشقاچ تىلدا توختىماي سۆزلەپ،
گاھى بىزار قىپتىمەن سېنى.
ئويلاپ-ئويلاپ تېگىگە يەتتىم،
ھەرسۈزۈڭدە كىزىپ قەلبىڭنى.
خاتالاشسام رەنجىمەي گاھى،
سەن چۈشەنگىن ساددىلىقىمنى.
ھەممە ئاپپاق ئەمەسكەن ئەسلا،
بۇ جاھاندا ئورتاقلىقلار كەمچىل.
ئىككى قۇتۇپ بولماي ئەبەدىل،
بىز ئۆتەيلى مەڭگۈگە ئىجىل.
رەنجىمىگىن چۈشەن كۆڭلىمنى،
قۇياش تەپتى باغرىڭنى ئېچىپ.
پۇرەكلىسۇن زىنىقىمدا ياز،
خۇشاللىقنىڭ سازىنى چېلىپ.
باھار تەپتى مىھرىڭگە تۇيۇناي،
ھەر خىل سىناق يوللارنى بېسىپ.
رەنجىش ،تالاش يىراققا كەتسۇن،
ھەم نەپەس بۇلۇپ تەڭ مېڭىپ.
مەنبە قەلىمىم