بۇ كىشىنى تۇنۇمسىز؟
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
‹‹بەخىتىڭ نىمە؟»دەپ سورىسا بىرەرسى،
قورساق تويسا ئارتۇق غېمىم يوق دەيمەن،
-«ئازابىڭچۇ» دىسە ئەگەر يېنىشلاپ،
كۈنۈم ئۆتتى شات بەختىيار_قۇت دەيمەن.
قېرىندىشىم ئاھ شۇقەدەر بىچارە،
بىرەر بۇردا نانغا تەشنا ھەسرەتتە،
نەزەر سالسام رىستۇراندا قاتار چاي.
خانىم -قىزلار ئويناپ كۈلەر پۈرسەتتە.
يۈرەر سىڭلىم جان باقماقنىڭ غېمىدە،
ئۆزگىلەرگە زورلاپقىنە جىلمىيىپ،
شەرمىي-ھايا،ئىپپەت دىگەن نىمە ئۇ،
چاقچاق قىلىپ تەقدىرىگە ئالدىنىپ.
پور كۆتەكتەك ئاكام ياتسا قاۋاقتا،
ئەۋرەزلەردە يۇندىلارغا چىلىنىپ،
كۈندە ئىچىپ تۈگىتەلمەي ھاراقنى،
ئەل كۆزىدىن كەتسە يەرگە ئايلىنىپ.
دادام تېپىپ تۆت تەڭگىنى ئۆزىچە
قوغلانماقچى بولسا ئانام خارلىنىپ،
نىمە كارىم دەيمەن كۈلۈپ ئۆزەمچە،
كىمنى ئالساڭ ئانام دەيمەن شادلىنىپ.
بالام يۈرسە ئاياق مايلاپ رەستىدە،
ئۆتكەنلەرگە بويۇن قىسىپ،يىلىنىپ،
ھەر سەھەردە قىلىپ ئاڭا نەسىھەت،
‹‹پۇل تاپ›› دەيمەن،مەكتەپ تۇرسۇن شاللىنىپ.
ئارتۇق غېمىم يوقتۇر ئۇشبۇ جاھاندا،
يۈرەلىسەم ئەل كۆزىچە غادىيىپ،
تىرىشقاننى چۆلنى بوستان قىلىشقا،
قۇل بۇلۇشچۈن دەيمەن قالغان يارىلىپ.
جاپا چېكىپ يۈرگەن بىغەم دىھقاننى،
كەچكۈز كەلسە قاپقىنىمغا دەسسەتسەم.
مىرادىم شۇ مېنىڭ مۇشۇ ئالەمدە،
كۆز بوياپلا باغلىرىمنى كۆكلەتسەم.
ئىككى ئېغىز تاتلىق سۆزنى يادلاپلا،
نەيرەڭ بىلەن بوش تاغارنى سەكرەتسەم.
ئولجىلارنى يىغىۋېلىپ قوينۇمغا،
ئەجىركەشنىڭ لەۋلىرىنى چىشلەتسەم.
ئەمەل تۇتقان غوجاملارنى كۆرگەندە ،
خوشامەتتە سالام قىلسام ھەر-مەرتە.
دوكلات بېرىپ كىمنىڭ قويى سەمرىدى،
تېزرەك ئولجا ئالسام دەيمەن پۇرسەتتە.
گېپىم چوڭدۇر ھەر سورۇندا ئۆزۈمچە،
دوك بولساممۇ بەگ-غوجامغا ئىڭىشىپ.
توپا چىراي مىھنەتكەشلەر ئالدىدا ،
غادىيىمەن نام ئابرويغا ئېرىشىپ.
كۆز ئالايتىپ كىمكى چاۋام بايقىسا،
مەن كىم؟سەن كىم؟ئۆز-ئۆزۈڭنى بىل دەيمەن.
كۈزدە ياڭاق چېقىشقا زەپ خۇشتارمەن،
لېكىن خالاپ بىر تۈپ كۆچەت تىكمەيمەن.
---------------------
كۈنۈم ئۆتتى ئەپلەپ-سەپلەپ مۇشۇنداق،
ئەتە نىمە بولارىمنى بىلمەيمەن.
ھوقۇق-مەنسەپ كېتىپ قالسا بىر كۈنى،
قايسى ھالدا ئۆلەرىمنى بىلمەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 02:08 PM