مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 42829|ئىنكاس: 230

سىرلىق قىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:18:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                             1-باپ   سەھەردىكى كۆڭۈلسىزلىك
    قانداق مەخلۇق ئىكەنلىگى نامەلۇم . يۈزى بىلەن گەدىننى پەرىق ئەتكۈسىز ، بەت بەشىرە ناھايىتى سەت بىر مەخلۇق ، كارۋىتىم تۈۋىدىلا پەيدا بۇلۇپ قالدى. مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولسا كېرەك، قاش تېشدەك ۋال-ۋۇل چاقناپ تۇردىغان خەنجەرنى كۆتەرگەن پېتى ماڭا قاراپ  ئاستا يېغىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.
-ۋاي ئۇنداق قىلمىغىن !
ئۇ يەنىلا يېغىنلىماقتا.
-مەن سېنى تۇنىمىسام ، يا بىرەر ئاداۋىتىم بولمىسا نېمە دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسەن؟
ئۇ يەنىمۇ يېغىنلاشتى.
- سەن زادى كىم؟ سەن زادى قانداق نەرسە؟!
جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ، ئايىغىمنمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي، كالتە ئىشتان بىلەنلا ، مىڭ تەستە ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم . سىرىتقا چىقىپلا بىرەر سىدىن ياردەم سورىماقچى بۇلۇپ ئەتىراپنى چاقماق تېزلىگىدە كۈزەتكەچ  قېچىۋاتىمەن.
-قۇتقۇزۇڭلار !!!....
- ئادەم بارمۇ ؟!!!....
  يىغا ئارلاش ئاۋازىمنىڭ يېتىشچە توۋلاپ باقتىم . لىكىن نەس باسقان بۇ كوچىلاردا بىرمۇ، ئادەم زاتى كۆرۈنمەيتى . قورقۇنۇچتا يۈرگۈم قاتتىق دۈپۈلدەپ، يۈرگۈمنىڭ سوققان ئاۋازى ئۆزەمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
   ئېغىزىم قۇرۇپ بىر-بىرگە چاپلىشىپ گېلىمغا بىرەرسى ياغاچ قوزۇقنى قېقىۋەتكەندەك ئېغىزىم قۇرۇپ ، كانايلىرىم ئېيچىشىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ چىشىمنى چىشلەپ بار كۈچۈم بىلەن قېچىۋاتىمەن .توۋا بۇ نىمە ئىش؟!مەن كۈندە ماڭدىغان كوچا نەگە كەتكەندۇ؟! بۇ زادى قەيەر ؟ بەكلا ھەيران قالدىم .
   بۇ كوچىلار ھەم يوللار ھەممىسى ناتۇنۇش . قېچىپ نەگە كىلىپ قالدىم  مەن ؟ ئاھ خۇدا !يولنى پەرىق ئىتەلمىدىمغۇ ؟ جىددىيلىشپ قاچىدىغان يەرنىمۇ بىلەلمىدىم .شۇ پەيىتتە ھېلىقى غەلىتە بەت-بەشىرە مەخلۇق يەنە شۇ سۈرلۈك قىياپىتى بىلەن،يۈرىكىمگە دەسسەپ كىلىۋاتقاندەك ئاستا قەدەملىرى بىلەن كەينىمدىن ئىز بېسىپ كەلگەن ئىدى.
پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتتى. ئالدىمدا ئىگىز بىر تام ، سول تەرپىمدە  قۇلاقنى پاڭ قىلغىدەك دەرىجىدە جۇش ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريا ، ئوڭ تەرپىمدە تۆۋەنگە قارىسا تېگى كۆرۈنمەيدىغان تىك قىيا ،.كەينىمدە يالتىراق شەمشەرنى كۆتۈرۋالغان غەلىتە مەخلۇق !
مەن مۇشۇنداقلا ئۈلۈپ كېتەرمەنمۇ ؟ تامغا يامىشىپ قېچىپ كىتىش مۇمكىن ئەمەس ، مەن ئەزەلدىن سۇدىن قورقىمەن. ئاۋۇ دەريا ، كەينىمدىككى بەت -بەشرە ساراڭدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق . قانداق قىلارمەن ؟ قورقۇپ يىغلاپ تاشلىدىم .دىلىمدا‹ئاھ خۇدا! بۈگۈن ئەجىلىم توشقان ئۇخشايدۇ. سېنىڭ قېشىڭغا باردىغان بولدۇم. مېنى مەغفىرەت قىلغىن !›دەپ قاتتىق ئىسەدەپ يىغلاپ تەۋبە قىلغاندىن كىيىن .تىك -قىيادىن سەكرىمەكچى بۇلۇپ ئۆزەمنى ئىتىشىمغىلا ھېلىقى بەتبەشرە كاپلا قىلىپ قۇلۇمدىن تۇتىۋالدى.
-يوقال ! قولومنى قويىۋەت !
    بىرلا توۋلاپ ئويغۇنۇپ كەتتىم . ئېغىر تىنىپ ، ھاسىراشلىرىم تېخىچە داۋاملىشۋاتاتتى . شۈكرى رەببىم شۈكرى ! ھەرنىمە بولسا چۈشۈمكەن ! يۈرگۈمنىڭ سوقىشى چۈشۈمدىكىگە ئوخشاش تېز ئىدى. چۈشۈم ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئىگەمگە ھەمدۇ سانا  ئىيتقاچ ، بىردەم يېتىپ ئەس ھۇشۇمغا كىلىۋالغاندىن كېيىن ، تۇرۇپلا يەنە چۆچۈپ كەتتىم . يوتقان كۆرپە يۆل تۇراتتى ، ئەجىبا چۈشۈمدە قورقۇپ كېتىپ سىيىپ سالغاندىمەنمۇ ؟!
ھەي- ھەي! نىمە سەتچىلىك بۇ مۆمىن ؟ يېشىڭ ئوتتۇزغا باراي دىگەندە ساڭا يارشامدۇ بۇنداق قىلىق؟! ئۆز ئۆزەمدىن نۇمۇس قىلىپ ، ئەمدى يېتىشقا رايىم قالمىدى. كىيىمنى كەيمەكچى بۇلۇپ قارىسام ، كېچىلىك كىيىمنىڭ ئىشتىنى يۆل ئەمەسكەن ، ھېچ ئەقلىم يەتمىدى . يوتقان قانداق بۇلۇپ يۆل بوپ قالىدۇ.؟ ئەجىبا بايام چۈشنىڭ ئىچىدە چۈش كۆرۈپ بەك تەرلەپ كەتكەچكە يۆل بوپ كەتكەنمىدۇ؟! بۇ خىيالىم ئۆزەمنىمۇ قايىل قىلالمىغان بولسىمۇ ، بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي ، نامازغا ئالدىراپ يوتقاننىڭ ئىشنى بولدى قىلدىم .
    نامازدىن يېنىپ ئۆيگە كىرسەم ئاپام ھويلا سۈپۈرۋاتقان ئىكەن.
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاپا !
   ئاپام سالىمىنى ئىلىك ئالماقتا يوق ، قايناپلا كەتتى.
-سەن زادى توي قىلامسەن ؟ قىلمامسەن؟ قارا ئەپتىڭگە !سەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئاغىنىلىرىڭ نەچچە بالىغا دادا بوپ بولدى....
   ئاپامنىڭ ئاغزى بۈگۈن يەنە ئېچىلدى. ئاھ خۇدا ، خەق ئەتىگىنى يىمەكلىك بىلەن ناشتا قىلسا ، مەن ئاپامنىڭ تۇز تەمى تەڭشەلگەن ، ئاچچىق- چۈچۈك دەشناملىرى بىلەن ناشتا قىلىپ يۈرگىلى مانا ئازغىنە كەم ئىككى يىل بوپتۇ.
    ياكى مەن نىم بولسا بولار ،باشقا كەلگەننى كۆرەي، تويە مانا خۇتۇن دىگەن مۇشۇ ! دەپ توي قىلمىدىم  ياكى ئاپام مېنى تولا تىللاپ زېرىكمىدى. ھەي ئاپا ،ھەي ئاپا! ھۆرەم توڭ دىگەن نامىڭ بىكار چىقماپتىكەن سېنىڭ ! بۈگۈن ئەتتىگەندە كونا كىسلى يەنە قوزغالدى.
-بۈگۈن گېپىڭنى ئۇچۇق قىل ! يا خوتۇن ئېپ ئۆزەڭنىڭ ھەم مىنىڭ بېشىمنى ساقايتىسەن ،ياكى مەن بۇ ئۆيدىن ھازىرلا چىقىپ كىتىمەن. سەندەك بالام يوق . نىممە قىلغىڭ كەلسە قىلىپ ئۆزەڭ يالغۇز ياشا. ئەمدى مىنىڭ سەۋرىم توشتى . ئەمدى توي قىلمىساڭ ، سەن بىلەن ئەمدى كاررىم يوق!
ئاپام بۈگۈن باشقىچە بولۇپ قالغان ئىدى. ئاچچىقتىن قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ ، بۇرۇن تۈشۈكلىرى كېڭىيىپ تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرنەتتى .ئاۋازىنى قويىۋېتىپ. ۋاقىراشلىرچۇ تېخى .بە ئەينى بىزنىڭ بويى 1.50 تىن ئاشمايدىغان ئاچچىقى كەلسە . ئادەمنى تىللاپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشتىن يانمايدىغان. ساۋاغداشلارنىڭ ھەممىسى جادۇگەر .دەپ نام بەرگەن. سىنىپ مۇدىرمىز ئاسىيە ئۆدەككە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئاپامنى ئاسىيە ئۆدەككە ئوخشۇتۇپ تاس قالدىم كۈلۈپ سالغىلى ، ئاپامدىن قورقۇپ ئۆزەمنى مىڭ تەستە تۇتىۋالدىم ، شۇنداقتىمۇ تاس قالدىم چاندۇرۇپ قۇيۇپ تاياق يەپ كەتكىلى !
لىكىن ئاپامنىڭ ئۇنداق پوپوزىلىرغا مەن كۈنۈك. ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن بىرلا ئەركىلەپ ئاچىغىنى ياندۇرۋالاتتىم.
- ۋاي ئاپا ،ھەجەپ ئەلپازىڭ يامانغۇ  بۈگۈن ؟ئادەمنى يەپ كېتىدىغاندەكلا گەپ قىلسەنغۇ؟  ؟ ئاش بەرگەنگە مۇش بەر دەپ، ئۇرۇپ قويىدىغان ئوخشىمامسەن؟
ھەر قېتىم ئاپامنى مۇشۇنداق چاقچاقلىرىم بىلەن ئەركىلەپ ئاچچىقىنى تېزلا ياندۇراتتىم. لىكىن ئەپسۇس بۇ قېتىم .ناھايىتى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدۇم. ئاپام قاپقىنىمغا چۈشۈمەكتە يوق،ئەكسىچە پارتىلاپلا كەتتى.
- ساڭا دەپ قۇياي! بۈگۈن ئۇنداق قۇرۇق گەپلىرىڭ بىلەن مىنى ئالدايمەن دىمە! گەپنى ئۇچۇق قىل!قوشنىلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۈكۈپ بولدۇڭ. تۆنۆگۈن ئېزىز قاسساپنىڭ ئوغۇلنىڭ تويىغا بارغان ئىدىم . مەللىدىكى خوتۇنلار ‹ھۆرىخان توڭنىڭ ئوغلى مۆمىن توڭ پۈتۈن ئەركەك ئەمەسمىش ، ئالى مەكتەپكە بېرىپ بۇزۇلۇپ كەپتىمىش › دەپ پىچىرلاپ كەينىمدىن گەپ تاپقىلى تۇرۇپتۇ .تويدىن يىغلاپ قايتىپ كەلدىم. مەن سەككىز ئەزايى ساق ئوغۇل تۇغدۇم. دەپ يۈرسەم. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە....ھۈ..ھۈ...
ئاپام گەپنىڭ ئاخىرنى دىمەيلا يىغلاشقا باشلىدى. ئاپامنىڭ يىغلىغىننى كۆرۈپ پەقەت چىدىمىدىم . غەيۋەتخور غالچىلارنىڭ كەينىمدىن تاپقان گەپلىرنى تولا ئاڭلىغاچ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيتىم ، لىكىن بۇ قېتىمقىسى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئاپامنى بۇ ھالدا كۆرۈپ تۇرىۋېرىشكە چىداپ بولالماي ئاستا سىرىتقا قاراپ ماڭدىم.
نەچچە ۋاقىتىن بېرى. ئاپام توي قىل دىسە ھە دەپ قۇيۇپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولاتتىم. توي قىلىشنى تېخى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. توۋا خۇدايىم !مەن توي قىلامدىم -قىلمامدىم خەق بىلەن نىمە ئالاقىسى؟! يا  قىزنى ماڭا بېرىش ئارزۇيى بارمىدۇ؟! ئۇنداق خىيالى بولسا ھىندىستانلىقتىن دوراپ ئۆيگە ئەلچى كىر گۈزسە بولمامدۇ.دەيمەن. خەپ مەھەللىنىڭ يۇندىكەش ئاپشاركىلىرى. مەندەك خۇدانىڭ مۆمىن  بەندىسىگە  قارا تىرناقلىرڭنى سانجىشىپ . ئورق بەدەنلىرىمنى غاجاشمىساڭ ھەرقايسىڭغا  غاجىغىدەك سۆڭەك ئازمۇ دەيمەن؟!
كىچە -كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەي. دىبا ،قاۋاقلاردا يۈرگەن كۈچۈكلىرڭنىڭ غېمىنى قىلىشساڭ بولمامدۇ؟! تېخى بەزىلىرىڭنىڭ قىزلىرى ھاراقنى بولىشغا ئىچىپ، دادىسى دىمەتلىك شاپاقچىلار بىلەن گىرەلىشىپ يۈرگىنى تولا كۆرگەن مەن !
ھەجەپ بىر  پوق يەۋالغاندەك بوپ قالدىم دىسە ئەتىگەندە !  تامغا ئۈسۈپ بوينىڭ قاتلىشىپ ئۈلۈشەرسەن ! شۇ تاپتا كەينىمدىن گەپ تاپقان ئاشۇ غەيۋەتخورلارنى گال  پىچاقتا بوغۇزلاپ تاشلىساممۇ دەردىم چىقمايدۇ. خۇدايىم جاججاڭنى بېرە! ھامان بىركۈنى بىلىپ قېلىشسەن :غوجا ئاكاڭنىڭ قانداق جەزبىدار ئەركەك ئىكەنلىكىنى! غالچىلارنى بولىشىغا قاغاپ ئىچىمنى سەل بوشتىۋالدىم. تاماكدىن بىرنى تۇتاشتۇروپ. كۈچەپ- كۈچەپ تارتىپ كەيپىياتىممۇ سەل ياخشىلاندى.
ئادەتتە بىر ئىشلارغا تېز ئاچچىقلانمايمەن. ئاچچىقلانساممۇ بىردەمدە يېنىپ كېتىدۇ . بىرسىگە ئاداۋەتمۇ ساقلاپ يۈرمەيمەن. بۇرۇندىن كۆڭلۈم يېرىم بولسىلا مەھەللە دوقمۇشىتىكى كۆل بويىدا سۇغا قاراپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق ئولتۇرۇپ كاللامنى سەگىتەتتىم . بۈگۈنمۇ كۆل بويىغا بېرىپ ھاۋا يەپ نېرىۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرۇپ كىلىشنى ئويلاپ كۆل بويىغا ماڭدىم.  لىكىن كۆل بويىغا كىلىپمۇ بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم ، كەيپىياتىمنى تەڭشەشكە شۇنچە تىرىشساممۇ ، يەنەخىيالغا پاتتىم . ...
بىرنەنجىدىن باياتىن ئۆيدە بولغان ئىشلار مېنى ھەدەپ قىيناۋاتاتتى.ئاچچىغىمغۇ يېنىپ قالار ئەمما بۇ ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتەرمەن.راسلا ئاپامنىڭ دىگىنى بۇيىنچە توي قىلارمەنمۇ؟.يا ق ! ھاياتىم بىلەن ئويناشسام بولمايدۇ. بۇ ئىشلارغىمۇ ئامال تېپىلىپ قالار ، زۇمرەتنى دەپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم . بۇنداق ئاسان بەل قۇيۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ھېلىمۇ ساراڭ بۇلۇپ يەنە ساقايدىم. شۇنچە ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىپتىمەن،يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ باقاي . ئاپامنىڭ مەيلىچە بولسا تۇققانلارنىڭ قىزدىن بىرنى ئەپ .بىرپلا غەيۋەتخور ئاپشاركىلارنىڭ ئاغىزنى بىر يوللا ئىتىپ غەمدىن خالاس بولىدۇ .بار بالاغا مەن قالىمەن . ئۆزەمنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتسام ! ئۇنىڭسىزمۇ دەردىم ئازمۇ مېنىڭ ‍. ئۇشۇ دەتنى تارتىپ بوالماي ۋاتسام نەدىكى ئارتۇق كاللاكەن ئۇ. لىكىن ئاپامنىڭ ئەلپازى بەك يامان. ئاپام بايام دىگەندەك .ئۆيدىن چىقىپ كەتسە؟ بۇ چاتاق بوپتۇ. دە نىمانچە تۈگمىگەن ئىشلار بۇ ، قاچانمۇ خەقتەك غەمسىز خاتىرجەپ ياشارمەن؟!
يەنە بىر جەھەتتىن ماڭا دائىم تىنىچىلىك ۋە ئازادىلىك بەخىش ئىتىدىغان بۇ كۆل،بۈگۈن كۆزۈمگە خۇددى ئاخشامقى چۈشۈمدە كۆرگەن دەريادەك كۆرۈنۈپ كىتىپ باراتتى....
خۇددى مەن دۇنياغا دەرت تارتقىلى كەلگەندەك ، بېشىمنىڭ ئىچىمۇ ،تېشىمۇ قېتىپ تۇرغان شۇ مىنۇتتا يانفۇنۇم بولىشىغا سايراپ خىيالىمنى بۆلىۋەتتى . تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ چىرايىمغا بىردىنلا كۈلكە يۈگۈرۈپ ئۈلگۈردى. تېلفۇننى ئايپاڭ كاللا دوستۇم  ئابباس ئۇرغان ئىدى.  ئابباس ئېنىڭ جان جىگەر قەدىناس ئاغىنەم . مېنىڭ دادام ياكى ئاكام يوق . دادا ، ئاكا قانداق بولىدۇ بىلمەيمەن. لىكىن ئابباس ئىككىمىز ھەقىقەتەن بەكلا ئامراق بىزنىڭ دوسلۇغىمىز ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ھەقىقى دوسلۇق. ئەگەر ئابباس ئۈچۈن ئۈلۈش توغرا كەلسە مەن قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايمەن. مېنىڭچە ئابباسمۇ شۇنداق.
تېلفۇننى تېزلا ئالدىم .
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم . قېيناتا بەلەن تۇدۇڭلىما ؟
ئابباس دايىم شۇنداق ماز چاقچاققا ئامراق .سالامنىڭ ئورنىغا ماز چاقچىانقى باشلىدى.
- قويە ماز چاقچىقىڭنى! بۈگۈن ماڭا چاقچاق قىلما .ئەلپازىم يامانراق تۇردۇ. بېشىڭدىككى تۆت تال تۈكۈڭدىن ئايرىلىپ قالما يەنە!
-نىم بولدۇڭلا؟! كېچىنىڭ ياقى قېينانام بوزەك قىلغان ئوخشىمامدا ؟ھى ھى....
- بەك مازكەنسەن ئابباس، تولا سەت ھىجايماي بېرىپ ئۇينۇڭنى ئوينا ماڭ!
تېرىككىنىمنى ھىس قىلغان ئابباس، تېزلا گېپىنى ئۆزگەرتتى.
- نىم بولدۇڭ ئاداش. ئاخشام تېخى شېئىرىمنى باشقىلار ياختۇرۇپ قالدى ، مۇزىكا ئىشلەپ ناخشا قىلدىغان بولدۇق.... دەپ كالچاراپ كېتىۋاتاتتىڭغۇ ؟
- ھازىر ئۇنى ئويلاشقىدەك ھالىم يوق ئاداش.
قىسقىلا جاۋاپ بەردىم. ئابباس مەندىن ئەنسىردى بولغاي‹ توختا ئاداش، سەن ھازىر نەدە ؟ ھازىرلا قېشىڭغا باراي!› دىدى.مەن‹ كۆل بېشىدا› دىيشىمگىلا تېلفۇننى قۇيۋەتتى.
شۈكرى ئاللاھىم ھېلىمۇ ماڭا ئابباستەك ئېسىل ئاغىنىنى بېرىپسەن. ئابباسنى تېزراق كەلسىكەن  دىگەن ئۈمۈتتە يولغا تەلمۈرۈپ تۇراتتىم. ئابباسمۇ كۆڭلۈمدىنى بىلگەندەكلا ئالدىراپلا ئۆيدىن چىققان بولسا كېرەك، نەچچە مىنۇت ئىچىدە قارىسى كۆرۈنۈپ مەن تەرەپكە قاراپ تېز -تېز چامداپ كىلۋاتاتتى . ئۇ مېنى كۆرۈپلا سەت ھىجىيىشقا باشلىدى.
ئاغىنەم مەندىن نەچچە ياش كىچىك بولسىمۇ قارىماققا مەندىن چوڭدەك كۆرنەتتى . توۋا دەيمەن بۇ ئابباسقا. ئەمدى يىگىرمە بەشكە كىرگەن بولسىمۇ بېشىنىڭ ئوتتۇرسىدا چاچ يوق. بېشىدا چېچىنىڭ يوقلىغى ئاز كەلگەندەك،خۇدايىم بەندىلىرگە ساقال تەخسىم قىلغاندا  ئابباس دىگەن پەينەك ئاياللار قاتارىغا كىرۋالغانمىكىنە ؟ ئورۇق يۈزىدە كىچىك بالىلارمۇ ئازمايلا سانىۋالغۇدەك بىرنەچچە تاللا سېرىق تۈكىلا بار. ئۇنىڭ شۇتاپتا سەت ھىجىيشى ئەتە تويى بولىدىغان قېرى قىزنىڭ ھىڭگاراشلىردىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى . شۇتاپتا ئۇنىڭ ئورۇق يۈزلىرى ئۇنىڭ كۈلىشىگە ئەگىشىپ قورۇلۇپ، ئىسكىلىت شاھقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-ھەي مۆمىن توڭ! سەن بۈگۈن چاتاق .چۇقۇم بىرەر سىنىڭ خوتىنىغا چاقچاق قىلىپ تۇتۇلۇپپ قالدىڭ. بولمىسا شۇنچە سالپىيىپ كېتەمتىڭ ؟ كۆلگە چۈشۈپ يۇيۇنۇپ كۆلنىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاش دومىلا قىلمىغانسەن ؟
ئانناڭنى ئاپامنىڭ توڭ دىگەن لەقىمى ماڭا چاپلىنىپ قالدى دېسە قاملاشمىغان.
-ماڭا قارا ئايپاڭ! مەن بۇ سالاپىتىم بىلەن خەقنىڭ خۇتۇنىغا چاقچاق قىلمىساممۇ،ئوتۇمدا كۆيۈپ، سۈيۈمدە ئېقىپ يۈرگەن قىزلار ساماندەك .ئەمدى چىشىمغا تەگمە. ئەگەر ياردەم قىلغىڭ بولسا ماڭا بىرەر چارە تېپىشىپ بەرگىن مەنمۇ بۇ ئازاپتىن قۇتۇلاي .
-ھا-ھا-ھا! ساڭا كەلگەن دەت مېنىڭمۇ دەردىم . جۇما توڭ ئاداش. قېنى ئېيتە ساڭا زادى نىمىش بولدى ؟
ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيتىم. بۈگۈن دەرتكە بىرنى، ئەلەمگە بىرنى دەپ بىر كۈندە ئىككى تال تاماكا چىكىۋەتتىم .تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ .ئىككى شورىۋېتىپ بۈگۈن ئۆيدە بولغان ئىشلارنى يىپدىن- يىڭنىسغىچە سۆزلەپ بەردىم. ئابباس سۆزۈمنى تۈگىگىچە ئاڭلاپ گېپىم تۈگىشىگە ئورنىدىن تۇردى دە،‹ موتۇرۇڭنى ئەچىققىن ئاداش بىزنىڭ كونا ئۆيگە بېرىپ،باغدا ئارام ئالغاچ مەسلەتلىشىپ بىرەر ئامال تاپارمىز.› دىدى. مېنىڭمۇ بۈگۈن قۇلۇم ئىشقا بارمىغاچ،بۇ گەپ ماڭا تازا خوش يېقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم ....      
   




داۋامى  ئىنكاس   شەكىلدە   يوللىندۇ .


ئەسكەرتىش  ؛ بۇ مىنىڭ  ئىجادى ئەسرىم   .  رۇخسەتسىز  باشقا   مۇنبەر  ۋە  سالونلارغا  كۆچۈرۈشكە  قەتئى  بولمايدۇ .



ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12506
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32528
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4541 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 10:38:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى بۇ مۇنبەردىمۇ كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10457
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 01:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇننى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق دەيىتتتۇق ++

قىزبالنى ماختىغان  ئىشەنگەن بىرىنچى ئەخمەق
  ئىنكاسقا ئەگەشمەڭ

شاھزاد

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 02:31:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 01:36 PM
خوتۇننى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق دەيىتتتۇق ++

قىزبالنى  ...

تورداشلارغا   تەكلىپ    .  ئەسەردىككى  ۋەقەلىك  پۈتۈنلەي  تۇقۇلما  مەن  بىلەن   ھەم   بىرەر  شەخىس  بىلەنمۇ  مۇناسىۋتى  يوق.  شۇوا  ئىنكاس  يازغاندا  ئاپتۇرغا  باغلىۋالماسلىقىڭلارنى  ئۈمۈت  قىلمەن.  تېما بىلەن  مۇناسىۋتى  يوق. قالايمىقان  ئىنكاسلارنى  يازمىساڭلار.  

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106609
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2014-5-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 03:56:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ياخشى چىققان ئەسەر ماگىنىتقا ئوخشايدۇ.ئۇ كىشىنى ئۈزىگە شۇنداق مەھلىيا قىلدىكى ئوكۇرمەن ئۈزىنى يوقىتىدۇ ۋە ئۈزىنى ئەسەردىكى پىرسۇناشدىن ئىزدەيدۇ.غەيرەت قىلىڭ سىزگە ئامەت يار بولسۇن.ھەقىقى ياخشى ئەسەردىن بىرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكتاشمەن.
ھەي مۆمىن سىنى نىمە تەغدىرلەر كۈتىۋاتقاندۇ.سىنى رامكا ئىچىدىن ئەمەس سەيلىگاھتا كۈرگۈم بار.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
heslirim + 55 ئەسەرگە ھەقىقەتەن ئەس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6709
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 05:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخش چىقىپتۇ، ئاخىرىنى ئىز قوغلاپ ئۇقۇيدىغان بولدۇمدە ئەمدى

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12506
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32528
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4541 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 05:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تېخى يوللىماپسىزغۇ...؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7806
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1706 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 07:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر ھىكايە ئوقۇيدىغاندەك قىلىمەن، ئەمما تەقەززا قىلمىساڭلىكەن باللا .

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 07:08:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن  خۇدا  خالىسا  يېڭى  باپنى  يوللايمەن

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78842
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3242
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 07:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahima2 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 10:11 AM
بۇ ئەسەرنى مىسرانىمغېمۇ يوللاپسىزدە،ياخشى قىپسىز،ياخ ...

مىسرانىمغا يوللىسا بولمامتى

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-15 02:35 AM):
‏كىتاپنىڭ ئىشلىرىدىن،ھېچ خەۋەر يوققۇ،چىققان ھامان بىر خەۋەر قىلسىڭىز،ئۇ ئەسەرنى يەنە قايتىدىن ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش