ئارمانىمدا سەن بار
مول ھاياتنىڭ ئەركىن غايىسى قەلبىمدە كۈنسايىن يىڭى ئارمانلارنى تۇخدۇرۇپ كۈندىن-كۈنگە كۆكلەپ باراقسان بۇلىۋاتىدۇ.دىلىمدىكى بۇ تاتلىق تۇيغۇنىڭ ھەر بىر قەدەم يۇلىمدا داۋام ئىتىپ،گۈزەل ھىس-تۇيغۇلار قاينىمدا غولاچ كېرىپ مېڭىپ،بۇ ھىس-تۇيغۇ مېنى تۇرمۇشتىكى چاكىنىلىقتىن ،نامەرىتلىك تارتىپ ،ۋۇجۇدۇمنى پاكلىق گۈلشىنى بىلەن بىزىسۇن.بۇ قەلبىمنىڭ ياڭراق ساداسى بىلەن ئۆز مۇھەببىتىمگە سادىق بىر ئىنسان بۇلۇپ ،پاك سۆيگۈ ساداقىتىم بىلەن ئۆزۈمنى ئاقىلانە ئالىجاناپ چاغلاي.تۇرمۇش ئادىتىمگە سىڭگەن پەردازسىز ياشاشقا كۈنۈپ قالغان ساددىلىقىم قەلبىمگە ھەقىقى خۇشاللىقنىڭ شاھىدى بولسۇن.
ئۆز-ئۆزەمدىن قانائەتلىنىپ ماختىنىش بەدىلىگە ھۆرمەت قۇچاقلىماي.ھەقىقى قەلىبنىڭ ياڭراق ساداسىنى تىل ئاڭلىساممۇ ئاڭلاي.بۇ دۇنياغا ھىس-تۇيغۇسى بار مول تۇيغۇ ئارمانلىرى بولغان جىسمىم بىلەن يارالدىم.ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى مەڭ ئۈچۈن يىڭى بىر كىتاپ.بۇ كىتاپقا گاھى سېغىنىشلىق ئازاپ داستانلىرى يېزىلغان بولسا ،گاھى خۇشاللىقنىڭ ياڭراق كۈيلىرى يېزىلىپ،تەپەككۇرۇمنىڭ ئەڭ ئىسىل دۇردانىلىرىگە ئايلىنىدۇ.قەلبىمنىڭ ياڭراق ساداسى بىلەن ئۈزۈم ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملىك بولغان كىشىمنىڭ تاتلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاش بولسۇن ياكى ئاچچىقتا تىللاپ ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاش مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ-ئەڭ ئۇنتۇلماس بەخىت.
مول ھاياتنىڭ ئەركىن غايىسى،
ھەر نەپەستە ئۇرغۇيدۇ دىلدا.
مېھرى كۈيدە تىزىمەن مىسرا،
سۈيۈنگەچكە قەلبىمدىن ساڭا.
ھەر بىر تۇيغۇم ئارمانلار تۇغۇپ،
ئەقىيدىستە سۇنىدۇ مېھىر.
گاھى كۈلسە گاھىدا يىغلاپ،
قەلبىم بۇلىدۇ بەزى پېقىر.
سەبرىلەردە يىڭىپ ھەممىنى،
ئارمانلاردا باقىمەن ساڭا.
بەرگەن نىممەت ئۇنتۇلماس كىتاب،
دىلغا ئۆڭمەس يېزىلىدۇ ئاڭا.
مەن شۇنچە ئارمىنى بار غايىلىق بولغىنىم بىلەن شۇ ساددىلىقىم تۈپەيلى...پىلان ،تەتبىرگە ئانچە باي ئەمەس.شېرىن چۈشۈم كۆپ بولغىنى بىلەن رىيال تاپىدىغىنى تايىنلىق.مانا مۇشۇ مىجەزىم تۈپەيلى بەزى ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈپ قۇيىمەن.شۇنداق چاغلاردا ،پىلان- تەتبىر كۆرسىتىپ يوللىرىمنىڭ تايانچىسى بولغىن.مېھرى بۇلقىمدىن تاشقىنلاپ تۇرغان ھەقىقى مۇھەببىتىم ،يۈركىمنىڭ ھەر بىر سۇقىشى توختاۋسىز ساڭىلا...مەيلى كۈلدۈرگىن مەيلى يىغلاتقىن ئەقىدە گۈلۈم ساداقەت -ۋاپايىم ئۆزگەرمەيدۇ.ئاچچىقى بولمىغان مۇھەببەتنىڭ تاتلىقى بولسۇنمۇ!بۇ مېھرى بولقىمنى سىنايدىغان سىناق خالاس.
مەن بۇ سىناقلاردىن سەبرەمدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتەلەيمەن.يادىڭدىمۇ ئەركەم مىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم...يۈركىمنى تەلەپ قىلساڭمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەپ بىرەلەيمەن دىگىنىم....بۇ مۇنداقلا ئېيتىپ قويغان سۆزۈم ئەمەس،مىنىڭ ھەقىقىتىم قەلبىمنىڭ ھەقىقى ساداسى.ئارمانىمدا سەنلا بار ،.ھاياتىمدىكى ھەر بىر كۈلكەم شادلىقىم سەندۇرسەن جانان.
كۈلكە شادلىق سەندۇرسەن ئەركەم،
ھەر سۆزۈڭنى يامغۇردەك سەپكەن.
گاھى سالقىن گاھىدا ئىسسىق،
مېھرى بۇلقىڭنى ئېچىپ ئەتكەن.
يامغۇر بولساڭ سالقىنكەن دەيمەن،
قۇياش تەپتى مېھرىنى ئويلاپ.
ھەر سىناقتىن ئۆتىمەن مەزمۇت،
مېھرىم بىلەن رىشتىمنى باغلاپ.
ھاياتىمدا ئارمانىم سەنلا،
ئۆزگىلەرگە ئەسلا رايىم يوق.
سەنلا بولساڭ مەڭگۈ يېنىمدا،
ئاچ يۈرسەممۇ قۇسقىم توق.
مېھرى بۇلقىم ئۇخچىيدۇ ساڭا،
ھەر نەپەستىن تىزىپ مىسرانى.
ئاچچىقلانماي كۈلگىن ئەزىزىم،
جىمجىت ئاڭلاپ يۈرەك تىۋىشىمنى.
مەنبە قەلىمىم