...گە
زارلىسا قەلبىم مىڭ، كۆيدۈم دەپ ساڭا ،
تىڭشاشقا تۈگۈل بىر ، قويمايسەن قاراپ.
مۇھەببەت شېئىرنى پۈتسىمۇ قەلمىم،
كۈلىسەن خىرامان، قىينايدۇ ئازاپ.
سۆيگۈدىن تۇغۇلغان ئىنسانمەن نىگار،
تاشلىما دوزاققا كۆزۈڭنى يۇمۇپ.
‹بىزەڭ›دەپ ئالايما ،تىكىلسەم ساڭا،
يىغلاتما يۈرەكنى ساختا دەپ تونۇپ.
ئاشىقلىق چۆلىدە بولساممۇ گاداي،
سىنىڭدىن ئۆزگىگە باقمايمەن بىراق.
پىراقىڭ يۈرەكنى قىلماقتا لەختە،
ئاڭا سەن داۋاسى،ئەمچىدۇر يىراق.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 12:39 AM