يۈتكەن ئۇيغۇر قىزى سۈرىيەگە
رۇستەم قاراسۇ
سۈرىيە دەپ توۋلىماقتا ھەر تەرەپ،
پۈتكۈل ئاۋام تەۋرەپ كەتتى نالىدىن،
پەرزەنىت مۇھتاج ئاتا-ئانا مېھرىگە،
نائەھلىلەر تارت قولۇڭنى بالىدىن.
يۈرىكىمنى ئەزدى ئانا كۆز يېشى،
جان ئاتىسى يىغلار ئۈنسىز ئىچىدە.
كىزىپ چىقتى بارچە شەھەر يېزىنى،
كىرپىك قاقماي ھەتتا جىمجىت كىچىدە.
بارمىغان جاي قالمىدى ھىچ سىزنى دەپ،
غۇلجا،قارماي قەشقەر ھەتتا كىرىيە.
تىلىكىمنى قىستۇرىمەن نەزمەمگە،
قەيەردە سىز ئۇيغۇر قىزى سۈرىيە.
رۇستەم قاراسۇ..2014.يىل.7.ئاينىڭ11.كۈنى بېيجىڭ
قولۇمدىن كەلگىنى مۇشۇ بولدى خىجىل مەن ..ئاتا ئانسىغا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 10:15 PM