مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2672|ئىنكاس: 32

ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللاشتا نىمىلەرگە قارايسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107294
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 08:59:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                شادلان توي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار، ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىزلەر ، مەن مۇشۇ تېمىلىرىمنى يوللاش ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ   ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاشتا  قايسى ئىشلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئورتاقلاشماقچىمەن، تېخىمۇ مۇكەممەلراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىمغا ياخشى ئاساس سالماقچىمەن، مۇمكىن بولسا بارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ  ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان شەخسىي كۆز قارىشىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.
         
       مەن جەميەتتىكى تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان ياكى تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇنلىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ  بەزى-بىر كۆز قاراشلىرىنى ، ئەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى داۋاملىق دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن، بەزى قىزلارنىڭ ماڭا ‹‹ھەرگىزمۇ توي قىلىشقا ئالدىرىماڭ، توي قىلسىڭىز ئۇنداق جاپا، بۇنداق ئەلەم بولىدىكەن ، ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ ھازىرقى كۈنىڭىز ناھايىتى ياخشى ، مەن سىزگە ھەۋەس قىلىمەن ، چۈنكى سىز ھەممە ئىشلاردا ناھايىتى ئەركىن ئىكەنسىز، باشقۇرىدىغان ئادىمىڭىز يوق،ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلالايدىكەنسىز›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى ئوغۇللارنىڭ ‹‹مەن ئايالىم بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن،بارلىق ئىشلىرىمنى قوللاپ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يىتىشىمگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ مەدەت بىرىدىغانلىقىنى ئىېيتىپ مەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئىدى،ئەمما توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ماڭا تويدىن بورۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلىيەتتە قىلىپ باقمىدى،ئەكىسچە ئاتا-ئانام،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ، دوست -بۇرادەرلىرىم ئارىسدا مېنى بەكمۇ ئۈمۈتسىزلەندۈردى،ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتىمنىمۇ قويمىدى،ھازىرقى جەميەتتە قىز بالىغا ئىشىنىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن،چۈنكى تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس بولىدىكەن،توي قىلىپ بولغىچە بەرمىگەن ۋەدىسى قالمايدىكەن، توينى قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىنلا ئەركىشىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن››دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم قىز-ئوغۇللارنىڭ ‹‹ مەن ھەمراھىم بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىزادىم ياخشى،ئىش - ئوقەتلىرىمدىن كىرىدىغان كىرىملىرىم كۆپ بولغاچقا قارشى تەرەپ ماڭا توي قىلىشقا ئالدىرىغان ئىدى ، توي قىلىپ نەچچە يىللاردىن كىيىن ئىشلار ياخشى يۈرۈشمىگەنلىكتىن قولىمىزدىكى ئىقتىساتتىن ئايرىلىپ قالدۇق ، دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپ دەرھاللا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجراشمايلى دىگەنگىمۇ قاراپ قويماستىن مەندىن ئايرىلدى›› دەۋاتسا يەنە بىر قىز ‹‹ مەن ئىچكىرىگە 2 يىللىق خەنزۇتىلىدىن بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ھۆكىمەت بىزنى مۇقىم خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ قىشلىق تەتىلدە  ئۆيگە كەلسەم مەلىمىزدىكى مەلۇم كىشلەر ئۆزىنىڭ تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ تاكسىي ئېلىپ بەرگەندىن كىيىن شوپۇرلۇق قىلىپ تاپاۋەت قىلىدىغان ئوغلىغا مېنى ئېلىپ بىرىمىز دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپ،چىڭ تۇرۇۋىلىپ ئاتا-ئانام قىزىمنىڭ ئوقۇشى پۈتمىدى ، توي قىلسىمۇ تەتىلدىن باشقا ۋاقىتتا سىلىنىڭ بالا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ بولالمايدۇ،بۇنداق بولغاندا تازا ياخشى بولماسمىكىن دىسىمۇ، مەيلى بىز قوللايمىز، چۈنكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرسىلا مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسا دەپ ئۆيۈمدىكىلەرنى قايىل قىلىپ  توينى قىلغان ئىدۇق، مانا  بۈگۈنكى كۈندە مەن ئوقۇشۇمنىمۇ پۈتتۈرۈپ يۇرتقىمۇ كەپ بولدۇم،ھۆكۈمەت بىزنى ياكى دۆلەتلىك ئىمتاھانغا قاتناشقىلى قويماي ياكى خىزمەتكە تەقسىم قىلىپ مائاشىمىزنى بىكىتىپ بەرمەي تاشلاپ قويغىلى 1 يىلدىن ئاشتى،مۇشۇ سەۋەپلىك يولدۇشۇم ماڭا ئوچۇق-ئاشكارىلا سەن تاپنى بىكارغىلا باقىمەنما ، ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام ماڭا سىنى خىزمەتكە چىقسا سېنى باقىدىكەن بالام،مۇقىم مائاشى بار قىزنى ئالماي كىمنى ئالاتتىڭ،ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋالمىساڭ، ئوقۇشى پۈتكەندە توي قىلىمەن دەپ ئولتۇرغىنىڭ بىلەن ئۇ چاغدا ئۇ قىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇقىم خىزمىتى بارلاردىن بىرىگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ،ساڭا ياتلىق بولۇشقا ئەسلا قوشۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋىتەيلى دىمىگەن بولسا مۇمكىن ئەمەس سەن بىلەن توي قىلمىغان بولاتتىم، ئەمدىلىكتە سەندىكى قېنى ئۇ خىزمەت، تەييار تاپ بولۇپ بىكارچىغا ئايلاندىڭ يوقال، چىق ئۆيۈمدىن سەن بىلەن ئاجىرىشىمەن دەپ مېنى ئۆيدىن قوغلىدى ، ئالىمادىس توساتتىن ھۆكىمەت بىزنى خىزمەتكە تەقسىم قىلىپ قالسا يالۋۇرۇپ يېنىشىمەن دەپ كىلىدىغىنى ئېنىق،ئەگەر شۇنداق بولۇپلا قالسا مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز يېنىشمايمەن›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدۇ   .
            مەن يۇقارقىدەك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھەممەيلەننىڭ نىشانى پەقەت پۇل، مال-دۇنياغىلا مەركەزلىشىپ قالغاندەك،خۇددى ماڭا توي تەكلىپى قويۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىمۇ يەنىلا ئوخشاش مال-دۇنيانى كۆزلەپلا كىلىۋاتقانداك ھېس قىلىندىغان بولۇپ قالدىممۇ قانداق، شۇ سەۋەپتىن بىرقانچەيلەنگە سىناق تەرىقىسىدە ‹‹مەن سىز بىلەن توي قىلسام ئىسسىق جېنىمنى كۆتۈرۈپلا كىتىمەن، قولۇمدىكى دۇنيالارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانام مەبلەغ سالغان،شۇڭلاشقا ئۆيدىكىلەر بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارغا ساتامدۇ،ساتماي ئۆزى ئىشلىتەمدۇ قانداق قىلسا مەيلى، مەندە بار بىلىملىرىم بىلەن سىز مەبلەغ سېلىپ بەرسىڭىز سىز قوللىسىڭىز كەسپىمنى قىلىمەن،سىز قولۇمدىكى كەسپىمنى قىلىشقا يول قويمىسىڭىز، سىزنىمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇسىڭىز شۇنى قىلاي،سىز نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز مەنمۇ تەڭ ياردەملىشەي،ئوتقا كىرسىڭىز ئوتقا، سۇغا كىرسىڭىز سۇغا كىرىشكە مانا مەن  تەييار،چۈنكى مەن جاپادىن قورقمايمەن،ئىش قىلغانغا جاپا تارتقانغا ئادەم ئۆلمەيدۇ›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدىم ئۇلار نىمە دەيدۇ دىمەمسىز ‹‹ ئۇنداق قىلساق قانداق بولار بۇ ئىشلار، قۇلىڭىزدىكى بارلىق مەبلەغنى شۇ پېتىلا ئېلىپ كىرىپلا ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىۋارسىڭىز ياخشى بولاتتى، ئاز پۇل بىلەن توللۇقلاپ بولغىلى بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنى،مەندە ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسا    يە ›› دەۋاتىدۇ، مەن بولىدۇ چاتاق يوق مەن ئاتا- ئانامنى قايىل قىلاي ، بارلىق ئۈسكىنىلەرنى شۇ پىتىلا ئېلىپ كىتىشكە قۇشۇلدىراي ، ئەمما چۇقۇم ئايال تەرەپنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسى مەبلەغ سېلىپ قىلىپ بەرگەن مانچە پۇللۇق ئۈسكىنىلىرى بار، مانچە پۇللۇق مەبلىقى بار دەپ ئەدىليە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ كىتەيلى ، بۇنداق قىلساق سىزمۇ ماڭا مەبلەق سېلىپ بېرىش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمەيمەن، تويدىن كىيىن تاپقان پۇلىمىزنى ئاتا-ئانام بىزگە بىرىڭ قىزىم، بىز سەپ بەرگەن مەبلەغ بولغاندىن كىيىن دەپ يۈرمەيدۇ، دىسەم يىگىت ‹‹ سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز دىسە ئاتا ئانىسى تويدىن كىيىن جان بېقىشالامسىلەر،جان باقماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس ...  قاتارلىق بىر تالاي گە سۆزلەر ›› ئۇزۇن كەپنىڭ قىسقىسى مەن ھەممە نەرسىلىرىمنى گەپ سۆز قىلمايلا يىگىتنىڭ ئۆيىگە گۇۋاھلىقتىنمۇ ئۆتكۈزىمەن دىمەي ئېلىپ كەتسەملا گەپ سۆز يوق توينىڭ بولىشى ئېنىق ئىدى، ئەمما مەن مىنىڭ ئەخلاق ساپايىمنىڭ، مىجەز خاراكتىرىمنىڭ، دىننىي ئېتىقادىمنىڭ بار يوقلۇقىنى قىلچە سۈرۈشتۈرمەستىنلا پۇل تاپالايدىكەن دىگەن تەرىپىمنىلا كۆرۈپ توي قىلىش قارارىغا كەلگەن يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى توغرا تاپمىدىم.
            ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەك بۇ جاھاندا ئوغۇللارمۇ قىزلارنىڭ ، قىزلارمۇ ئوغۇللارنىڭ  خىزمىتىنى، پۇل تاپالايدىغان-تاپالمايدىغانلىقىنى،ئاساسىي ئورۇنغا قۇيۇپ تۇرۇپ تاللاش ئوبىكتىنى ئىزدەپ يۈرسە، ئەخلاق -ساپاسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى،ئىلىم-بىلىم توغرىسىدىكى ئەمەلىي چۈشەنچىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە قارىمىسا، مال -دۇنيا، ئابروي -ئىناۋەت كۆزلەپ قۇرۇلغان تۇرمۇش ئاخىرقى ھېساپتا بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ئاساسىي بولۇشى مۇمكىنمىدۇ، ئويلانغان سىرى بېشىم بەكمۇ قېتىۋاتىدۇ،
           مەن ئويلايمەن،  مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس بەلكى ئىلىم ۋە بىلىمىنىڭ كۆپىكىگە، خىزمىتىنىڭ بار يوقلىقىغا ئەمەس بەلكى ئەخلاق ساپاسىنىڭ بار يوقلىقىغا،قىلىۋاتقان كەسپىنىڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا ئەمەس بەلكى خەلىقنىڭ قەلبىدە ياخشى باھاغا ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغان تەرەپلىرىگە قاراپ قۇرۇلغان تۇرمۇش  بەخىتلىك خاتىرجەم تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ دەپ قارايمەن، بۇ مېنىڭ تۇرمۇش، ئۆمۈرلۈك ھەراھ تاللاشتىكى شەخشى كۆز-قارىشىم ، باشقا تورداشلارنىڭ يەنە قانداق كۆز قاراشلىرى بار، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئورتاق يەكۈن چىقىرىشنى توغرا تاپتىم، قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلارنى  قالدۇرۇپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xadlan05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 09:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4671
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىشتىن بۇۇن بىر -بىردىن كۈتىدىغان ئۆمۆت قانچەچوڭ بولسا  توي قىلغاندىن كىيىن پۇشايمانمۇ شۇنچە چوڭ بولدۇ  

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىسى ياخشى كىشىلەر بولسا،چىراي تۇرقى يامان ئەمەس بولسا ،مۇۋاپىق خىزمىتى بولسا(ھۈكۈمەتتىلا ئىشلىسە دىگىنىم ئەمەس)،يالغانچى بولمىسا  توي قىلىشقا بۇلدۇ.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78842
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3242
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ئاۋۋىلەن ئاشۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئەخلاقى،قىزنىڭ ئەخلاقلىرى دىگەندەك مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپراق قىلسا بولىدىغۇ دەيمەن،
ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولۇقتۇرىدىكەن  بىلگۈچى ئاللاھ....


مۇشۇ ئىنكاس يازسام زادى نېمىشقا مۇشۇنداق تەستىقلانماي يوللانسا بولماسمۇ دەيمەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەر بىر ئادەم قانداق ھەمراھقا ئېرىشىشنى ئويلىسا ئۆزىنى شۇنداق قىلىپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ھەر قانداق ئادەمگە ئۆز خىلىدىكىسى ئۇچرايدىغىنىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:14:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانىغا قاراش كېرەك .
بولمىسا ئىككىلى دۇنيادا خار ۋە قەدىرسىز بولۇپ قالدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سائەت + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:28:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 11:33 PM
ئۆمۇرلۇك ھەمراھنىڭ پەقەت پۇلى خىزمىتى بولسىلا بولدى. ئ ...

پۇل ھەممىگە قادىر دەپ ئويلايدىكەنسىزدە؟؟

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10062
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:31:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمدە ئەقىل-پاراسەت ، ئادىمىيلىك  بولسىىلا ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن تەييار بولىدۇ.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:39:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش