يەتتە تال بىرلىيانت
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
(لېف تولۇستوينىڭ شۇ نامىلىق چۆچىكىگە ئاساسەن)
ياخشىلار كۈل ئالسا بولۇرمىش كۈمۈش ›
ئايلىنىپ قالارمىش ئەخلىتى زەرگە .
ھەتتاكى قارا تاش ئۇچۇرسا يولىدا ،
ئۆزگىرىپ قالارمىش نۇرلۇق گۆھەرگە.
* * * * *
بۇنىڭدىن مىليۇن يىل ئىلگىركى زامان ،
زېمىندا يۈز بىرىپ دەھشەتلىك ئاپەت.
دەريالار قۇرۇپتۇ، باغلار سۇلۇپتۇ ،
ئاۋامنى بېىسىپتۇ ئېغىر پالاكەت .
بىر كۈنى تۈن يىرىم ،يۇلتۇزلۇق كېچە ،
سەكراتتا تولغۇنۇپ ئېڭرار ياش ئانا .
‹‹سۇ!››دەيدۇ لەۋلىرى يېرىلغان چاك-چاك،
يۇرەكنى تىلغايدۇ ھەسىرەتلىك يىغا .
ئانىنىڭ ئون ياشلىق ناتىۋان قىزى ،
سۇ ئىزلەپ ئۆزىنى ئاتتى تالاغا .
قولىدا چىرايلىق كىچىك سوغىسى ،
ۋۇجۇدى لىق تولغان مېھرى ۋاپاغا .
سۇ ئىزلەپ قىزچاقنىڭ تالدى پۇتلىرى،
ئۇسسۇزلۇق ،ئاچلىقتىن كەتتى دەرمانى .
يىقىلغان چاغدا ئۇ چۆپلىككە كىلىپ ،
ئۈستىگە تون ياپتى ياپراق خازانى .
ئېھ -،ساپ –سېرىق ئالتۇن چاچلىرى ،
دولقۇنلاپ تۇراتتى بويۇنلىرىدا .
دېڭىزنىڭ سۈيىدەك زەڭگەر قارچۇقى ،
ئاقاتتى مېھرنىڭ دولقۇنلىرىدا ...
يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلگىنچە،
ئۇيقىغا ئىلىندى شەھلا كۆزلىرى .
قىز شۇئان چۈش كۆردى ،چۈشىدە ئۇنىڭ ،
ئېچىلدى تۈمەنلەپ بۇلاق كۆزلىرى .
دەريالار تولغۇنۇپ چۈشتى ئۇسۇلغا ،
دەرەخلەر ياشىرىپ كۈلۈپ كېتشتى .
ئېتىزلار ،دالىلار ،گۈللەر ،گىياھلار،
شاتلىقتىن تولغۇنۇپ چاۋاك چېلىشتى.
قىزچاقنىڭ ئانىسى قوپتى سەكراتتىن ،
ۋۇجۇدى قانغاچقا شىرىن لەززەتكە .
ئېقىنلار،كۆلچەكلەر ،ئېرىق-ئۆستەڭلەر ،
لىق تولدى كۈمۈش رەڭ تاتلىق شەربەتكە .
قىزچاقمۇ ئويغاندى شىرىن چۈشىدىن ،
(تۈگىگەن تامامەت ئۇنىڭ ئۇيقۇسى .)
سۈپ –سۈزۈك سۇ بىلەن لىققىدە تولغان ،
تۇراتتى يىنىدا كېچىك سوغىسى .
بۇ ئىشتىن قەۋەتلا سۆيۈنگەن قىزچاق ،
شادلىققا ئويناقلاپ سەكرەپمۇ كەتتى .
ئىچكۈسى كەلسىمۇ سۇنى ،ۋە لىكىن ،
‹‹ئانا...››دەپ ئويلىدى (نەپىسىدىن كەچتى.)
يۈگۈردى ئۆيگە سوغىنى ئىلىپ ،
‹‹ئانامنى قاندۇراي شەربەت سۇغا››دەپ.
قىز ئاڭا سۇ بېرىپ ئۇزاتتى يولغا .
بۇچاغدا توساتتىن سوغا ئىچىدىن ،
يەتتە تال بىرلىيانت چىقتى نۇر چېچىپ .
ئارقىدىن زۇمرەتتەك سۈپ-سۈزۈك سۇلار،
زېمىنغا تۆكۈلدى سوغىدىن تېشىپ .
يەتتە تال بىرلىيانت كۆك تامان ئۆرلەپ،
ئايلاندى يەتتە تال نۇرلۇق يۇلتۇزغا .
مېھرنىڭ قۇدرىتى بولغاچ چەكسىز ،
چۈمۈلدى كائىنات گۈزەل بىر نۇر .
ئاپتۇر ؛پوسكام ناھىيە 3-ئوتتۇردىن -13899148581
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 07:21 PM