مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8009|ئىنكاس: 60

يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىگە كىم يېتەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىگە كىم يېتەلەيدۇ؟

(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

  ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىگە مېنىڭچە يەنىلا ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرلىرى دەرمان بولالايدۇ!

يېزا رەھبەرلىرى پۈتۈن يېزىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەكىلى، خەلقنىڭ چاكىرى، رەھبەرلەر ھەر ۋاقىت، ھەر زامان خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، خەلقنى ئاسىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىشى كېرەك. كادىرلارمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ بىر تەركىپى قىسىمى، كادىرلار پارتىيە،ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. ئەگەر ئاساسى قاتلام كادىرلىرىدىن ئىبارەت كۆۋرۈك بولمىسا، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋەت باغلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا يېزا رەھبىرى كادىرلىرى ئالدى بىلەن ئادەتتىكى كادىرلارنى ئاسىرىشى، ئۇلارغا ئىشىنىشى، ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئالدى بىلەن بىر ئادەم، ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭ جەمىيەتتە پارتىيە-ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپە-خىزمەتلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى بولىدۇ، ئۇلار ئالدى بىلەن پەرزەنت تەربىيلەيدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇرۇق-تۇققان-قوشنا قولۇملار بىلەن تۈرلۈك بېرىش-كېلىشلىرى بولىدۇ، ماشىنىغا گاز قاچىلايدۇ، رېمۇنىت قىلدۇرىدۇ، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، دوستلار يىغىلىشىغا بارىدۇ، تېخى بەزى ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، يەنە تېخى دوختۇرلارنىڭ ئىسپات يېزىپ بېرىشى ھاجەتسىز بولغان ئوششاق-چۈشەك كىسەل- ئاغرىقلىرى بولىدۇ، ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن رەھبەر بولغان ئادەم مەسىللەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ، مەسىللەرنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، ئاندىن بىر ئىشقا قارار چىقىرىشى كېرەك. يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي زىمىنى ئەمەس، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنى ۋەكىل بولۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان، بىرىنچى قول رەھبەر، مۇئاۋىن رەھبەر، كەنت، ئورۇن-پونكىت مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش يۇرۇشتۈرىدىغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتىكى بىر ئاپپاراتى، كادىرلارنىڭ خىزمەت، يوقلىما، كىسەل- ئاغرىق، تۆۋەنگە چۈشۈش، دۈجۈرنىلىكتە تۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرياكى بىر قانچە رەھبەر كونتىرۇل قىلىۋالسا، يەنە پونكىت باشلىقى، كەنىت سېكىرتارى، باشقا ئايرىپ باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن رەھبەرلەرنىڭ نېمە رولى؟ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نېمە رولى؟ شۇڭلاشقا رەھبىرى كادىرلىرىمىزنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولۇشى، ھەربىر رەھبەر ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدە بەلگىلىك ھوقۇق-ئىناۋىتى ۋە نوپۇزى بولۇشى كېرەك. رەھبەرلىك ئوبرازى يېتەرلىك بولمىسا ئۇ رەھبەرنىڭ كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشلار يۈرۈشمەيدۇ.

ئادەتتە، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئىدارىدە، ئۆز ئىشخانىسىدا كەسپى خىزمەت قىلغاندىن بۆلەك يەنە كەنت-كوپراتىپلارغا چۈشۈپ، دېھقانلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا بەزى رەھبىرى كادىرلار نېمە ئۈچۈن ئىلمىي بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن كادىرلارغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى جىنايەتچىلەرنى كۆزەتكەندەك پايلاپلا يۈرۈيدۇ؟! ھەربىر يېزا كادىرىنىڭ ئەتىگىنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگان قورۇسىدا يوقلىما ۋە ئۈگنىشكە قاتنىشىش بىلەن باشلىنىدۇ ، ئاندىن ھەر قايسى ئاھالىلەر كومىتتىغا ئاندىن ھەر قايسى كوپراتىپلارغا( ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە)، ئاخىرىدا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشكە توغرا كېلىدۇ. كوپراتىپغا ئەمدىلا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرە-كىرمەيلا كادىرلارنى يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى گوروپپىلارغا بۆلۈنۈپ كادىرلارنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەنت قورۇسىغا ياندۇرۇپ كېلىشلىرىمۇ بار تېخى، چۈشتىن كىيىن ئورگان قورۇسىدا يەنە ئۈگىنىش، بەزىدە تېخى ئۈگىنىشتىن كېيىن ئاخىرى تۈگمەس يىغىن، ئەيىپلەش، نارازى بولۇش، ئىشەنمەسلىك.ئىشخانىنىڭ كەسپى خىزمەتلىرى يۈرۈشمەي قالسا، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمىسە تېخى پاراكەندىچىلىك.  بۇ خىل پۇزۇتسىيە، بۇ خىل ئادەم باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قانداقمۇ كادىرلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلەش ئىرادىسىنى تاۋلىغىلى  بولسۇن؟!

توغرا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلارغا 3000 يۇەندىن ئارتۇق مائاش بېرىدۇ، مائاش بەرگەندىكەن كادىرلار شۇنىڭغا لايىق، ھەتتا شۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپ بېرىشى كېرەك.ئەمما ئاي ئاخىرىدا ئاشۇ پۇلدىن بەزى كادىرلارغا  ئېشىپ قالىدىغىنى زادى قانچىلىك؟؟ ئاددىسى، كوپراتىپ ھۆددىگە ئالغان بىر كادىر خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا قانچىلىك ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ؟ ئادەتتە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر تارقاق، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگان قورۇسىدىن  بىر كەنتكە ، كەنتتىن دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە بارغۇچە ئاز بولغاندا بەش كىلومىتىر، كۆپ بولغاندا ھەتتا 50-100 كىلومىتىر يول مېڭىشقا توغرا كىلىدۇ.ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدىن ئۆزى مەسئۇل كەنت-كوپراتىپقا بېرىپ ئىشلەيدىغان مەسئۇل كادىر مۇشۇ جەريانلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدۇ؟ ئادەتتە ھەركۈنى سەھەردە بىر كادىر  ئاۋۋال ئۆيدىن يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا كىلىپ يوقلىمىغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن ئۆزى مەسئۇل كەنتكە، ئاندىن ھۆددىگە ئالغان كوپراتىپقا بارىدۇ. ئاندىن ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، بىرقانچە ئائىلىگە كىرە-كىرمەيلا چۈشتىن كىيىنكى ئۈگىنىش ياكى يوقلىما ۋاقتى توشۇپ كېتىپ، ئاۋۋال كەنتىكە ، ئاندىن يەنە ئورگانغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەڭ  ئاخىرىداھېرىپ-ئېچىپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغاندا ئارانلا قالغاندا ئۆيىگە يېتىپ كېلىدۇ، ھېسابلاپ بېقىڭلار، بىر ئاساسى قاتلام كادىرىنىڭ ئۈچ-تۆت سائەت ۋاقىتى ماشىنىدا، موتۇسىكىلت-ھارۋىلاردا ئولتۇرۇپ يول مېڭىش بىلەن ئۆتىدۇ، تاماقلىرى ئىگىز-پەس بولىدۇ.بۇ جەرياندا تاماق، كىرا، ماي پۇلى بولۇپ دېگەندەك كۈنىگە يۈز يۈەنگە يېقىن پۇل سەرپ قىلىنىدۇ، بىر ئايدا 2000 يۇەندىن ئارتۇق پۇلى يول چىقىمىغا كەتسە، قالغان پۇلنىڭ بىر قىسىمى  ئالىقانداق جەرىمانىلەر ۋە باشقا تۈرلۈك  گىزىت-ژورنال پۇلى، ئەمگەك پۇلى، ئىئانە پۇلى... دېگەندەك ھەقلەر ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كەتسە، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى قايسى پۇل بىلەن ئۆي باقىدۇ، قانداقمۇ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ، قانداقمۇ پارتىينىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتمۇ قانداق قىلىپ ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش مەقىسىتىگە يېتەلەيدۇ؟!

ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى ئەسلىدە ئىلمىي، سەۋرچان، خۇشخۇي بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق بەزى رەھبەرلەر  يېزىدىكى كادىرلارغا خۇددى بىر ئوغرىغا، كوچىدىكى لۈكچەككە ئوخشاش پۇزۇتسىيەدە بولىدۇ، باشقىلارنى مەنسىتمىگەندەك، كەمسىتكەندەك قولىنى شىلتىپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قوپال تەلەپپۇز بىلەن، تەھدىت سالغاندەك گەپ قىلىدۇ، بىر ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرى ئادەتتىكى كادىرلارغا مۇشۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلسا، خەلق ئاممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، پۇقرالارغا كۆيۈنىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنى باي، پاراۋان بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇنچە زور كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى قانداق ھېس قىلالايدۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى  كەڭ خەلق ئاممىسىغا قانداقمۇ خاتىرجەم تەشۋىق قىلالايدۇ؟ رەھبەر بولغان ئادەم ھە دېسە، جەرىمانە قويۇپ مائاشىڭنى تۇتىۋالىمەن، ھە دېسە يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىۋىتىمەن، قولىڭدىن كەلسە يۆتكىلىپ كەت، دەپ كادىرلارنى پوپۇزا قلىسا، ئاممىۋى لۇشىيەن تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن. ئەسلىدە رەھبەربولغان ئادەم كادىرلارنى  كۆز قارچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرىشى، كادىرلار بىلەن خۇشخۇي، ئىلمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشى، ئۇلارنىڭ پائال ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك ئەمەسمىدى؟!  

  بەزى يېزىلاردىكى دۈجۈرنىلىك تۈزىمى بەك قاتتىق بولۇپلا قالماي ئانچە ئىلمىي ئەمەس.ھەر قېتىملىق دۈجۈرنى تۇرىدىغان ۋاقىتتا بىر كۈندە 15-20 ئادەم دۈجۈرنىلىكتە تۇرۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دەرۋازىسىنى باقىدۇ. دۈجۈرنى كادىرلار دۈجۈرنىخاندىن بىر قەدەممۇ رۇخسەتسىز ئايرىلالمايدۇ، ئەرلەر بولسا دۈجۈرنى ئۆيىدىن 24 سائەت ئايرىلماسلىقى شەرت. ھەتتا خىزمەت سەۋەبى بىلەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا دۈجۈرنىخاندىن ئايرىلىپ كەتسە، ئىش-ئۈنۈم ئىشخانىسىدىكى چوڭاملار چىقىپ، ھەرقانداق باھانە سەۋەبنى، ھەتتا بەزى رەھبىرى كادىرلارنىڭمۇ يوللۇق رۇخسىتىنى ئىلىك ئالماي، 300-500 يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلەشكە يوللاپ قويىدۇ. مەسىلەن، پەيشەمبە كۈنى دۈجۈرنىلىكتە تۇرىدىغان بىر ئەر كادىر شۇ كۈنى كۈندۈزى سەككىز سائەت نورمال ئىشلەيدۇ.(ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم ئاساسى قاتلام كادىرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئارلىقى خېلىلا يىراق بولغاچقا چۈشلۈك ئارام ئېلىش شارائىتى- ئارام ئالىدىغان ياتىقى يوق. مۇشۇنداق كۈن ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەتىگەنلىكى سائەت 7دىن باشلىغاندا كەچ سائەت ئالتىگىچە 11 سائەت ئارام ئالماي ئىشلەيدۇ، يىغىنلارغا، ئۈگىنىشلەرگە قاتنىشدۇ، كەنت-كوپراتىپلارغا چۈشۈپ دېھقانلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.ئىشخانىسىدا كەسپى خىزمەتلىرىنى بىجىرىدۇ ئاندىن كەچ سائەت ئالتىدىن باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8گىچە 14 سائەت دۈجۈرنى ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك، بولمىسا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە دۈجۈرنىخانىدا بولمايلا قالسا جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئاندىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 6گىچە يەنە نورمال ئىشلەيدۇ، ئويلاپ بېقىڭلار كادىر بولغان ئادەمنىڭ جېنى تۆمۈرمۇ؟ مۇشۇنداق بېسىم ۋە ھارغىن كەيپىياتتا ئىشلىگەن ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئۈنۈمى بولارمۇ؟ ئەلۋەتتە پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا ئىشلەپ، يوقلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈنلا ئىدارىدە ئەسكى پالاستەك سۆرىلىپ يۈرۈيدىغان گەپ. دۈجۈرنىلىك دېگەن ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك ئىقتىدارى يار بەرگەن ئاساستا، كادىرلارنى ئاسىرىغان ئاساستا تۈزۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ھەممە ئىشلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلسا،بۇ ھال كادىرلارنىڭ ئوبراز قورۇلۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا  ئىجابى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟

    يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك  كۆپ قىسىم ئاساسى قاتلام  كادىرلىرى ھەم دۈجۈرنىلىكتە تۇرىدۇ، ھەم ئىشخانا خىزمىتىنى قىلىدۇ. ھەم دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ،ھەتتا بەزى شەنبە-يەكشەمبە كۈنلىرىمۇ نورمال ئىشلەيمىز،دەپ خىزمەت قىلىدىغان، دەم ئېلىش كۈنى تولۇقلاپ بېرىلمەيدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ يەردە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش پۇلىدىن ئېغىز ئېچىشقۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىراق بەزى رەھبىرى كادىرلار ئۈنۈملۈك بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۇلارنى يوقلىما قىلىمەن دەپ قوغلاپلا يۈرۈيدۇ، ئىش ئۈنۈمى بىلەن بولسا كارى يوق! ئۆزى ئەۋەتكەن گورۇپپا باشلىقلىرى، كەنتكە مەسئۇل رەھبەرلەرگىمۇ، كەنت سېكىرتارلىرى، ھەتتا دېھقانلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ؟  ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش چارىسىنى تاپالمايدىيۇ، كەڭ كادىرلار بىلەن ئەستايىدىل پىكىرلىشىپ، شۇ يېزىغا ماس كەلگۈدەك ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدۇ، بۇ ئەجبا رەھبەرلەردە ساقلىنىۋاتقان بىيۇكىراتلىق ئەمەسمۇ؟ ئىستىل مەسىلىسى ئەمەسمۇ؟

   ئادەتتە يېزىلاردىكى نۇرغۇن پونكىت- ئورۇنلارنىڭ شەھەردىكى ئۆزىنى بىۋاستە باشقۇرىدىغان ئىدارە-ئورگانلار بىلەن ناھايىتى زىچ خىزمەت مۇناسىۋىتى بولىدۇ. بەزى خىزمەتلەر تۆۋەندە  ئىشلەنسە، بەزى خىزمەتلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسى ئىچىدە پۈتىدۇ، بەزى خىزمەتلەر بولسا شەھەردىكى باش ئىدارە، بانكا، ۋە باشقا فۇنكىسىيلىك ئورۇنلاردا پۈتىدۇ، دېمەك يېزىلاردىكى ھەربىر پونكىت- ئورۇنلاردىكى  خادىملارنىڭ شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ،بىر قانچە كۈنلۈك،  بىر كۈنلۈك ، يېرىم كۈنلۈك، ھەتتا بىرەر سائەتلىك بولسىمۇ ئىش بىجىرىشىگە توغرا كېلىدۇ،بەزى رەھبەرلەر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلماي، پونكت-ئورۇنلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى قىلچىمۇ چۈشەنمىگەن ھالەتتە تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن شەھەرگە بېرىشقا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن بېرىشى كېرەك،پونكت-ئورۇن مەسئۇللىرى، ھەتتا ئايرىپ باشقۇرىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بەرگەن رۇخسىتىمۇ ئىناۋەتسىز دەيدۇ، ئەجىبا بۇ ئىلمىي بولغانلىقمۇ؟ يىللاردىن بىرى مەركەز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ھەققەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلغانلىقمۇ؟!  ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس رۇخسەت سوراش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئاۋۋال ئورۇن-پونكىت مەسئۇللىرىنىڭ، ئاندىن ئايرىپ باشقۇرىدىغان رەھبەرلەرنىڭ، ئاخىرىدا مەسئۇل رەھبەرنىڭ ئىمزاسى ۋە تامغىسىنى باستۇرۇپ رۇخسەت سوراش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قايسىبىرى يوق بولسا ئۇلارنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاڭغىچە شەھەردىكى خىزمەتنىڭ بىجىرىلىشى كەينىگە سۈرۈلۈپ، ئىشلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ سەۋەبلىك خىزمەتلەر يۈرۈشمەي قالسا، كەلگۈلۈك يەنە شۇ كادىر بىچارىگە كېلىدۇ.

     ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ئائىلىسى خىزمەت ئورنىدىن يىراق بولغاچقا چۈشلىرى قىسقىغىنە يېرىم سائەت تاماق يېگەندىن باشقا چاغدا ئارام ئالماي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىزمەت ۋاقتى، دۈجۈرنىلىك ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كادىرلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرسە بولماسمىدى؟؟  ياكى ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماس بولغىيمىتى يە؟!

يېزىلاردىكى خىزمەتلەرنى  ئايرىپ باشقۇرىغان بەزى رەھبىرى كادىرلار، پونكت-ئورۇن  باشلىقلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە تەۋە خىزمەتنى دادىللىق بىلەن ئىشلىمەي، خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىدۇ؟ ھە دېسە بىرىنچى قول باشلىققا يۆلىنىۋىلىپ، ھەممە ئىشتا ئۇلارنىڭ ئاغزىغىلا قاراپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە مۇستەقىل خىزمەت قىلىپ، ئىشلارنى يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ؟  ئەجىبا ئۇلار بىر قورۇق جازىمۇ؟ قانۇن، خىزمەت تەرتىپى يول قويغان دائىرىدە ئۆز ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالسا، بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ قولى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالماسمىدى؟

پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئىشىنىپ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بەرگەن ئىكەن، جايىدا، تولۇق ئىشلىتىشى كېرەك. ئەگەر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىسا، دادىل ئىشلىمىسە،  دائىمي ھەييەتلەر يىغىندا دادىل پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، گىپىنى ئېنىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى، ھوقۇقنى دادىل، جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان رەھبەرلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك!!!

ئادەتتىكى كادىرلارمۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشى، قانۇن-تۇزۇملەرنى ياخشى ئۈگىنىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداشنى ئۈگىنىۋىلىشى، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ، خىزمەت قىلغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزىگە گەپ كەلتۈرمەي ۋەزىپە-پىلانلارنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.

ئەمدى ئاساسى قاتلامدىكى بەزى ئادەتتىكى كادىرلارغا كەلسەك، ئۇلاردا شەكىلۋازلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاڭقىرالماسلىق، ئىش ئورنىدا تۇرماسلىقتىن ئىبارەت ناچار خاھىشلار مەۋجۇد.ئادەتتىكى كادىرلاردىكى بۇ ئىللەتلەر ئاساسەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا ۋەزىپە ئۈچۈنلا قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ قويۇش، يوللىغان سان-سىپىر، دوكىلاتلىرى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا بىر خىل، ئۇلار يوق يەردە بىر خىل ئىشلەش، پۇرسەت چىقسىلا خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىش، خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىش، رەھبەرلىك تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇندىماي، قەستەن چۈشەنمەيدىغان بولۇۋىلىش ياكى ۋاقىتىنى كەينىگە سۈرۈپ، سۆرەلمىلىك قىلىش، مەسىلە بولسا ئىتراپ قىلماي، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا دۆڭگەپ قويۇش... دېگەندەك تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ، ئەمدى بۇنداق ناچار قىلمىشلار قانداق شەكىللەنگەن دېسەك، بۇنىڭدا يەنىلا رەھبىرى كادىرلارنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇشتا ئىلمىي، ئادىل بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، بەزى رەھبىرى كادىرلار كادىرلارنى باشقۇرۇشتا بىر بولسا ياخشى ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىمىگەن كادىرلارنىڭ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يارىماسقا چىقىرىۋەتسە، يەنە بەزى رەھبىرى كادىرلار ئادەمگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئالدىغا مەزھەپ توپلاپ، ئاغىنە، تۇققان، باشلىقىنىڭ تونۇشى دېگەندەك ناملار بىلەن بەزى كادىرلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرىنى قوغداپ قېلىپ، كادىرلار ئارىسىدا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كادىرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزى رەھبىرى كادىرلار باشقىلار راسىت گەپ قىلسىمۇ ئىشەنمەي، ئاخىرى ھەممە ئادەملەرنىڭ رىياكەش، پۇرسەتپەرەسلەردىن بولۇپ قېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ.

بۇ ھەقتە بۈيۈك شائىر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن:

       “ كۆر ئىتقا بولسا باش ئارىسلان

ھەممە ئىتلار بولۇر ئارىسلانسىمان“

ئەلۋەتتە ، ھەممە رەھبەرگە  ئوخشاش ئۆلچەم قويۇش ھەم ئوخشاش نەرسە تەلەپ قىلىش توغرا ئەمەس. ھىچ بولمىغاندا ئون رەھبەر ئىچىدىن بىرى جىگەرلىك چىقسىمۇ شۇنىڭ ئۆزى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ. شۇڭا مېنىڭ قارىشىم رەھبەرلەر پەقەت ئۆسۈشنىلا ئويلىماي، قول ئاستىدىكى كادىرلارنىڭ ھالىغا يەتسە،خىزمەتلەردىن مەسىلە چىقسا،سەۋەپنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدىنمۇ ئىزدەپ باقسا،ئاندىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپالايتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كادىرلارنىڭمۇ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالايتى،  رەھبەر دېگەن ئادەم  يوق ئىشقا خودۇكسۈرەپ، تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرۈۋىلىپ،  قولىدىن كىلىدىغان ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ بىلمەس بولۇۋىلىپ، ھوقۇقنى بەرسە ئوڭشاپ تۇتالماي، زىيادە سەزگۈر بولوپ كەتسە خىزمەتلەرنى قانداقمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرالايدۇ؟!

ئەمەلىيەتتە بەزى رەھبىرى كادىرلار جاۋيۈلۈ روھىدىن ئۈگىنىمىز دەپ ئاغىزىدا جار سالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقۇملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، رەھبىرى كادىرلار يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىللىرىنى جارى قىلدۇرۇشى، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇشى، ئاساسىي قاتلامدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا كەڭ كادىرلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ،ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقى تىكلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلالىغان بولاتتى

خۇلاسە شۇكى،ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەردىگە قايسىبىر ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرى، يۇقىرىدىن چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىلىرى، تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ئەمەس، يەنىلا ئاساسى قاتلامىنى ياخشى چۈشىنىدىغان، دائىم كادىرلار بىللە تۇرىۋاتقان يېزا رەھبەرلىرى دەرمان بولالايدۇ، شۇڭا  ئالدى بىلەن رەھبىرى كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئۆزىدە، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرنى دادىلىق بىلەن بايقاپ ۋە تۈزۈتۈپ، ئادىل، سەممىي، كەسكىن، خۇشخۇي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت ئىزدىيەلەيدىغان باشلامچى- ‹ئارىسلان›لاردىن بولۇشى، ئوتتۇرا قاتلام مەسئۇل باشلىقلار، ئورۇن-پونكىت مەسئۇللىرىمۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى كادىرلىرىمۇ باشقىلارغا تاينىۋالماي، ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مۇستەقىل ھالدا دادىللىق بىلەن  خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قول ئاستىدىكى كادىرلارغا ئۈلگە بولۇپ جانلىق ئىشلىشى، قول ئاستىدىكى كادىرلارغا مىھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنۈپ، مۇناسىۋەتتە ئادىل بولۇشى، باشلامچى بولۇپ ئۆز ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ،رەھبەرلىك  نوپۇزنى تىكلىشى، ئادەتتىكى كادىرلارمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئاڭ سەۋىيىسى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ،ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى بايقاپ، ئۇنى تىرىشچانلىق بىلەن تۈزۈتۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەتلەرنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، ياخشى بولغان بىر خىزمەت مۇھىيىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurluk28 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
derhem + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 176   باھا خاتىرىسى

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 01:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق يىزىپسىز، ئۇلارنىڭ دەردىنى سىز بىزگە ئوخشاش ئاساسى قاتلامغا نوقتىغا چۈشكەن كادىرلار چۈشىنمىزيۇ ھالىغا يىتەلمەيمىز، يەرلىك خاقانلار ھالىغا يەتمىسە ئامال يوق

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11220
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5457 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 01:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭپۇڭسىزلىق.
بىر قىسىم كادىرلارنىڭ  بىر ئۆمۈر يازغان خېتى، ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇم يازغان خېتىغا تەڭ بولالماي پىنسىيەگە چىقىپ كىتىدۇ. بىراق دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدىكى تەنقىدنىڭ بىرىنجىسى يەنە ئوقۇتقۇچىلارغا بولىدۇ.
ئالدىرماي ئوڭشىلىپ كىتە.سەۋىر قىلىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 01:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105713
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-4-5
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق يىزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15138
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2808 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداقمۇ قاقشىدۇق خىزمەت قىلماق تەس دەپ ،يا شۇنچىۋالا قوساق كۆپىكى تارتىپ «تۆمۈر دەپتەرگە ئۆتكەن كادىر » بولغىچە ،شۇ خىزمەتنى راھەت ھېس قىلىپ خالاپ قلىدىغانلارغا تاشلاپ بېرىپ  ،يوغان كادىر دەپ ئاتىقىم بولمىسمۇ ،خەق نېمە دىسە دىسىۇن ،مەن خەق ئۈچۈن ياشىمىغاندىن كېيىن ،ھېچ ئىش قىلالمىسام گازىر سېتىپ بولسىمۇ جېنىمغا ئىكەك سالماي ئازادىرەك ياشاي دەيدىغاندىن بىرىمىز چىقمىدۇق .
مەنمۇ مۇستەقىل ئادەم بولغاندىن كېيىن ،جەمئىيەتتە تىرىشپ بىر ياشاپ باقاي دەيدىغان شۇنداق جۈرئەت-ئىدىيە  بولمغاندىن كېيىن ، ھەرقانچە بېسىم -كۈلپەت تاتساقمۇ تۆمۈر تاۋاقتىن ۋاز كېچىەلمەيمەي ،ئەكسىچە «ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق »دىگەندەك خزمەتكە  شۇنچە يېپىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ،كادىر-خزمەتچى  دىگەن نام -ئاتاققا شۇنچە ھېرىس بولغاندىن كېيىن ،ئاقمايدىغان قاقشاش -ۋايساشلارنى قىلىپ يۈرمەي ،قىلىۋېرىلى شۇ خزمىتىمزنى .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1910 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگۇ قانۇننى ئاساس قىلىدىغان قانۇن ئىجرا قىلمايدىغان(ھەقىقى)دۆلەت .سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى قانۇندا بەلگىلەنگەن .يەنە جوڭگۇدىكى ئالاھىدە رايون،ئالاھىدە نوقتىلىق رايون ،سەزگۈر ئاي،بىرىنجى دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش يىلى  ۋاھ مۇشۇنداق كۈنلەر بىرىدە بۇنداق قاقشاشلار ئۇلۇغ پارتىمىزنىڭ ئومومى لۇشىيەنى ،ئانا دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ يوغۇن سەكرەپ تەرەققىياتقا ئىرىشىش ،تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇقىملىققا شامىلىغا تەتۈر بايراق كۆتۈرگەنلىك ....

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:42:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقانلارنىڭ دەردىگە كىم يېتىدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:48:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەت ئېغىر كەلگەن بولسا ئىستىپا بېرىڭلا ، ھازېر ئايلىق مۇئاشى 1000 سوملۇق خىزمەتنىمۇ تاپالماي يۈرگەن نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار بار ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8831
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 02:18 PM
شۇنداقمۇ قاقشىدۇق خىزمەت قىلماق تەس دەپ ،يا شۇنچىۋالا  ...

  

   ناۋات ناۋات ئىنكاس !

ھەجەپمۇ جايىدا  كەپتۇ ئىنكاسىڭىز . شۇ ئەمەسمۇ  نىمە قىلىدۇ دەيمەن قاخشاپ، رەنجىپ كۆڭلى قالمىغان خىزمەتكە كانىدەك چاپلىشىپ .

  بىزنىڭ يېزا كادىرلىمىرمزمۇ يامان قىززىق ، ھەر قىتىم يىغىن ئاچسا دەيدىغان 10 ئىغىز گىپىنىڭ توققۇز ئىغىزى  ، بۇ نەس باسقان خىزمەتنى قىلمايلى دىسەك تۆۋەندە ئولتۇرغان قارا كۆزلەرنىڭ يالۋۇرۇپ سايلىشى بىلەن قىلىپ سالىدىكەنمىز . مەيلى نىمە قوغلۇق !- ئۆزىمىزنىڭ خەلقىمىزكەن ، پۇقراسىكەن دەپ ئىغىر خىزمەتنى زېممىزگگە ئىلىپ ئىشلسەك بىزگە ماسلاشماي يىشىمىز  40 قا كىرىپ بولغۇچە قارا چاچلىرىمىزغا ئاق كىرگۈزۈپ كىتىپ بارغان .  بىركۈنى ئەمەس بىر كۈنى ئارىڭىزدىكى ئۆكتە قوپقان نوچىغا ئالە مانا خىزمەت دەپ قولۇمىزدىكى خىزمەتنى بىر تاشلاپ بىرىمىز ھە !!! ئاندىن خىزمەتنىڭ قانچىلىك جاپا ۋە مۇشاقەتلىك ئىكەنلىگىنى چۈشەنگىنىڭىزدە- ئالدىمىزغا كىلىپ  خۇش بوپ قالاي ! - بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىكەنمەن دىگەن ۋاقىتڭىزدا  قىنى خىزمەتنى قولىڭىزدىن ئالىمىزمىكىن دىگەننى  تەكرار-تەكرار  دەپ كىتىدۇ .

   لىكىن مۇشۇنداق دىگەن يېزىنىڭ چوڭاملىرى ھەر بىر قىتىم سايلامغا ھەپتە قالغاندا پۇت-قوللىرى مايمۇندەك چاققانلىشىپ يېزا باشلىقىنىڭ ئۆيىگە ھەر خىل سوغا-سالاملارنى كۆتۈرۇش . كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ سىياسى خۇشامەت قىلىپ قانداقتۇر تۆۋەن تۇمۇرش كاپالەت پۇلى ، ھەر خىل ئېتىبار بىرىش سىياسەتلرىدە  ئالدىن بەھرىمان قىلىشنى ئويلىشۋاتقانلىقنى ، بۇندىن ئىلگىرى باش-ئاخىرى چىقماس خىزمەتلەر بىلەن بولۇپ كىتىپ بۇ تەرەپلەرگە كۆڭۈل بولۈپ كىتىەلمىگەنلىكى توغۇرسىدا  ئىغىزىدا سىرىق سۇ قالمىغۇچە سۆزلەپ بۇ قىتىملىق سايلامدا  ياخشى كۆزدە قاراپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ كىتىدۇ .
    سايلام تۈگۈسۈن قىنى كۆرۈكتىن ئۆتۈۋىلىپلا بولسۇن  ياماخاڭ موتۇسى شەھەرنىڭ قىزىل چىراغ كوچىسىدا  كۈن-ئاي، ئاي-يىل توختىلىپ ئۆزنىڭ شەخسى نەپسى ئۈچۈن بىچارە موتېسكلتىنىڭ چاقلىرى ئۇپۇراپ نەچچىنى ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 04:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1893
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەلۋەتتە پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا ئىشلەپ، يوقلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈنلا ئىدارىدە ئەسكى پالاستەك سۆرىلىپ يۈرۈيدىغان گەپ.
  قىلاي دىسىڭىزمۇ نىمە قىپ بېرەلەيسىز؟ خەق پىكىر بەرسە باشقىلارغا تىلفون قىپ يۈرۈپ شۇ خەققە چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن دەپ چىچاڭشىپ كىىسىز،مەسلەن، بىر ئاھالە سىزگە‹‹مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پىكىرىم بار، مۇشۇ بانكىلار بىزگە قەرىز بەرگۈچە مانچە مو ئىتىزى بار، شۇ يەردىن چىققان مەھسۇلاتتا قەرىز تۆلەيدۇ  دەپ، شۇ يەر خەتلېرىنىڭ كۈپەيىتمىسىنى ۋە چوڭ-كىچىك ئەترەتلەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىنى ئېپ قىلىپ ئاندىن قەرىز بېرىدۇ ھەم ھەر 10مىڭ يۈەن قەرىز ئۈچۈن 30 يۈەندىن ئىستىراخونىيە ھەققى تۇتىۋالىدۇ. ئەمما ئاپەت بۇلۇپ شۇ ئىتىز ۋەيران بولسا ياكى كىلەر يىللىققىچە مەھسۇلاتىغا زىيان بۇلىدىغان ئۈششۈك تەگسە ئىستىراخونىيە شىركىتى ئۇ قەرىزلەرنى تۆلەشنى تىلغا ئىلىپمۇ قويمايدۇ››؟؟؟دەپ پىكىر بەرسە ‹‹شۇنداق ئىش بارما؟ سەل تۇرۇپ تۇرىڭە مەن بانكىغا تىلفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ بۇنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن››دەيسىز تۇغرىما؟ خەق قايتىلاپ، ‹‹بۇ مىنىڭ پىكىرىم، مەن بۇنى سىزدىن ياخشى چۈشىنىمەن، سىز بۇنى ماڭا چۈشەندۈرمەيسىز، يۇقىرىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا يەتكۈزىسىز›› دىسە ئاندىن تەستە ماقۇل بۇلىسىز. باشلىقىڭلار تۈۋەندىكى پۇخراغا ئىمىزگە چىشلىتەلمەي مەسلىنى ئالدىمغا ئېپ كەلسەڭ مۇئاشىڭنى تۇتىۋالىمەن دەپ تەھدىت سالامدۇ-يا؟!...
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 10 ماختاشقا تېگىشلىك، ھە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش