|
|
|
|
قاش ۋە قاشتېشى ئاتالغۇسىغا ئىزاھات
ئابلىكىم ئاۋۇت
خوتەن قاشلىرى-تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نىممەت، قىممەتلىك گۆھەر. ئۇ ئەجداتلار ئەقىل -پاراسىتى بىلەن بىرلىشىپ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسىمى بولغان قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنى ياراتقان.ئۇنىڭ بىباھالىقى ئۇنىڭ ماددىيىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ روھىيىتىدە يەنى قاش بىلەن ئەجدات ئەقىل-پاراسىتى يۇغۇرلۇپ كەتكەن ،سىجىللىققا ئىگە بولغان بۈيۈك قاشگەرلىك مەدەنىيتىىدىدۇر.
خوتەن قاشلىرى- تاش قوراللار دەۋرىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە ئىنسانىيەتكە ھەمرا بولۇپ كەلدى.تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ ماددى تۇرمۇشنى بېيىتىپلا قالماستىن بەلكى،روھىيەتكە سىڭىپ كىرىپ مەدەنىيەت قاتلىمىنى ياراتتى.شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتى -قىممەتلىك قېزىلما بايلىق بولغانلىقىدىلا ئەمەس بەلكى،بۈيۈك مەدەنىيەت ياراتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئارخولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە تارىخىي دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا دىيارىمىز شىنجاڭدا يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپلا قاش ئويمچىلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن.شا ،شاڭ ،جوۋ سۇلالىسى،چىن،خەن،تاڭ،سوڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە شىنجاڭ قاش ئويمىچىلىقى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەم ناھايىتى كۆپ داڭلىق كۆھكەنلەر ۋە قاش ئويمىلار بارلىققا كەلگەن.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ خوتەن قاشلىرىنى قېزىش،سۈزۈش ھۇقۇقىنى خان ئوردىسى كونتورۇل قىلغان.قېزىش سانى ۋە قازىدىغان ئورۇندىن تارتىپ يۆتكەپ ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە بولغان ھەممە ئىشلارنى خان ئوردىسى بىر تۇتاش قاتتىق باشقۇرغان.شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ قاش ئويمىچىلىقى تەدرىجىي ئاجىزلاپ ئاخىرى خوتەن قاش خام ماتىريالى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان.
قاشگەرلىك مەدەنىيىتىمىز چىيەنلوڭ دەۋرىدىكى (1736-يىلدىن 1795-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) چىكىدىن ئاشقان ئېغىر قاشتېشى ئالۋىڭى،بېسىم.زۇلۇم سەۋەبى بىلەن پەيدىن پەي ئاجىزلاپ زامانىمىزغا كەلگەندە تېخىمۇ سۇسلاپ كەتكەن بولسىمۇ،بىراق يىلتىزى چۇڭقۇر بۇ مەدەنىيەت ئۈزىل-كىسىل يوقىغىنى يوق.ئەكسىچە كۈنىمىزدە بۇ مەدەنىيەت بىخلىنىپ قايتىدىن ئۆزىنى نامايەن قىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا.دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ئوتتۇرغا چىققان ‹قاش› ۋە ‹قاشتېشى›ئۇقۇمى قېرىنداشلىرىمىزدا بەزىبىر ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە ئېنىقلىما بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت،رايۇنلاردىن قاشتېشى چىقىدۇ.ئەمما ئەڭ سۈپەتلىكى دىيارىمىزدىن چىقىدىغان خوتەن قاشلىرىدۇر.بۇ بىز بىلىشكە تىگىشلىك بىرىنچى ئۇقۇم.
قاشتېشى ئائىلىسى ناھايتى چوڭ بىر ئائىلە بولۇپ ،ئۇنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئەزالىرى بار.بىز بۇ ئەزالارنى سۈپىتىگە ئاساسەن ئالى دەرجىلىك،ئوتتۇرا دەرجىلىك ،تۆۋەن دەرجىلىك قاشتېشى دەپ ئۈچكە ئايرىيمىز.دىيارىمىزدىن چىقىدىغىنى قاشتېشى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئالى دەرجىلىكى بولۇپ ،ئۇنى سۈپەت جەھەتتىن باشقا ئەزالاردىن پەرىقلاندۈرۈش ئۈچۈن ‹قاشتېشى ›دىمەي ‹قاش› دەپ ئاتايمىز.چۈنكى قاشقا تاش سۆزىنى زورلاپ تاڭساق ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە نوقسان كۆرىلىدۇ.--بۇ بىز بىلىشكە تىگىشلىك ئىككىنچى ئۇقۇم.
لوگىكىلىق ئانالىز بويىچە ئېيتقاندا ‹قاشتېشى› ئۇمۇمى ئۇقۇم، ‹قاش›خاس ئۇقۇم بولىدۇ.خاس ئۇقۇم ئۇمۇمى ئۇقۇمنىڭ ئىچىدە بولىدۇ .شۇنداقلا ئۇ يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.گىراماتكىلىق قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ‹قاشتېشى›ئومۇمى ئىسىم،‹قاش› خاس ئىسىم بولىدۇ.مەسىلەن: كۆكتاتنى ئومۇمى ئىسىم دىسسەك سەۋزە،چامغۇر،يېسىۋىلەك،تەرخەمەك...لەر خاس ئىسىم بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ‹قاشتېشى›نى ئۇمۇمى ئىسىم دىسسەك،خوتەن قاشلىرى،لەنتىيەن قاشتېشى،روسىيە قاشتېشى، كورىيە قاشتېشى...دىگەنلەر خاس ئىسىم بولىدۇ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ‹قاشتېشى› دەپلا ئاتىماي ،گاھىدا ‹قاش›،گاھىدا ‹قاشتېشى› دەيمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1.<قاش› ئاتالغۇسى خاس دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشلىرىغىلا قارىتىلغان بولۇپ،‹قاشتېشى›دىمەي ‹قاش›دەپ ئاتاش -ئۇيغۇرغا خاس ئاتاشتۇر.چۈنكى ئەجداتلىرىمىز تارىختىن بۇيان ‹قاشتېشى›دىمەي ‹قاش› دەپ ئاتاپ كەلگەن. مەسىلەن: قاراقاش،يۇرۇڭقاش،قاش+گەر=قاشگەر=قەشقەر...دىگەندەك. ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› (ھازىرقى زامان ئويغۇر يېزىقىدىكى نەشىرى) نىڭ 3-جىلىد 208-بېتىدە بۇ ھەقتە ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
تارىخىمىزدا قاشگەرلىكمۇ، تاشگەرلىكمۇ تەڭلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز سۈپىتى ئىسىل بولغان خوتەن قاشلىرىنى ئادەتتىكى تاشلاردىن پەرىقلەندۈرۈش ،تاشگەرلىك بىلەن قاشگەرلىكنى ئاتالغۇ جەھەتتىن ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك،تىلنىڭ پاساھىتى،ئىپادىلەش ماھارىتىنى نامايەن قىلىش مەخسىدىدە دىيارىمىزدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇ گۈھەرلەرنى ‹قاش›،ئادەتتىكى تاشلارنى ‹تاش› دەپ ئاتىغان.قاشتېشى ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئەمما، سۈپىتى قاشلارغا يەتمەيدىغانلىرىنى ‹قاشتېشى› دەپمۇ ئاتىماستىن بىراقلا‹كاۋاش› دەپ ئاتىغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قاش بىلەن مەشغۇل بولغانلارنى تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش ئادىتى بويىچە قاشگەر ياكى قاشچى(سودىگەر،زەرگەر،مىسگەر...دىگەندەك) ؛تاش بىلەن مەشغۇل بولغانلىرىنى تاشگەر ياكى تاشچى دەپ ئاتىغان.بۇ خىل ئايرىش ۋە ئاتاش ئەمەلىيەتكە ئويغۇن،ناھايتى توغرا ھەم ئىلمىي بولۇپ، بىزمۇ دىيارىمىزدىن چىقىدىغان بۇ ئەلا سۈپەتلىك گۆھەرلەرنىڭ خاس ئىسمى بولغان ‹قاش› ئاتالغۇسىنىڭ ئارقىغا زورلاپ ‹تاش› سۈزىنى تاڭماي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش،ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ‹قاش› دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق ھەم توغرا بولىدۇ.
2.خەلقارادا قىممەت باھالىق گۈھەر تاشلارنى تۈرگە ئايرىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى 1800-يىللارنىڭ بېشىدىلا باشلانغان بولۇپ،بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ناھايتى ئەتراپلىق ھەم سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلغان.بۇ قىممەتلىك گۈھەر تاشلارنىڭ قاتارىدا خوتەن قاشلىرىمۇ بار ،ئەلۋەتتە.دۆلىتىمىزدە بولسا بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغان يېقىنقى 30 يىل جەريانىدا ئېلىپ بېرىلدى.ئېلىپ بېرىلغاندىمۇ ناھايتى ئەتراپلىق ،ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى.خەلقارا ۋە ئېلىمىزدىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى،دۇنيا خەلقى خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تۇنىدى.‹خوتەن قاش›يەنى‹ 和田玉
›دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسى ۋە خەلقارا گۈھەر تاشلار ساھەسى ئېتىراپ قىلىدىغان ماركىغا ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق زىمىندىن خوتەن قاشلىرىغا ئوخشاش پاقىراق،جۇلالىق تاشلارنى تېپىپ خوتەن قاشلىرىغا تەقلىد قىلىشتى.ئەمما نەتىجە شۇ بولدىكى،ھەرقانداق بىر قاشتېشى ئاتالغان تاشلار سۈپەت جەھەتتىن خوتەن قاشلىرىغا يەتمىدى.چۈنكى،خوتەن قاشلىرىنىڭ دانچىللىرى پەۋقۇللادە ئۇششاق،ئىچكى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زىچ،مايلىقلىقى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ،بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىن شەكىللەنگەن ئەۋرىشىملىك ۋە نۇرانە جۇلا قاشتېشى ئاتالغان باشقا تاشلاردىن تېپىلمايتى.ئەنە شۇنداق ئىسىللىك ۋە يىگانە سۈپەت سەۋەبىدىن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆستى.(يېقىنقى 30 يىلدا 1300ھەسسە ئۆستى).شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىققان تۈرلۈك-تۈمەن قاشتاشلىرى خوتەن قاشلىرىنىڭ قاتارىدا بازاردىن ئۇرۇن ئالدى.شۇنىڭ بىلەن زامانىمىزغا كېلىپ خەلقارادا ۋە ئېلىمىزدە ‹قاشتېشى›دىگەن بۇ ئۇقۇم ۋە بۇ ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەزالىرى بارلىققا كەلدى.
ھازىرقى خەلقارا ئۆلچەم بويىچە ھېقىق،كەھرىۋا،كاۋاش،قاراماي،ئالتاي،قۇمۇلدىن چىقىۋاتقان رەڭلىك تاشلارمۇ قاشتېشى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ ھەممىسى قاشتېشى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنداقتا ئەمدى قاراپ باقايلى:ئەجىبا كەھرىۋا،ھېقىق،كاۋاش ۋە باشقا رەڭلىك تاشلار بىلەن خوتەن قاشلىرىنىڭ زادىلا پەرقى يوقمۇ؟ئەگەر پەرقى يوق دىيىلسە،باھادىكى پەرىقنى نېمە دەپ چۈشۈنۈش كېرەك؟بۇ يەردە شۇنى
كىسىپ ئېيتىش كېرەككى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايتى زور سۈپەت پەرقى بار.گەرچە خەلقارا ئۆلچەم بويىچە ھەممىسى قاشتېشى ئائىلىسىگە تەۋە بولسىمۇ ،ئەمما ئادەمنىڭمۇ سەرخىلى بولغىنىدەك خوتەن قاشلىرى قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ سەرخىلى ،خان تاجى ھىساپلىنىدۇ.شۇڭا ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىپادىلەش كۈچى زور بولغان ئانا تىلىمىزدا بۇ گۈھەرلەرنى ئاللىقاچان پەرىقلەندۈرۈپ ئاتاپ بولغان.شۇنىڭ ئۈچۈن دىيارىمىزدىن چىقىدىغان بۇ ئىسىل گۆھەرلەرنى ‹قاش›دەپ ئاتاش نوقۇل ھالدا تىلنى قالايمىقان قىلغانلىق،گەپ تاپقانلىق ئەمەس بەلكى،دەۋرنىڭ تەلىپى،كەسىپنىڭ زۆرۈرىيىتى، سۈپەت ۋە بازار ئېھتىياجى.شۇنداقلا دىيارىمىزدىن چىقىدىغان بۇ بىباھا گۈھەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلغانلىق،مېغىزى بىلەن شاكىلىنى ئايرىغانلىق ھىساپلىنىدۇ.
بۇ يەردە قۇشۇپ قۇيىدىغان بىر نوقتا شۇكى،گەرچە ئەڭ سۈپەتلىك خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزدىنلا چىقسىمۇ،بۇ ھەقتىكى تەتقىقات شۇنچە زور تەرەقىياتلارغا ئىرىشكەن بولسىمۇ،ئەمما دىيارىمىزدا جۈملىدىن ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئارىسىدا خوتەن قاشلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات يوق دىيەرلىك بولدى.تالاي كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى سېتىپ پۇل تاپتىكى،قۇلىدىكى بۇ گۈھەرنى تەتقىق قىلىش،چۈشۈنىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى.زىيالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرجىدە ئاز بولدى ۋە بۇ ئەقلىي ئەمگەكلەرمۇ ئاۋامنىڭ بولۇپمۇ خوتەن قاشلىرىنىڭ نېنىنى يىگۈچىلەرنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىدى.شۇڭا دۆلىتىمىز خەلقىلا ئەمەس،دۇنيا خەلقىمۇ بۇ بىباھا گۈھەرگە ئىرىشىش ئارزۇسىدا تىپىرلاۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ گۈھەرنى قولىدا كۆتۈرۋالغان كىشىلىرىمىز ‹بۇ تاشنى مۇشۇ خەقلەر ئالمىسا ،ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يىمەيدۇ›دىگەن قاراشتىن خالاس بولمىدى.تاش قوراللار دەۋرىدىن زامانىمىزغىچە دىيىلمىگەن بۇ گەپ بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە بىزدىن تارقالدى.ھەقىقەتەن ‹ئىت يىمەيدىغان›نەرسە بولسا ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئۇنى ئەتىۋالىمىغان،بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئېتىراپ قىلمىغان بولاتتى،ئەلۋەتتە.‹ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يىمەيدىغان›بۇ قېزىلما بۇيۇمنى پۇل خەجلەپ ئالغانلار نادانمۇ ياكى ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن بىز نادانمۇ؟مېنىڭچە،بىزنىڭ مۇشۇ سۇئالغا ھەقىقى توغرا جاۋاپ بىرەلىگەن كۈنىمىز ھازىرقى خوتەن قاشلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان تالاي پاجىئەلەر ئازلىغان كۈن بولىشى مۈمكىن.
3.خوتەن قاشلىرى قەدىمدىن تارتىپلا غەربى يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەدەنىيەت ،سودا-ئالاقە ئىشلىرىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .يىپەك يۇلى دەپ ئاتالغان بۇ يول ئەسلى خوتەن قاشلىرى تۇشۇلىدىغان يول بولۇپ،مۇندىن نەچچە مىڭ يىللار ئاۋالقى بۇ بۈيۈك كارۋان يولىدا خوتەن قاشلىرىنى تۇشۇيدىغان كارۋانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن.ئەنە شۇ خوتەن قاشلىرىنى قاش ياكى قاشتېشى دەپ ئاتاش خەنزۇ تىلىدىمۇ ناھايتى رۆشەن پەرىقلىنىدۇ.يەنى خەنزۇ تىلىدا دىيارىمىزدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك گۆھەرلەر قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە 和田玉 دىيىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقىدىغان ،سۈپىتى ئۇنىڭغا يەتمەيدىغانلىرى بولسا 玉石 دىيىلىدۇ.يەنى قاش سۆزىنى ئىپادىلەيدىغان 玉 نىڭ ئارقىغا تاش سۆزىنى ئىپادىلەيدىغان 石 سۆزى قوشۇلىدۇ.ئۇقۇمدىمۇ 和田玉 ئەلا سۈپەتلىك خوتەن قاشلىرىنى، 玉石 بولسا قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باشقا ئادەتتىكى ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ.
خەنزۇ تىلىدا خوتەن قاشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 玉 دىگەن خەت ئەڭ دەسلەپ王 شەكلىدە (پادىشاھ دىگەن مەنىدە) يېزىلغان بولۇپ،ئىشلىتىلىش جەريانىدا قايسى ئۇرۇندا ‹پادىشاھ ›دىگەن مەنانى،قايسى ئۇرۇندا ‹قاش ›دىگەن مەنانى بىرىۋاتقانلىقىنى ئايرىش ئاۋارىچىلىقى يۈز بەرگىنى ئۈچۈن،王 خېتىگە بىر چىكىت قۇشۇلۇپ ئۆزگەرتىلىپ ھازىرقى玉 شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن.ھەم مەنا جەھەتتىن ‹شاھلارنىڭ خاس بۇيۇمى›دىگەن مەنانى ئىپادىلىگەن.دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان
中国 دىگەن ئىككى خەتنىڭ国خېتىمۇ玉 دىگەن خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،بۇ يەردىكى 玉 خېتى كەڭ مەنادىكى ‹قاشتېشى›ئۇقۇمىنى ئەمەس،بەلكى خاس ئۇقۇم بولغان خوتەن قاشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.国 خېتى‹قاش بولمىسا دۆلەت بولمايدۇ›دىگەن مەنانى،دۆلىتىمىزنىڭ نامى بولسا ‹قاش دۆلىتى›دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
4.ھازىرقى قاشتېشى بازارلىرىغا قارايدىغان بولساق قاشتېشىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكى،ئەلا سۈپەتلىكى بىلەن ئادەتتىكىسى،،ساختىسى بىلەن ھەقىقىسى،قەدىمىي بۇيۇم بىلەن بۈگۈنكىسى،ئەسلى بۇيۇم بىلەن تەقلىدىسى،ئەسلى ماتتىريال بىلەن ئويمىلارنىڭ ئارلىشىپ كېتىشى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان قاش ۋە قاشتېشى بىلەن ،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقىدىغان قاشتېشىنىڭ گىرەلىشىپ كىتىشى....ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىپ باشنى قايدۇرىدۇ.مۇنداق شارائىتتا ‹قاش› ۋە ‹قاشتېشى› دەپ پەرىقلەندۈرۈپ ئاتاش تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ.شۇڭا ئۇقۇم جەھەتتىن ‹قاشتېشى›ئاتالغۇسى ئومۇمى ئۇقۇم بولۇپ،ئۇ دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان، قاشتېشى ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق قېزىلمىلارنىڭ ئورتاق نامى؛‹قاش›ئاتالغۇسى بولسا دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك گۈھەرلەرنىڭ نامى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.خوتەن قاشلىرىمۇ قاشتېشى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغاچقا ئۇقۇم جەھەتتىن ‹قاشتېشى › دىگەن ئومۇمى ئۇقۇمنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.ئەمما سۈپەت جەھەتتىن باشقا ئەزالارغا ئوخشىمىغاچقا سۈپەت پەرقىنى ئايرىش ۋە ئەننەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋەجىدىن ‹خوتەن قاشلىرى› دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن:بىز ‹چىڭگىزخاننىڭ قاشتېشى مۆھۆرى› دىگەن ماقالىمىزدا ‹ قاش› سۈزىنى ئىشلەتمەي،‹قاشتېشى› سۈزىنى ئىشلەتتۇق.سەۋەبى:بۇ تەقلىدى مۆھۆر خوتەن قاشلىرىدا ئەمەس بەلكى،جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭتىيەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان چىڭتىيەن قاشتېشىدا ئۇيۇلغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئارلاشما قاشتېشى بۇيۇملار ھەققىدە توختالساق‹ قاشتېشى› دەپ،خاس خوتەن قاش بۇيۇملار ئۈستىدىلا توختالساق‹ خوتەن قاشلىرى › دەپ ئاتىدۇق .شۇڭا بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ پەرقى ئايرىۋېلىنسىلا ئۇقۇمدا ئارلىشىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
‹قاش› سۆزى تىلىمىزدىكى دەريانىڭ قېشى،ئادەمنىڭ قېشى...دىگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئارلىشىپ كىتىدىكەن ،دىگەن پىكىرگە كەلسەك بۇ پىكىرلەرنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.شۇنداقتىمۇ مەن بۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە قارىتا قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇيغۇر تىلى گىراماتكىسىنىڭ ئاھاڭداش سۆزلەر ۋە شەكىلداش سۆزلەر ھەققىدىكى قائىدىلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مېنىڭچە‹قاش› ۋە ‹قاشتېشى› دەپ ئاتاش بىز قۇبۇل قىلالمىغۇدەك دەرجىدىكى قورقۇنۇشلۇق سۆز ياكى يېڭىلىقمۇ ئەمەس.‹كۆنگەن يامانمۇ،كۆيگەنمۇ؟›دىسە‹كۆنگەن يامان› دىگەندەك، كۈنۈپ قالغان تىل ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىرئاز قىيىنلىقى راس.بەلكىم كىشىلەر ‹نېمە دىگەن جىق گەپ بۇ؟ھەممىسىلا بىر تاشقۇ؟›دىيىشى مۈمكىن.ئۇنداق بولسا بىز تارىخىمىز ۋە كۈنىمىزگە قاراپ باقايلى:تارىخمىزدا خوتەن قاشلىرى ‹ئىلاھى قاش،خان قېشى ››ئاتالدى.كۈنىمىزدە بولسا ئەلا سۈپەتلىك ئىسىل خوتەن قاشلىرىنىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى يىگىرمە مىڭ يۈئەندىن ئەللىك مىڭ يۈئەنگىچە بۇلىۋاتىدۇ. ئادەتتىكى تاشلارنىڭ بۇ خىل قىممەتكە ئىرىشكىنىنى تېخى كۆرگىنىمىز يوق.سۈپەت پەرقى شۇنداق چوڭ بولغان ئىكەن ئۇقۇمدىمۇ چۇقۇم پەرىقلىنىشى كېرەك. چۇنكى ئۇ دىيارىمىزنىڭ پەخرى،ئەجدات ئەقىل-پاراسىتىنىڭ شاھىدى.
ئاخىردا قۇشۇمچە قىلىدىغىنىمىز:خوتەن قاشلىرى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى 和田玉 دىگەن ئاتالغۇ تارىختىن بۇياب پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان،ئاساسى تەركىبى ترمولىت بولغان سۇپەتلىك قاشلارنى كۆرسىتەتتى.2004-يىلدىن باشلاپ دۆلەت خوتەن قاشلىرىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرسىنى كېڭەيتتى.يەنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقسىمۇ تەركىبى ۋە سۈپىتى دىيارىمىزدىن چىققان قاشلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئاساسەن يېقىن كىلىدىغان قاشتاشلارنىمۇ خوتەن قاشلىرىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شۇڭا ھازىر روسىيە، كانادا،كورىيە...قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ۋە چىڭخەي قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلكىلەردىن چىقىدىغان سۈپەتلىك قاشتاشلارمۇ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشتە ‹خوتەن قاش›يەنى 和田玉 دەپ تەكشۈرۈش ئىسپاتنامىسى چىقىدۇ.ئەمما بىز بۇنىڭلىق بىلەنلا دىيارىمىزدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك قاشلارنىمۇ ‹قاشتېشى›دىگەن بۇ ‹داشقايناق›نىڭ ئىچىگە قۇشىۋېتىپ پەرقىنى ئايرىمىساق بولمايدۇ.چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەدىمقى زامانلاردىلا بۇ قېزىلما بۇيۇملارغا خاس ئىسىم قۇيغان.يەنى قاشلارنى يۇرۇققاش(يۇرۇڭقاش)،قاراقاش،ئاققاش ...دەپ؛تاشلارنى بولسا قورام تاش،شېغىل تاش،قۇم تاش...دەپ ئاتىغان.باشقا قاش بىلەن تاش ئارىسىدىكى ئەتىۋالىق قېزىلمىلارنى بولسا ھېقىق،كەھرىۋا،زۇمرەت،پىروزە...دەپ ئاتىغان. مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى،دەۋرىمىزدىكى ‹ئالماس پىچاق›تاشگەرلىكى قاتارلىقلار بىزگە تاشگەرلىكىمىزنىڭ ئايرىم بىر كەسىپ ھەم ئايرىم بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ‹پەرھاد-شىرىن›داستانىدىكى پەرھادنىڭ تاشقا بىر خىل سۇيۇقلۇقنى چېچىپ يۇمشىتىپ،تاشنى مۇمنى ئويغاندەك ئاسان ئۇيۇپ يۇرت-جامائەتكە سۇ باشلىغانلىقتىن ئىبارەت تەسىرلىك كۈرۈنۈشمۇ بىزدە تاشگەرلىكنىڭمۇ قاشگەرلىككە ئوخشاشلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.بىزدە ‹قاش› بىلەن ‹تاش›نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا شۇنداق ئېنىڭ ئايرىلغان تۇرسا بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ئارلاشتۇرۋالساق قىزىقچىلىق بولماسمۇ؟
شۇڭا بىز كەسىپداشلار ۋە تىلداشلارنىڭ ئەجدات ئەنئەنىسى،كەسىپنىڭ تەلىپى بويىچە دىيىلىۋاتقان ‹خوتەن قاشلىرى› ۋە ‹قاشگەرلىك›دىگەن ئاتالغۇلارنى پەرىقلەندۈرىۋېلىشىنى،قاش بىلەن قاشتېشىنىڭ ئىككى ئۇقۇم ،قاشگەرلىك بىلەن تاشگەرلىكنىڭ ئىككى كەسىپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1.ماگوچىن قاتارلىقلار تۈزگەن <<新疆和田玉(白玉)子料分等定级标准及图例››ناملىق كىتاپ
2.مەھمۇد قەشقىرى ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››3-جىلىد
3.ئابدۇرىشىت موساجان توغرۇلنىڭ <<قەدىمى بۈيۈك كارۋان يۇلى-قاشتېشى يۇلى>> ناملىق ماقالىسى
4.CALLY HALL نىڭ جۇڭگۇ دوستلۇق نەشىرياتى 2010-يىلى نەشىر قىلغان 《宝石》 ناملىق كىتابى
ئاپتۇر:ئەقىدە قاشگەرلىكى -ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن
2014-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 12:22 PM
|
|
|
|
|
|