مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 4

ئىستانبۇلدىكى ئاراللار مۇزېيى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 10:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىستانبۇلدىكى ئاراللار مۇزېيى ھەققىدە



ئىستانبۇلنىڭ تۇنجى شەھەر مۇزېيسى ئاراللاردا ئېچىلدى. ئىستانبۇل 2010 ياۋروپا مەدەنىيەت پايتەختى ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان لايىھىلەر دائىرىسىدىكى ئاراللار مۇزېيى قىسمەن ئېچىلىش بىلەن بىرگە 10- سېنتەبىر ئيېىدىمۇ تامامەن خەلققە ئېچىۋېتىلىدۇ. 15 مىليون نوپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ۋە « 2010 مەدەنىيەت پايتەختى» بېكىتىلگەن ئىستانبۇل قاتنىشى، شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىكى بىلەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قېيىنلەشتۈرۋەتكەن شەھەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇلدىكى قېيىن تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئەكسىچە، يېنىدىكى مارمارا دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىدا زەنجىردەك تىزىلغان تەبئىي ۋە تارىخىي گۈزەللىكلىرى بىلەن كىشنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئاراللاردىكى كىشىلەرنىڭ قانداقراق بىر تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ باقتىڭىزمۇ؟ ۋىزاتىنىيە دەۋرىدە خان جەمەتى مەنسۇپلىرى سۈرگەن قىلىنىدىغان جاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن «خان ئاراللىرى»دەپمۇ تەرىپلەنگەن بۇ ئاراللار، بۇ يەرگە كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەستانە قىلغان ۋە ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاي دېگەن ئويغا كەلتۈرىدىغان بىر جايدۇر... ئۆز ۋاقتىدا نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسىنى رىم ۋە ئەرمەنى پۇقرالىرى تەشكىل قىلىدىغان ئاراللاردا، 19-ئەسىردىن كېيىن تۈركلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئاراللارنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئالاھىدىلىكى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەن. كۈنىمىزدە نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسىنى تۈركلەر تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ،تېگى رىم ۋە ئەرمەنى بولغانلارنىمۇ خېلىلا ئۇچرىتالايسىز. ئاراللاردا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋانلىقلارنىڭ تەشكىل قىلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يەنە بىر ئەھۋال. ئاراللارنىڭ قىش نوپۇسى 14مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولسا، ياز نوپۇسى 150مىڭ ئەتراپىدا. يىللىق ساياھەتچى سانى بولسا ئوتتۇرىچە 3 مىليون ئەتراپىدا. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. قىنالى ئارىلى، بۇرگاز ئارىلى ۋە ھەيبەلى ئارىلى، خان ئارىلى قاتارلىقلار بۈيۈك ئارالدىكى ئاراللار ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. ئاراللارنىڭ ئامانلىقى ساقچىلار تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاراللار ئەدلىيە مەھكىمىسى ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئوخشاش بىنادا خىزمەت قىلىدۇ. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىسڭىز بىنانىڭ ئىنتايىن جىمجىت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. خۇددى بۇ يەردە ھېچكىممۇ جىنايەت سادىر قىلمايدىغاندەكلا تەسىراتقا كېلىپ قالىسىز. ئاراللارنىڭ تارىخىي ۋە تەبئىي قۇرۇلمىسىغا زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئاراللاردا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى چەكلەنگەن. ئاراللاردىكى قاتناش ئىشلىرى پەيتۇن ۋە ۋېلسىپىت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئارالغا قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىگىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئاراللار بۇ نۇقتىدىن دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان جايلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاراللاردىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى داچا شەكىلدە بولۇش بىلەن بىرگە تەخمىنەن 900غا يېقىن ساراي بار بولۇپ، بۇلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. سارايلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوسمانلى بىناكارلىقى ۋە ۋىزاتىنىيە، ئوسمانلى ۋە تۈرك كۈلتۈرلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرىتالايسىز. بۇ يەردە ئوخشىمىغان دىنلارغا تەۋە كىشلەر بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن ئەپ ھالدا ياشاپ كەلمەكتە. ئارالدا جامەلەرنى، چېركاۋلارنى ۋە يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىنى ئۇچرىتالايسىز. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بۇ يەرنىڭ ئىتتىپاق ئابىدىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىستانبۇلغا بۇ قەدەر يېقىن، تىنچ، خاتىرجەم، جىمجىت، تارىخىي ۋە تەبئىي گۈزەلىكلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش ماكاندۇر بۇ ئاراللار...

خەۋەرگە كۆرە، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ئورتاجا ناھىيەسىگە قاراشلىق داليان بازىرىدىكى 2400 يىللىق تارىخقا ئىگە تىك يار زەرەتگارلىقىنىڭ مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنىشى پىلانلانغان. كاۋنوس قەدىمىي شەھەر قېزىلما خىزمەتلىرى باشلىقى پىروفېسسور دوكتۇر جەنگىز ئىشىق، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تىك يار زەرەتگارلىقىنىڭ مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنىش مەسىلىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناينىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ مەقسەتتە « 1007 پىروگرامما» لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئىشىق مەزكۇز لايىھەنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسەن تاماملىنىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېيتىپ، « خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن 5 قېتىم بىر يەرگە كەلدۇق. ماي ئېيىدا چاقىرىلغان يىغىنىمىزغا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرىمىز ئەرتۇغرۇل گۈنايمۇ ئىشتىراك قىلدى. نۆۋەتتە پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مەسىلىگە باشتىن - ئاخىرى ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. تىك يار زەرەتگارلىقى بولسا بىزنىڭ ئالاھىدە كۈلتۈر مىراسلىرىمىزدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ لايىھە جەريانىدا ئاز بولسىمۇ خاتالىق سادىر قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. تۈركىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنىغا لايىھەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى 2011-يىلى فېۋرال ئېيىدا سۇنىمىز. تۈركىيە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ»دېدى. پىروفېسسور دوكتۇر ئىشق، داليان بازىرىدىكى 2400 يىللىق تارىخقا ئىگە تىك يار زەرەتگارلىقىنىڭ مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنىشى مەقسىتىدە تەييارلانغان لايىھەنىڭ نانو تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنۇ مەلۇماتلارنى بەردى: « نانو تېخنىكىسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ئىشلىتىلىشى تۇنجى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نانو تېخنىكىسىدا تىك يار زەرەتگارلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ماتېرىيالى ئىشلىتىلىدۇ. كېسەللىك يالغۇز زەرەتگارلىقتىلا ئەمەس، تىك يار ئۈستىدىمۇ بار. بۇلارنىڭ ئۈستىدە 10-15 سانتىمېتىرلىق سناقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىلىدۇ. لايىھە دائىرىسىدە بىر مازار ئۆرنەك سۈپىتىدە تاللىنىپ ئىنتايىن كىچىك سانتىمېتىر ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆرنەك مازاردىكى خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە لايىھەنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۆلەت پىلانلاش تەشكىلاتى د پ ت غا ئىلتىماس قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە 10 يىل كېتىدۇ». پىروفېسسور دوكتۇر جەنگىز ئىشق، دالياندىكى تىك يار زەرەتگارلىقىنى زىيارەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئىشق يەنە، « زەرەتگارلىق جايلاشقان جاينىڭ يانتۇلۇقى 80 گىرادۇس ئەتىراپىدا، بۇ يەردە چوڭ - كىچىك تىك يارلار ۋە تاشلار بار. شۇڭا زىيارەتچىلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى چوڭ. بۇ يەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تولۇق ئېلىنىپ بولغۇچە بۇ جايغا زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ئىنتايىن جايدا بېرىلگەن قاراردۇر»دېدى. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىغا ئوخشاش، «تىك يار زەرەتگارلىقى» ئانادلۇ مەدەنىيەتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان ئالاھىدە بىر مىراستۇر... تۈرك ساياھەتچىلىكىگە ھەسسە قوشقان بۇ تارىخىي جاينىڭ قوغدىلىشىمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم... تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشنى ياقتۇرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى ئاۋىسترىيە بولۇپ، «ساياھەت رىقابىتىدە غەلبە قىلغان تۈركىيە»سەرلەۋھىسى ئاستىدا گېزىتلىرىمىزدە يەر ئالغان خەۋەرگە كۆرە، «ئاۋسىتىرىيەلىكلەر ساياھەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىغان». بۇ جۈملە، ئاۋىستىرىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن Salzburger Nachrichten گە تەۋە. خەۋەردە، «گىرېتسىيەنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسلاردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۇۋاتقانلىقى» ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنى تاللىشىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى. خەۋەردە يەنە، «يېقىندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئاۋستىرىيە خەلقىنىڭ گىرېتسىيەگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. چۈنكى دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ساياھەت قىلماقچى بولغان ھەر قانداق بىر كىشى، دەم ئېلىۋاتقاندا بىرەر نامايىش ياكى ئىش تاشلاش دولقۇنىغا دۇچ كېلىشنى قەتئىي خالىمايدۇ. تۈركىيە رايوندىكى ساياھەتچىلىك رىقابىتىدىن غەلبە بىلەن چىقتى» ئىپادىلىرىگە يەر بېرىلدى. ئاۋسىتىرىىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنى تاللىشىدىكى ئىككىنچى سەۋەب بولسا دەم ئېلىش ماكانلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ھەر نەرسە ئىچىدە»سىستېمىسى ئىدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسىترىيەدىن تۈركىيەگە ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 500مىڭ ساياھەتچى كېلىدىكەن.



مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
http://www.trtuyghur.com/trtworl ... 6-bad5-ec20aeea0f1b

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 10:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارسام بۇلامدۇ  ئۇيەر گە    چاق-چاق  جۇمۇ     ھې   ...........

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

ئادەمدەك ئۆلۇش ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2270
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9678
تۆھپە نۇمۇرى: 524
توردا: 1458 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 10:40:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلەپ كەتمىسەك بىر كۈنى بارمىزغۇ ئىشنى قىپ  [s:102]  [s:102]

ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ، دۇشمىنىڭنى شىر چاغلا !!

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 11:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر » دىنلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتتۇق ئىستانبۇلنى ...

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-11 07:48:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:110]  [s:110]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118]  [s:118] تۇرۇكيە                      [s:79]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش