مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1755|ئىنكاس: 20

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (8) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 09:40:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭ جوۋ ئۆلگۈدەك تېرىكتى.

لېكىن مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، چىڭ جوۋ نىڭ ئېغىز ئىسپاتىنى ئېلىۋالدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە باي مۇئەللىمدە مەسىلە بارمىش. لېكىن سەۋەبى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ تەھلىلىمۇ تولۇق ئەمەس.

ئەمما چىڭ جوۋ نىڭ ئىنكاسىدا مەسىلە يوق. ئەگەر ئۇ قاتىل بولسا، فاسەينىڭ «قاتىلنى تاپتۇق» دېگەن گېپىنى ئاڭلىسا چوقۇم يۈرىكى تىتىرىگەن بولاتتى .

بىراق جى لىڭ گې ئېيتقان، بۇ قېتىمقى قاتىل يوشۇرۇنۇشقا ئۇستا. شۇڭا بۇ چىڭ جوۋنىمۇ بىگۇناھ ياسىنىۋالدى دەپ قارىمايمۇ  بولمايدۇ.



شۇكۈنى كەچتە، لىيەنخەي قاۋاقخانىسىدا.

«قورامىغا يەتمىگەنلەر ھاراق ئىچسە بولمايدۇ—  دېدى فاسەي تاماكىسى بىلەن چىن چىمىڭغا قارىتىپ تۇرۇپ—  سەن مىياۋزى بىلەن بىر تەرەپكە بېرىپ قەھۋە ئىچ. »

چىن چىمىڭ بۇنىڭدىن كۇسۇرلاپ ئېيتتى: «مەن قورامىمغا يەتكىلى ھېلىمۇ ئىككى يىل بولدى. »

مىياۋزى مۇ ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭمۇ قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جى لىڭ گې نىڭ پۇقراچە كىيىنگەن ھالىتى ئادەتتىكى ئادەمگە ئۆز ئەينى ئوخشاش بولۇپ، فاسەي دەك  مۇشۇنداق «ناچار ياش» بىلەن بىللە ئولتۇرغنى قېتىلىپ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتتى.

جى لىڭ گې مۇ فاسەينى تېرىكتۈرمەكچى بوپ ئېيتتى: «ئىككىڭلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار، ئۇ ئوننەچچە يېشىدىلا ئىچىپ - چېكىشنى ئۆگىنىپ بولغان بولغىيتتى. مىياۋزى، سىز بىلەمسىز؟ »

مىياۋزىنىڭ ئېيتىشىچە فاسەي قورامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى بەكلا قورقۇنچاقكەنتۇق. شۇڭا ھاراق تاماكىنى يوشۇرۇنچە ئىچىپ - چېكەتتىكەنتۇق.

«قورقۇنچاقلىق ئەمەس، سېنى يامان ئۆگىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ شۇنداق قىلاتتىم. »

«ئېنىقلا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقىدىكەنسىزغۇ» دېدى جى لىڭ گې كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇيەردىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئەھۋالنىڭمۇ باشقا ئالاھىدە تەرەپلىرى بايقالمىغاندىن سىرت، ئاساسىي ئەھۋال جىن ياڭ ئېيتقانغا ئوخشاش بولغان، يەنى، ئۇ مۇسابىقىگە ئاز ئادەم قاتناشمىغان، چىڭ جوۋ بىلەن لۈي يىشىن تۇيۇقسىز توك توختاش سەۋەبىدىن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

چىن  چىمىڭ دەرس ۋاقتىدا خاتىرىلىگەن خاتىرىنى جى لىڭ گې غا ئۇزتتى ، ئەمما ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدى.
جى لىڭ گې مۇ دەرس خاتىرىسى كۆرۈپ نېمە قىلىمەن، دەپ ئۇمۇ ھەيران قالدى.

چىن چىمىڭ ئاخىرى بۇنى چىڭ جوۋ نىڭ دەرس خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى، كۆرسىلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ھە؟ دەرس ۋاقتىدىكى؟ »
جى لىڭ گې ھەيران بولۇپ ئۇنى ئېچىپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭدا چىڭ جوۋ نىڭ ئېغىز ئىسپاتىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى بايقىدى.

«ھېلىقى جاڭ تىيەن دېگىنى بىلەن بولغان سۆھبىتىڭلار قانداقراق بولدى؟ »سورىدى فاسەي.

جى لىڭ گې ئۇھسىنىپ ئەسقاتقىدەك بىرە نەرسە سورىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئۇنداقتا جاڭ تىيەن، گې لى لى ، بەي شىڭچىيۇۋ مۇئەللىملەرنىڭ گۇماندارلىقىچۇ؟ »دەپ سورىدى چىن چىمىڭ.

«ھەي...سەن دەرس ئاڭلىدىڭمۇ ياقمۇ؟ »

«ھە؟ ئاڭلىدىمغۇ! »

«مۇئەللىم نېمە دېدى؟ ئوتتۇرىدىكى ئۈچەيلەننىڭ گۇماندارلىق ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ. باشقىلار ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولسا باشقىلارغا ئۈسۈپ سالىدۇ. ئەلۋەتتە،  كېچىدە كۆرۈش كۆزئەينىكىنى تاقىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ..»

«بۇ ...»

«مىياۋزى، بېرىپ دۇنەنخەي نى چاقىرىپ كەل» .

ھە؟!

جى لىڭ گې بىلەن چىن چىمىڭ ھەيران قالدى. ھازىر چاقىرسا بەك بالدۇر ئەمەسمۇ؟

مىياۋزى تېلفونىنى چىقاردى. ئەمما جى لىڭ گې ئۇنىڭغا توختاپ تۇرۇشنى ئېيتتى.

«ياسىغاندىكىن تېزراق ياسىمامدۇق، يەنە سوراشنىڭ تەييارلىقىنى قىپ باقمىغان گەپما؟ »

«بىراق، ئاران تەستە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا ...»

«مۇنداق بولسا ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ بەھۇزۇر پاراڭلاشقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ—  دېدى فاسەي— پاراڭلىشىشنىمۇ بىلمەمسىز؟ »

فاسەي بىلەن جى لىڭ گې قاتتىق دەتالاش قىلىۋاتقىنىدا، كۆزئەينەك تاقىغان، كالتە يەڭ كۆينەك كىيىۋالغان بىر ئوغۇل بالا بۇيەرگە كىرىپ كەلدى ۋە مىياۋزى نى ئىزلەشكە  باشلىدى.

ئۇ ئېنىقلا دۇنەنخەي ئىدى.

مىياۋزى خەت يېزىش تاختىسىغا خەت يېزىپ، ئەسلى ئۇنى فاسەينىڭ بۇرۇنلا تەكلىپ قىپ قويغانلىقىنى، شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىكنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«ھېلىمۇ بولدى فاسەي— دېدى جى لىڭ گې—  بىز ھەممىمىز ھېلىمۇ شۇنداق خوش بوپ كەتتۇق. »


Act.04

«دۇنەنخەي، ئالدىنقى ئايدىكى قوش كىشىلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسىگە سەن قاتناشقانمۇ؟ »

«ۋاي قاپاق، مەن سىزگە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىمىز دېدىمغۇ— دېدى فاسەي ئاغزىدىكى ئىسنى پۈركۈۋەتكەندىن كېيىن— بۇ خىل يوسۇندا گەپ سورىسىڭىز ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ »

«ھە، ھېچ ئىش يوق، كۆڭلۈمگە ئالمايمەن— دېدى دۇنەنخەي— ئۇ مۇسابىقىگە مەن تەييارلىق كۆرگەن، لېكىن سەھنىگە چىقىش پۇرسىتى تەگمىگەن. »

«توك توختىغاچمۇ؟ »

«ھەئە. »
ئۇ ئۇلاپلا بۇ ئىشنىڭ دېلو بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلىقىنى سورىدى.

«ئانچە مۇناسىۋىتىمۇ يوق. پەقەتلا دەلىللەپ باقتۇق شۇ. دۇنەنخەي، بىزنىڭ ھازىر ھەممىدىن بەك بىلگۈمىز بارى سىزنىڭ ئۇ كۈندىكى ئۇسۇل ھەمرايىڭىزنىڭ كىملىكى. ئۇ كىمتى؟ »

فاسەي، چىن چىمىڭ ھەمدە مىياۋزى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەكتە.

دۇنەنخەي بۇ چاغدا تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ ئېيتتى: «ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بېكىتمىگەن، مەن پەقەت بىرقانچە قىزلار بىلەن بىللە بارغان، ۋاقتى كەلگەندە كىمنىڭ مەن بىلەن چىققۇسى بولسا شۇنىڭ بىلەن بىللە چىقماقچى ئىدىم. »

«سىلەر مەشىق قىلمامسىلەر؟ »

«بىھاجەت— دېدى دۇنەنخەي— مەن يا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان تۇرسام، مەن پەقەتلا ئويناپ باققىلى بارغان شۇ»

ئەگەر پەقەتلا ئوينىغىلى بارغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇسۇل ھەمراھىنىڭ تېخى ئېنىق بىكىتىلمىگىنىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن يەنە شۇنداقلا لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈش سەۋەبى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنداقتا جىنياڭنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنسىز بولدى؟

ئەگەر قاتىل دۇنەنخەي بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باشقا سەۋەبىمۇ بولمايدۇ دە.

«بوپتۇ، ئۇنداقتا داۋاملىق سوئالىمغا جاۋاب بەر» دېدى جى لىڭ گې .ئۇنىڭ گەپلىرى بارغانسىرى سوراق قىلغانغا ئوخشاش ئېيتىلغاچقا ئەتراپتىكىلەرنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى.

«جىن ياڭ بىزگە سېنىڭ ئالدىنقى دۈشەنبە بىر پىچاق دۇكىنىغا كىرگەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇگەپ  راستمۇ؟ »


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 09:41:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانامنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولماي قېلىپ بالنىستتا يېتىپ قالغاچقا بۇ قىسمىنى  ئازراق بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم. ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:31:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي اللە  بۇرادەر مەن تىىخى  تۈگىگەن ئوخشايدۇ دىسەم   ئاخرىرى  باكەندە
كۆپ قىسىملىق تور يازمىسى‹ رازۋىد كا خاتىرىسى

چاقچاق ھە

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:40:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر نەچچە بۈلۈم بىلەن ئاياغلىشامدۇ بۇ سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دىلوسى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 01:33:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 12:31 AM
ۋاي اللە  بۇرادەر مەن تىىخى  تۈگىگەن ئوخشايدۇ دىسەم   ئا ...

ماشەدىلا تۈگىتىۋېتەيما ئەمىسە؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 01:34:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەللى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 12:40 AM
يەنە بىر نەچچە بۈلۈم بىلەن ئاياغلىشامدۇ بۇ سىرلىق ئۆيد ...

2/3قىسمى تۈگەپ بولدى.

يىپ ئۇچى تاپقاندىن كېيىنلا فاسەينىڭ سوراق قىلىدىغان يېرى قىپ قالدى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:54:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق داۋامىنى قىتىپ يوللىمىغانسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:17:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 01:34 AM
2/3قىسمى تۈگەپ بولدى.

يىپ ئۇچى تاپقاندىن كېيىنلا فاسەي ...

بېنادىن تاشلىنىش دىلوسىدىنمۇ مۇرەككەپ بوپ كەتتى بۇ دىلو.
قىززىق يېرى ئەمدى چىققۇدەك! كىمنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىدە مىنىمۇ ئىككىلەندۈرۈپ قويدى دىسە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:18:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 01:33 AM
ماشەدىلا تۈگىتىۋېتەيما ئەمىسە؟

ئۇنداق قىلسىڭىز قىززىقى قالمايدۇ.ئاستا يوللىسىڭىزمۇ مۇشۇنداق يوللىغاچ تۇرۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 11:18:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahima2 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 06:46 AM
بۇ يەرگە ئاخىرنى يوللىغان ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن،ئەم ...

ئىپتخىار ئېچىلمايدىغۇ؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش