مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1838|ئىنكاس: 14

بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 09:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت
ئاپتۇرى:پەرۋەر(پۇتبۇلخۇمار بىر ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى)


مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدىغان ئەسەر


  
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى باشلىنىپ مانا ھەش-پەش دىىمەيلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويۇلدى. بىز پۇتبۇل مەستانىلىرى 4يىلدىن بىرى زارىقىپ كۈتكەن كۈنلىرىنىڭ دەم خوشلۇقى دەم غەمكىن كۈنلىرىدە مىسرانىم تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئۈشبۇ پائالىتىنى كۆرۈپ، مىنڭمۇ ئىشتىراك قىلغۇم كەلدى.
مۇنبەردە يوللىنىلىدىغان تىمىلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بىز تەنتەربىيە خۇمار(پۇتبۇلخۇمار)لارنىڭ يۈرەك ساداسى ئەڭ ئاز بولىشى مۇمكىن. چۈنكى پۇتبۇلخۇمارلار توپ تىپىدۇ، قەلەمنى ئاز تەۋرىتىدۇ.
شۇ مەقسەد-مۇددىئالاردا ئۈشبۇ يازمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ تۇرۇپتىمەن. ئۈمىدىم شۇكى ئۈشبۇ يازمىدىكى قۇرلارنى ئوقۇپ يۈرىكى پۇتبۇل ئۈچۈن سوقىدىغانلارنىڭ قەلىب نىداسىنى بىلىپ باقىسىكەن دىگەن ئويدا مەن.

-مۇنبەردىشڭلار پەرۋەردىن



                                               خىيال بىشىدىنلا مۇشۇنداق

تۆرەلمىشى ئوخشاشلا باراۋەر بولغان ئىنسانلار توپىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئىگىز-پەس پەرىقلىرىنى، ئەقلىمىزنى بىلگەندىن تارتىپ كۆرۈپ چوڭ بولدۇق ھەتتا، تار مەنىدىكى ‹تەقدىرچىلىك›كە شۇقەدەر كۆنۈپ كەتتۇقكى، ھەر كۈنلىكىمىزدە نۇرغۇن-نۇرغۇنلارغا ‹شۈكرى›قىلىش بىلەنلا چەكلىنىمىز. ھەتتا شۇ توغۇرلۇق شىرىن خىياللاردىمۇ بولۇپ باقمايمىز. دىمەك ئۆزىمىزلا ئەمەس خىياللىرىمىزنىڭمۇ قاناتلىرى بوغۇچلانغان. ھەممە نەرسە سۈنئىي دۇنيا، تەبىئەتنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكى، بالىلارنىڭ كەڭ دالىلاردا قىيغىتى سەكرەپ ئويناشلىرى دىربۇن كۆزلۈك، لەش يۈزلۈك يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىلا رىۋايەت.
سىغىنشلار، ئارزۇ-ئارمانلار تامان ئۇنتىلىۋاتقان بۇ زامانلاردا، ھەممىنىڭ ئەسلىنى سىغىنغان بىرسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى بارچڭلارغا ئىلىپ كەلدىم. ئاڭلاپ بىقڭلار، يۈرەكدىن تىڭشاپ بىقىڭلار. ئارزۇيىمىز، ئۈمىدىمىز شۇكى ئۈشبۇ يازما بىلەن ئۆتمۈشكە ئايلانغان شۇ دەملەرنى زەررىچىلىك ئەسكە ئىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن رىتىمسىز سوقۇشلارغا كۆنۈپ كەتكەن يۈرەكلەر ‹پىژژىدە› قىلىپ ئىچىشقانلا بولسا دىمەك، بىزلەر شۇنڭدىن كۆپ رازى بولۇرمىز.


                                               بىز مۇشۇنداق چوڭ بولغان

ھەجەپ بىر چاغلار ئىكەنتۇق ھە!.

مۇنۇ ناخشا ئىسڭلاردىمۇ؟
                              
                                      ئەي ئەجەب چاغلار ئىدى دوستلۇشۇپ ئوينايدىغان،
                                      زوق بىلەن دوستلۇق شارابىنى ئىچىپ قانمايدىغان.
                                      گەر تۇغۇلساقمۇ تەبىئەت ھۆكمىدىن ھەر ئۆيدە بىر،
                                      بىر بۇلاقنىڭ سۈيىدە چۆگۈندە تەڭ قاينايدىغان.

مانا ئەمدى كىچىكىمىزدە قۇرداش قىز-ئوغۇللار بىلەن ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ نەسلى تامامەن قۇرىغان، ۋاللەي بىلەن تەپكۈچنىڭ ئورنىنى ئايپەد ئالغان مۇشۇنداق لەززەتسىز زامانلاردا، ئىككىمىزنى ئاز دىمەي، پۈتۈن كوچا-مەھەللمىزنىڭ بالىلىرىنى كۆپ دىمەي توپ تىپىدىغان كۈنلەرنى شۇنداق سىغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
قۇرداشلىرىم، ئاداشلىرىم ئىسڭلاردىمۇ؟، باستۇرمىلىق، مىھرى ئىللىق كوچىمىز مەيدانىمىز بولاتتى. سومكا-بوخچىلىرىمىز ۋارتايىمىز بولاتتى. ۋارتدىن باشقا ھەممىمىز ھۇجمچى ئىدۇق. ۋارتادا تۇرۇشنى خالىمايتۇق. بىر توپقا ئون نەچچىمىز يۈگىرەيتۇق. تىپىدىغىنىمىز باشتا خىروم توپ بولسا نەچچە كۈندىلا يىرتىلىپ لاتا توپ بولاتتى، ئۇمۇ ئازلا كۈندە رىزىنكە كامىرلىق توپقا ئايلىناتتى. ھىچكىم بىزلەرنى توسمايتى، ھەيدىمەيتى. كوچا-مەھەللىلەرگە ماشىنا-پىكاپلىرىنى قويىدىغانلار يوق ئىدى.
ئارىمىزدا ئىگىز بىنالاردا، سەرەڭگىنىڭ قۇتىسىدەك قاۋاق ئۆيلەردە ئولتۇردىغان، ئاق يۈزلۈك پاكىزە ئاقپىشماقلار چىقمايتى. تومۇز يازنىڭ چىڭقى چۈشلىرىدىمۇ توپ تىپىشەتتۇق. ھەممە يەر كەڭرىچىلىك، ئوچۇقچىلۇق ئىدى. ھازىرقىدەك ماڭدامدا بىر توسۇقلار، دەرۋزىلار يوق ئىدى. ھەتتا چوڭ يوللارمۇ بىزنىڭ مەيدانىمز بولۇپ قالاتتى.
پۈتۈن بەدىنىمىزدىن سىسىق،ئاچچىق تەر شۇرقىراپ قۇيلىۋاتسىمۇ يەنىلا توپ تىپىشەتتۇق. سىسىقلىقىدىن پۈتۈن ئۆينى بىر ئالىدىغان توپ ئاياقلىرىمىز ئۆيلىرىمىزدىكى ئانا-ھەدىلىرمىزنىڭ غەۋغاسىنىڭ بىشى بولاتتى. توپ تىپىپ لوڭقا ئالمايتۇق، خوشلۇق ئالاتتۇق. قارشى تەرەپكە توپ ئۇرۇش يالغۇز نۇمۇر ئىلىشلا ئەمەس، دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بىرىشنىڭ ساۋىقى ئىدى. ۋارتايىمزغا توپ ئۇرغۇزماسلىق، ھەممىنى جان-جەھلىمىز بىلەن قوغدىشىمىزنىڭ نىشانىسى ئىدى. ھۇجۇم قىلاتتۇق، قوغدايتۇق.
بىزلەر مانا مۇشۇنداق چوڭ بولغان ئىدۇق.

                           شۇنداق ئارزۇ-ئۈمىدلەردىن پەرۋەرنڭمۇ ھەققى بار

يىللار بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپ چوڭلا بىر ئادەم بولۇپ قاپتىمەن. تىخى تۈنۈگۈنكىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، مەكتەپنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىدا يارلىنىپ تۇرۇپمۇ(بىر قىتىملىق مۇسابىقدە قارشى تەرەپنىڭ بىكى توپنى ھوشۇقۇم بىلەن قوشۇپ تىپىپ چىقىرۋەتكەن ئىدى. ئاتا-ئانام شۇنڭدىن بىرى توپ ئوينىغىنمنى كۆرسىلا ئىشىم چاتاق ئىدى) مۇسابىقلەرگە تەڭ باراتتىم. ئەلۋەتتە ئۇ چاغلاردا قاتناشنىڭ ئەۋۋىلى سىيالكا ۋىلسىپىتلەر ئىدى. تەلەيلىك چاققانلىرىمىز تىراكتۇرلارنىڭ كەينىگە ئىسىلپمۇ ئۈلگىرشەتتۇق.(بىر قىتىم يارلىنىپ ئۆيگە سولىنىپ ياتقان ۋاقىتلىرىم. مەكتەپدىن مىنى قىچقارتىپتۇ، ئانام بىرىشمغا قەتئىي ئۇنىمىدى. ئامال يوق، بىرقانداق قىلىپ قىچىپ باردىم. دادام كەينمدىن بىرىپتۇ. مۇسابىقە ئاخىرقى مىنۇتلىرغىچە مەركىزى مەكتەپنىڭ بالىلىرى بىلەن تەڭلىشىپ قالدۇق.  ئوتتۇرا مەيداندىن كەلگەن پاسنى توختاتمايلا ۋارىتارغا كۈچەپ تەپتىم، ئەپسۇس توپ تۈۋرۈككە تىگىپ كەينىگە، مەن تەرەپكە قاڭقىدى. توپنى يەنە شۇنداق يەرگە چۈشۈرمەيلا تەپتىم، توپ كىردى. تەبرىكلەۋىتىپ مەيدان سىرتىدىن دادامنى كۆرۈپ قالدىم. يۈرىكىم ‹جىغغىدە›قىلىپ قالدى. لىكىن ھەممە ئىش شۇ كۈنىدىن باشلاپ ياخشى بولۇپ كەتتى. ئاتا-ئاناممۇ بۇرۇنقىدەك مىنى پۇتبۇل ئويناشدىن توسمايدىغان بولدى. بىراق دەرىستىكى نەتىجىلىرمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنپلا تۇراتتى).

يازنىڭ سالقىن ئايدىڭ ئاخشاملىرى دادام مىنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ-(چوڭ بولغاندا نىمە بولىسەن؟) دەپ سورىغاندا ( توپچى‹پۇتبۇلچى› بولىمەن )دەپ جاۋاب بىرەتتىم. دادام بولسا ئىغىر خۇرسىنىپ تۇرۇپ، پۇتبۇل ئوينىسام بولىدىغانلىقىمنى بىراق، پۇتبۇل بىلەن جان باققىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە شۇنڭدەك ئۆزلىرى كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى بىرنەچچە پۇتبۇلدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان دوستلىرىنى مىسالغا ئىلىپ ماڭا قانداق ياشاشنى، قانداق ئادەم بولۇش توغۇرلۇق ئۇزاقدىن-ئۇزاق نەسىھەتلەرنى قىلاتتى. دادامنىڭ شۇچاغلاردىكى نۇرغۇنلىغان گەپلىرىنى چۈشەنمىسەممۇ خۇددى چۈشىنىۋاتقان ئادەملەردەك ئەستايىدىل ئاڭاللاپ كىتەتتىم.( ئەمەلىيەتتە ئاڭلايدىغىنىم بولسا دادامنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى توپ تىپىشلىرى، قىززىق ئويۇنلىرى، خەتەرلىك ئىشلىرى، باققان كۈچۈكىنىڭ ئوماق قىلقلىرى ئىدى).
دادام ئۆزىمۇ تەنتەربىيە خۇمار كىشى ئىدى.(مانا ھازىرمۇ  مەن بىلەن پات-پات مۇسابىقىلەردە بەدەن قىززىتىشىمغا ياردەم قىلىدۇ). دادام كىچىكىمدە پۇتبۇل، ۋالىبول، تىكتاك توپ، پەي توپ دىگەندەكلەرنى خىلى ماھارەت بىلەن ئويناپ قوياتتى. يىنىك ئاتلىتكا، يۈگىرەش دىگەندەكلەردىمۇ(80-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى بىر قىتىملىق كۆلىمى خىلى چوڭ ئۇزۇنغا يۈگىرەش مۇسابىقىدە ئىككىنجى دەرىجىگە ئىرىشپتىكەن. چوڭ ئانامدىن ئاڭلىشىمچە دادام بۇ نەتىجىگە پەقەت رازى ئەمەسكەنتۇق. بىرىنجى بولۇشقا پەقەتلا بىر قەدەم قالغاندا رەقىبىگە يىتىشەلمىگىنىگە خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئاچچىقلاپ يۈرۈپتىكەنتۇق ) شۇنداق ياخشى ئىدى لىكىن، نىمىشقىدۇر مىنى تەنتەربىيە بىلەن نوقۇل كىرىشىپ كىتىشىمنى خالاپ كەتمەيتى. دادامنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى شۇۋاقىتلاردا چۈشەنمەيتىم ئەمما، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىيالمايتىم. مانا ئەمدى چوڭ بولۇپ كۆپ ئىشلارنى سورىمىساممۇ جاۋابى  ئۆزىدىن كىلىۋاتىدۇ.
ئەمدى بىلدىم. بىر ئاتا ئۆز يۈرەك پارىسىنى قانداقمۇ كەلگۈسى ئىنىق بولمىغان بىر يولغا تاشلاپ قويغىسى كەلسۇن.  (پۇتبۇلچىنىڭ كىلەچىكى يوق ) دىيىشدىن يۈرىكى پۇچىلانسىمۇ ئامال قانچە؟ تومۇرىدا ئۆزىنىڭ قىنى ئىقىۋاتقان پەرزەنتىنى، ئۆزىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئورتاق ئارزۇسىدىن كىچىشكە ئۈندەشدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كىرەك.
شۇنداق، پۇتبۇلچى بولالمىساممۇ ھەرۋاقىت پۇتبۇل ئويناشقا ھەققىم بار. دۇنياۋى كۇلۇبلارغا ئەزا بولالمىساممۇ، شۇنداق شىرىن خىياللارنى ھەرۋاقىت قىلشىقىمۇ ھەققىم بار.
ھەممە ئەتىراپ پۇتبۇل ئويناشقا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ كەتسىمۇ، تىرىشىپ تۇرۇپ ئىمكانىيەت ئىزدەشكىمۇ ھەققىم بار. ئۇيغۇرۇمنىڭ خەلقىئارالىق مۇسابىقىلەردە سىماسىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا ئىشەنچىم بار. شۇنداق بىركۈنلەردە دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسىدا ئۇيغۇرۇمنىڭمۇ ئىسمىنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنچىم بار. پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ پۇتبۇلنى ئاددى ئويۇن سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، ھەقىقى كەسىپ دەپ تونۇيدىغان ۋاقىتلانىڭ كىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىشكىمۇ ھەققىم بار.
ئومۇمەن  شۇنداق ئارزۇ-ئۈمىدلەرنىڭ ھەممىسىدىن ھەققىم بار.

                                بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت

ئۇزۇن بولدى  جىمىپلا كىتىشتۇق.  سەھەرلىرىمىز جىمجىت، كەچلىرىمىز جىمجىت، ھەممە ياق گۆرىستانلىقتەك جىمجىتلا.  ئۆز تىرىكچىلىكى ئۈچۈنلا ئاندا-ساندا ئاڭلىنىپ قالىدىغانلارنىڭ سۇلغۇن ئۈنىدىن باشقا ھىچنىمە يوق.
داۋاملىق ئاڭلىنىدىغىنى، ئىگخزدىن ئىگىز سوغۇق چىراي بىنالارنىڭ ئاستىدىكى كەڭرى ئاسفالىت يوللاردا قۇرۇت-قوڭغۇزلاردەك تىنىم تاپماي مىڭىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئەنسىز سىگىنالى. شوخلۇقدىن مەۋج ئۇرىدىغان سەبىيلەرنىڭ چۇرۇڭ-چۇرۇڭ سادالىرىنىڭ ئورنىنى يەسلى-مەكتەپلەردىكى ھەرخىل مارشلار ئالغان. ھىلىقى چاغلاردىكى ئىگىز-پەس، ئورۇق-سىمىز، پىششق-توڭ ئاداشلارنىڭ سىماسىنى،  بىر-بىرىدىن رەتلىك، ئوخشاش  كىيىنگەن، (كەينىدىن ئوغۇل-قىزلىقىنى ئايرىۋالغۇسىز) پاكىزە بالىلار ئالغان. كىيدىغىنى بىرخىل، يەيدىغنى بىرخىل، ئولتۇرىدىغان ئۆيلىرى بىرخىل. تەپەككۇرى بىرخىللا بالىلار. مىڭلىغان بۇنداق بىرخىل بالىلاردىن چىقىدىغان سادامۇ پەقەت بىرخىللا. مەكتەپتە بىرخىللىق، ئۆيدە بىرخىللىق، ھەمممە يەردە بىرخىللىق. بىرخىللىقدىن تاپ باستۇرۇپ كىلىۋاتقان جىمجىتلىق بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىدىمۇ مەۋجۇد. قۇلىقىغا نائۇشنىك تاقىغان تورخۇمارلىرىمىزمۇ جىمجىت. مەكتەپدىن ئۆيىگە كىلىپ ئەقىلىفۇندىن بىشىنى كۆتۈرمەي ئويۇن ئويناۋاتقان بالىلىرىمىز جىمجىت.  پەرزەنتىلىرىمىزدا ئوخشاش خەتەرلىك جىمجىتلىق.
بۇرۇنلاردا يۈزىدىن توپا ئۆرلىتىپ ئارامىنى قويمىغان مەيدانلىرمىز ماشىنا توختۇتۇش مەيدانغا ئۆزگۈرۈپ جىمجىت. مەكتەپلىرىمىزنىڭ بارغانسىرى تارىيىپ كىتىپ بارغان تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئەمدى بارغانسىرى جىمجىت. جىمجىتلىق يوقلۇقدىن دىرەك بىرىدۇ. ئۆلۈمنىڭ دەسلەپكى ئاشكارلىنىشى، ئىنساننى زۇۋان سۈرمەيدىغان جىمجىت قىلىپ قويۇش ئەمەسمۇ. قارا چۈشدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كۆردىغىنىم- بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت.

                        
                                بىز مۇشۇ يەردىن باشلانغان

مەۋجۇد بولۇشنىڭ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى دەل- يىلتىزدۇر. بىز مۇشۇ يەردىن باشلانغانلاردىنبىز. قەيسەرلىك، جەسۇرلۇق، مەردۇ-مەردانىلىق يىلتىزىمىزدىن قان-قىنىمزغا سىڭىغلىق. شۇڭا بىز پۇتبۇل ئوينايمىز، رىقابەتلىشىمىز. يىڭىلىپ قىلىشنى ئەلەم دەپ بىلىمىز. رىقابەتدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار تەبىئىلا ئارىمىزدىن قالىدۇ. ئۇزاقلاردىن بىرى شۇنچە تىرىشىپ پەقەت  كىشى رازى بولغۇدەك نەتىجە ئالالمايدىغان كوماندىلارنىڭ نىمىشقا شۇنداق بولىدىغىنىغا ئەجەپلىنىپ باققانمۇ سىز؟ مىنىڭچە چوقۇم شۇنداق. بۇ مەسىلىگە دۇنياۋى شۆھرەتلىك تەھلىلچىلەرنىڭ دەبدەبىلىك قىياسەنلىرى، پەرەزلىرىنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيتى يوق. پەقەت دەيدىغىنىمىز-(يىڭىلىشنى، مەغلۇب بولۇشنى ئەلەم دەپ بىلىدىغان، خورلۇق بىلىدىغانلارلا غالىب كىلىشنىڭ تەمىنى تىتىيالايدۇ).

ياش-ئۆسمۈر نوتىلىرىمىزنىڭ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى يارىتىپ جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۋاتقانلىق خەۋەرلىرى يىل بويى تاراتقۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزدىن.
شارائىتى شۇنچىلىك تۇرۇپمۇ تالانتلىقلار بىزدىن چىقىدۇ.
ئاددى بولسىمۇ قولىدىن كىلىشىچە قىلالايدىغانلارمۇ بىزدىن چىقىدۇ.
ئۆمۈرىدە ئۆلچەملىك پۇتبۇل ئايىغى، چىم مەيدانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ، شارائىتى‹10يۇلتۇزلۇق›لارنى نادامەتتە قويىدىغانلارمۇ بىزدىن چىقىدۇ.
پىژغىرىملاردا، ئاچچىق سوغۇقلاردا قۇرۇق نان بىلەن توختىماي مەشىق قىلىدىغانلارمۇ بىزدىن چىقىدۇ.
ئۆز مايسىلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغان-كەلمەيدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىۋاتقان، بىر ئىغىز مەدھىيەلىرىمىزدىمۇ ئەسلەنمەيدىغان ئەجىركارلىرىمىزمۇ بىزدىن چىقىدۇ.
شورىدىن سۇ ئىچىپ بولۇپلا، كەتمىنى ئۆشنىسىدىن تاشلاپلا ئوقۇغۇچىلىرىغا تىرىنىرلىق قىلىدىغان دىھقان ئوقۇتقىچىمۇ بىزلەردىن چىقىدۇ.
يەنە سۆزلىسەك نۇرغۇنلىغان ئىسىللىرىمىز يەنىلا بىزدىن چىقىدۇ. چۈنكى بىزلەرنىڭ يىلتىزىمىز مۇشۇ زىمىندا، بىز مۇشۇيەردىن باشلانغان، يەنە مۇشۇ يەردە كۆكلەيمىز.


                                    ئەلەم، ھەممىگە ئوخشاش ئەلەم

ماڭا ئەلەم قىلىدىغان ئىشلار خىلى كۆپ. دۆلىتىمىزنىڭ پۇتبۇلغا مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇ-ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا داۋاملىق خەقنىڭ گىپى-غەلبىسى. يەتمىگىنىدەك ئۆزىمىزنىڭ ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلىرى. بىزنىڭ مۇنبەردىمۇ، خوشنىچاقلارنىڭ مۇنبىرىدىمۇ شۇ پاراڭ. ئەلۋەتتە نەتىجە مەغلۇبىيەت بولغاندىكىن دەيدىغىنىمۇ شۇ بولىدۇدە. ئەگەر مۇشۇ نەتىجە دىگەنگىمۇ پارا بىرىپ، ئاراقا ئىشىك قىلىپ توغۇرلىغىلى بولىدىغان بولسا  دۆلىتىمىز  دۇنيا لوڭقىسىدىن نەچچىنى كۆتۈرۈپ قالار بولغۇيمىتى دەيمەندە.
تەنتەربىيە كىيم-كىچەكلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلاردىمۇ شۇنداق بىر ئوخشاش ئەھۋال. دۆلىتىمىزنىڭ ئوتقاشتەك قىپقىزىل ،جۇلالىق دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ‹جەڭ ساۋۇتىنى› ھىچكىم كىيمەيدۇ. ئىسپان، ئارگىنتىنا، بىرازىلىيە....دىگەنلەرنڭكى ئالدىنقى تاللاش.
دۆلىتىمىز ئۆسمۈرلىرى چەتئەلنىڭ داڭلىق پۇتبۇلچىلىرىنى ساناڭ دىسە چالا قويمايدۇ. خىلى چوڭ نامى بار ئۇنۋىرسىتتنىڭ باكلاۋۇرلىرىمۇ سەپتىن چىكىنگەن بىر ئىنگىلاندلىقنى دەپ بىر-بىرىنى دەسسەپ پىتىغدىشىدۇ. دوستلۇق مۇسابىقىلىرىدە دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ مەدەت ئاۋازى ئالدىنقى مەيداننىڭ 15مىنۇتىدىلا تۈگەيدۇ.
مۇشۇلارنىڭ ھىچقايسسى بىزلەرگە ئەلەم قىلمامدۇ؟ ئىغىر كەلمەمدۇ؟ نىمىشقا ئىغىر كەلمىگۈدەك، ئەلۋەتتە ئەلەم بولىدۇدە. ئەلەمنىڭ، ھەممىگە ئوخشاش ئەلەمدە.

                               شامنىڭ ئوتىدا ھارارەت ئىلىۋاتقان تىلەك-
                                                                                   ئەمەلىيەتتە ئىنىقلا خام-خىيال

يەنە 10يىللارچە ۋاقىت ئۆتسە(تىنىچ-ئامان، خاتىرجەملىك بىلەن ئەلۋەتتە) ھىلىقى كۆرگەن كىشىنىڭ مەستلىكىنى قوزغايدىغان پەرزەنتلىرىمىز چوڭ بولسا، ۋەتىمىنىمزنىڭ يىشىل جەڭگاھلىرىدا ئۆز ۋەتىنىنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ غورۇرى ئۈچۈن كەسكىن جەڭلەرگە ئاتلانسا،نوپۇسى 1مىلىيارد500مىلىيۇن يىتىدىغان، 9مىلىيۇن600مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىرلىق بۈيۈك زىمىندىكى 56 مىللەتنىڭ ئۇزۇندىن بىرى كۈتىۋاتقان تەشنالىق بىسىپ كەتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرى شۇلار ئارقىلىق روياپقا چىقسا. ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە بويالغان قىپقىزىل رەڭلىك جەڭ ساۋۇتلىرىنى پەخىرلىك تۇيغۇلىرىمىز بىلەن كىيىپ، رەقىبلەرنىڭ ئالدىدا بىشىمىزنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتسەك. پۈتۈن خەلقئارانىڭ ئىغىزىدا بىزنىڭ كىچىكلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ماھارەتلەرى بولسا. 1949يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى پۈتۈن جۇڭخۇا ئورنىدىن دەس تۇرغاندەك دەس تۇرۇپ كەتسەك. يۇرتلىرىمىزدا تەنتەربىيە ھەركەتلىرى قارا تاخىدىلا ئەمەس ئەمەلىيەتتىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ كەتسە. پۇتبۇل ئويناش ئۈچۈن سىلىنغان ياپيىشىل مەيدانلارنىڭ دەرۋازىسىدىكى ئاتنىڭ كاللىسىدەك تەلەتى سەت، رەزگى قۇلۇپلار ئىلىۋىتىلسە. ھەرقاچان، كىچە-كۈندۈز بىمالال توپ تىپەلەيدىغان بولۇپ كەتسەك. تالانتىلىق پەرزەنتلىرمىز پۇتبۇلدىن كەلگۈسىنى يارىتالايدىغان بولسا، بىزلەرنىڭ ئىسمىمىزنى ئاڭلىغانلىكى خەلىق ‹پۇتبۇل› دىگەننى تەڭ ئەسكە ئالسا. مەكتەپلىرىمىزدە توپ تەپسەك تارتۋىلىنمىسا. ھەممە پەندىن تاپشۇرۇق بەرگەندەك تەنتەربىيە پەنلىرىدىنمۇ تاپشۇرق بەرسە، سىناق بەرسەك.
ئىشقىلىپ بىزلەرنى ساغلام بولغان تەنتەربىيەدىن، پۇتبۇل ئويناشدىن ھىچكىم توسىمىسا!


خاتىمە

پۇتبۇلغا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق كىشىنى مۇشۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ ئوي خىياللاردا بولىدىغان قىلىپ قويدى. لىكىن ئىشىنڭكى بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك سۆزلىرىم. بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقۇچە كۆزلىرىم قىزىرىپ، گەجگەم قىتىپ ئەمەسلا بولۇپ كەتتىم. بىراق كەمتۈكلا تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى.
مەشھۇر ئەدىبمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ (قاشتىشىغا مەدىھىيە) دەيدىغان لىرىكىسىدا مۇنداق بىر قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە بار.
‹‹ ئەي گۈزەل قاشتىشى، سىنىڭ تەرىپڭنى قىلىش ئۈچۈن شىئېر مىسرالارنىڭ بوغۇم-قاپىيەلىرىگە بوغۇلۇشنىڭ نە ھاجىتى؟›› دەيدىغان. خۇددى شۇنڭدەك ماڭا ئوخشاش باشلانغۇچنى يامىداپ تۇرۇپلا تۈگىتىۋالغان چالا ساۋاتلىقلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى دىيىشى ئۈچۈن ۋەزنىلىك، دەبدەبىلىك شۇئارلارغا كۆمۈلىشىمنىڭ نەھاجىتى؟ كۆڭلۈمدە نىمە ئويلىغان بولسام شۇنى دىدىم، شۇنى يازدىم. بۇ پەقەت شۇنچىلكلا بىر ئاددى يازما خالاس. بۇنڭدە نە مەقسەت-مۇددىئا، نە مەزمۇن، نە مەركىزى ئىددىيە نىمە قىلسۇن.
بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە شۇنچە قىززىقۇچىلارغا جاۋاب شۇ بولۇپ قالسۇن.
‹‹ بۇ  پۇتبۇلنى يۈرىكىدىن سۆيىدىغان بىر پۇتبۇل مەستانىسىنىڭ يۈرىكىدىن ئوقچۇپ چىققان قىپقىزىل قانلىرى. مۇنبەردىكى تاققا-تۇققا پەرۋەرنىڭ ئادەتتىكىدەك جۈيلۈمىسدۇر››.


                                                                       - پەرۋەر


2014يىلى 10-سەپەر
                                                               

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:26:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە  تىز يىزىۋەتتىڭىز   تىخى بايىلا ئۇقتۇرۇش قىپتىكىن .مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىمىز دەپ .....




سىزگە ئامەتلەر تىلەيمەن

شاھزاد

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:29:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.بولسا يەنە بىر تەھرىرلەپ چىققان بولسىڭىز........

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10862
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 02:54:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت دەپ بار ئىدى، ئەمدى بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت دەپ بىر ئەسەر يېزىلىپتۇ مانا.........


سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن...........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3483
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 03:38:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى يېزىپسىز !!   
    سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 09:41:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ ھەممىسى  تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 03:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز،خەلقىمىز پۇتبولغا ھېرىسمەن خەلىق،دىيارىمىزدا پۇتبول ئاممىۋى ئاساسى پۇختا،كىچىك چولپانلىرىمىز مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن ئەھۋالدىمۇ دۇنياۋى مۇسابىقەردە 32توپ ئۇرۇشتەك ئاجايىپ نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا... مانا بۇ ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى 32 نومۇر ئەمەس بەلكى پۇتبول مەيدانىدا ئۇرۇلغان  توپ سانىدۇر. مۇشۇنداق ئۇمۇتلۇك خەلىق،تىرىشچان خەلىق،مۇشۇنداق قىزغىن روھ بولىدىكەن ،يېقىن كەلگۇسىدە بۇ يۇمران مايسىلارنى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە كۆرەلەيمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tokqi123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 03:59 PM  


سەن ئاۋال ئۆزۈڭن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7431
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9407
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 05:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرۋەر بىگىم بىر مەھەل پۇتبول مۇنبىرىنى زىلزىلگە سىلۋەتكەن ئۇشبۇ تىمىلىرىنى بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپلىدە قۇتلۇق قەدەم  ئۇتۇق يار بولسۇن

مەن نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىم توغرىسىدا قاتتىق ئىزدىنىۋاتىمەن...................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 08:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zubayr يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 05:37 PM
پەرۋەر بىگىم بىر مەھەل پۇتبول مۇنبىرىنى زىلزىلگە سىلۋ ...

ئۆزلىرىنى تازا تونۇيالنىدىمغۇ تەقسىر؟ قايسى ‹تونۇش دۈشمەن›لەردىن بولىدىلىكىن؟...

يازمىنىڭ قوشۇمچە قىستۇرما سۈرەت، مۇزىكا.. قوشىدىغان تەھرىرلەش ئىستونى مىنڭكىدە پەقەتلا چىقمىدى، ئامال قىلالمىدىم. بولمىسا تىمىنى تىخىمۇ رەتلىك، رەڭدار قىلىپ يوللىماقچى ئىدىم.
قولىدىن كىلىدىغان بىرە باشلىقلار تەھرىرلەشكە ياردەملەشسە بولاتتى.

سەن ئاۋال ئۆزۈڭن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7431
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9407
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 09:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 08:56 PM
ئۆزلىرىنى تازا تونۇيالنىدىمغۇ تەقسىر؟ قايسى ‹تونۇش د ...

كەمىنە پەقىر خانزاد بولىمەن ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى سەبداشلىرى

مەن نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىم توغرىسىدا قاتتىق ئىزدىنىۋاتىمەن...................................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش