مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1653|ئىنكاس: 36

ئەبجەش قوشاقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1157 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 02:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەبجەش قوشاقلار



(مەزكۇر قوشاقلار «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» كاتگورېيىسىگە كىرسە ئالەمچە سۆيۈنگەن بولاتتىم.)



ھەسەنجان ئابدۇراخمان



1


مەن خەت يازغان قەلەمنىڭ،

قارا سىياھى قالمىدى.

خەت يازساممۇ يار ئۈچۈن،

قوللىرىم ھېچ تالمىدى.



*** *** *** *** ***



چاپىنىمنىڭ ئوڭ پېشى،

قىزىل رەختتە ياماقلىق.

تۇنجى سۆيگەن شۇ يارىم،

ئۆز ئۆيىدە قاماقلىق.



*** *** *** *** ***



بۇغداي، قۇناق بولمىغاچ،

كەپتەر باقتىم تېرىقتا.

ئوغلۇم ياۋاش بولمىغاچ،

كېلىن كۆردۈم قىرىقتا.



*** *** *** *** ***



ئاخشام ئۆلگەن ئاق قوينىڭ،

تېرىسىنى سويۇپ قويدۇم.

ئۆيىگە ماڭغان يارىمنىڭ،

مەڭزىگە سۆيۈپ قويدۇم.



*** *** *** *** ***



سۇ بولمىسا كۆلچەكتە،

بېلىق سەكرەپ ئوينامدۇ؟

پۇل بولمىسا چۆنتەكتە،

يارىم مېنى ئويلامدۇ؟



*** *** *** *** ***


گۈل ئۆستۈرگەن تەشتەكنى

قارىماي، چېقىپ قويدۇم.

يارىم مېنى تاشلىسا،

باشقا يار تېپىپ قويدۇم.



*** *** *** *** ***



ھويلامدىكى تېرەككە،

قاغا قونسا لىڭشىيدۇ.

ئوت تۇتاشسا يۈرەككە،

ئېغىر مۇڭلۇق غىڭشىيدۇ.



*** *** *** *** ***



خاماندىكى ساماننى،

بەش ئارىدا سورىدىم.

ئىشچان، چېچەن شۇ يارنى،

قاش بويىغا توۋلىدىم.



*** *** *** *** ***



مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇق،

توختىماستىن غىچىرلار.

شۇ يارىمغا ئانىسى،

گەپ ئۆگىتىپ پىچىرلار.



*** *** *** *** ***



مەن يىلاندىن قورقىمەن،

يىلان ئادەم چاقىدۇ.

ئەمما ياردىن قورقمايمەن،

يار ناز بىلەن باقىدۇ.


*** *** *** *** ***


2


ئاخشام ياغقان يامغۇردا،

ئەنجۈلىرىم ھۆل بولدى.

ئويمان بولغاچ قاش بويى،

سۇ يىغىلىپ كۆل بولدى.



*** *** *** *** ***



قاينام بولغاچ كۈندۈزى،

خامان ئالدۇق كېچىچە.

بەك ھارغاچقا، بۇغداي-چەش

ئېتىزدىدۇر تېخىچە.



*** *** *** *** ***



بۇ كەمدىكى ئېتىزلار،

قاتار-قاتار ياڭاقلىق.

ئۇلىغاچقا ھەر يىلى،

ئاچا-ئاچا تاياقلىق.



*** *** *** *** ***



گۈلچاي تېرىپ بىر يازدا،

ئون كوي بولدى كېلوسى.

ئىششەك پۇلغا تەرگۈزۈپ،

باشقا چىقتى «دېلو»سى.



*** *** *** *** ***



قۇناق شېخى بەك ئېگىز،

ئەمما بولدى بىر باشلىق.

شۇنداق بولغاچ بۇ يىلى،

بەك ئاز بولدى نان-ئاشلىق.



*** *** *** *** ***



3



تاۋۇز ئېلىپ بىر مەپە،

ساتالمىدىم كەچكىچە.

جاپا تارتتىم ساق بىر كۈن،

ئىز پۇلىغا يەتكۈچە.



*** *** *** *** ***



تاشلاپ قويۇپ تاۋۇزنى،

قوغۇن ساتتىم، ئاز ئالدى.

ئىز پۇلىغا چىقىشماي،

زىيان چىققىلى تاس قالدى.



*** *** *** *** ***



ئويلاپ قالدىم شاپتۇلنى،

خەق ئالارمۇ، ئالماسمۇ؟

رامىزان بولغاچ بۇ ئايلار،

ئېشىپ قالارمۇ، قالماسمۇ؟



*** *** *** *** ***



قاراقاشنىڭ بازارىدا،

ساتتىم سەۋزە، بەرەڭگە.

بۇنىڭدىنمۇ زىيان چىقسا،

قانداق چىداي ئەلەمگە.



*** *** *** *** ***



سېتىپ بېقىپ ھەر نەرسە،

پىشىپ قالدىم سودىغا.

بىكار قېلىپ بەزىدە،

سودا قىلدىم زورىغا.



*** *** *** *** ***



مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 02:36 PM  


ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 04:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشاقلىرىڭىزدا يىزا تىجارەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى چىرايلىق ئۇسلۇبدا ئىپادىلەپسىز،  ئىسىل قوشاقلاردىن ئىلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت!

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19520
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 04:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يار ئۈچۈن !!
ئېتقادىڭىزنى كامىل قىلسىڭىز شۇ يارىڭىز سىز ئۈچۈنلا بولىدۇ . راستىنلا ئەبجەش قوشاقلاركەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 04:06 PM  


غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4283
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 04:10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپ قۇيدىكەن جۇمۇ ئەبجەش قوشاقلىرىڭىز
رەھمەت ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:07:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم .....ياخشى يېزىپسىز ...
بولسا داۋامىنى ئۇلاپ يازسىڭىز بولاتتى ....

قوشاق ئوقۇشمۇ نىرۋىنى ئاچىدىكەن....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12561
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32360
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4579 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز،تىلى ئوبرازلىق،چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ......

بەلكىم كېينچە بۇ مەزكۇر قوشاقلىرىڭىز «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» كاتگورېيىسىگە كىرىپمۇ قالا.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:23:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەن ئېچكەن قايماق چاي،
سۇرۇۋەتى  ئېچىمنى.
بۇ ئەبجەش قوشاقلار ،
ئىزۋەتى يۇرەكنى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1157 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 05:23 PM
ئەتىگەن ئېچكەن قايماق چاي،
سۇرۇۋەتى  ئېچىمنى.
بۇ ئەبجە ...

ئەتىگەندە ئىچكەن چاي،
لەۋلىرىمنى كۆيدۈرگەن.
ئەبجەش قوشاق ئارقىلىق،
شۇ يارىمنى سۆيدۈرگەن.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:38:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەسەنجان ئابدۇراخمان دېگىنى ساخاۋەتلىك ئاتىلار كوللېكتىپىنى قۇرغان ئادەم شۇمۇ ياكى باشقا ھەسەنجانمۇ؟

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 05:38:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەسەنجان ئابدۇراخمان دېگىنى ساخاۋەتلىك ئاتىلار كوللېكتىپىنى قۇرغان ئادەم شۇمۇ ياكى باشقا ھەسەنجانمۇ؟

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش