|
|
|
|
چەتئەللىكلەر تۈركمەنىستاندىن خوتۇن ئالسا باج تۆلەيدۇ
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستاندىن ساھىبجاماللار كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىملىق ھېيت-بايرامدىكى چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەردە گۈزەل قىزلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىرايلىق مىللىي كىيىملەرنى كىيىپ، مەيدان كەيپىياتىنى جانلاندۇرىۋېتىدۇ.
ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئاياللار كۆپ، ئىچكى كابېنتنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەربىي قىسىمدىكى ئوفىتسىرلار ئارىسىدىمۇ ئاياللار بار. ئەڭ داڭلىق ئايال يەنىلا تۈركمەنىستاننىڭ پارلامېنت باشلىقى نۇربەردىيېۋا.
تۈركمەنىستاننىڭ نوپۇسى ئاز بولغاچقا (2012-يىلدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ مەلۇماتىدا ئومۇمى نوپۇسى 5125693 دىيىلگەن)، بۇ دۆلەت ئاياللارنى قوغداش سىياسىتىنى قوللانغان. ئەگەر چەتئەل پۇقرالىرى تۈركمەنىستان ئاياللىرىغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، چوقۇم ھۆكۈمەتكە ھەر بىر ئايال ئۈچۈن 45000 ئامېرىكا دوللىرى(بىر دوللارنى 6.22 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا 280000 يۈەن خەلق پۇلى) ‹‹شىرىن ئاي بېجى›› تاپشۇرىشى كېرەك.
تۈركمەنىستاننىڭ قىزلىرى بېشىغا دوپپا كىيىپ، چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈۋالىدۇ. تۇرمۇشلۇق بولغان ئاياللار بېشىغا ياغلىق چىگىۋالىدۇ، لېكىن توي قىلغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس. تۈركمەنىستاندا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرى يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك ، ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ.
مەنبەئە: جۇڭڭو مالىيە-ئىقتىساد ئۇچۇر تورى
ئەسلى ئۇلانما:
http://fund.591hx.com/article/2012-06-26/0000029749s.shtml
تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن مىھماننى قارشى ئېلىش
نان ياققان سەھرا گۈزىلى
قىزىل كىيىملىك ستودېنت قىزلار
35 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى توي جابدۇقى تاقىغان كېلىنچەك باشقىلارغا كۆرۈنۈشنى خالىمىدى(ئەسلى يازمىدا شۇنداق دىيىلگەن)
تويغا قاتنىشىۋاتقان چوكان
پرىزدېنت مەھكىمىسىدىكى مۇلازىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-10 06:12 AM
|
|
|
|
|
|