(1)بۇ بىر كۇبىلىت شىئېر "چالىقۇشى "رومانىدىن ئېلىنغان.
ھىجراننامە(5)
"گۇمان ئىماننى قاچۇرار"
ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىلى
ئىشەنچ بېغىمنىڭ گۈللىرى سۇلدى.بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۋاتىمەن؟ئۆزۈمگە ھەيرانمەن.سەندىن قاچىمەنۇ كۆزلىرىم سىنى ئىزدەيدۇ.تىلفۇننى ئىتىپ ،مۇڭداشقۇنىمۇ ئاچماي يۈرۈپ باققان كۈنلىرىم بولدى.
بىر گېپىڭنى ئويلاپ قالدىم: ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرمايدۇ ،كۆندۈردۇ....دەۋاتقانتىڭ.بەلكىم دىگىنىڭ راست بولسا سىنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭغا كۆنگەن يۈرىكىم سەنسىزلىككىمۇ كۈنۈپ كىتەر...
كىتەلمەيسەن دىگەن ئىدىڭ.مەن كىتەلمىدىم.لىكىن مىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىم،مىنىڭ خۇشاللىقىم ،مىنىڭ كۈلكىلىرىم مىنى تاشلاپ كەتتى.
بۇ كۈنلەردە كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ،كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىپلا يۈرىيدۇ.ھەتتا شۇنچىكى بىر گەپكىمۇ ياش تۆكۈپ بىرسىنى بەك ئوڭايسىزلاندۇرۋەتتىم.ئەسلى گۇناھ ئۇنىڭدا ئەمەس ئىدى.ئۆزۈمنىڭ يىغلىغۇم كىلىپ قالغان ،لىكىن باھانە يوق يۈرۈپتىكەنمەنمۇ دەيمەن.ئۇنىڭ ئويلىمايلا دەپ قويغان بىر ئېغىز گېپىگە تازا يىغلىۋالدىم.ئىچىم بوشاش ئۇياقتا تۇرسۇن.....كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى.ئۆزۈمنىڭ كۆز ياشلىرىم دېڭىزىدا تۇنجۇقىۋاتقىنىمنى ھېس قىلماقتىمەن.
تۇلۇنئاي بۇلۇتقا بۆلەنگەن كېچە،
ئىزىڭنى يوللاردىن ئىزلىدىم ئەركەم.
نە ئىزىڭ تاپمىدىم سىنىڭ ھىدىڭنى،
يىغىغا ئوخشىشىپ قالدىغۇ كۈلكەم.
مەسخىرە ئىچىدە كۆز قىسار ئەختەر،
يۈزۈمنى يۇيغىنى يامغۇرمۇ كۆز ياش.
كىملەرنىڭ ئەزىزى بولدى كىمگە خار،
بىلمىدىم كىملەرگە مەنسۇپ خۇش ياشاش.