گۇمانخورلۇق گۇناھتۇر(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)
گۇمانخورلۇق گۇناھتۇر.گومانخورلۇق گۈللەنگەن،گۈزەل-گۈل-گۇلىستانىڭىزنى گومرانلاشتۇرىدىغان گۇماشتىدۇر.گۇمانخورلۇقنىڭ گۇناھلىقلىقىدىن گۇمانلانسڭىز: «گۇمانخورلۇق گۇناھتۇر»نى گۇرۇپپىلىغان گەپلىرىمدىن گۇمانلانماڭ:
گۇمئېرىقتىكى گىلەمچى گايىت گۇمانخورلىقتا گۈزىلى گۈلشەننىڭ گەدىنىگە، گەجگىسىگە گالاچلىتىپ، گەپدان گۈلشەننى،گاس-گاچىلىغان گىجىڭ،گەلدەمىدۇر.
گىلەمچى گايىت گىلەمچىلىكتە گۈللنىۋاتقاندا گۈزەرنىڭ گۈزىلى گۈلچى گۈلشەننىڭ گىرىمسىزمۇ گۈزەللىكىدىن گومۇش،گاراڭلىشىپ، گۈلشەننىڭ گۈلخانىسىدا گىجىڭلىشىپ، گەپدانلىشىپ، گازىر-گۈللۈك گەزماللاردا گۈلشەننى گۆللىدى.گۈلشەنمۇ گۈدەكلەرچە گايىتقا گۈرەلىشىپ،گۈزەردىن گۇمئېرىققا گۇرۇپپىلاندى.گۇمئېرىقلىقلارمۇ گۈلشەننىڭ گۈزەللىكىدىن گاڭگىراشتى.گايىتمۇ گىلچەمچىكلتە،گۈلشەنمۇ گۈلچىلىكتە گۈللنىۋەردى. گەرچە گايىت،گۈلشەنلەر گىلەمچىلىك،گۈلچىلىكتە گۈللىنۋاتسىمۇ،گايىتنىڭ گۇمانخورلىقىدىن گۈللنىۋاتقان گۈلچىلىك،گىلەمچىلىكلەر گومرانلاشتى. گۈلشەننىڭ گۈلخانىسىغا گۈرۈلدىشىۋاتقان گۇمئېرىقلىقلاردىن گايىت گۇمانلىناتتى.گايىت گۈلشەندىن گۇمانلىنىپ،گۈلشەننىڭ گۈلخانىسىنى گومرانلاشتۇرۇپ،گۈلشەننى گۆردەك گىرىمسىمەن گەمىسىگە گىپىسلاندى.گۇمانخور گايىت گۈلشەننى گۆردىكىلەردىنمۇ گۇمانلانغاچقا گۇمئېرىقىلار گۈلشەنگە گەپلەشسىلا گايىت گۇمئېرىقلىقلارنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ گەپلەشكەنلەرگەگۆلىيىپ،گەمىدە گۈلشەننى گويا گەمە گۈمۈرۈلگىدەك گۈرۈلدەپ گومشىتىۋىتەتتى.گايىت گۈلشەن گەپلەشسىلا گۇمانلىنىپ گۈلشەننىڭ گەجگىلىرىگە گومشىتىۋەرگەچكەگۈلشەنمۇ گىجىڭلەشتى. گۈلشەننىڭ گاچىلىشىشىدا گەپلەشسەك: گىرىمسىمەن گوگۇمدا گۈمئېرىقلار گۇرۇپپىسىدىكى گالدى-گۈلدۇڭ، گوڭۇلدايدىغان، گاچا گەجچى گاجىتنىڭ گۈلشەنگە گىزىرىپ، گوڭولدىغان گەپلىرىدىن گۇمانلانغان گايىت گۈلشەننىڭ گەجگىسىگە گاچىلتىدىۋەتتى.گومشىتىۋەرگەچكە گۇلشەن گۈپپىدە گۈمبەزدەك گۈمۈرۈلدى. گۈلشەننىڭ گەجگىسى گىپىسلاندى.گەپلىشەلمەيدىغان گومۇشلاندى.گايىت گۇمئېرىقلىلارنىڭ گۇۋاھچىلىقىدا گۇمئېرىقتىكى گۇناھكارلارنىڭ گازارمىسىغا گۇرۇپپىلاندى.گۈزەل گۇلىستانلار گومرانلاشتى.
گەپلىرىمنى گۇرۇپپلىسام:گايىت گۇناھكارلار گازارمىسىغا گۇرۇپپىلانغاندا، گۈلشەن، گۆدىكى گۇزەلئايغا گىژمەكلىشىپ گۇمئېرىقتىن گۈزەرگە گۇرۇپپىلاندى. گۇمانخۇرلۇقنىڭ گۇناھىدىن گۈزەل گۈلشەن گاچىلاشتى.گۆدەك گۇزەلئايغا گۈل- گۇلىستانلارمۇ گوياكى گۆرۈستاندەك گۆھەردەك گۆدەكلىكى گايىتسىز گىچماچلاشتى.
گايىتنىڭ گۇمانخورلۇقتا گۇناھكارلاشقانلىقىدىن،گۇمانلانمىغانلار!گۈزەللىرىڭلاردىن گۇمانلىنىۋەرمەڭلار،گاھىدا گۇمانلانساڭلارمۇ گۇمانلىنارسىلەر،گۇمانلىنىپلا گاچىلدىتىپ، گومشىتىدىغانغا گۈزىلىڭلار گۇناھكارمىكەن.گۈزەللەرمۇ گەپدانلىشىپ، گالدا-گۇلدۈڭلارغا گەپلەشمەڭلار.گەپلەشكەنلىكى گەپدانلارغا گەپلىشىۋەرسىڭىز گۇمانلاندۇرىسىز .. . گۇمانلاندۇرغاندىكىن گۇمانلانغۇچى گۈرسۈلدەپ گالاچلىتىدۇ......
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 02:51 PM