|
|
|
|
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىرازىلىيە 7:1 گېرمانىيە
بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئىيۇل سەھەر سائەت ئىككىدە تۆت كۈچلۈككە كىرگەنلەردىن بىرازىلىيە بىلەن گېرمان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، نەتىجىدە گېرمانىيە 7:1 نەتىجە بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق ساھىبخان دۆلەتنى قىرغىن قىلدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇت بولغاندا گېرمانىيە تەرەپتىن توماس موللىر بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نۇمۇر ئالدى ، 23 مىنۇت بولغاندا گېرمانىيە كاللا توپ شاھى كىلۇز ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 16-توپىنى ئۇرۇپ بۇ تۈردىكى « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدونىڭ 15 توپلۇق رىكورتىنى يېڭىلىدى ، شۇنىڭ بىلەن توپ ئۇرۇش جېڭى باشلىنىپ كەتتى ، مۇسابىقىنىڭ 24-26-مىنۇتلىرىدا تونى كىرۇس ، 29-مىنۇتىغا كەلگەندە سەمى ھەدىرا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 5:0 قىلدى ، ئالدىنقى مەيدان شۇ نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى .
كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ بىرازىلىيە كوماندىسى جان-جەھلى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى ، بىراق بۇ ھۇجۇملار گېرمانىيە كوماندىسى مۇداپىئەچىللىرى ۋە قاپقاۋۇل نويېرنىڭ ئىسىل ئىپادىسى ئالدىدا بىتچىت قىلىندى ، 58-مىنۇتتا گېرمانىيە تەرەپتىن كىلۇزنىڭ ئورنىغا شۈرلى مەيدانغا چۈشتى ، 68-مىنۇتتا بىرازىلىيە كوماندىسىدىن دانتى سېرىق كارتا يەۋالدى ، بۇ كارتا پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا چىقىرىلغان بىردىنبىر كارتا بولدى ، مۇسابىقىنىڭ 69-ۋە 79-مىنۇتلىرىدا كىلۇزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چۈشكەن شۈرلى ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجە پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى ، بىرازىلىيە كوماندىسى 90-مىنۇتتا ئوسكارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن بىر توپ قايتۇرىۋالدى ، مۇسابىقە ئاياغلاشتى ، گېرمانىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىردى ، ئۇنىڭ كېيىنكى رەقىبى ئارگېنتىنا بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چىققىنى بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى 14-ئىيۇل سەھەر سائەت ئىككىدە ئوينىلىدۇ .
ئالدىنقى يېرىم مەيدان:
كېيىنكى يېرىم مەيدان:
مەنبە: پۇتبول كۇلۇبى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xadlan.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 09:48 AM
|
|
|
|
|
|