بىر مىنۇت
تىلفۇن ئۇرۇپ كۆرۈشەيلى دىگەندە،
ساما ئارا قاناتلاندى تىلىكىم.
ۋېسال دەملەر كەلگىنىچە يېقىنلاپ،
ھاياجاندا تىپىچەكلىدى يۈرىكىم.
مانا بۈگۈن ۋەدىلەشكەن جايغا مەن،
قۇشتەك ئۇچۇپ يىتىپ كەلدىم ۋاقتىدا.
چاڭ-تۇزاندىن مۇڭلانغان قوش ئورۇندۇق،
بويۇن قىسىپ تەلمۈرەتتى ئورنىدا.
كۆرەلمىگەچ ئۆزەڭ تۇرماق سايەڭنى،
ئەنسىرەشتە قالدىم بىرئاز ۋايىم يەپ.
سوزۇپ بويۇن يولۇڭغا مىڭ تەلمۈرۈپ،
ئۇردۇم تىلفۇن خەۋىرىڭنى ئالاي دەپ.
«كەچۈر دوستۇم،كىچكىپ قالدىم رەنجىمە،
كىلىپ قالغان ئۆيگە ئايال ھاممىسى.
ساقلاپ تۇرغىن بىر مىنۇتتا يېنىڭغا،
ئۈنۈش گۈلدەك ئەزىز دوستۇڭ غايىسى. »
سەۋىر بىلەن كۈتتۈم ئۇزۇن ئورنۇمدا،
توشماي كەتتى ئەمما سەندە بىر مىنۇت.
ۋاقىت قىممەت ئىدى بىلسەڭ ئالتۇندىن،
ۋەدەڭ پۇچەك،قالدىم شۇ تاپ نائۈمۈت.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 12:14 AM