يىراقلىشىش ۋە يىراقلاشتۇرىۋېتىش
مۇتەللىپ ئىقبال
بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزدىن يىراقلاشقان ۋە يىراقلاشتۇرىۋېتىلگەن بىر دۇنياۋى مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا كارل ماركىسنىڭ "يىراقلىشىش" ئوقۇمى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىش مۇھىم.
ماركىسنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت ۋە كاپىتالىزىم ھەققىدىكى قاراشلىرى ئىچىدە ئادەمنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن "يىراقلاشلىشىش" ياكى "يىراقلاشتۇرۇلۇش" قارىشى ھازىرغا قەدەر بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. يىراقلاشتۇرۇش ياكى ياتلاشتۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە كەڭ قوللىنىلىنىدىغان ئوقۇملارنىڭ بىرى. ماركىس ئوتتۇرىغا قويغان يىراقلىشىش چۈشەنچىسى بۈگۈنكى زامان كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش سىستىمىسىنىڭ ماھىيتىنى تونۇشىمىزدا بەلگىلىك ياردىمى بار.
ماركىسقا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئىشچىلار ياكى ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تىركىشىش نەتىجىسىدە ئەمگەك پائالىيتى ئارقىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئاخىرىدا ئۆزىگە تەۋە بولماي قالىدۇ. بۇ خۇددى دىھقان يەر تېرىسىمۇ ئاخىرىدا ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئاشلىققا ئۆزى ئىگە بولالمىغاندەك بىر ئىش. كاپىتالىزىم دەسلەپتە باشلانغان دەۋىرلەردە ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئىشچىلارنى ئىزىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئىدى. ماركىس ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتقا ئىگە بولالماسلىقىنى ياكى تەڭ دەرىجىدىكى مائاشقا ئىگە بۇلالمىغاندەك ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن "يىراقلاشتۇرۇش"ئاتالغۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماركىس نەزىرىدىكى " يىراقلاشتۇرۇش "مۇنداق بىر قانچە مەنىگە ئىگە. بىرى، ئىشچىلارنىڭ ئۈزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا ئىگە بۇلالماسلىقى ياكى شۇنىڭغا تەڭ مائاشقا ئىگە بۇلالماسلىقى. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە تاۋارلار پەقەت ئالماشتۇرۇش ۋە سېتىش ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردەك ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىش ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئىشچىلار ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئەگەر ئەمگىكىنى ساتمىسا جان باقالمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئىشچىلارنىڭ ئەمگىكىنى سېتىشى نورمال ئىش ھىسابلانغان بىلەن ئىشچىلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بۇلالمايدىغان ھال شەكىللىنىپ قالغان. ماركىسنىڭ بۇ قارىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەھمىيتى بار. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر زامانىۋىلاشقان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ساتىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ۋە قابىلىيتى. ئەمما ئەڭ مۇھىمى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بۇلالمايدۇ. چۈنكى خىزمەت سائىتى ۋە خىزمەتكە كىتەرلىك قابىلىيەتلەر كىشىلەردىن زور بەدەل تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا ئىنسانلار ئۆي، ئىدارە، كارخانا... دىگەندەكلەر ئارىسىدا يۈگۈرەپ ھالسىرايدۇ. خىزمەتتىكى بېسىملارنى ئائىلىگە سۆرەپ ئېلىپ كىلىدۇ. خىزمەت يەنە كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى پۈتۈن كونترول قىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مائاشلىقلار ئاساسەن شەنبە، يەكشەنبەكۈنىلا ئۆز-ئۈزىگە تەۋە بۇلىدۇ. ئەمما بۇ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلەر باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىش، ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىش، دەم ئېلىش... دىگەندەك ئىشلار بىلەن توشۇپ كەتكەچكە يەنە ھالسىرىغان گەۋدىسىنى سۆرەپ ھەپتە بېشىدا يەنە خىزمەت قىلىشىقا چېپىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. بۇلارنى ئويلىغان ۋاقىتتا بۈگۈنكى زامان ئادىمىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقتىنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى دىگەندەك ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ، ئۆزىگە پۈتۈنلەي تەۋە ئىنسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمىز.
ماركىس نەزىرىدىكى " يىراقلاشتۇرۇش "نىڭ يەنە بىر مەنىسى ئىشچىلارنىڭ ئادەم سۈپىتىدىن چىقىرىلىپ ئەمگەك كۈچى، ماشىنا سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى. ئالدىنقى مەنىدىكى " يىراقلاشتۇرۇش" ئوقۇمىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە نىسپەتەن ئەھمىيتى ئاز، چۈنكى بىز ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. چۈنكى كىشىلەر خالىسا ئىشلەيدۇ، خالىمىسا ئىشلىمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سەن مەلۇم بىر ئورۇندا ئۆزۈڭ خالىساڭ، بەرگەن مائاشقا رازى بولساڭ، تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلسەڭ ئاندىن مەلۇم بىر ئورۇندا ئىشلىيەلەيسەن. ھېچكىم سىنىڭ ئىشلەش-ئىشلىمەسلىكىڭنى مەجبۇرلىمايدۇ.
ئەمما بۈگۈنكى دۇنيا كاپىتالىستىك ئىقتىساد سىستىمىسى ئۈستىدە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا ئىشلىمەي ئامال يوق. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ پۇل ۋە كەسپنى چۆرىدەپ ئايلىنىشى كاپىتالىستىك ئىقتىساد سىستىمىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى بولۇپ، ھېچكىم پۇل ۋە پۇل تېپىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. پۇل ئىنسانىي ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ ۋە مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا ئىنساننىڭ ھاياتى پەقەت ئىقتىسادنىلا چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان بىنورمال ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا. ۋەھالەنكى كىشىلەر مەلۇم بىر خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە قانچە تىرىشقانسىرى كىشىلەر شۇنچە قەدىرسىز بولۇپ قالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئىشسىزلىق نىسپىتى يوقىرى بولۇپ، سەن ئۆزۈڭ شۇغۇللانغان ئىشنى بەك ياخشى قىلمىساڭ، سىنىڭ ئورنۇڭغا ئىشلەيدىغان ئادەملەردىن نەچچىسى قاتارى تىزىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئىشلەيدىغان كارخانا ۋە ئورگان سىنىڭ ئادىمىيلىك كىملىكىڭنى ئەمەس، بەلكى قابىلىيتىڭنى تونۇيدۇ. خىزمەت جەريانىدا قاچان بۇ قابىلىيتىڭدىن چاتاق چىقسا شۇ ھامان ئىشتىن چىقىسەن. شۇڭلاشقا قابىلىيتىڭنى ھەر زامان پىچاقتەك چاغلاپ تۇرۇشۇڭ كىرەك.
ماركىس نەزىرىدىكى "ياتلىشىش"نىڭ يەنە بىر مەنىسى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناىسىۋەتلىرىنىڭ بازار ئىقتىسادى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش پائالىيتىگە قاتنىشدىغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پۇلنى مەركەز قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چىقىش قىلىپ قورۇلىدىغان بولدى. ئاددى بىر مىسال: يىڭى توي قىلماقچى بولغانلار تويغا ھازىرلانغاندا قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتى، ئائىلىنى بېقىش ئىقتىدارى، ئۆي...دىگەندەك نۇرغۇن ئىقتىسادىي شەرتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز پاك دىگەنلەرنىڭ قايسى بىرى ئىقتىسادىي شەرتلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالايدۇ؟
دىمەك، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستىما ئىنساننىڭ ئەسلىي قىممىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ئاساسىغان قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە "ئادەم" ئىقتىساد ئالدىدا قول قۇشتۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. يۇقىرىدا دىيىلگىنىدەك، ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقىت، زىھىن ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆز قۇلىدىن چىقىپ كىتىشى بۈگۈنكى زامان ئىنسانلىرىنىڭ روھىي ئازابلىرىدىن بىرى بولۇپ قالماقتا، بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىگە تەۋە بۇلالماسلىقى كىلىپ چىقماقتا. كىشىلەر ماشىنىلاردەك ئىشلىتىلمەكتە، چۈنكى خىزمەت ئورنىنىڭ تونۇيدىغىنى سىنىڭ قابىليتىڭ، ھەرگىزمۇ ئادىمىيلىكىڭ ئەمەس. بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستىما ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە قاراپ مېڭىۋاتسىمۇ يەنىلا مەسىلىلەر كۆپ. مەسىلەن، ئىشسىزلىق، ياردەم پۇلى، داۋالىنىش، مائارىپ تەربىيلىنىش ھەققى دىگەندەكلەر ھەممە جەمئىيەتلەردە ئومۇملاشمىغان. كاپىتالىزىم ئوتتۇرىغا قويغان "پاراۋان دۆلەت" ئىدىيسى پۇلى بار، دىموكراتىيەلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىشى بولۇپ قالماقتا.
جۈملىدىن كارل ماركىسنىڭ "ياتلىشىش" ياكى "يىراقلىشىش" قارىشى بۈگۈنكى زامان ئىقتىسادىنىڭ ماھىيتىنى تونۇشتا بەلگىلىك ياردىمى بار.
بۇ يازما شەخسىي بىلوگىمدا ئېلان قىلىنغان
http://www.mutellipiqbal.com