مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3296|ئىنكاس: 24

نېمە ئۈچۈن زەھەر چېكىشكە بولمايدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 25517
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2621 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 08:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئۈچۈن زەھەر چېكىشكە بولمايدۇ؟
مىسرانىم تور بېكىتى تەرجىمىسى

Img365770512.jpg


‏     مېنىڭ ھېچقانداق زەھەر چېكىش تەجرىبەم يوق ،ئەمما مەن زەھەر چېكىش ئىشىغا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىمەن ،چۈنكى تاراتقۇلار زەھەرنى تەسۋىرلىگەندە شۇنداق دەھشەتلىك قىلىپ تەسۋىرلەيدۇكى خۇددى ئۇنىڭغا «تېگىپ »لا قالغان بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئۆمرى خانىۋەيران بولىدىغاندەك .خۇددى ئاق مەرگىمۇش(ئۆتكۈر زەھەرلىك پاراشوك)قا ئوخشاش ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان ئۈنۇملۈك دورا دەپ سانىلىدۇ .ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن يەنىلا شۇنچىلىك جىق ئادەملەر زەھەر چېكىدۇ ؟ھەيرانلىقىمدا ،زەھەر تاشلاۋاتقان بىر بۇرادىرىمىزنى زىيارەت قىلدىم ،ئۇ پەقەت :« زەھەر چېكىش ئادەمنى مەستخۇش قېلىپ راھەتلەندۈرىدۇ » دېيىش ئارقىلىقلا مېنىڭ ئاتالمىش ھەيرانلىقىمنى «بومباردىمان»قىلدى . ئەمما بۇ جاۋاپ مېنىڭ زەھەرگە بولغان قىزىقىشىمنى بېسىپ قالالمىدى . مەن «كوكائېن رىۋايىتى »نى ئوقۇش ئارقىلىق زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە نېمە ئۈچۈن تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالماسلىق سىرىنى بىلمەكچى بولدۇم .ناھايەتتە مېنى تېخىمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ،كوكائېن بۇندىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھىندىئانلار تەرىپىدىن  مەستخۇش قىلىنىپ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ زەھەر ئىستېمال قىلىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىمىزنىڭ كوكاكولا ئىچكىنىدەك راھەت بەخىش ئېتىدىغانلىقى ،دېيىلگەن .
‏     كوكائېن بىر خىل يۇقىرى كالورىيەلىك كوكائىن دەرىخىدىن چىقىدىغان ئۆسۈملۈك .ئۇنىڭ 250 خىل تۈرى بار .كۆپىنچىسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە  ئۆسىدۇ .ئۆسۈملۈك مۇتەخەسىسلىرى كوكائىننى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : كوكائېننىڭ يوپۇرمىقى ئېللىپىس شەكىللىك .ئارقا يۈزىدە يانداش تومۇرلىرىغا پارالېل كەلگەن ئىككى تال روشەن سىزىقچە بار .سۈت رەڭلىك غۇنچىسى باھاردىكى بۆرە پۇرچىقىغا ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭ پۇرىقى يېڭى ئورىغان شال پاخىلىدك پۇرايدۇ .بۇ ئالاھىدىكلەرنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇنىڭ باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن پەرقلىق ھېچقانداق تەرىپى يوق .ئەمما مۇشۇنداق پەرقسىز ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك ھىندىئانلارنى نەچچە مىڭلىغان يىل مەستخۇش قىلدى .ئۇلار كوكائېن يوپۇرمىقىنى چايناش ئارقىلىق روھلاندۇرۇشقا ئېرىشىدۇ .دېيىلىۋاتقان كوكائېن كىنولاردىكى ئارتىسلار رول ئالغاندا بۇرنىدا كۈچەپ -كۈچەپ تارتىدىغان بارمىقىدا ئۇۋىتىپ چىشىنىڭ ئارىلىرىغا سېلىۋالىدىغان كوكائېنغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ ،ئىككىسىنىڭ ساپلىقىدا زور پەرق بار .ئەگەر سىز كوكائېننىڭ يوپۇرمىقىدا بىر كېچە كەيىپ سۈرۈپ راھەتلىنىشنى ئويلىسىڭىز بۇرنىڭىزغا ئاز دېگەندىمۇ 40گرام~50گرام كوكائېن سېلىشىڭىزغا تۇغرا كېلىدۇ .ئەمما بۇنچىلىك كۆپ كوكائېن بۇرنىڭىزنىڭ ئىچىنى تولدۇرۇش ئەمەس ،ماشىنىڭىزنىڭ زاپاس ساندۇقىنىمۇ لىق تولدۇرالايدۇ .
‏     ئەسلى كوكائېن يوپۇرمىقىنى چايناش زىيانسىز بولۇپ ،ئاز مىقداردا چاينىغاندا ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ ،زېھنىنى ،جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا نەپ قىلىدۇ .كوكائېننىڭ زەھەرلىك ماددا بولىشى پەقەت ئۇنىڭ ئايرىپ ئېلىنىشىدا .
‏     1895-يىلى،گىرمانىيەلىك دوكتۇر تۇنجى قېتىم كوكائېن يوپۇرمىقىدىن بىر خىل ئاق رەڭلىك  قاتتىق ماددا  ئايرىپ چىققان .ھەمدە بۇ خىل ئاق رەڭلىك خىمىيىلىك ماددىنى كوكائېن دەپ ئاتىدى .كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ،بۇ يېڭى بايقىلىش  پۈتكۈل تىببي ساھەنى شاد-خوراملىققا تولدۇردى ،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا كوكائېن زەھەرلىك ماددا ئەمەس بەلكى بىر خىل كۆڭۈلدىكىدەك دورا دەپ قارالغان .كوكائېن جىسمانىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ ،ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلغان .ئۇنىڭدىن سىرت ،تاشقى بۆلۈم ئوپېراتسىيەلىرىگە ناركوز دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن .ھەتتاكى ھەربىي ئىشلاردا ھەربىيلەر كوكائېننى ئاز مىقداردا يەپ كۆپ مۇساپىگە ئىلگىرلىيەلىگەن ،شۇڭا تىببىي ئىلىم ساھەسىنىڭ كوكائېنغا بەرگەن تارتۇقى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن .ئەينى دەۋردىكى تېۋىپلار ئۆزىمۇ كوكائىن ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ 1-دەرىجىلىك كوكائېن خۇمارلېرى بولغان .
‏     سىگمۇند • فىرويىند كوكائېننىڭ ئەڭ مەشھۇر تارقاتقۇچىسى بولۇپ ،ئۇ پەقەت ئۆزىلا كوكائېن  يېمەستىن بەلكى خىزمەتداشلىرى،ئاتا-ئانىسى ۋە بولغۇسى ئايالىغىمۇ يىگۈزگەن .بىر قېتىم ئۇنىڭ دادىسى كۆز گلاۋكوما ئوپىراتسىيىسىگە چۈشكەندە ،فىرويىند دادىسىغا  كوكائېننى مەخسۇس ناركوز دورىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن .چۈنكى ئۇ كوكائېننى سېھىرلىك دورا دەپ قارايتتى ،ھەتتاكى نېرۋا ئاجىزلىق ۋە روھىي غەمكىنلىك قاتارلىق كىسەللىكلەرگە  شىپا بولىدۇ ،دەپ قارىغان .ئەينى ۋاقىتتىكى تىببىي ئىلىم ساھەسىمۇ كوكائېننى ئەپيۇن خۇمارى ۋە مورفىن خۇمارىنى داۋالاشتا ئالاھىدە مەنپەئەتكە ئىگە دەپ قارىغان .
‏     فىرويىند تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق كوكائېن خۇمارىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان .ئۇنىڭ دوستى فىلەشىر • فىڭ ماركىموۋ بىر دوختۇر بولۇپ بىر قېتىملىق تەجرىبىدە بەختكە قارشى ئوڭ قولى مىكروپ بىلەن يۇقۇملىنىپ باشمالتاق بارمىقى كېسىلىپ كىتىدۇ ،كېسىلگەن ئورنىغا نېرۋا ئۆسمىسى ئۆسۈپ قېلىپ ئىنتايىن ئاغرىيدۇ ،ئاغرىق دەستىدىن مورفېن يەپ ئاغرىق توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ماركىموۋ فىرويىند تەرىپىدىن كوكائېن يەپ بېقىش مەسلىھەتى بېرىلىدۇ .ئۇ كوكائېن يېگەنسېرى مەنپەئەت قېلىپ ،كوكائېن ئىستىمالى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ .ھەتتاكى كېيىنكى كۈنلەردە كۈنىگە بىر گرامدىن كوكائېن يەپ پۈتكۈل بەدەن تېرىسىنىڭ ئىچىدىن قۇرت ماڭغاندەك سېزىم پەيدا بولۇپ ،ئاخىرى ئاغرىق ئازابى دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ .
‏     كوكائېن گەرچە شۇ قەدەر قورقۇنۇشلۇق بولسىمۇ 20-يىللارنىڭ بېشىدا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەر يەنىلا ئاز بولغان بولۇپ پەقەت تىببى ساھەدىلا مودا بولالىغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە كوكائېن ئىنتايىن قىممەت بولۇپ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەن . تىببي ساھەدە بىر سەپسەتە بولۇپ ،ئىرادىسى كۈچلۈك ئادەم كوكائېنغا خۇمار بولسىمۇ تاشلىيالايدۇ ،ئىرادىسى ئاجىز ئادەم كوكائېن ئەمەس  شاكىلاتنىمۇ تاشلىيالمايدۇ .
‏     كوكائېننىڭ ئاپەت بولىشى ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈپ ئىستېمال قىلىنىشىدا .ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى قايسىدۇر بىر تالانت ئىگىسى كوكائېنغا بەلگىلىك ئىشقار قويۇپ ئېرىشىلگەن ماددىنى كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ئېرىتمىدە ئېرىتىپ كوكائېن كىرىستالىغا ئېرىشكەن .ھەمدى ئۇنى «ئەركىن تۇز ئىئونى شەكىلدىكى كوكائېن»غا ئايلاندۇرالىغان .بۇ دەل ھازىرقى زامانىمىز زەھەر چەككۈچى كىشىلىرى ئىستىمال قىلىدىغان -كوكائېن .
‏     ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنى يەنە بىر قېتىملىق كەيىپ قىلىپ مەستخۇش قىلالايدىغان دورىغا ئايلاندۇرالمىدى .ئۇنى ئىستېمال قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى مەسىلەن: ئوكۇل قىلىش ،يېيىش ،سۈمۈرۈش قاتارلىقلار بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېنادىن ئوكۇل قېلىش زەھەرنى بىۋاستە چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىدۇ .شۇڭا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن تېز دەپ قارىلىدۇ .
‏     بۇرۇن ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەن كوكائېننىڭ زەھەرلەش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز .چۈنكى ئۆپكە ئىچكى قىسىم يۈزى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ،سۈمۈرۈلگەن كوكائېن ئۆپكىگە بېرىپ ،ئۆپكىدىن ئوكسىگىن ئارقىلىق قانغا بارىدۇ ،ئاندىن قان ئايلېنىش ئارقىلىق بىۋاستە چوڭ مېڭىگە بارىدۇ .تەتقىقاتچىلار شىمپەنزىنى تەجرىبە ئوبىكتى قىلغان .يەنى ، شىمپەنزە لەڭگەرگە ئۈسكەنسېرى ئاز مىقداردا دورا يېيەلەيدۇ .قانچە كۆپ ئۈسسە شۇنچە كۆپ دورا يېيەلەيدۇ تەجرىبە نەتىجىسىدە شىمپەنزە ئاز مىقداردا كوكائېن يېيىش ئۈچۈن لەڭگەرگە 13مىڭ قېتىم ئۈسكەن .باشقا دورىلارنى يېيىش ئۈچۈن لەڭگەرگە ئۈسكەن قېتىم سانىدىن 100 پرسەنت ~160 پرسەنتكىچە يۇقىرى بولغان  .كوكائېن سۈمۈرگەندە توختىماستىن قايتا سۈمۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ .ئەگەر كوكائېن سۈمۈرگۈچى ئۇدا 96 سائەت توختىماستىن كوكائېن سۈمۈرسە شەكسىزكى ،ھالسىرىغان ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ .

‏     كوكائېن ئومۇملىشىپ كوكائېن زىيانلانغۇچىلارغا بولغان تەسىر كۈنسايىن ئېغىرلاپ بارماقتا .كوكائېن خۇمارلېرى كوكائېندىن قولىنى ئۈزەلمەي ،جىنايەت يوللىرىغا ماڭماقتا .بۇنى كوكائېن بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن ،كوكائېننىڭ ئىرادىنى بوشاشتۇرۇپ ئەقلىي ئىقتىدار كونتىروللىقىنى يوقاتقان ۋاستىلىق تەسىرىدە . بەلكى بۇ زەھەر چېكىشكە بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر . كوكائېن ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بىزنى مۇتلەق يېڭىپ كېتىدۇ دېيەلمىسەكمۇ ،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراقلا ئاجىز كەلگىنىمىزدە بىزنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىمىز ئىنتايىن قاباھەتلىك بولىدۇ ! ئەگەر ئازراقمۇ ئاجىز كەلمەيتتىم دەپ ئىرادىڭىزگە تاغدەك ئىشەنسىڭىز ،ئەڭ ئاددىيسى ئەتراپىمىزدىكى تاماكا چەككۈچىلەرگە نەزەر سېلىپ باقسىڭىز بولىدۇ .

بەيدۇ تورى -- مىسرانىم تورى تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 08:42 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaxtexijan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 09:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ زىيان سالدىغانلارنى قانداق قىلسا بولا ؟
شۇنداق شەخسىيەتچى بىكارچىلارنى ئۆمۈرلۈك تۈرمىگە سولاپ قويسا

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 09:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەيىپنىڭ خۇمارى ،ئاتا-ئانىنىڭ خۇمارىدىنمۇ يامانمۇ ؟ ئاتا-ئانىدىنمۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا
ئايرىلىپ قالىمىز ، لىكىن چىدايمىزدە .
ھەقىقى ئىرادە بولسا كەيىپنى چۇقۇم تاشلىغىلى بۇلىدۇ .

كەيىپنى ئاللاھ قىلما دەيدۇ ،ئاتا ئانىمىز قىلما دەيدۇ، بارلىق يېقىن كىشىلىرىمىز قىلما دەيدۇ ،
شەيتان قىل دەيدۇ ، دۈشمەنلىرىمىز ھەم قىل دەيدۇ .
ئۇنداقتا بىز كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 09:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما بوپتۇ، جىق بىلىملەرنى بىلىۋالدىم..

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 10:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىىۋى ئەھمىيىتى زور تېما بوپتۇ، بولسا ياشلار مۇشۇ نەرسىدىن يىراق تۇرۇپ ئائىلىسى ئۈزىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى نابۇت قىلمىسا....

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10853
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 10:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرادە بولمىغان ئادەم خېروئىنكەن ھەتتا ئادەتتىكى تاماكىنىمۇ تاشلىيالمايدۇ........


ئەسلى ئۇ كوكائىنلارنى  ئۆزىنى زەھەرلەش يۈزىسىدىن ئەمەس، بەلكى بىرقىسىم دورا سۈپىتىدە ئىشلەتسە بولاتتى.........

مىسال ئالساق:  ئادەتتىكى تاماكىنى كۆپلەپ تېرىپ ئۇنىڭ ئۇرىقىنى دورا سۈپىتىدە ئىشلەتسە راك كىسەللىرگە شىپا بۇلاتتى.. ئەمما ئۇنى تېرىپ ئۇنىڭ قۇلاقلىردىن تاماكا ياساۋاتىدۇ.....  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7096
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:20:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوكائىن دەگەن ھېلىقى كولا قەھۋە دېگەندەك ئىچىملىكلەر تەركىبىدە چىقىدىغان «كافېييىن» دېگەن شۇمۇ؟

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەندىرنىمۇ زەھەر دەپ ئاتايدىكەن ھە.بۇرۇن داۋالاشتا ئىشلىتەركەنتۇق چوڭلاردىن ئاڭلىسام.مىنىڭ رەھمەتلىك چوڭ داداممۇ نىشە چىكەتتى.103 ياشتا تۈگەپ كەتكەن.چىكىملىك بىلەن ئۆلۈمنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق بىلمەيمەن.
ھازىرقى دەۋىردە يىڭى چىققان مۇز زەھەر دەمدۇ ئەەپىيون خىرۇيىن دىگەننى بايلار چىكەرمىش.


ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق ئېسىل تېما

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12393
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32443
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 01:00:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق بولغان تېمىكەن....

زەھەرنىڭ بەدەننى زەھەرلەيدىغانلىقى،زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىش-ئۆزىنى نابۇت قىلىش.....

اللاھ بەندىلىرىنى بۇ نىجىستىن بېرى قىلسۇن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش