مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20802|ئىنكاس: 85

ھۆكۈمران: ئامېرىكىغا سەپەر (ئەخمەد ۋاھىدى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 07:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكىغا سەپەر


(ساياھەتنامە)

ئاپتورى: ئەخمەد ۋاھىدى


ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە
   شائىر، يازغۇچى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئەخمەد ۋاھىدى 1946- يىلى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1953- يىلدىن 1963- يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان، 1968- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ 1970-يىلى 10-ئايغىچە مەكىت ناھىيەسىنىڭ چاسا ھەربىي دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىككى يىل چېنىققان. ئۆز يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان، كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ 1974- يىلى 1- ئايدا <<ئاقسۇ گېزىتى>> ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئەدەبى مۇھەررىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1981- يىلى 5- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمىيىتىگە يۆتكىلىپ <<ئاقسۇ پەن تېخنىكا گېزىتى>>دە مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەريانىدا كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى 12- ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت ھاياتى 1963- يىلى 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى سابىق <<شىنجاڭ پىئونېرلىرى>> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <<ۋەتىنىم>> ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 400 پارچىغا يېقىن شېئىرى، ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ۋە دىراممىلىرى ئېلان قىلىنغان. <<قەلب سادالىرى>>، <<زەپەر ناخشىلىرى>>، <<باراڭ ئاستىدىكى پاراڭ>> قاتارلىق شېئىر، داستان، ساتىرالار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 2012-يىلى ئۇ <<تۇنجى مۇھەببەت>> ناملىق ئىككى توملۇق روماننى، <<بېشىمغا كۈن چۈشكەندە>> ناملىق ئەسلىمىلەرنى ھەمدە <<ۋەتەن مۇھەببىتى>> ناملىق شېئىر، داستانلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ئۇنىڭ ئاتاغلىق يازغۇچى، دىرامماتۈرگ ۋە مەسەلچى زۇنۇن قادىرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن <<بورانلىق كېچە>> ناملىق بىئوگىراپىيىلىك رومانى نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان كىتابخانلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
  يازغۇچى ئەھمەد ۋاھىدى 2013-يىلى 3-ئايدىن 9-ئايغىچە تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا سەيلى-ساياھەتتە بولغان. بۇ جاريانىدا ئۆ ئۆزىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى چىنلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلىمى ئارقىلىق 15 باپلىق <<ئامېرىكىغا سەپەر>> ناملىق ساياھەتنامە كىتابىنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن پات ئارىدا يۈز كۆرۈشىدۇ.

                                                                                       

بىرىنچى باب


غالىپ قەدەملەر



ھەركىمكى سەپەر قىلسا يارام بولۇر،

ئەل ئىشىغا مۇكەممەل ئادەم بولۇر.

بۇ دۇنيادا سۇدىنمۇ پاك ھېچنەرسە يوق،

ئاقماي تۇرسا ئۇمۇ مەينەت ھارام بولۇر.



(يانچۇق دەپتىرىمدىن)



-ئامېرىكىغا بارىمەن دەمسىنا، جۆيلۈمە!

-ئامېرىكىغا بارىمەن دېگىنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!

-ھوي، نى-نى بايۋەتچىلەر بارالمايۋاتسا، سەن قانداق بارالايسەنۇي، توۋا، كالۋامۇ سەن يا؟ ساڭا پاسپورت بەرسە مەن قۇلۇقۇمنى چالمىدا كېسىۋېتىمەن!

مەن دوست-دۈشمەنلىرىمنىڭ ئەنە شۇنداق تەنە-تاپىسىنى ئاڭلىغىنىمدا ئامېرىكىغا بېرىش نىيىتىمدىن يالتىيىپ قالاتتىم. ئەمما غايىۋانە بىر قۇدرەتلىك كۈچ ۋە بەزى ياخشى نىيەتلىك دوستلىرىم قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پاسپورت ئېلىپ ئاشۇ «جاھانگىر قەغەز يولۋاس» نى بىر كۆرۈپ كېلىشىمگە ئېلھاملاندۇراتتى.

-نادانلار ھەرنېمە دەپ جۆيلۈيدۇ، ئاداش. مانا مەن ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن ئامېرىكىنى، پۈتۈن ياۋروپانى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ كەلدىم. مىڭ ئەپسۇسكى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمدىن خەلقىمگە بىر ئېغىز گەپنى دەپ بېرەلمىدىم، نېمىشقا دېسەڭ سەن بىلىسەن، قۇلۇمدا قەلەم تۇرمايدۇ، سەن ماڭا ئوخشىمايسەن، كۆرگەننى يازالايسەن، شۇڭا ئەستايىدىل خاتىرە يېزىپ، ئامېرىكىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرۇج دەپ بىل، -دەيتتى ئامېرىكىنى كۆرۈپ كەلگەن دوستلىرىم ماڭا ئاق يول تىلەپ.

مەن ئامېرىكىغا قىزىمنى كۆرۈش باھانىسىدە ئېگىز بىنالار، ئاسفالت يوللار، ئازادە كوچىلار، كۆك كۆز، سېرىق چاچ ئادەملەر، فونتان، پويىز، ئايروپىلانلارنى كۆرگىلى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن «دۇنيانىڭ خوجايىنىمەن» دەپ گۈركىرەۋاتقان بىر كاپىتالىستىك دۆلەتنى __ ئەنە شۇنداق ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن خەلقنىڭ ئېتىقادى، پەن-تېخنىكىسى، مائارىپى، دۇنيا قارىشى، سودا-سانائىتى، بازار ئەھۋالى، قاتناش، ئاخبارات-نەشرىيات، سوت، ئەدلىيە، مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ سىياسى تۈزۈلمىلىرىنى ئوبدانراق كۆرۈپ، ئۇلار قانداق ياشاۋېتىپتۇ، بىز قانداق ياشاۋېتىپتۇق، بۇنىڭدىكى پەرقلەرنىڭ زادى نەدىلىكىنى بىلىپ كېلىش ئىدى.

ئەلۋەتتە، بۇنچىۋالا كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئەھۋالاتلارنى مەندەك بىر ئاددىي ئادەمنىڭ چەكلىك مۇددەتتە كۆرۈپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس، كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭدىن كىشلەرنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر ئىلمىي خۇلاسە

چىقارمىقىم تەس. شۇنداقتىمۇ «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك ھېچ بولمىسا روھى دۇنيارىمنى بېيىتىپ، ئەقىل كۆزلىرىمنى ئېچىپ كەلسەم، ئەۋلادلىرىمغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا يارارمەن دېگەن مەقسىتىم بار ئىدى. نېمىشقىكىن، بەزىلەر مەن بىلەن قېرىشىۋاتقاندەك «ئۇخلاپ چۈشۈڭ»، «جۆيلۈمە»، «قۇلۇقىمنى چالمىدا كېسىۋېتىمەن» دەپ كۆڭلۈمگە ئازار بېرىۋاتىدۇ. لېكىن، تەقدىر ئۇنداق بېشى قىچىشسا، تاپىنىنى قاشلايدىغانلارنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىكەن. يوللىرىمغا يانتاق تاشلايدىغانلاردىن، خۇشپۇراق گۈل تاشلايدىغانلار كۆپرەك بولدى.

مەن 2011-يىلى ئەتىيازدا پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئىدارەمدىن، تەۋەيىمدىكى ساقچىخانىدىن نەچچە يېرىگە تامغا بېسىلغان تونۇشتۇرۇش، ئىلتىماس، تەستىق، دوكلات دېگەندەك قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر ئىشخانىسىغا كىرىپ، تاماكا ئىس-تۈتەكلىرى ئارىسىدا قولىغا تېلېفون تۇرۇپكىسى تۇتۇپ ئولتۇرغان بىر ياش يىگىتكە ئېگىلىپ تەزىم قىلدىم. ھاجەتمەن بولغىنىم ئۈچۈن ئۆرە تۇرغان پېتىم قۇلۇمدىكى بىر تۇتام قەغەزلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەدەپ بىلەن قويدۇم. ھېلىقى يىگىتنىڭ ماڭا قارارغا كۆزى يوق، تېلېفوندىكى كىشى كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان پاراڭلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. خورلۇققا چىداپ ئۇزاق تۇرغىنىمدىن كېيىن، ھېلىقى ياپما قاپاق، ياشلىقىغا باقماي بېشى قورسىقىغا چۈشىۋالغان يىگىتنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى.

-ھە، نېمە گەپ، سۆزلەيلى، -دېدى ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي بەخىرامان ئولتۇرۇپ.

-چەت ئەلگە چىقماقچى ئىدىم، شۇڭا ...

-نەگە؟

-ئامېرىكىغا.

-نېمە؟ ! -دېدى ئۇ چۈچۈپ كەتكەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ، مېنىڭ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە ئەجەبلەنگەندەك سوغۇق نەزەر سېلىپ. ئۇنىڭ خۇمارى تۇتۇپ تاماكا چەكتى. ئاندىن:

-نېمىشقا؟ -دەپ سورىدى ئۇ جىلى بولغاندەك قوپال تەلەپپۇزدا.

-قىزىمنى يوقلاپ بارىمەن، -دېدىم مەن.

ئۇ يىگىت ئۈستەل ئۈستىدىكى ماتېرىياللىرىمنى چالا-بۇلا كۆرۈپ مەن تەرەپكە ئىتتىرىپ قويدى.

-ئۇنداقتا ئاكا، -دېدى ئۇ ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ سالاھىيىتىمنى بىلىپ سەل يۇمشاپ، -مەن سېلىنىڭ ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان باشلىق ئەمەس، باشلىق ئۈرۈمچىگە كەتكەن. سىلىگە دېسەم، ئاڭلىشىمچە، مۇشۇ شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى نەپەر دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ كاپالەتنامىسىنى ئەكەلسىلە. يەنى مەسىلەن، «بۇ ئادەمدىن چاتاق چىقماسلىققا بىز كېپىل» دەپ يازسۇن.

-مانا، مانا، -دېدىم مەن سېرىق كونۋېرت ئىچىدە ئايرىلىپ قالغان ئىككى ۋاراق كاپالەتنامىنى كۆرسىتىپ. ئۇ يىگىت تاماكىسىنى پۇرقۇتۇپ چېكىپ، ئىسلىرىنى ئاسمانغا ھالقا شەكلىدە پۈۋلىۋەتكەندىن كېيىن، كاپالەتنامىگە نەزەر تاشلىدى.

-ھە، كۆردۈم، شۇ ئىككى كىشى مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئېغىزچە، قەغەزچە كاپالەت بېرىپ قول قويىدۇ،

ئاندىن يەنە بىرى، ئەر-ئايال ئىككىلىرى ئايرىم-ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىلا.

-40 مىڭ يۈەنما؟

مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. مەندە ئاران جايلىغان 40 مىڭ يۈەن بار ئىدى. بۇنى زاكالەت بەرسەم ...

مەن ھاڭ-تاڭ قالغىنىمچە يىگىتكە قارىدىم.

-ئۇكام مەن ئامېرىكىغا بېرىپ بالامنى كۆرمەيلا تويىدىغان بولدۇم. مەندە ئۇنچىۋالا پۇل نېمە ئىش قىلسۇن، ئىلاج بولسا ...

ئۇ گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى.

-پۇل بولمىسا بارمىسىلا، سېلىنى كىم زورلىدى؟

مەن بارمىساممۇ بارماي، لېكىن نان يېگەندەك ئىككى ئېغىز گېپىمنى قىلىۋالاي دەپ ئويلاپ.

-ئۇكام مەن ۋىلايەتلىك پارتكوم دېگەن يەردە 30 يىل ئىشلىگەن ئادەم، تۆھپەم بولمىسىمۇ، جاپايىم بار. مېنىڭ ئۇياق-بۇياققا بېرىش ھوقۇقۇم بار، ماڭا بىر ئامال قىلىپ بېرىڭ، -دېدىم مەن كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ. ئۇنىڭ «ۋىلايەتلىك پارتكوم» ، «30 يىل» دېگەنلىرىمگە ۋە خورلۇق، بىچارىلىكتىن تىترەپ چىققان ئاۋازىمغا رەھىمى كەلدىمۇ قانداق سەل-پەل يۇمشاپ:

-مەن سىلىگە بايا دېدىمغۇ، مەن سىرتتىن ياردەمگە كەلگەن ئادەم. قېنى، ئولتۇرسىلا، -دېدى بېشى بىلەن ئالدىمدىكى بوش ئورۇننى ئىما قىلىپ.

-رەھمەت!

مەن ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ قاپاقلىرى سەل ئېچىلدى.

-سىلىگە بىر يول كۆرسىتەي.

-ماقۇل، قانداق يول؟

-شەھەرلىك پارتكومدا بىر ئۇيغۇر دائىمىي ھەيئەت بار، شۇنى تونۇسىلا، زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئىمزا قويۇپ بەرسە، ھېچكىم غىڭ قىلالمايدۇ.

مەن ھەل قىلىپ بەرمىسىمۇ، يول كۆرسىتىپ قويغان ھېلىقى ياش يىگىتكە رەھمەت ئېيتىپ ماتېرىياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. يولدا كېتىۋېتىپ ھەر كۈنى بىزنى ئامېرىكىغا چىللاپ تېلېفون قىلىپ تۇرۇۋاتقان قىزىمغىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ ئەستاغپۇرۇللا جۇمۇ، خەپ، ئامېرىكا دېگەن شۇنچە يىراق، گېپى يامان يەرگىمۇ بېرىۋالغان بارمۇ؟ «كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە» دېگەندەك تېخى سەپەرگە چىقمايلا، ئۆمرۈمدە قولۇمغا ئېلىپ ساناپ باقمىغان 40 مىڭ يۈەندىن ئايرىلسام، ئامېرىكىغا بارغىچە كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئوخشىمامدۇ مېنىڭ، دەپ بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. خەپ توختاپ تۇر «قەغەز يولۋاس»، ساڭا بىر بارارمەن-ھە!

-قانداق بولدى؟ سورىدى ئايالىم مېنىڭ سالپىيىپ تۇرغان قاپاقلىرىمغا قاراپ. مەن ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئايالىمنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ لاسسىدە بولۇپ قالدى. ئۇمۇ 40 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىدا تۈگمەن چۆرگىلىگەندەك بولۇۋاتاتتى.

بىرنەچچە كۈن قولۇمغا ئىش بارماي، خام ياغ ئىچىۋالغان ئادەمدەك خامۇش يۈردۈم. پۈتۈن بەدەنلىرىم چەكسىز ھارغىنلىق ھېس قىلاتتى. نەچچە كېچىنى ئۇخلىماي ئوي ئويلاپ ئۆتكۈزدۈم. «ياق، مەن چوقۇم ئامېرىكىغا بېرىپ، ئايرىلغىلى يەتتە يىل بولغان قىزىمنى، نەۋرەمنى، كۈيئوغلۇمنى كۆرۈپ كېلىمەن. قىزىممۇ ھەر كۈنى يىغلاپ تېلېفون قىلىپ، مېنى چىللايدۇ، بەزىدە تىللايدۇ، سەن شۇنچە يارىماس، چارىسىز ئادەمما ئاتا، سەن شۇنداق چوڭ ئىدارىدە ئىشلەپ شۇنچىلىك ئىشنى ھەل قىلالمىدىڭما، غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن دېگەن يەرلەردىن دېھقانلارمۇ فرانسىيە، دۇبەي، ئەنگلىيە، كانادا، ئامېرىكىغا كېلىپ بالىلىرىنى يوقلاپ كېتىۋاتىدۇ. زادى سېنىڭ كەلگۈڭ يوقمۇ يا؟» دەپ تەنە-تاپا قىلىپ بېشىمنى قايدۇرۋاتىدۇ، ماۋۇ خوتۇنۇممۇ «ئىسىت، سېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغىنىڭ، نى-نى قاراقۇرساقلار ئامېرىكىغا، ياپونىيىگە، تۈركىيىگە، دۇبەيلەرگە باردى. ئېتى ھاجى، بېشىدا تاجى. سەنچۇ ئىككى ئادەمگە زۇجاڭ بولالماي ئۆتتۈڭ ... » دەپ قورسىقىمنى كۆپتۈرۈپ جېنىمنى ئالىدۇ. خەقنىڭ گېپىغۇ مەيلى، ماۋۇ خوتۇن بىلەن قىزىمنىڭ گېپى بەك ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. دېمىسىمۇ شۇنداق ئىدى. تالادىكى، ئۆيدىكى ھېلىقىدەك سېسىق گەپلەر دەستىدىن گېلىمدىن تاماق ئۆتمىدى. كاللامدا نېمە كۆرسەم كۆرەي. نەگە بارسام باراي، ئېغىزىمغا كەلگەننى بوغۇزۇمغا يۇتماي دەۋېرىپ پاسپورت ئېلىشىم كېرەك -دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلدىم. شۇنداق بۇرۇقتۇم بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدە رەئىس بولۇپ ئىشلەيدىغان بىر خەنزۇ قىز يادىمغا كېلىپ قالدى. ئۇ ئۆتكەن يىل بىر ئاھالىلەر كومىتېتىغا شۇجى بوپتىكەن. يېقىندا شەھەرلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بوپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ «بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە مېنى ئىزدەڭ» دەپ ماڭا تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ بەرگەن ئىدى بىر يىغىندا. شۇ قىزنى بىر ئىزدەيچۇ، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، -دېدىم دە، تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم، تاپالمىدىم. شەھەرلىك پارتكوم ماڭا يېقىن بولغاچقا ئىدارىسىگە بېرىپ ئىزدەيچۇ دەپ شەھەرلىك پارتكوم قورۇسىغا باردىم. ئىشىك باقاردىن شۇ قىزنى سوراپتىم، دەل مەن ئاڭلىغاندەك چىقتى. ھېلىقى ئۇيغۇر دائىمىي ھەيئەت بىلەن بىللە ئىشلەيدىكەن ئەمەسمۇ. ئىش ئوڭدىن كەلدى. لېكىن ئۈچ كۈن قورۇ ئىچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر كۈنى سەھەردە ھېلىقى قىزنى ئىشخانىسىدىن تاپتىم، خېلى ياخشى، تەلىيىمگە ئۇ مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئۇ مېنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئەھۋالىمنى سوراپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ شۇجى بولۇپ مەنسىپىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتتىم ۋە مەقسىتىمنى ئېيتتىم. ئۇ: بەك بەلەن ئىش بوپتۇ. ئامېرىكىغا بارماق ھەقىقەتەن تەس. سىزگە ياردەم بەرمىسەم بولماس. جۈرۈڭ، -دەپلا ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى چوڭراق بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىردى. ئىشخانىدا ئىسمى ماڭا تونۇش، ئۆزى ناتونۇش، بۇغداي ئۆڭلۈك، شالاڭ چاچلىق، خېلى سالاپەتلىك بىر كىشى گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرغانىكەن. خەنزۇ قىز مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، قولىدىكى تامغىلىق بىر پارچە قەغەزنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ كىشى خەتنى ئوقۇمايلا تەستىق يازدى. ئۇنىڭ پىچىقىنىڭ ئالدىمۇ، كەينىمۇ كېسىدىكەن ئەمەسمۇ، بۇ كۈنلەردە بۇنداق بىر كىشىنىڭ بۇنداق «تەس، مۇرەككەپ ئىش»نى بېجىرىشكە ئەسقاتقىنىغا ئالەمچە خۇشال بولدۇم. دائىمىي ھەيئەتنىڭ بىر ئىلىك خېتى مېنى 40 مىڭ يۈەنلىك غەمدىن خالاس قىلىپ يېنىكلا قىلىۋەتتى. مەن خەنزۇ قىزغا رەھمەتلەر ئېيتىپ، ئۇدۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە باردىم. بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ قالدىم.

ئالدىمدا ئەڭ ئېگىز ۋە خەتەرلىك بىر داۋان بار ئىدى. ئۇنىڭدىن ئۈچ ئايدا ئۆتتۈم. شۇنداق قىلىپ مەن بىر يىلدىن ئارتۇق قاتراپ ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ پاسپورتىنى ھەل قىلدىم. ئەمدىغۇ ئامېرىكىغا بارارمەن. ھېلىقى «جۆيلۈمە»، «ئۇخلاپ چۈشۈڭ»، «قولۇقۇمنى چالمىدا كېسىۋېتىمەن» دېگەن دوست-دۈشمەنلىرىم ئەمدى نېمە دەركىن؟

   خەپ توختا، ئامېرىكا دېگەن دۆلەتنى بىر كۆرەي، قانچىلىك گۈزەل، قانچىلىك پاراۋانكىن ئۇ قەغەز يولۋاس، جاھانگىر دەيتتىم،- ئىچىمدە.

مېنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىقىم تېزلا پۈتتى. خىيال قۇشۇم ئامېرىكا ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى. يېڭى سەپەر خۇشاللىقى مېنى خېلىلا ھالسىراتتى. ھەر كۈنى دوستلىرىم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم، قۇلۇم-قوشىنلىرىم -مېنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغىنىمنى ئاڭلىغانلىكى تونۇش-بىلىشلىرىم كېلىپ مېنى ئامېرىكىغا ئۇزىتىپ يوللۇق تۇتاتتى. بەزىلىرى ئالىي رېستورانلاردا داستىخان تەييارلاپ ئالاھىدە ئۇزىتاتتى. ھەممەيلەننىڭ ماڭا قاتتىق جېكىلەيدىغان گېپى تىنچ بېرىپ، تىنچ قايتىپ كېلىش ئىدى. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى بەزى دوستلىرىمنىڭ تەشۋىشلىك نەسىھىتى ئىدى:

-ئامېرىكا خەتەرلىك دۆلەت ئىدى. شۇڭا سېنىڭ سەپىرىڭمۇ خەتەرلىك. ئۇ يەرگە بارغاندا قۇلىقىڭغا پاختا تىقىۋېلىپ، كۆزۈڭگە قارا كۆزەينەك تاقىۋال -ھە!

قورقۇنچاق، بەك ئېھتىياتچان دوستلىرىمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇلار مېنى ئامېرىكىدا سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ بىرەر پېشكەللىككە ئۇچراپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇراتتى. «قۇلىقىڭغا پاختا تىقىۋال» دېگىنى «ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىما» دېگىنى، «قارا كۆزەينەك تاقىۋال» دېگىنى «كۆرگەنلا نەرسىگە بەك سەپ سالما» دېگىنى ئىدى. «ئېغىزى كۆيگەن كىشى قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچىدۇ» دېگەندەك، ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىگە ئۇنچىۋالا قورقۇش، ئەنسىرەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ماڭا كۆيۈنىۋاتاتتى.

قانداقلا بولمىسۇن، مەن سەپەرگە چىققىلى ئالدىراۋاتاتتىم. ھازىرلا بىرى ئۆيگە كىرىپ «پاسپورتنى تاپشۇرۇۋەت، سەن ئامېرىكىغا بارساڭ بولمايدۇ» دەيدىغاندەكلا بىلىنەتتى.

ئىشقىلىپ، ماڭا ئامېرىكىنىڭ جىنى چاپلاشقاندىن بۇيانقى جاپايىم، خاتىرجەمسىزلىكىم، جىددىيلىكىم مېنى باشقىچىلا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. مەن بۇ ھەقتىكى كونا خاماننى سورۇپ ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغۇم يوق. بۇلارنى يازسام قولدىن-قولغا ئېلىپ ئوقۇيدىغان كاتتا بىر رومان پۈتەتتى ... بولدىلا، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئالدىمغا قاراپ، يولۇمغا ماڭاي.
   2010- يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدى. ئاخشامدىن بۇيان بوران چىقىپ پەقەت توختىمىدى، بۇ بوران سەپەرگە ئاتلانغان يولۇچىغا ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس ئىدى. مەن كېچىدىن بۇيان سەپەر جىددىيلىكىدە تۈزۈكرەك ئۇخلىمىغاننىڭ ئۈستىگە بوران چىقىپ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىككەنتى. قورققان يەردە جىن بار دېگەندەك، قارىمامدىغان مەن ئالدىرىغانسېرى نەس باسقىلى تۇرغىنىنى. بىر كەمدە ئايروپورتتىن تېلېفون كېلىپ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ كېچىككەنلىكىنى، بوران قاچان توختىسا ئاندىن ئۇچىدىغانلىقىنى، ئاڭغىچە ئۇقتۇرۇش كۈتۈپ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى.

   ئىككى سائەتتىن كېيىن ئايروپورتتىن يەنە ئۇقتۇرۇش كېلىپ ئايروپىلاننىڭ ئۇچىدىغانلىقىنى، تېزلىكتە ئايروپورتقا كېلىشىمىزنى، ناۋادا كېچىكىپ قالساق ئاقىۋىتىگە ئۆزىمىزنىڭ ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقتۇردى. بىز ئالدىراپ-تېنەپ ئوغلۇمنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئايروپورتقا باردۇق. بوران توختاپ ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەنىدى. يولۇچىلار بىردەمدىلا غۇژژىدە ئولاشتۇق. يۈك-تاقلىرىمىزنى تارازىغا سېلىۋېدۇق ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىپتۇ. مەن ئۆيدىن چىققاندىلا ئايالىم ۋە بالىلىرىم ماڭا: «كىتابتىن نېمە چىقىدۇ، شۇنچە ئۇزۇن سەپەرگىمۇ شۇنچە جىق كىتاب ئېلىۋالغان بارمۇ» دېسە، مەن «ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە كىتاب يوق، مەن بىر يىلدىن بۇيان ئوقۇيالمىغان كىتابلىرىمنى ئېلىۋالاي، مەن زېرىكىپ قالىمەن» دەپ بالىلىرىمغا گۈركىرەپ بىر يەشىك كىتابنى يۈك-تاقلار ئارىسىغا قىستۇرۇپ سېلىۋەتكەنىدىم. مانا ئەمدى خوتۇن-بالىلىرىم ئالدىراشچىلىقتا چاقلىق چاماداننى ئېچىپلا كىتابلارنى بىر-بىرلەپ سۇغۇرۇپ ئېلىۋەتتى. مەنمۇ غىڭ قىلالمىدىم. دەل شۇ چاغدا ئامېرىكىدىكى قىزىمدىن تېلېفون كېلىپ بىزنىڭ يولغا چىققان-چىقمىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز بوران توختاپ يولغا چىققانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئاپىسى ئايروپورتتىكى كىتاب جېدىلىنى ئېيتقاندا قىزىم تۇرسۇنئاي ماڭا:

-ئامېرىكىدا سەن چۈشۈڭدە كۆرەلمىگەن كىتابلار بار. شېئىر ئوقۇمسەن، رومان ئوقۇمسەن، ژۇرنال ئوقۇمسەن مەن تەييارلا قويدۇم. سېنىڭ ئەكېلىدىغان كىتابىڭنى سەندىن بىلەك كىم ئوقۇيتتى. ھەممىسىنى تاشلا، سەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ھەرقانداق كىتاب ئامېرىكىدىن تېپىلىدۇ، -دېدى. مەن بۇ گەپتىن گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كەتتى -دە، رازىلىق بىلەن كىتابلىرىمدىن ئايرىلدىم.

   ئايروپورتتىكى قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ ئىچكىرسىگە ماڭغاندا خۇددى چۆچەكلەردىكى بارسا كەلمەس يولغا ماڭغاندەك تەنلىرىم جۇغۇلداپ پىغانىم ئۆرلەپ مېنى يىغا تۇتۇپ كەتتى. ماڭا قوللىرىنى ئۇزارتىپ خوشلىشىۋاتقان ئوغلۇم، قىزىم، ۋە باشقا تۇغقانلىرىم ياشلىق كۆزۈمگە گىرىمسەن، غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. رازىيە تاكى ئايروپىلانغا چىقىپ ئايروپىلان قوزغالغىچە مىشىلداپ يىغلاپ كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروخانىقىزلار خەنزۇ تىلىدا  بىخەتەرلىك بەل تاسمىسىنى پۇختا تاقىۋېلىشىمىزنى ئېيتىپ، كۆڭۈللەرگە قورققاق سېلىپ، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىۋاتسا، ئۇدۇلىمىزدىكى تېلېۋىزور ئېكرانىدا تاسادىپىي ئەھۋالدا ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى چۈشەندۈرۈلىۋاتاتتى. مەن ئايروپىلانغا كۆپ قېتىم ئولتۇرساممۇ، لېكىن بۇداقىدەك ھەم خۇشاللىق، ھەم تەشۋىش ئارىلىشىپ كەتمىگەن ئىدى. ئالدىمدىكى رەتتە ئولتۇرغان ئىككى مۇسۇلمان كىشى ئايەت ئوقۇپ، دۇئا قىلىشاتتى. ئىنسان خۇددى قۇشلاردەك قانات ياساپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاللاغا تاپشۇرۇپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم. شۇ چاغدا ماڭا ئەڭ ياخشى تەسەللى بېرىپ روھۇمنى جۇشقۇنلۇققا ئېرىشتۈرگىنى مۇھەممەد سادىق كاشقىرىنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىك نەسىھىتى بولدى:

   «سەپەردە بەش خىل پايدا باردۇر: بىرىنچى، غەم ۋە خاپىلىق كېتىدۇ. ئىككىنچى، تىرىكچىلىك سەرمايىسى ھاسىل بولىدۇ. ئۈچىنچى، بىلىم ئۆگىنىدۇ. تۆتىنچى، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىدۇ. بەشىنچى، ئۇلۇغلارنىڭ سۆھبىتىدىن بەھىر ئالىدۇ. بىراق، سەپەردە ھارغىنلىق، تەنھالىق، باياۋان كەزمەكلىك ۋە قاتتىقچىلىقلارنى كۆرمەكلىكتەك جاپا-مۇشەققەت بولسىمۇ، بۇ چېقىمچى ۋە ھەسەتخورلارنىڭ ئارىسىدا تىرىك يۈرۈشتىن مىڭ ياخشىراقتۇر».

بۇ ھېكمەت مېنىڭ پۈتكۈل سەپىرىمگە يېتەكچى، قەلبىمگە نۇرلۇق چىراغ، تەسەۋۋۇرۇمغا قانات، ھارغان-ئاچقاندا ئوزۇق ۋە راھەت بەخش ئەتتى. بۇ قەلب ھېكمىتىنى ھەر قېتىم يادلىسام تىلىم ھەسەل يېگەندەك تاتلىق بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ كىتاب نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا. ئاپتورنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسەرنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا قەتئى بولمايدۇ. جەمىيىتىمىزنىڭ ئامانلىقى، مۇنبەر ۋە ئاپتورنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنكاس يازغاندا ئىلمى بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 12:42 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 07:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز، ساياھەتنامىلەر ئادەمنى خۇددى شۇ يەرگە بارغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى تەسىراتلىرىنى بىلىپ باققۇم بار. تېزراق يوللىسىڭىز.

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 832 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 07:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەھمەت ھۆكۈمران ئەپەندىم !  كەچتە ياتاقداشلىرىمىدىن بىرسى گېتتار چالغان بىرسى ناخشا ئوقۇۋاتقان بىرسى توردا كىنو كۆرەۋاتقان كىم ئۇخلسا چاقچاق قىلىپ بىشىغا سۇ قۇيۇپ ئۇخلىغىلكى قويمايۋاتقان . تورنى ئاچسا يىڭىلىق يوق زىرىكىپ تۇرغانتىم . ماۋۇ يىڭى تېمىدا سىزنىڭ تىلغا ئالغان  مەزمۇنلار قىزىقىشىمنى قوزغىۋەتتى ،ئىپتارغا بەش مىنۇتتەك ۋاقىت قاپتۇ ئىپتار قىلۋىلىپ كەچتە تاپ بىسىپ بىر ئوقۇپ بەھرى ئالايچۇ .  

ھازىر يۇقارقى  ئىنكاسىم بىلەن  ساقلاپ قويغان بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44799
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7228 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 09:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ساياھاتنامىلارنى ئۇقۇسام مانمۇ شۇ يەرگە بارغاندەك بۇلۇپ قالدىكەنمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 01:16:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىزگە نىسبەتەن چەتئەلگە چىقىش جومۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشتىنمۇ تەس،
ماڭىمۇ  پاسپورت بىجىرىشكە يول ماڭغىنىمدىن باشلاپ پاسپورتنى قۇلۇمغا
ئالغىنىمغا قەدەر توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 02:02:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار دەپ يوللاپسىز   داۋامىنى ساقلايمەن

مۇشۇنداق چۈشىنىشلىك تىمىلارنى يوللىسام ئۆزۈمنىڭ شۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەكلا  بولۇپ قالىمەن.....

پاسپۇرت بىجىرىش شۇنداق تەس بولۇپ كەتتىغۇ تاڭ

بولمىسا ساياھەتكە قىزىقىدىغانلار شۇنچە جېق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 05:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەلگە چىققانلار بىر ئىغىز تىنىۋەتمەمسىلەر.ئادەتتىكى پۇخرالار قانداق شەرىتلەرنى ئادا قىلسا پاسپورىت بىجىرەلەيدۇ.مىنىڭ تۈركىيە ئامېرىكىغا چىقىپ باققۇم بار.ساياھەت قىلىپ كاللامنى سەگدەتكۈم بار ئىدى.توردا مونبەرلەردە پاسپورت ھەققىدىكى بەزى ئادەمنى چۆچىتىدىغان پۇل رەنىسىمۇ بارمىش.قانچە پۇل رەنە قۇيۇلدۇ.رايۇنىمىز بۇيىنچە پۇلى ئوخشاشمۇ...........

بۇ كىتاپ نەشىردىن چىققاندا ئۆھھۆ دەپ بىرنى تىنىۋىتەرسىلەر ھە.

مەھسۇلاتنىڭ ئىلانى ئادەمنى تىزلا جەلىپ قىلدى.شۇ كىتابنى بىر ئوقۇماق كىرەك.باھاسىنى قىممەت قىلىماڭلار جۇمۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 01:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 05:07 AM
چەتئەلگە چىققانلار بىر ئىغىز تىنىۋەتمەمسىلەر.ئادەتتى ...

خاتا چۈشىنىپ قالماڭ! بۇ ھەرگىزمۇ ئېلان ئەمەس. شۇ كىتابنىڭ بارلىق قىسىملىرى نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 03:04:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق تەسكە توختاپتۇ پاسپورت بېجىرمەك قارىغاندا.....

شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇدۇم  بۇ يازمىنى.....

داۋامىنى كۈتىمەن ئەمسە...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 832 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 03:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە چىقىتۇ دە بۇ تېما بەك ياخشى بولدى . بولسا ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرىنى پارچىلاپ-پارچىلاپ يوللىۋەتسە بىزنىڭ بۇ ئاچ پاقا كۆزلىرىمىزنمۇ بىر كۆرۈپ تويسا دەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش