ھىندىستاندىكى مۇقەددەس دەريا_گانگ دەرياسىنىڭ ئاجايىپ
مەنزىرىسى
ھىندىستان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، ئۇ يەردە بىر مۇقەددەس ئانا دەريا بار، ئۇنىڭ ئىسمى گانگ دەرياسى. تۆۋەندىكى يازمىدا بۇ دەرياغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر رەسىملەرگە قوشۇپ سۆزلىنىدۇ......
ھە راست، يازمىنى باشلاشتىن بۇرۇن گەپنى ئېنىق دەپ قوياي، قورقۇنچاق بولسىڭىز پەستىكى سۈرەتلەرنى ياخشىسى كۆرمەڭ، ئەگەر قۇسۇۋەتسىڭىز ياكى ئايلىنىپ كەتسىڭىز مېنىڭ كارىم يوق.
ھىندىستان مەن بارغان ئەڭ مەينەت دۆلەت، ئۇ ھەتتا ئىككى تەرەپتىكى قوشنىسى پاكىستان بىلەن بېنگالدىنمۇ مەينەت، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى مەينەت، قالايمىغان، سېسىق. بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم، جۇما.
ئوچۇقچىلىقتا ئوتۇن قالاپ، جەسەت كۆيدۈرۈپ مېيىت ئۇزۇتۇش ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى دەپنە قىلىش ئۇسۇلى. ھىندىستاندىكى ھەرقايسى دىنىي مەزھەپلەر (ھىندى دىنى، شېك دىنى) ئوتنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئۇلار روھ ئەڭ ئاخىرىدا ئوت ئارقىلىق تەندىن ئاجراپ، گۇناھى يۇيۇلغاندىن كېيىن گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىدە پاكلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئوت بىلەن گۇناھ يۇيۇپ، سۇ بىلەن روھنى پاكلاش مېيىت ئۇزۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھىسابلىنىدۇ.
كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن گانگ دەريا ساھىلى، چۈنكى ئوتمۇ مۇقەددەس، بۇ دەريامۇ مۇقەددەس تۇرسا. بولۇپمۇ دەريا بويىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان ۋاراناسى)Varanasi( قەدىمىي شەھرى جەسەت كۆيدۈرۈشتىكى ياخشى جاي. جەسەت كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن كۈلى دەرياغا بىۋاستە چېچىۋېتىلىدۇ، ۋاراناسى شەھرىدە قۇياش كۆتۈرۈلۈش بىلەنلا نۇرغۇن مۇخلىس كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، دەريادا يۇيۇنۇپ روھىنى پاكلايدۇ ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ.
ۋاراناسىدا ئاممىۋى ھاجەتخانا يۈرۈشلەشمىگەچكە، كىشىلەر تامنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىۋېرىدۇ، پوق-سۈيدۈكلەر يۇندىغا ئارىلىشىپ، تاش پەلەمپەي ئارقىلىق دەريا سۈيىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاۋاپچىلار دەريا سۈيىدە چىشىنى چوتكىلدۇ، يۈزىنى يۇيىدۇ، يۇيىنىدۇ، سۇ ئۈزىدۇ، كىر-قات يۇيىدۇ، ھەتتا بىۋاستە ئىچىدۇ. شۇنداق مەينەت بولسىمۇ، گانگ دەرياسى بىلەن ۋاراناسى شەھرى ھىندىستاندىكى ئەڭ جەلپكار جاي ھېساپلىنىدۇ. چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە بىر كەلسە، نەچچە ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. قەدىمىي شەھەرنىڭ قويۇق سەنئەت پۇرىقى كىشىگە مەنىۋى نامراتلىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ھىندىستانلىقلاردا بىر خىل ئەقىدە بار، ئۇ بولسىمۇ روھ ماددىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تورىدۇ، شۇڭا دەريا سۈيىدە ئېقىپ روھىنى پاكلاش ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.
ھىندىستانلىقلار چوقۇم ئوت ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيۇشى كېرەك، لېكىن مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەر گۇناھىنى يۇمىسىمۇ بولىدۇ، بىرى، بوۋاقلار. يېڭى تۇغۇلۇپ تېخى پۇتى يەرگە دەسسمىگەن بوۋاقلارغا گۇناھ چاپلاشمايدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ تەبىئىلا گۇناھى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، ھامىلدار ئاياللار. ئۇلار بىر جاننى ئاپىرىدە قىلىشقا تەييارلانغانكەن، ئۇنىڭ پۈتكۈل گۇناھى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئۈچىنچىسى، جاپا-مۇشەققەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋاتقانلار. بۇنداقلار بىر ئۆمۈر ئىخلاس بىلەن جاپا چېكىپ، گۇناھىنى يۇيىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، گۇناھ بولمىغانكەن، ئۇلارنىڭ ئوت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. يۇقۇرىدىكى ئۈچ خىل كىشىنىڭ گۇناھى بولمىغان بىلەن مۇقەددەس سۇ ئارقىلىق روھىنى پاكلىمىسا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەسىدىنى كۆيدۈرمەيلا گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىدە ئېقىتىۋېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوچۇقچىلىقتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ، پۇل بولمىغاچقا نامراتلارنىڭ توققانلىرى ئۆلۈپ كەتسە، گۇناھىنى يۇماي(كۆيدۈرمەي)، بەلكى روھىنى پاكلايدۇ( سۇدا ئېقىتىدۇ). چۈنكى مېيىتنى توپىغا كۆمۈپ قويغاندىن سۇدا ئېقىتىپ روھىنى پاكلىغان ئەۋزەل ئەمەسمۇ. بەزى ئىگە-چاقىسىز سەرگەردانلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئوخشاشلا گانگنىڭ سۈيىدە ئېقىتىۋېتىلىدۇ.
دىمەك، مۇقەددەس شەھەر، مۇقەددەس ئوت، مۇقەددەس دەريادا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئارزۇسىنى قوشۇپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھەر بىر ھىندىستانلىقنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھىسابلىنىدۇ.
ئەمدى يازمىنى ئوقۇپ بولدىڭىز، گانگ دەرياسىدا لەيلەپ تۇرغان جەسەتلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بولدىڭىز ھەقىچان.
‹‹جېجاڭ با›› بلوگىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
ئۇلانما:
http://tieba.baidu.com/p/1164785750