ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت
خۇمار بوپ ھاراققا قىلالماي تاقەت ،
ئىچىپلا يۈرۈپتۇق كۈن ئاتلاتماي پەقەت.
مۈڭگۈزمۇ چىقماسكەن ئىچسەكمۇ ئەبەت،
ئىچمەي ئەمدى ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت
.
تېپىشتۇق ئۈلپەتلەر يانفۇنلار بارغۇ ،
چاققان كەل ئىچىمىز قىزچاقلار بارغۇ .
كەلمىسەڭ گەپ جىق پۇشايمان بارغۇ،
زىيان كۆپ،ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
تۈزەلگۈچە سورۇن كۆزلەر تېشىلدى ،
لىق ئىچىپ ئوبدانلا پىكىر چېچىلدى .
ھەممىمىزنىڭ ئەپتى شۇ چاغ ئېچىلدى،
ناتىق لارغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
ئولتۇرساڭ سورۇندا گەپنىڭ جىقلىقى ،
قۇيۇلغان ھاراقنىڭ تېخى لىقلىقى .
بۇ ئىچىش توختىماس ياز ۋە قىشلىقى ،
زابۇيلارغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
بىرسى دەر زارلىنىپ پۇلۇم جىق ئەمەس،
ئىجارە ئۆيلىرىم گوياكى قەپەس .
ئازادە ئۆيگىلا قىلىمەن ھەۋەس ،
ماكانسىزغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
يەنە بىرى قاخشار قىلغان خىزمەتتىن ،
قەرىز ئېلىپ يازغان ھۆججەت تىلخەتتىن .
ئۆتەلمەس خاتىرجەم كەلگەن قىسمەتتىن،
قەرىزدارغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
كۈندە بىر قاۋاققا ماڭساق سوكۇلداپ ،
كۆرمىسە ھېچكىم دەپ يۈرەك پوكۇلداپ .
كەلدۇق ھەم گەپ بىزنىڭ ئۈنلۈك چۇكۇلداپ،
ھاياسىزغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت .
.
ئىچسەكمۇ تۈگمىدى دۇكاندا ھاراق ،
جاقىراپ يەيمىزغۇ بەزىدە تاياق .
قاخشايدۇ خوتۇن كەتتىڭ سەن قاياق.
بەڭۋاشلارغائۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
خەجلەپ ھاراققا پۇل تۇرمىسا تېخى ،
ئۈلپەتنىڭ پۇلىنى تۆلمىسەك تېخى .
ئېيتقىنا قايسىڭ باي قايسىڭلار سېخى،
نامراتلارغا ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
ھەرگىز بارماي ئەمدى سورۇنلىرىڭغا ،
بولدى ئېغىز تەگمەي قورۇملىرىڭغا .
قاچساممۇ تارتمىغىن قويۇنلىرىڭغا ،
تويدۇم،ئۈلپەت بولغۇم يوق پەقەت.
.
مەنبە ؛ئۆز ئىجادىيتىم
كورلا؛ .2014.7.8
.