|
|
|
|
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كاشغەر شەھىرىستانى (سېرىغ) ۋە تاشكۇرگان (قىزىل) ناھىيەسى
تاشكۇرگان (ئۇيغۇرچە تاشقورغان ياكى تاشقۇرغان، تاجىكچە Йенги Тоҷик Тошкйрғон) تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، نامى ‹تاش قەلئە› دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەرنىڭ ناھىيەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگراداشتۇر.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
كۆلەمى : 52400 كىۋادرات كىلومېتىر
جەمئىيەتى : 27800 نەپەر
تور بېكىتى : http://www.tashkurgan.cn/
جۇغراپىيە
بۇ ناھىيەنىڭ مەركەزى تاشقورغان شەھىرى، ناھىيەنىڭ شەرقىدەدۇر. بۇ ناھىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا؛ پامىر تاغلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئۈچ مىڭدىن تاكى ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈزمېتىرغىچە ئارلىقتىكى ئېگىزلىكتىكى پامىر تاغلىرىدا قارارلاشقان. بۇ شەھەر پاكىستان ۋە جۇڭگو ئارىسىدىكى قاراقۇرۇم ئىستىراتېگىيەلىك يولى بويىغا جايلاشقان ۋە پاكىستان چېگرا پوسخانىسى ئۇنىڭ جەنۇبىدا، خونجەراب (قونجىراپ) ئۆتكەلىنىڭ كەينىدە قارارلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ چۆرىسىنى ئېگىز-ئېگىز تاغلار ۋە تەبىئىي مۇزلۇقلار مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرغان. ۋە تاشكۇرگان دەرياسى ئۇنىڭدىن جەنۇب-شىمال يۆلىنىش بىلەن ئاقىدۇ. (شەرقۇ-غەرب ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يىپەك يولى زېمىنى لىنىيەلىرى 344، 421، 425، 540، 544، 566-بەتلەر)
تارىخ (بۇ ئابزاسىدا مەخسۇس مىلادىيە كالېندارى قوللىنىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەزىلىرى ئىزاھلاپ قويۇلدى)
مۇسۇلمانلار ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يىللىرىدا تاشقورغانغا يېتىپ كېلىشكەن. تۆتىنچى ئەسىردە بۇ شەھەر ئىلخانلار ھۆكۈمەتىنىڭ قارىمىغىدا بولغان ھەمدە شۇلارنىڭ تىرىشىشى ۋە بازارچىلارنىڭ تەرەددۇتىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى شۇ جايدا كەڭەيدى. ئۇ جاينىڭ ئاھالىسى بەشىنچى ئەسىر (مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىر) دە ئىسمائىلىيە (شىئە مەزھىبى ئىچىدىكى تارماق مەزھەب) ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ شۇ جايغا كىرىشى ۋە ناسىر خۇسرەۋ قۇبادىيانىي (مىلادىيە 1004-يىلىدىن 1088-يىلىغىچە ياشىغان) نىڭ رەئىسلىگىدە، ئىسمائىلىيەگە ئەگەشكەن. تاشكۇرگان يەتتىنچى ئەسىردە موڭغۇللار ئېمپىرىيەسى ھۆكۈمرانلىغىدا بولدى ۋە مۇسۇلمان سەرۋازلارنىڭ بۇ قەۋمگە ھەمراھلىققا كىرىشى بىلەن، ئىسلام ئۇنىڭدا قانات يايدى. ئون ئۈچۈنچى ئەسىردە، ئاغاخان مەھەلاتىي (ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ ئەڭ يۈكسەك كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئۆلگەن يىلى - 1299) نىڭ ھىندىستاندىن ماڭدۇرغان موبەللېغ (دىن تارقاتقۇچى) لىرىنىڭ نوپۇزى تاشقورغان ئىسمائىلىيلىرىنىڭ «خاجەۋىي» تارمىقىغا مايىللىقىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە. تاشكۇرگان شۇ ئەسىرلەردە، شىنجاڭنىڭ بۆلەك زېمىنلىرى بىلەن بىللە، بىر مەزگىل يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) نىڭ رەھبەرلىگىدىكى ھۆكۈمەتتە بولغان بولۇپ، ئەمما كېيىن قايتىدىن چىنغا باغلانغان. (لى-شىنخۇا 475-بەتتىن 486-بەتكىچە، ما-تۇڭ 48-بەتتىن 50-بەتكىچە)
تاشقورغاننىڭ مۇھىم جايلىرىدىن جەنۇبىي يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى، تاش ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان ‹قەدىمىي قەلئە› بار.
تاشكۇرگان تارىخىي قەلئەيى
خەلق
تاشقورغاننىڭ جەمئىيەتى، بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان بەشىنچى يىلدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، يىگىرمە يەتتە مىڭ سەككىز يۈز نەپەر ئەتراپىدا ئىكەن. تاشكۇرگان ئاھالىسى پامىرىي قەۋم (مۇناسىۋەتلىك پارسىي ماقالىدە، بۇلارغا قارىتا سەل-پەل ئۆزگىچە پىكىر مەۋجۇد بولۇپ، ئۇنىڭدا «پامىرىيلار ئۆز تىلىدا ئۆزلىرىنى پامىرىي ياكى بەدەخشانىي دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تاجىكىستاندا تولاراق ئۆزىنى بەدەخشان تاجىكى؛ ئافغانىستان ۋە جۇڭگودا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن) لەردىن بولۇپ، جۇڭگودا تاجىك ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان پامىرىيلىرى بىلەن ئوخشاش. ئۇلار تاجىكىي تىل بىلەن سۆزلەشمەيدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىلى سەرىكالىي (ياكى سەرىقۇل تىلى) تىلى؛ ۋە ئاز بىر قىسمىنىڭ تىلى ۋەخىي (ۋاخان تىلى) تىلى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى شەرىقى ئىرانىي تىل تارمىقىدىكى، پامىرىي تىللىرى گورۇھىدىن ھېسابلىنىدۇ.
ئىقتىساد
تاشقورغان ئىقتىسادىي نۇقتىدىن، نىسبەتەن نامىرات رايونلار قاتارىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى دېھقانچىلىقنى؛ بولۇپمۇ دانلىق زىرائەت ۋە چارۋىچىلىق (قوي-كالا بېقىش) نى ئاساس قىلىدۇ. تاشقورغاننىڭ ئىقتىسادى ئاخىرقى ئون يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللۇنىشى (شەمسىيە 1359\ مىلادىيە 1980-يىللار)؛ ۋە شەمسىيە 1372-1379 \مىلادىيە 1993-2000 يىللاردىكى پىلان بويىچە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونى ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئېتىبارىغا ئېرىشىشى سەۋەبى بىلەن روناق تېپىقلىق.
تاشقورغاننىڭ پوچتا مومۇرى :- 845250
تېلېفون رايون نومۇرى :- 998 (0) 89+
ماشىنا تاختىسىنىڭ باش نومۇرى :- شىن Q
مەنبە:ۋىكىپېدىيە قامۇسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-8 06:59 PM
|
|
|
|
|
|