|
|
|
|
ياركەند
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كاشغەر ۋىلايەتى (سېرىغ) دىكى ياركەند (قىزىل) شەھىرىستانى
ياركەند (يەكەن) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى شەھەر ۋە ناھىيەدۇر.
بۇ شەھەر ئۈچ يۈز يەتمىش ئۈچ مىڭ تۆت يۈز توقسان ئىككى (ئىككى مىڭ ئۈچۈنچى يىلقى) تەنلىك نوپۇسى بىلەن، تەكلىماكان باياۋانى ۋە تارىم دەريا ھەۋزىسىغا جايلاشقان ياركەند شەھىرىستانى، كاشغەر ۋىلايەتىدىكى ئون بىر شەھىرىستاندىن بىرىدۇر.
ياركەند قەدىمدە، يىپەك يولى جەنۇبى تارمىغىدىكى قەدىمىي بۇددا پادىشاھلىقلىرىدىن بىرىنىڭ پايتەختى ئىدى.
ياركەند مۇنبەت سەھرا بوستانلىغى، شىمالدىكى كۇنلۇن (پىياز تېغى مەنىسىدە) كۇھىستانىدىن قۇيۇلىدىغان ياركەند دەرياسى تەرىپىدىن سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ بوستانلىق نۆۋەتتە ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز ئون كىۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە. ئەمما ئېھتىمالغا يېقىن كى، قەدىمقى چاغلار ۋە مىلادىيە ئۈچۈنچى ئەسىردىن باشلانغان باياۋان جانلىنىشىدىن ئىلگىرى، يەنىمۇ زورراق كۆلەمگە ئىگە ئىدى.
نۆۋەتتىكى ياركەند، ئاساسەن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك شەھەردۇر. بۇ بوستانلىقنىڭ سۇغۇرۇلغان ئېكىنزارلىقلىرىدىن پاختا، بۇغداي، قوناق، ئانار، نەشپۈت، ئۆرۈك ۋە ياڭاق ئېلىۋېلىنىدۇ. قوتاز ۋە قوي ياركەند چۆرىسىدىكى كۇھىستانلىق رايونلارىنىڭ ئەسلىي چارۋالىرىدىندۇر. بۇ رايوننىڭ مەدەنلىرى نېفىت، گاز، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، ئاليۇمىنا، گىرانىت ۋە تاشكۆمۈردىن ئىبارەت.
شىنجاڭدىكى ياركەند رايونى
ئۆتمۈشتە
ياركەند رايونىدىن، تۇنجى بولۇپ «كېيىنكى خەن تارىخى» (كېيىنكى خەننامە) كىتابىدا شاچې (قەدىمقى چىن تىلى - سايكا) نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن كى، بۇ ئېھتىمالەن مۇشۇ رايوننىڭ ئىرانىي ئۇرۇغلۇق خەلقى، يەنى سەكا (ساك) لار نامى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.
ياركەند دائىمىي تۈردە، ئۆزىنىڭ ھەمسايەسى بولغان خوتەن، تۇرفان، كۇچا، شانشانغا ئوخشاش پادىشاھلىقلار بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر جەڭدە بولغان. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە بۇ كىچىك پادىشاھلىقلارنىڭ بارچىسى موڭغۇللارنىڭ خەراجگوزارى (خىراج تۆلەر) بولغان ئىدى.
ياركەند مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئىسلامغا ئەگەشكەن. ئۇنىڭ يازمىلاردا ئون بىرىنچى ئەسىردىن تارتىپ كۆرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى نامى، ئېھتىمالغا يېقىن كى يار (تۈركىيدە قورام تاش ۋە قىيساڭ مەنىسىدە) ۋە كەند (پارسىي سۆز تۈپى بولۇپ، شەھەر مەنىسىدە) دىن تەركىبتۇر.
فارسىي يازمىلاردا ئۇنىڭ نامىنى گاھى ھەم ‹يارقەند› سۈرەتىدە يېزىغلىق. «ئانەندراج» دا خوتەن ۋە ياركەند ھەققىدە مۇنۇلار كەلتۈرۈلگەن كى:
خوتەن ھۆكۈمرانى سەلتەنەتىنىڭ مەركەزى ۋە دارولمولك (پايتەخت) شەھەرىنىڭ نامىدۇر. خۇيى ئوبدان خەلققە ۋە ئۇز قىزلارغا ئىگە بولۇپ، كاشغەر قىزلىرىغا ئوخشاش ھۆسنۇ-جامالۇ-ئەڭلىكۇ-جىلۋەسى بىلەن كوچايۇ-بازاردا ئېچىلىپ-يايرىغان ھالدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھەر كىشى بىرەر قىز بىلەن قېتىلىش تەلەبدارىدا بولسا، ۋە شۇ جاي بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇ (يەكەن) نىڭ ۋەكىلى ۋە مەنسۇبى (غوجا، ئىگە) ئۇنى قوبۇل قىلسا، ئازغىنە تويلۇق مېلى بىلەن ئۆز ئارا قوشۇلالايدۇ. ئەمما ئەرى ئۇنىڭ كېتىشىنى خاھلىسا، تالاق بەرمىكى لازىم. ئەركەك ئەۋلادى ئاتىسىنىڭ، چىشىسى ئانىسىنىڭ بولار. ۋە بۇلار، يەنى ئۇ جاينىڭ غوجىسى خەتا خاقانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىگلىك ۋە ھۆكۈمى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا راۋا بولار.
___ كەنت: ياركەند.
ياركەندتىكى كوچا
مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%DB%8C%D8%A7%D8%B1%DA%A9%D9%86%D8%AF
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-8 04:27 PM
|
|
|
|
|
|