ئاي بەرگى
دائىملىق ئــەزا
كۈلۈمسىرەر گاھى سۆيگۈدىن، خىياللىرىم چىقىدۇ بالىقىپ. كەلگۈسۈمنى قىلىمەن خىيال، رىئاللىقتىن كېتىمەن ھالقىپ. قۇرۇپ قالغاچ سۆيگە گۈللىرىم، ئىزتىراپىم قىلدى تەنتەنە. نەدە بولسام ھەمراھدۇر ھامان، خىياللىرىم ماڭا غەمخانە. ئېچىلارمۇ سۆيگۈ گۈللىرىم، ئەركىلىتىپ كۈلگەندە سەھەر. قۇياش سۆيسە چىمەن -باغلارنى، مەن چاچىمەن ئىپار ھىدلىق زەر. بار زېھىندا سۆيسەم نىگارنى، قۇياشىممۇ پارلار ئاجايىپ . بۇلۇت ئايرىپ تۇرسىمۇ بىزنى، چوغسىمان گۈل بولمىدى غايىپ. بىلسەڭ نىگار ئىزلىدىم كۈتتۈم، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى تارام. ئۇنتۇلمايدۇ يۈرەك قېتىمدا ، مۇھەببەتنىڭ ھەسىرىتى تامام.
پاش قىلىش
باغراش كاككۇكى!!!
تەجىربىلىك ئەزا
Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 06:16 AM كۈلۈمسىرەر گاھى سۆيگۈدىن، خىياللىرىم چىقىدۇ بالىقىپ. ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ