نىساگۈل
رۇستەم قاراسۇ
سىزگە چۆشتى پىقىر كۆزى نىساگۈل،
گۈلزاردىكى گۈلنىڭ ئۆزى نىساگۈل.
قاراسۇدىن تاللىۋالغان يارىم سىز،
دانە-دانە تاتلىق سۆزى نىساگۈل.
ئەنسىرەيمەن سىزدىن كېچە-كۈندۈزى،
سىز بەختىمنىڭ نۇرانە بىر يۇلتۇزى،
گۈزەللەرنىڭ گۈزەلى ھەم ئەڭ ئۇزى،
ئويماق لەۋلىك ئانار يۈزى نىساگۈل.
ئايرىلمايمەن بولۇڭ مەڭگۈ ھەمرايىم،
سىزدىن باشقا يوقتۇر مېنىڭ يات يارىم،
بەختىممۇ سىز ئامرىقىم ھەم باھارىم،
بېغىمدىكى گۈلنىڭ ئۆزى نىساگۈل.
رۇستەم قاراسۇ 2014.يىل 8.ئاي 27.كۈن
رىزۋانگۈل بىلەن رېھىمگۈلنىڭ دوستلۇقىغا
رۇستەم قاراسۇ
دوستلۇق رېشتى داۋام قىلسا كۆڭۈل توق،
دوستى يوقنىڭ مادارى يوق كۈچى يوق.
چىن دوستلارغا ھەسەت قىلما ھەۋەس قىل،
ھەقىقى دوست دوستى ئۈچۈن يەيدۇ ئوق.
تۇمۇز-يازدا دوغ سۇنىدۇ دوست دىگەن،
زېمىستاندا چوغ بولىدۇ دوست دىگەن.
بۇ ھاياتنىڭ داۋانىدا ئىگىز-پەس،
تەڭ يېقىلىپ تەڭ تۇرىدۇ دوست دىگەن.
پۇرەكلىسۇن چىن دوستلۇقنىڭ گۈللىرى،
ئۈزۈلمىسۇن ساداقەتنىڭ كۈيلىرى.
كەم بولسىمۇ مەيلى بولسۇن مال-دۇنيا،
كەم بولمىسۇن ھەر كىمنىڭ چىن دوستلىرى.
رۇستەم قاراسۇ 2014.يىلى8.ئاي 27.كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-27 09:09 PM