ئارمىنىمسەن ھايات يولۇمنىڭ
قۇياشتەك ئوتلۇق مېھرىدە ھايات بەرگىلىرنى مەن ئۈچۈن چاقنىتىپ،مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن قەلبىمنى ئەسىر قىلغان ،دۇنيانىڭ ،ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى تۇنۇتۇپ،ھەر بىر سۆزىدە ،مېھرىگە تەشنا دىلىمنى پات-پات سۇغۇرۇپ يۈرىكىنى مەن ئۈچۈن مېھرىبانلىق بۇلىقى بىلەن تولدۇرغان جانانىم....سېنىڭ شۇ قەدەر مېھرى-مۇھەببىتىڭ بىلەن قەلبىمنىڭ ئاداققى مېھمىنى بولغىنىڭدىن مەن ئىنتايىن خۇشاللىق ھەم بەك بەخىتلىك...
قەلىبىڭدىن ئوخچىدى مېھرى بۇلىقى،
مۇھەببەت سۆزىنى ماڭا يادلىتىپ.
غوروروم سۇ ئىچىپ قەلبىم ئەل بولدى،
ھەر سۈزۈڭ مېھرىڭدە قەلىب شادلىنىپ
قەلبىمنىڭ ئاداققى مېھمىنى دىدىم،
ئەقىدە بابىدا ياساپ مەن قورغان.
باھارنىڭ تەپتىدە ياشناتقىن دىلنى،
ھايات يۇلىمدا بۇپ تۈگۈمەس ئارمان.
مۇھەببەت -ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ،چەكسىز كەڭ مەنىگە ئىگە ئۇقۇم،ئىنساندىن ئەڭ ئالىجاناپلىقنى ،ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ بەخىتكە ئىرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدىغان قەلىبنىڭ ياڭراق ساداسى...ئىنساننىڭ بىر-بىرىگە بولغان شەرىتسىز ئۆزىنى بېغىشلىشى ،بىر جۈپ يۈرەكنىڭ تەڭ سۇقۇشىدىن كىلىپ چىققان پاك ھىسياتتۇر.ئەنە شۇنداق ئەڭ سۆيۈملۈك ئەڭ مۇقەددەس ،ئەڭ يېقىملىق كۈي.شۇقەدەر تەبىئىيلىكى بىلەن قەلىبلەرنى ئۆز ئارا باغلاپ دىلنى تىترەتكۈچى ،ئاچچىق-تاتلىق ئازاپنى تۇنۇتقۇچى گاھى ھەسرەتنىڭ دېڭىزى بولسا گاھى شادلىق بېغىنىڭ خوش ناۋا بولبۇلى...شۇنداق مېھرىلىرى بىلەن مۇھەببەتنى تەرىپلىسەم ناھايىتى كۆپ...
ئارمىنىمسەن ھايات يولىمنىڭ،
داۋانلاردىن ئېشىپ يول ئاچقان.
مۇھەببەتتە ئەگدىڭ بېشىمنى،
ھەرسۆزىڭنى قىلىپ سەن قالقان.
پورەكلىدى زىنىقىمدا ياز،
تۇيغۇلۇرۇم بىھۇشلا بولۇپ.
قۇچاقلىدى مېنى مۇھەببەت،
قەلبىم شۇنداق شادلىققا تۇلۇپ.
مانا شۇ قەدەر شىرىنلىكى بىلەن قەلبىمنى تىترىتىپ قەلىب گۈلخانىمنى سىزگە ئاتىدى.سىز مىنىڭ بارلىقىم قەلىبمنىڭ ئاداققى مېھمىنى...مۇھەببەتلىك يۈرىكىم ھەربىر دەقىقە سىزگە توختاۋسىز سۇقىدۇ.ھايات يۇلىمدا قۇلۇمنى مەھكەم تۇتۇڭ،مېھرىلەر بېغىدىكى ساپ ھاۋادىن تەڭ نەپەسلىنەيلى...ئەقىدە ،ساداقەت تولغان ھەر بىر ھۈجەييىمىز يىمرىلمەس قورغانلارنى ياساپ رىشتىمىز ئاداققى باغلانسۇن....قەلبىمىز تەشنالىق بىلەن تۇلۇپ ، ھايات مۇساپىمىز مەيلى داۋان مەيلى تۈز بولسۇن ،بىر رىتىمدا بىر-بىرمىزگە يۈلەنچۈك بۇلۇپ،ئىسسىق-سۇغۇق ،قايغۇ-شادلىقتا ئورتاق بۇلۇپ ،ھەر بىر تىنىقىمىزغىچە،ئەڭ ئاخىرقى نەپسىمىزغىچە مېھرىلىك كۆزىمىزدە باقايلى... ھاياتنىڭ ئارمىنى قەلبىمنىڭ ئاداققى ئەڭ ئەزىز مېھمىنى بۇلۇڭ.
مېھرىلىك قەلبىمنى ئاچتىم مەن ساڭا،
ھاياتتا بىر سىنى ئەزىزىم چاغلاپ.
چوغ گۈلى ئېچىلسۇن قەلىبلەر ئارا،.
ئۈزۈلمەس رىشتىمنى مەڭگۈلۈك باغلاپ.
مىھرىڭدىن شادلىنىپ كۈلسۈن قەلىبلەر،
قىزىل گۈل رەڭگىدە بۇيىلىپ ھايات.
ئەقىدە،ساداقەت تولسۇن دىللارغا،
ھاياتتا بىر-بىرىمىزگە بۇلۇپ قانات.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-8 08:16 PM