مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2500|ئىنكاس: 12

جاھاننى تارلاشتۇرغان ئىجازەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 05:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2009080112011482366.gif

جاھاننى تارلاشتۇرغان ئىجازەت ئاپىتى

ئىجازەت قىلىش قانۇنى ئاتالغۇ بولۇپ،مەلۇم بىر قىلمىشنى سادىر قىلىش ئىمتىيازىنى كۆرسىتىدۇ.ئىجازەت مەمۇرى ئورگان تەرىپىدىن بىرىلگەن بولغاچقا، مەمۇرى ئىجازەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتى ،ئىشىكتىن كىرىش ئىجازىتى دىگەندەك.بەزى ئىجازەتلەر مەمۇرى ئورگان ھوقۇق بەرگەن، كەسپى ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرىلىدۇ.مەسىلەن مەكتەپ قوروسىغا كىرىش ئىجازەتنامىسى دىگەندەك.ئىجازەتمۇ نۇرغۇن ئىجتىمائى ھادىسلەرگە ئوخشاش، مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نىسپەتنى ساقلىشى كىرەك.جەمىيەتنىڭ كۆتۈرۈش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە، چىڭ سۇلاسىدىكى چوڭ پارىخور ئاۋبەي دۆلەت يەرلىرىنى ئىگەللىۋېلىپ، دۆلەت كۈچىنى پارازىتتەك خورۇتۇپ دۆلەتنى ئېغىر كۈنگە قويغاندەك،دۆلەت ئاجىزلاپ پۇقرانىڭ جان كەچۈرۈشى ئىجازەتنىڭ پاخاللىشىشى بىلەن تەسلىشىدىكەن. بۇنداق دىيىشىمدە دوقمۇشتا بىر ئۇچراۋاتقان قانۇنلۇق-قانۇنسىز 、يوللۇق-يولسىز ئىجازەتلەر ،كىشىلىك ھايات بوشلۇقىنى قىستاپ ماماتقا يېقىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ ئەتىگەن- ئاخشامدا ئىجتىھات بىلەن ئۈگىنىۋاتقان سىتودىنتلار بىلەن بىللە كىتاپ كۆرۈش،ئۇلارنىڭ ئۈگۈنىش قىلغاندىكى ھالىتىدىن مىللەتنىڭ گۈزەل كىلىچىكىنى كۆرگەندەك ھۇزۇرلىنىش ،مەن ئۈچۈن ھەرقانداق داڭلىق چۆلپان ئورۇنلىغان ناخشا كىچىلىگى ياكى چاي –مەرىكىدىن مىڭ مەرتىۋە ئارتۇق لەززەت ئىدى.كىچىگىمدە تەسەۋۋۇرغا بايكەنمەندە،“ئۆينىڭ ئاستىغا چاق بىكىتىۋالسام”دەپ ئويلايتىم،ئەمدى ئارزۇيۇم رىياللىققا ئايلىنىپ ماشىنام《چاقى بار ئۆي》 بولغان ئىدى.مەكتەپ ئىچىگە ھەيدەپ كىرىپ ئارقا ساندۇقتىن ھەرخىل توپلارنى ئېلىپ بەدەن چېنىقتۇراتتىم、كىتاپ كۆرەتتىم 、كومپىيۇتېرىمنى يىنىمدىن ئايرىمايتىم 、ئىش قىلىپ بۇ ھەركەتچان ئۆيۈمدىن ئايرىلالماي كۆنۈپ قاپتىمەن.ھەپتە بولدى “ئىشىكتىن كىرىش ئىجازەتنامىسى بولمىسا ،ھىچقانداق سىرتنىڭ ماشىنىسى كىرىشكە بولمايدۇ” دەپ ،بۇ كۆڭۈللۈك ھاياتىم ئېغىر خەتەر ۋە تەھدىتكە ئۇچرىدى.مۇشۇ بىر ئادەتتىكى قىزىل توت چاسا يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسى، جاھاننى تارلاشتۇرۇپ مىنى بەختىمدىن ئايرىغان ئىدى.
توققۇز بۇلاق ئارامگاھى جەنۇپ تەرىپى قانىتىنى كىرىپ ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچتاغ باغرىغا چايلاشقان،جانغا لەززەت شىرىن بۇلاق سۇلىرىغا ناننى تاشلاپ ئېقىتىپ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق  سايرىغان ئاۋازىنى تاماشا قىلىدىغان ئالامەت بىر دىلھوزۇر ماكان ئىدى.كىيىن بۇ يەرگە ئانچە –مۇنچە رىمىنۇت قىلدۇق دىگەن بىلەن توققۇز بۇلاق قاينىمايدىغان بولۇپ قالدى،دەرۋازا بىكىتىپ بىلەت ساتىدىغان قىلىپ پەۋقۇلاددە سىرتتىن كىلىدىغان ساياھەتچىلەر ياشلار بايرىمى كۈنىدەك بايراملاردا كىرمىسە،باشقا كۈنلىرى ئادەم كىرمەيدىغان、 بۇرۇنقىدەك تەبىئەت ئاتا قىلغان گۈزەللىكتىن بەھرى ئېلىش ھوقۇقى ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.ئويلاپ قالدىم، قۇياش نۇرى بىلەن ھاۋاغا قۇلۇپ سالغىلى بولىدىغان بولسا ،بازار ئىگىلىگىدە ئۇنىمۇ پۇلغا سېتىپ تۈگىتىپ، ئىنسان ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلىۋالاركەن-دە!
مۇشۇ 《ۋاقىتلىق يول ئىگەللەپ ھەقلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى》دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولۇشتىن سەل ئىلگىرى،بىزنىڭ قورونىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ پىيادىلەر يولى ئەركىن ئازادە بولۇپ،توختايدىغان ماشىنىلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.بىر ئىككى يىلدىن بىرى ماشىنا قويغانغا ھەق ئالىدىغان قىلىۋىدى،قاتناش قىستاڭچىلىغى يۈز بىرىپ تىقمۇ-تىقماق بولۇپ كىتىپ،ئەركىن ئۆيگە كىرىپ چىقىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.بۇنىڭدەك ۋاقىتلىق يول ئىگەللەپ ماشىنا توختىتىش مەيدانى ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ، بۇنى تەسىس قىلىشنى كىم ئىجازەت قىلغان بولغىتى؟ۋاقىتلىق دىگىنى قىزىق ،ۋاقىتلىق دىگىنى قاچانغىچە ۋاقىتلىق بولىدۇ؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.مۇشۇنىڭدەك خەلققە تەۋە ئەسلىھەلەرنى چىتلاپ-قورۇق سېلىپ،خەلقنى پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ھارامنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامان ھارام بولۇپ،ئاخىرى بىر يەردىن تېشىپ چىقماي قالمايدۇ.
چىڭ خانلىغىنىڭ دەسلىۋىدىكى ئاۋبەي “يەر ئىگەللىدى”دىگەن تارىخنى ئۈگەنگەندە ، “بۇ نىمە دەيدىكىن؟” دەپتىمەن! ئەسلى تەبىئى بايلىق چەكلىك ،ئادەمنىڭ نەپسى تويماس بولغاچقا ،پۈتۈن يەرنى بىر ئادام ئىگەللىۋالسا، باشقا ئادەملەر ئاچ قالىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ؟مەمۇرىيەت ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەڭشەيدىغان مەمۇرى قانۇننىڭ باش پىرىنسىپى خەلققە قۇلايلىق يەتكۈزۈش بولسىمۇ،بۈگۈن ئەتىگەن بىكەتتە كۆرگەنلىرىم مىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.بىكەتكە مال ئالغىلى چىققان ئىدىم،ماشىنا توختىدىغان ئورۇن تاپالماي(ساقچىلار قويغۇزمىدى) بىر كىلومىتىر يىراققا ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىم،بۇنداق بولسا مال كەلسە ئىككى ئادەمنى ياللاپ كۆتىرىپ ئاپارمىسا بولمايتى.توت سائەت ساقلاپ يولدا ماڭدامدا بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئاران كەلگەن ئاپتۇۋۇز بىكەتكە ھارغىن كىرىپ كەلدى! ئىككى سائەتتە تىزىملاش 、بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئاران ئۆتكەن بولسىمۇ، قاراپ تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ مېلىنى قولۇمغا ئالالماي ،يەنە مال بىدىكلىرىنىڭ قولىدىن رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ قايتۇرۇپ چىقتىم.راستلا ئاچچىغىمدا، بىر نەچچىسىنى تىللىۋىتىپتىمەن! ئاز قالدى جۇمۇ، بەزىلەر قولىدىن كەلسە ،ھاۋا بىلەن قۇياش نۇرىغىمۇ ھەق ئالغىلى!   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 10:42 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 06:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 07:37:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 06:56 PM
ئىلگىرى كۈن بويى موتو ماشىنىلارنى قويتۇپ قويساقمۇ بىر ...

ئەشۇ ياپياش بىر نىمىلەر پۇلغا ئىجارە ئالىدۇ.ئۇلار ئالمىسا باشقىلارنىڭ مەجرۇھلىرىمۇ كىلىۋالىدۇ ئۇ يەرگە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 07:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 06:56 PM
ئىلگىرى كۈن بويى موتو ماشىنىلارنى قويتۇپ قويساقمۇ بىر ...

قېرىندىشىم ، بىكارغا پۇل ئالسا خەقلەر قاراپ تۇرمايدۇ ، بىرمۇنچە پۇل تۆلىگەشكە ئۇلارمۇ شۇ پۇللارنى ئالمىسا بولمايدۇ ،
بۇلارنى دىۋانىغا ئۇخشاتسىڭىز بەكلا خاتالاشقان بولامسىز قانداق ؟
قالايمىقان توختاتسىڭىز شەھەر باشقۇرغۇچىلار ئەكىتىپ 300 كويچەننى سىزدىن ئالماي قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ .
ھالال ئىشلەپ پۇل تاپقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنداق ئويلىماڭ .
ئىسسىقتا ۋە قەخرقتان سوغۇقتا سىزنىڭچە شۇلارغا ئاسانمىدۇ ؟  بىر-بىرمىزنى قوللايلى ،يۆلەيكى !!!

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 09:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشىنا توختىتىش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماشىنىلارنى
مەلۇم بىر جايدا رەتلىك توختىتىپ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى توغرا دەپ قارايمەن.
ئەمما، باشقا بەزى ساھەلەردە قالايمىقان ئىجازەت شەكىللەندۈرۈش، قالايمىقان ھەق ئېلىش
مەسىلىسىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 11:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ماشىنا توختۇتۇش مەيدانلىردا ئاشۇنداق كىشىلەر ئىشلەپ، ماشىنلارنىڭ توختۇتۇش ئورۇنلىرنى ئورۇنلاشتۇرمىسا نىمىگە ئوخشاپ كېتە...........؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟   بەلكىم 100 ماشىنا توختۇتۇشقا بۇلدىغان ئورۇنغا 10 ماشىنا ئاران توختاتقىلى بۇلىشى مۇمكىن.... يوللارنى ئىتىۋېلىپ....


رەسمىيەتلەر دېمىسىمۇ بەك كۆپىيىپ كەتتى..........  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11958
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7036
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 12:42:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 06:56 PM
ئىلگىرى كۈن بويى موتو ماشىنىلارنى قويتۇپ قويساقمۇ بىر ...

سىزنىڭ ئۇيەردە ئەرزان ئوخشايدۇ !  بىز 3كوي تولەيدىغان گەپ ، ماشىنا قويساققۇ  سائىتى 5 كويدىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 01:04:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجازەتنامە دەۋرى
يىغلاشنىڭ ئورنى يوق كۈلەيلى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106298
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-4-22
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 12:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرگە يېقىلاشساڭ يىزىدىن يىراقلىشسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4302
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 01:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇنداق ئىشلار ھەممىلا يەردە بارغۇ

خېلى ئۇزچىلىق ساياھەت رايۇنلىرىنىمۇ ئىتىپلا بېلەت سېتىپ قىممىغىنى قالمىدىغۇ بۇ كىشىلەرنىڭ
مەيلى پۇل تاپمىسا قانداق باي بولغىلى بولىدۇ دەيسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش