ئازغۇن مۇھەببەت
بىر تالاي رىيازەت چىكىپ تېپىشقان،
مۇھەببەت ۋەسلىگە يەتكەن بىرجۈپلەر.
ئۈزۈلمەس ئۆيلەردىن سەبىي كۈلكىسى،
پىنھاندا ئەۋجىدە ئىشرەت-كەيىپلەر.
بىرئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتىمەن دىگەن،
سەن مىنىڭ ئامرىقىم دەيدۇ دادىسى.
تاتلىققىنە پىچىرلاش، تۈگىمەس ۋەدە،
نازلىنىپ ئەركىلەر شۇندا ئانىسى.
قولتۇقلاپ ماڭغاندا ھالال جۈپتىنى،
قەلبىدە قايسى قىز ئۈچۈن ئاشىيان.
كۈلكىسى ساختىدۇر، ھەييار كۆزلىرى،
كىملەرنى ئىزدەيدۇ، تىكىلەر ھەريان.
تۇيۇقسىز تېلفۇنى قالغاندا سايراپ،
تەشۋىشتە ئالىدۇ، شىۋىرلاپ ئاستا.
«بىرمۇھىم ئىش» دەيدۇ، تېلفۇننى قويۇپ،
دەم ئالاي دىگەنتىم، بولمىدى-ئەستا.
باھانە ئىزلەيدۇ، تەمتىرەپ يىگىت،
تەئەججۈپ ئىلكىدە ئايالى ھەيران.
«كىمۇ ئۇ؟»بۇ سۇئال قالار جاۋاپسىز،
ناتونۇش بىر سىما سۈرىدۇ دەۋران.
بالىسى نىزىقاپ قالارئۆمچىيىپ،
غالپ ئەر شاپاشلاپ خىلۋەتكە چاپار.
جىلۋىگەر ناز-كەرەش كۈتىدۇ ئۇنى،
ئايالى ،بالىنى بەس!ئۇنتۇپ قالار.
شۇ ئوماق بالىلار ئوخلار پۇشۇلداپ،
كۆزلەرى ئۇيقۇچان ئەسنەيدۇ ئانا.
قۇلاقلار تىڭشايدۇ ئاياق تىۋىشى،
كەچ كىتىپ تاڭلارمۇ ئاتىدۇ يانا.
تەشۋىشتە ،قەدەمدە سۆرىلىدۇ ئەر،
كاللىسىدا پىشقان مىڭلاپ باھانە.
ئىشىكنى چىكىدۇ تىتىرەپ قوللىرى،
كەڭ قۇرساق ئايالى يەنە نۇرانە.
سېلىنغان داستىخان، ناشتىلىق قالار،
يىشىلمەي مەسىتلىكى ئۆتمەيدۇ گالدىن.
ئاي، كۈنلەپ بۇ ئىللەت ئەتمەكتە داۋام،
يۈرەكلەر ئۆرتىنەر بۇ مۇدھىش ھالدىن.
نىمىلەرنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئايالى،
سەبىيلەر چىھرىگە قارايدۇ تويماي.
كاللىدا بىرخىيال ياسايدۇ قىيان،
ئاچچىققا ئارقىدىن بىرەر يەنە ھاي.
كوتولداپ يۈرمەيدۇ شۇنچە مۇلايىم،
بىلمەسكە سالىدۇ ئەرقىلمىشىنى.
يەنىلا بالىغا، ئەرگە مىھرىبان،
تەپمۇ تەڭ بىرىدۇ ئىللىق مىھرىنى.
مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كۆرەڭلەيدۇ ئەر،
چاندۇرماي ياشايمەن، بۇنى بىلمەيدۇ.
«سەن ياخشى»،مۇنداقچە شىلاپ قويىمەن،
ئەر دىگەن مۇشۇنداق ئويناپ يۈرمەمدۇ.
يەنىلا قىززىيدۇ ئىشرەت-بەزمىلەر،
مەرت ئەر سەتەڭگە پۇلنى ئايىماس.
بالىسى پۇتىدا كونا، يىرتىق كەش،
خوتۇنغا تىتىرەپ ياغلىق ئالالماس.
بىرسىگە ئازاپتۇر، بىرسىگە راھەت،
ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتمەكتە تۇرمۇش.
تۇغۇلار بۇ ھالدىن سىرلىق تېپىشماق،
بۇلبۇل سايرارمۇ ۋە ياكى ھۇقۇش.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 04:59 PM