بىز قاچان شۇنداق قىلىمىز ؟
ئەبەي تارىم
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2014 –يىل 9 – يانۋار سانىدا ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «بىز نېمىشقا شۇنداق قىلمايمىز»ناملىق ماقالىسىنى چوڭقۇر سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. شائىرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ناخشىچىلارنىڭ تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ناخشا تىېكستىنىڭ، مۇزىكا ئىجاد قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئېيتىلماي كېلىنىۋاتقانلىقىدەك ناچار، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىغا قارىتا تەنقىدىي كۆز قارىشىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ مېنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۇزۇنغىچە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. چۈنكى مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دېققىتىمنى بېرىپ كېلىۋاتاتتىم، ھەمدە بۇ توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ بېقىشنىمۇ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىدىم . دەل شۇنداق دېلىغۇللۇقتا يۈرگىنىمدە « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » نىڭ تۆھپىكار مۇخبىرى ئامىنە ئابدۇرېشىت خانىممۇ مەركۇز گېزىتنىڭ 2014 –يىل 27 –مارت سانىدا « توغرا ، بىز نېمىشقا ئۇلاردەك قىلمايمىز ؟ » مازۇلۇق يوقىرقى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ بۇ خىلدىكى مەسئۇلىيەتسىزكە تولۇقلىما ئىنكاس قايتۇرۇردى . ئامىنە ئابدۇرېشىت خانىمغىمۇ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن . ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ مەركۈز گېزىتنىڭ 2014 – يىل 4 –ئاپرېل سانىدا شائىر مۇسا ئەھەد تىركەش ئەپەندىنىڭ « بىز قاچانغىچە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايمىز ؟» ناملىق تەنقىدىي ماقالىسى بىلەن بۇ خىل ئەدەپسىزلىكنى قەتئىي يوقىتىش ، ئاپتورلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى قەدىرلەش توغرىسىدا توختىلىپ تېخىمۇ تولۇقلىدى . ( سەھىپە ئېتىبارى بىلەن قايتىلاپ مەزمۇنىنى يېزىپ يۈرمىدىم .) ئەمدى مېنىڭ يېزىشىمنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلاپ قولۇمغا قەلەممۇ ئالمىدىم . ئەمما كۆز ئالدىمدىلا كۆرۈۋاتقان بەزى ئىشلار مېنى قەلەم تۇتۇپ بېقىشقا مەجبۇر قىلدى . بۇنداق ئىشلارنى ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ تۈزىتىپ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز لازىملىقىنى ئويلاپ يەنىلا قەلەم تەۋرىتىپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم .
بىر كۈنى ناھايىتى ياخشى بېزەلگەن ، كىشىگە شۇنداق ئازادە ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر ئاشخانىغا تاماققا كىرىپ قالدىم . تاماق چىققۇچە ئەتراپقا سەپسېلىپ قاراپ ئاشخانىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىۋېتىپ تامدىكى نەپس رامكىلارغا ئېلىنغان شېئىرلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم . ئاشخانىغا كىرگەن چېغىمدىكى خوشاللىق ھېسىياتىم بارغانچە سۇسلاپ كېتىۋاتاتتى . چۈنكى شۇنچە نەپس رامكىلانغان جازىدىكى شېئىرلارنىڭ بىرىنىڭمۇ ئاپتورىنىڭ ئىسمى يېزىلماي كومپىيۇتېردا لايىلىگۈچىنىڭلا ئىسمى يېزىلغانىدى . مەن خوجايىنغا : - ئاۋۇ جازىلاردىكى شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرى يېزىلىپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن ، - ھە؟..
دېيىشىمگە : - ئاشخانا خوجايىىنى : -
ۋاي ئۇكام ، ئۇنداق كىچىك ئىشلار بىلەن كىمنىڭ كارى ھازىر ، ئەشۇ لايىھلىگۈچىلەر يازماپتۇ ئۇنى ، سەندىن باشقىمۇ ھىچكىم بۇنداق سوراپمۇ باقمىدى دېدى، سەل نارازى بولغاندەك . ئۇ جازىلاردىكى شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرى ھايات ، ئىزچىل نادىر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋېي ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتقان ،قەلەم تۇلپارىدىن دۇردانە سۈزۈۋاتقان غوللۇق ،ئۇستاز شائىرلىرىمىزنىڭ ئېسىل شېئىرلىرى ئىدى . نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرى يېزىلىپ، بىز بىلەن تەڭ نەپەس ئېلىۋاتقان ، بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى پەخرلىك ھېس قىلىشقا تېگىشلىك ، ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىشىمىز لازىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،ھەتتا ئاپتورىنى ئېنىقلاش شۇنچىلىك ئاسان شارائىتتىمۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى .
مەلۇم بىر لايھىلەش دۇكىنىغا كىردىم . ھەمدە بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتۇم . قاتار كەتكەن بىر قىسىم جازىلاردىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ، شېئىر ، رۇبائىيلارنىڭ ئاپتورىسىز لايىھلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەسكەرتتىم . ئەمما بۇ يەردىمۇ ئوخشاش جاۋاب : « ئۇنچىلىك كىچىك ئىشلار بىلەن كىمنىڭ كارى ، بىر نەچچىسىگە يېزىلماي قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ،» -دېدى . مەھمۇد كاشىغەرىي ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئەشۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس « كاشىغەرىي » يۇرت نامىنى يېزىپ قويمىغان بولسا بەلكىم ئوپالدىكى قەبرىسى ، مىللەت ، يۇرت تەۋەلىگىنىمۇ ئېنىقلىشىمىز تېخىمۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن . دېمەك « كاشىغەرىي » دىن ئىبارەت بۇ قىسقىغىنە تولۇقلىمىسىنىڭ ھازىر قانچىلىك رولى بولغانلىقىنى ھەممىمىز قىياس قىلالايمىز ، ئەلۋەتتە . كۈنىمىزدە سەل قارىلىۋاتقان يوقارقىدەك ئەھۋاللارغا ھەممىمىز بىرلىكتە قارشى تۇرساق بولاتتى . بۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن بىزدىكى «كىچىك ئىش» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ ، كېيىنكى ئاقېۋېتىنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بەزى چوڭ ئىشلارغىمۇ ئايلىنىپ كېتىپ تارىخىمىزدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « ئىبرەت ئېلىپ تۇرۇپ » ئىبرەت ئالغان يولنى تەكرار بېسىپ ، كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلارغا بۈگۈنگىچە قاتنىشىپ شاھىت بولغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم . ئېگىسىز ھېچنىمە يوق بۇ دۇنيادا شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ، مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ نامى ئاتالماي شېئىر ، ناخشىلىرىنىڭ سەھنە ئېكرانلاردا ئۆز نامىدا ئېيتىلىشى ، ئوقۇلۇشى ، سانسىز شېئىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل شېئىرلارنىڭ ، ئاپتورلىرىنىڭ بۇنداق ئاقىۋەتكە ھايات تۇرۇپ يۈزلىنىشى ھەقىقەتەن بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك . (ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى قانداق قىلساق بولىۋېرىدۇ ، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ .) شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئېيتقاندەك « قازاق قېرىنداشلارغا ئاپىرىن !» . قاراڭ ،ئۇلاردا شېئىرلارنى ئاپتورسىز سەھنە – سورۇنلاردا ئېيتىش ئەسلا يوق . ئۇلار ئەدىبلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى شۇنچىلىك قىلىدۇ ، قەدىرلەيدۇ . شېئىرلار توپلىمى ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى چىققان شائىرلىرىنىڭ ، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرماي ۋاقتىدا « تون كىيدۈرۈپ » قەدرىنى قىلىپ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ ، شائىرنىڭ قەلب ئېتىزىغا گۈلدەستىلەر تىزىدۇ . قەلبى ئېزگۈ تىلەكلەر بىلەن يايرىغان ، ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەنگەن شائىر خەلقى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلىكىدىن چۈشىنىپ يېتىدۇ . قازاق تەتقىقاتچى قاۋسىلقان قامىجاننىڭ شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيېف تەتقىقاتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى ، تېيىپجان ئېلىيېفنى مەخسۇس، كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلىپ « تېيىپجان ئېلىيېف تەتقىقاتى »، « ئىز ۋە ئۈلگە » ، « ئەل قەلبىدىكى تىيىپجان ئېلىيېف » قاتارلىق مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىشى ، شائىرىمىز بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىنى ، ھاياتىنى تەتقىق قىلىپ ، ھايات ۋاقتىدا ئۆز قولى بىلەن « مانا بۇ بوغدا » ناملىق تەتقىقات كىتاۋىنى تەقدىم قىلغانلىقى ، قازاق يازغۇچىسى سۇلتان جانبولاتوف تەتقىقاتىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ « سۇلتان جانبولاتوف » ناملىق تەتقىقات كىتابىنىمۇ ئۆز قولى بىلەن ئاپتورغا تەقدىم قىلغانلىقىدەك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ تەسىرلەندۈرىدىغان ، ئويلاندۇرىدىغان ، ئويغىتىدىغان بۇنداق قۇتلۇق ئەجىر – مېھنەت بەدىلىگە كەلگەن ياد ئېتىش ،ئۆمرىنى ، زېھنىنى ، قايتىلانماس ھاياتىنىڭ قىممەتلىك مېنوتلىرىنى ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن مىللەت ئايرىماي بېغىشلاشتىن ئارتۇق قەدىرلەش ، ئېتىراپ قىلىش بولمىسا كېرەك . بۇنداق قەدىرلىنىشكە ھايات ۋاقتىدا تۇرۇپلا ئېرىشىش بىر ئەدىب ياكى تەتقىقاتچى ئۈچۈن ئەڭ ئالي شەرەپ ،ئەڭ ئالي ئېمتىياز ،ئەڭ ئۇلۇغ قەدىرلىنىش ،ئەڭ بۈيۈك ئادىمىيلىك شەرەپتۇر ، ئەلۋەتتە . بولۇپمۇ ھايات چېغىدىكى ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى كۆرۈش ، تەتقىق قىلىنغان كىتابنى تاپشۇرۋېلىش ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەدىبلەرگىلا نېسىپ بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەس .دېمەك قاۋسىلقان قامىجان ھەقىقەتەنمۇ ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تۆھپىكارى ، ئىككى مىللەتنىڭ ئەدىبلىرىنى مىللەت ئايرىماي تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسى ، ھايات ۋاقىتلىرىدا بىر – بىرىنى قەدىرلەشنىڭمۇ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ . بۇ بىزدىكى ھايات ۋاقتىدا قولىدا تەربىيلىنىپ يېتىلىۋېلىپ كېيىن ئۇستازىنى ياراتمايدىغان ، («ئاتقا مىندۈرگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالىدىغان » مۇھەممەتجان راشىدىن سۆزى ) ، ئىلمىي ئەسەرلىرىدە ئۇستازىدىن پايدىلانغان مەنبەلەرنى ئەسكەرتىپ قويۇشقىمۇ كۆزى كىچىكلىك قىلىدىغان تەتقىتاتچىلىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولسا كېرەك . ( بۇ بىزدە ئەدىبلەرنىڭ قەدرىنى پەقەتلا قىلمايدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .) ھازىر قازاق خەلقى كۆزگە كۆرۈنگەن خەلق ئاقىنلىرىغىمۇ خاتىرە ئۆيلەرنى قۇرۇپ ، ھەيكىلىنى تىكلەپ خاتىرلەش ئىشلىرىنى روياپقا چىقىرىپ بولدى .( بىزنىڭ ئەدىب – ئالىملىرىمىزنىڭ قانچىسىنىڭ خاتىرە ئۆيى بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان .) مەن قازاق خەلقىنىڭ ھېچقانداق ئەسەر يازمىغان ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت تاپقان ، خىزمىتىنى جان – دىل بىلەن ئىشلەپ خەلقىنڭ كۆڭلىگە ياققان ، ئالدىغا بارغانلارنى سارغايتماي يولغا سالغان ئادەتتىكى ياخشى كادىرىنىڭمۇ ( قىسقىسى ئادىمىيلىكىنى تونۇغان بىرىنىڭ) ۋاپاتىنىڭ مۇنچە يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈپ شۇ كىشى توغرىسىدىكى ئەسلىمە توپلامىنى چىقىرىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم .بىز قىلالمامدۇق ؟! باھانىمىز ئۈلكەر يېيىشكە باھانە ئىزدىگەندەك كۆپ ، مەززىسىز.. خوش، ئەسلى گەپكە كېلەيلى ، يەنى ھېلىقى بىز «كىچىك ئىش» دېگەن بەزى ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتىگە قاراپ باقايلى .
1) كۆرۈنۈش :
كۆپىنچە ئىشلارنى كىچىك ئەرزىمەس ئىشلار قاتارىغا چىقىرۋېتىپ كېيىن پۇشايمان قىلغاندا ئەشۇ كىچىككىنە ئىشلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ شەخسي پۇشايمىنىلا بولۇپ قالماي كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ يولىنى مەھكەم توراپ تۇرىدىغان توسۇق بولۇپ قالىدىغان، باشقىلارنىڭ نەپرەت بىلەن تىلغا ئېلىش نىشانىغىمۇ ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمىزنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلىدىكەنمىز .
مەلۇم بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك پۇشايمىنى :
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شەھىرىمىزدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭىدىن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان مۇدىرى ئەسلىدىنلا مۇستەقىل رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقان 60 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى . ئارىدىن ھەش – پەش دېگۈچە يەنە بىرنەچچە يىللار ئۆتۈپ شەھىرىمىزنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ شەھەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئارىلىقىنىڭ يىراق بولغاچقا يېپيېڭى بىر تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سېلىپ نامىنى ئەشۇ 60 يىللىق تارىخى بار مەكتەپنىڭ نامى بىلەن قوللىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى . ئەسلىدە ھېلىقى مۇدىر ئەسلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامىنى قوللانمىغاچقا، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋېتى شۇنداق بولغانىدى . مەن ئەشۇ مۇدىرىنىڭ ئاغزىدىن : « باشلانغۇچ مەكتەپ نامىنى قوللىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق » دەپ ناھايىتى بىر كىچىك ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ قاپتىمەن . دەرۋازا ئالدىدىكى مەكتەپ ۋېۋىسكىسىنىمۇ ناھايىتى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئالدۇرۇۋەتكىنىمچۇ؟... « ئۆزىمىز نامىمىزنى تاشلىۋەتكەچكە ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىنىڭ نامىغىمۇ ئىگە بولالماي قالدۇق ،» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىچىم ناھايىتى ئاچچىق بولغان ... ( كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەكتەپ نامىنى ئورنىغا قايتۇرۇش توغرىسىدا خېلى قاتراپ باققان بولسىمۇ « خىش ئاللىقاچان قېلىپتىن چىقىپ بولغاچقا » ھىچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى . )
2) كۆرۈنۈش: بىر چوڭ پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى . ئارىلىقتىكى زىچ سەنئەت نومىرلىرىدىن كېيىن بىر كىشىنىڭ ئۆزى يازغان ئەسەرنى ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلدى . ئۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك ئاۋازدا ، تەسىرلىك قىلىپ ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتتى . ئەپسۇس ، ئەپسۇس ئۇ ئەسەر « ؟؟؟؟ » نامىدىكى تراژى ئەڭ كۆپ ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ ژورنالدا بېسىلغان (؟) ئىسىملىك ئاپتورنىڭ بولۇپ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىدى .ئەسلى ئاپتورىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغان بولسىمۇ ئەشۇ گۈلدەستە ، قىزغىن ئالقىش- چاۋاكلارغىمۇ نائىل بولىۋېرەتتى . مەن ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىلمىنى قەدىرلەش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى . قانداقلا بولمىسۇن ھەممىمىز ھۆرمەتلەيدىغان ، كىتابنى كۆپ كۆرىدىغان بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى نېمىمۇ دەيمىز . مەن سورۇندىن دەرھال ئايرىلىپ ھۆكۈمىمنىڭ خاتا – توغرا ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۈچۈن كىتاب جازىسىدىن مۇھىم ئەسەرلەرنى خاتىرلەپ قويىدىغان دەپتىرىمدىن ئۇ ماۋزۇنى تاپتىم ، ژورنال بىلەن سېلىشتۇرۇپ توغرىلىقىنى ، ھىچقانداق پەش چېكىتىنىڭ ئۆزگەرتىلمەي ئوقۇلغانلىقىنى بىلىپ چۇڭقۇر ھەسرەتلەندىم ، ئۇنىڭدىن باشقا نېمە قىلالايتىم .كونا ھەسرەتلىرىمگە يېڭى ھەسرەت قوشۇلدى ، خالاس . ( ھازىرغىچىمۇ ھېچكىمگە بۇنى ئېيتىپ باقمىدىم .) ( يەنە بىر ئەدەبىيات ئاشىناسىمۇ بىر نەچچە يىل ئەشۇنداق باشقىلارنىڭ شېئىرىنى سورۇنلاردا ئوقۇپ دەۋر سۈرۈپ يۈردى .) « ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك » ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارنى نېمە دېيىشنى بىلمىدىم . ھازىر «يېڭى تەرجىمە» نامىدا بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىغا ئاللىقاچان پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ ، تارقىلىپ بولغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۇنداق – مۇنداق قىلىپ ، مۇقاۋىسىنى ئۆزگەرتىپ ئەسلىدىكى تەرجىماننىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆزى تەرجىمە قىلغان نامدا ئاشكارا نەشر قىلىپ تارقىتىلىۋاتىدۇ ، بۇنىمۇ كىچىك ئىش دەيمىزمۇ ؟ نەشرگە تەييارلىغۇچى بىلەن تەرجىمە قىلغۇچىنى ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجدە ئەمەس ئىدۇققۇ .. كىتابنى قېتىرقىنىپ ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ ئوقۇيدىغانلار بىراقلا تۈگەپ كەتمىدى ...» ( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2012 –يىل 8 –ئىيون سانى . ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ «نەشرگە تەييارلىغۇچىمۇ ياكى تەرجىمە قىلغۇچىمۇ ؟ » ناملىق ماقالىسىغا قاراڭ ، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2013 –يىل 6 –ئاينىڭ 8 –كۈنىدىكى مۇھەممەت پولاتنىڭ « يېڭى تەرجىمىلەردىن تۇغۇلغان ئازابلىق ئويلار » ناملىق ماقالىسىغا قاراڭ . ) دېمەك بىزدە ئىلمىي ئەمگەككە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇش ، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھۆرمەت قىلىش بىر قەدەر سۇس . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن بولغان پاراڭ ئارىلىقىدا گېزىت – ژورناللىرىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىكى چۇۋالچاق ، ئورنىغا چۈشمىگەن جۈملىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەسرەتلىنىپ سۆزلەپ بەرگەنلىكى يادىمغا يەتتى.
يېقىندا شەھىرىمىزدە قۇرۇلغىنىغا 80 يىل بولغان شىخو شەھەرلىك 1 –باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ۋېۋىسكىسىنىڭ ئاستىغا مائارىپ سۆيەر ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ھەقىقىي مۇھەببەت باغلىغان مەسئۇلىيەتچان مەكتەپ مۇدىرى مەھمۇد ئابلىمىت (2013 –يىل 11 –ئايدا مەكتەپ مۇدىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۋالغان . ئۇ شىخوغا قەدىمى يەتكەن كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىمىزنى نەچچە يىللاردىن بېرى ياخشى كۈتۈپ قەدرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئەزىمەت ئوغلانىمىز ھېسابلىنىدۇ .) مەكتەپ قۇرۇلغان ۋاقىتنى ئويۇپ قويۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن ، ۋە باشقا مۇناسېۋەتلىك كىشىلەردىن پىكىر ئالغاندا ھەر خىل جاۋابلارغا ئېرىشىپ ئاخىرى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئەنگە ئېلىنغان ، مەكتەپ تارىخىغىمۇ شۇنداق يېزىلغان « 1934» دېگەن يىل نامىنى ئويۇپ مەكتەپ ۋېۋىسكىسنى ئابىدىگە ئايلاندۇردى . بۇنى قىستۇرۇشىمدىكى سەۋەب شۇكى ئومۇ ناھايىتى تۆتلا رەقەمنى بىردەمدىلا چىنە خىشقا ئەسۋاب بىلەن ئويۇپ قويىدىغان كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرى يېڭى خىزمىتىنى ئەشۇ كىچىك ، ئەمما ئەھمىيىتى چوڭ ئىشتىن باشلىغانلىقى ، ئەشۇ كىچىككىنە ئىش مەسلىھەت سېلىنىپ قىلىش جەريانىدا بارغانسېرى چوڭايغىلى تۇرغانلىقى ، بىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا ئۈندىسە ، بىرى بولدى قىلىشنى ، يەنە بىرى يىلنامىسىنى ئىلگىرىرەك يېزىشنى ، ئېيتىپ بىر مۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنىدى . مېنىڭ كۈزىتىشىمچە ھازىر مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەر بىردەم كۆزىتىپ ۋېۋىسكىغا دىققەت بىلەن قاراپ ماڭىدىغان بوپتۇ .ئۇلارنىڭ دېققىتىنى بەكرەك تارتقىنى بەلكىم 80 يىلدىن بېرى يېزىقلىق مەكتەب نامىلا بولمىسا كېرەك . گەرچە ئەشۇ تۆت رەقەمنى ئويۇشقا يېرىم سائەت كەتكەن كىچىك ئىش بولسىمۇ ئەمما مەكتەپنىڭ كەلگۈسىگە تاشلانغان ناھايىتى چوڭ قەدەم دەپ ئويلايمەن . مەن ئەشۇ ئويۇلغان « 1934 » دېگەن رەقەمنى شىخو شەھەرلىك
1 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت ئۆلمەس شېئىرنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ، باشقىلار ئىسمىنى ئاتىماي ئۆزىنىڭ نامىغا مەڭگۈ ئۆزگەرتىۋالالمايدىغان ئاپتورى دەپ چۈشەندىم . بىزدە يەنە خەلق يىغىش قىلىپ ، مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلىنغان ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلىرىمىزنىڭ كىچىككىنە تاشقا ئويۇلغان ئابىدىسى يوق . مەكتەپ ئابىدە تېشى قويۇشمۇ بىز سەل قاراپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر .( ئەمما قەبرىستانلىقىمىز سانسىزلىغان ئابىدىلەرگە توشۇپ كېتىگلىك ئىدى .) شىخودىكى مىراس چۆچۈرخانىسىدا ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ئولتۇرغان شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاشخانا ئېگىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتايىتەن سوراپ ئەستە قالدۇرۋالغاندىن كېيىن تولىمۇ مەنىلىك قىلىپ : «-ئابلىكىم ئۇكام ، يارايسىز ! شائىرغا قولدا باققان قويىنى سويۇشقا تەييار تۇرغان سىزدەك ئوغول بالىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلىۋالمىساق بولماس ،يېمىسەممۇ يېگەندەك بولدۇم ، قەدرىمىزنى قىلدىڭىز ...» دەپ مەنىلىك كۈلۈمسىرىگەنىدى ..چۈنكى شائىرىمىز ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئابلىكىم ئاكىنىڭ قىزى شائىرنىڭ شېئىرلار توپلىمىغا ئىمزا قويۇپ بېرىشكە ، ئۆزى بىلەن رەسىمگە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرۈپ ئۈلگۈردى .( ئەلۋەتتە ئاتا – ئانىسى ئاشخانىغا كىمنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىنى ياخشى سىڭدۈرگەن، قوينى سويۇشقا شائىر ۋاقتىنىڭ قىس بولۇپ قالغانلىقىدىن قەتئىي قوشۇلمىغانىدى .) ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك : « ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇشمۇ ، داستىخان سېلىپ كۈتىۋېلىشمۇ ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ ، - ئەلۋەتتە.»
قىسقىسى ناخشا تېكىستىنى، مۇزىكىسىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ئاپتورى بىلەن كارى بولماسلىق كەچۈرگىلى بولمايدىغان ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدىبلىرىگە ، كومپىزىتورلىرىغا قىلىنغان يۈزسىزلىك ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قىلىنغان ئىس – تۈتەكسىز تاجاۋۇزچىلىق ، شائىرلىرىمىزنىڭ ، كومپىزىتورلىرىمىزنىڭ ئېلھامىنى چۈشەپ قويىدىغان ، يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىدۇر .بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىككە، يۈزسىزلىككە ، نادانلارچە قوپال مۇئامىلىگە ، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىققا ھەممىمىز قارشى تۇرايلى ، كىچىك ئىش دەپ ھەرگىز سەل قارىمايلى ! بىزمۇ قازاق مىللىتىدەك ئەدىبلىرىمىزنىڭ، كومپىزىتورلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى ، « توغرا ، بىز نېمىشقا ئۇلاردەك قىلمايمىز ؟ » « بىز قاچانغىچە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايمىز؟ » ، بىز قاچان شۇنداق قىلىمىز ؟...
شەھىرى شىخو . ئەبەي تارىم . 2014.7.6.
مەنبە : يوقىرقى ماقالىلاردىن ئالغان تەسىراتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 04:52 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: B+ ?2 N/ Z5 N5 M2 B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& h [& Q3 [ b8 U; ]) l- f