مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2260|ئىنكاس: 8

ئىپارنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 924 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 02:11:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىپارنامە

  

___بەگ ئالىپ

بىر چاغلاردا شۇنداق ناخشىغا ئاشىق ئىدىم :

كېيىك قوغلاپ چىقسام چىمەنگە،
ئەسىر بولدۇم كۆزىڭگە رەبا.
ئوقيا بولدى كىرپىكىڭ شۇئان،
كېيىك بولدۇم جان بولدى ئادا .


  مەن بىر ئوۋچى ئىدىم. ئاشۇ كۈنلەردە سەرسانلىق تۇلپارىمنى مىنىپ قارا قۇرۇمنىڭ ياپ-يېشىل تاغلىرىدىكى غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن ياۋا گۈللۈكلەر ئارىسىدا سەيلە قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغانىدىم. مەن ئەزەلدىن خۇش پۇراقلارقا ئاشىق بولساممۇ، ئەمما تۇزۇپ كەتكىنىگە تالاي يىللار بولغان گۈلى رەيھاندىن بۆلەك ئىككىنچى بىر  قەلبىمدىكى ئىشىققا داۋا بولغۇدەك پۇراقلىق لالەنى ئۇچرىتالمىدىم. ھەر چۈشلىرىمگە رەيھان كىرەتتى:
  -مۇشۇنداق يەككە-يىگانە، سەرسان پېتى يۈرىۋېرەمسەن؟ سەن ماڭا ئارمان بولغىنىڭدەك مەنمۇ ساڭا بىر  شېرىن چۈش خالاس، مېنى ھەرقانچە ئەسلىسەڭمۇ، سېغىنساڭمۇ ساڭا قايتا نېسىپ بولۇپ قالمايمەن، بېلىڭنى باغلا، ھىممەت تۇلپارىڭغا قامچە سال. تاغلارنى كەز، كېچىكلەردىن ئاتلا، دەريالاردىن ئېقىپ ئۆت ،ئۆز ھاياتىڭغا  تەۋە لالەنى تاپ ، ئۇنىڭ خۇش ھىدلىرىدا  نەپەسلەن.
   شۇنىڭدىن كېيىن مەن تۇنجى قېتىم تاغ ئاشتىم، كېچىك ئاتلىدىم، يۈرۈڭقاشنىڭ ئۇلۇغ ئېقىنىدىن ئۈزۈپ ئۆتتۈم. لېكىن كۆزلىگەن لالەنى ئۇچرىتالمىدىم. ئۈمۈد يىپلىرىم ئۈزۈلەي دېگەندە مەن ئىزلىگەن مەشۇقۇم ئالدىمدا نامايەن بولدى. قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ باغرىدىن سىرغىپ چىققان، پۈتكۈل خۇتەن زېمىنىنىڭ جان تۇمۇرلىرى بولغان قاراقاش، يۈرۈڭقاش دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا خۇتەن كېيىكى ياشاركەن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شۇنداق بىر خۇش پۇراق يارىتىلغان ئىكەنكى ،  نە بېھىش ھۆرىللىرىنىڭ جىسمىدا بولىدىغان ئەنبەر پۇرىقىغا، نە لالە-رەيھانلارنىڭ ياپراق چېچەكلىرىدىن تۆكۈلىدىغان يۈرەككە شىپا خۇش پۇراقلارغا تەۋە ئەمەس ئىكەن. جىسمىدا تىرىكلىك يوق، ئەمما ۋۇجۇدىدا  مىڭ ھۆرىنىڭ  خۇش ھىدى جەملەنگەن ئول سىرلىق پۇراق ئىگىسىنى زامان ئەۋەلدىن تارتىپ ئابا- ئەجدادلار ئىپار دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىكەن.
  بۇ كېيىكنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى  ئىپارنىڭ ۋەسلى ئۈچۈن ھىممەت  ئېتىنى  مىندىم ، ئەمما كېيىك ئاتىدىغان ياراق ئالمىدىم ، مەن ئۇنى ياۋاشلىقچە كۆندۈرمەكچى  بولدۇم.  ئوۋچى بۇرادەرلىرىم مېنى مەسخىرە ئاستىغا ئېلىشتى :
   -ئىنسانغا يېقىن كېلىش ئەمەس، ئادەم  ھىدىنى ئون چاقىرىم نېرىدىن پۇراپ قالسا شامالدەكلا غايىپ بولىدىغان ئول جانۋارنى كۆندۈرمەكچىمۇ سەن ؟ بۇنداق خام خىياللىرىڭنى قوي ، قولۇڭغا ئوقيا ئال، يەرگە قاپقان قۇر ، ئۇنى ئوۋچىغا خاس ھەيۋەڭ بىلەن بوي ئەگدۈر ، ئاندىن جاھاندا يىگانە ئاتىلىدىغان خۇتەن كېيىك سېنىڭ بولىدۇ.  شۇ چاغدا رەيھاندىن سادا كەلدى: ھوشۇڭنى يىغ،  ھېبىيىم ! ساڭا كېرىكى كېيىكنىڭ جىسمى ئەمەس ، بەلكى سەن ئاشىق بولغان كېيىك قەلبى بولغان  ئىپار ، كېيىكنى ئاتتىڭمۇ دەيلى ۋۇجۇدىدىكى ئاشۇ ئىپارنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ساڭا تاپشۇرماستىن ئەكسىچە  سېنىڭ قولۇڭدا ھالاك بولسا  نامەرد ئاتىلىسەن .
  ئول كېيىككە ئېھتىيات بىلەن يېقىنلاشتىم ،  ئوۋچىغا خاس ئۆتكۈر كۆزلىرىم بىلەن نەزەر سالدىم:  ئۇ مەن بۇرۇن كۆرگەن كېيىكلەرگە  ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك  ئاھۇ كۆزلىرى يوق ئىدى، قۇندۇزدەك قارا تونى يوق ئىدى ، تاغمۇ تاغ تاقلاپ يۈرىدىغان زىلۋا قامىتى ھەم  يوق ئىدى. لېكىن  جىسمى ئادەتتىكىچىدەك بولسىمۇ ۋۇجۇدىدا مېنى مەپتۇم قىلىدىغان ئىپار بار ئىدى . مەن بەكلا خوش بولدۇم. نېمىشقا؟ چۈنكى ماڭا نىسىپ بولمىغان رەيھاندىن بۆلەك ئىككىنچى بىر ۋۇجۇدقا چىن قەلبىمدىن  ئاشىق بولالماسلىققا خاتىمە بەردىم.  بۇرۇنلاردا بىرىنىڭ ئاھۇ كۆزىگە،  يەنە بىرىنىڭ قامىتىگە ئاشىق بولغاندەك قىلاتتىميۇ ،  ۋاقىت ئۇ تۇيغۇلارنى تىزلا سۈپۈرۈپ تاشلايتتى، مانا ھازىر ئۇنىڭ چېھرىگە ئەمەس ۋۇجۇدىغا ئاشىق بولدۇم بەلكىم بۇ ھەقىقىي ئاشىقلقنىڭ ئۆزىدۇر.
   -مەن كىم، - دېدىم ئۇنىڭغا.
   -سەن ماڭا ئوخشاش بىر ئاددىي بىر جاندارسەن.
   -ئوۋچىنى كۆرگەنمۇسەن، ئۇنىڭدىن قورقامسەن؟
   -ئوۋچىدىن بىزارمەن ، لېكىن ئۇنىڭدىن قورقۇشۇم يوق ، ئوۋچى مېنى تېپىپ بولغۇچە كۆزىدىن يېتىپ بولىمەن.
   ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى كۈلكەمنى قىستاپ قويدى،  شۇ تاپتا  مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئوۋچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتماقچى بولدۇميۇ  يالتايدىم .چۈنكى   ئۇ بىلىپلا قالسا مەن بىلەن سىرداشمايتتى، ياتلارغا ئايلىنىپ كېتەتتۇق.  مەن بۇنداق بولۇشىغا چىدىمايتتىم ،  شۇڭا ئۆزىمنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئاشىق بىر ئوۋچى ئىكەنلىكىمنى يۇشۇرۇپ يۈردۈم.  تالاي كۈنلەر شۇنداق ئۆتتى ، ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتىم، دوس بولدۇم، لېكىن كۆڭلىمدە يەنىلا غېرىپلىق بار ئىدى، چۈنكى ئۇ يېنىمدىلا يۈرسىمۇ ماڭا تەۋە ئەمەس ئىدى.  شۇ چاغدا يۈرۈكۈم ئەسەببىيلەرچە ۋاقىرىدى:- ماڭا   ئىپار كېرەك !    نەچچە قېتىم ئەقلىمدىن ئازدىم ئۇنڭىغا قول سالماقچى ، قوينۇمدا تۇرغان  خەنجەرنى ئۇنىڭغا ئۇرماقچى بولدۇم، بىراق نېمىشقۇدۇر كۆڭلىم قويمىدى، ئاخىرى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرماقچى بولدۇم.
   - بىلەمسەن كېيىك ،دېدىم  ئۇنىڭغا،- مەن ئەسلى كېيىك ئوۋلايدىغان بىر ئوۋچى لېكىن سەن بىلەن دوست  بولۇپ قالدىم شۇڭا ساڭا قول سالمايمەن.
  بەلكىم شۇ چاغدا راس گەپنى قىلماقچى ، ئۇنى ئۈركۈتۈۋەتمەكچى بولغاندىمەن. لېكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا يەنىلا كۆڭلىم قويمىدى .  شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا يېقىن دوس بولۇپ ئۆتكەن بولدۇق.  باشقا ئوۋچىلار ئاڭلاپ كۈلۈشتى:-  ئوۋچى نەدە ئۆز نېسىۋىسى بىلەن دوست بولغان بار ، قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، .ئۇ بەرىبىر ئوۋ ، سەن ئاتمىساڭ ھامان باشقا ئوۋچىنىڭ نېسىۋىسى بولۇدۇ .  شۇڭا ئىكلەنمە ، ياراقنى ئال ئۇنى ئۆزىڭنىڭ قىل. لېكىن رەيھان يەنە ئارىغا چۈشتى  :- ساڭا لازىمى شۆھرەت ئەمەس بەلكىم كېيىكنىڭ ۋۇجۇدىدىكى  ئىپار ،  سەن ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش بويسۇندۇرش بىلەن ئېرىشەلمەيسەن.
   كېيىك بىلەن سىردىشىش  داۋامىدا شۇنى ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە ھېس قىلدىمكى  كېيىكنىڭ قەلبىدىكى ئىپار ماڭا تەۋە ئەمەسكەن . بىر نەچچە رەت ئۇنى چېكىپ باققانمۇ بولدۇم ، مەن ئىپارغا ئاشىق دېدىم . كېيىك گېپىمنى ئاڭلاپلا  مەندىن نەچچە قەدەم ئۈركۈپ كەتتى:
   -قايسى ئىپارغا؟   لېكىن باشتا دەپ قۇياي ، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىكى ئىپاردىن ئۈمۈد كۈتمە.
  بۇنداق چاغلاردا يالغاندىن كۈلۈپ قۇياتتىم:
   -ھەي كېيىك، ئەتراپىمغا قارا، نى ئاھۇ كۆزلۈك كىيىكلەربار، ئوقيانىڭ كىرىچىنى تارساملا قۇلۇمغا چۈشۇدۇ.  شۇلار تۇرغىچە ساڭا قول سالارمەنۇ؟ بىر كۈنلەردە ھېچ بىر كېيىكلەرنى ئېتىشقا قۇربۇم يەتمىسە ، سېنى نىشانلايمەن.
   ئۇ بۇ گېپىمگە خاپا بولۇپ كېتەتتى . مېنى مۇشۇنداق تۆۋەن چاغلامسەن ..
  مۇشۇ كۈنلەردە قەلبىمدىكى تەلۋىلىك يەنە بىر قېتىم چېكىغا يەتتى . ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئوق ئۇچچىنى توغرىلايدىغاندەك تۇراتتىم .لېكىن كۆڭلىم ئۇنى ياردار قىلىشقا قانداقمۇ چىدىسۇن .  ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۈن تىنسىز يىراقلاپ كەتمەك بولدۇم. لېكىن ئۇنى بىر كۈن كۆرمەي ، سۆزلىرىنى ئاڭلىماي تۇرۇشقا چىدىمايتتم.  ناھايىتى ئۇزاق باش قاتۇرۇدۇم:  ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ۋەھشىي بىر ئوۋچى ئىكەنلىكمىنى دېدىم ، بۇرۇن سانسىزلىغان كېيىكلەرنى ئاتقانلىقىمنى ، بۇ ياردار كېيىكلەرنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى ئىپارنى قانداق خارلىغانلىقىمنى ،ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىمنى  دەپ بەردىم.  ئەمدى ئۇ ماڭا ئۆچ بۇلاتتى، ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى تەسىرىم گۇمران بۇلاتتى  .ھەم  مەندىن ئېھتيات قىلاتتى، بىر كۈنلەردە ئەقلىمدىن ئېزىپ ئۇنىڭغا قول سالسغۇدەك بولسام ئۇ ماڭا ئۆچ بولغاچقا مەندىن ھۇشىيار بۇلۇپ ھەر زامان قېچىىپ كېتەلەيتتىدە، ئۇنىڭغا زەخمە يەتمەيتتى.
    دېگەندەكلا نەچچە ئايدىن كېيىن ئەقلىمدىن ئازدىم،كېيىككە سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى ئىپار كېرەك دېدىم. گېپىم ئۇنىڭغا چايان چاققاندەكلا تەسىر قىلدى. ماڭا نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قارىدى ، پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزدى . مەنمۇ ھەم ئۇنىڭدىن پۈتۈن ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم.
  ئۇنىڭدىن كۆڭلىم قاتتىق تەزدى، بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم، لېكىن رەيھان قويمىدى :- مۇشۇنداقلا بەل قۇيۇۋەتمەكچىمۇ سەن، ئىلگىرىمۇ شۇنداق يېرىم يولدا بەل قۇيۇۋېتىپ  ئۆزىڭگىمۇ ماڭىمۇ قىلغان ئىدىڭ ، بۇنداق بىر قېتىم بۇرنۇڭغا يەپلا بولدى قىلساڭ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسەن .
- مېنىڭ ئەمدى  ئېرىشكىم يوق، ئەگەر ئاشۇ ئىپارنىڭ ئورنىدا  سەن بولغان بولساڭ ئىدىڭ مەن قانداق بەدەل تۆلىسەممۇ ھەرگىز ۋاز كەچمەيتتىم.  چۈنكى مەن سېنى قانداق ياخشى كۆرگەن بولسام سەنمۇ ھەم مېنى شۇنداق ئەزىز بىلەتتىڭ. لېكىن ماۋۇ ناتىۋان كېيىكچۇ؟  مېنى ياخشى كۆرىنىشنىڭ ئورنىغا مەندىن بىزار ، ھەتتا مېنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرىدۇ ، مېنىڭ تىلەمچى بولغۇم يوق .  سەنمۇ مەندەك بىر ئەزىزەڭنىڭ ئاشۇ ناتىۋان ئالدىدا  خارلىنىپ قېلىشىنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن، بۇرۇنقىدەك سېنىڭ ئۆتمۈشڭگە ھەمرا بولۇپ  ئۆتكۈم بار.
   شۇنىڭدىن كېيىن كېيىك بىلەن  ئۇچرىشىپ قالساق ماڭا تەتۈر قاراپ ئۆتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ نېمىگە بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بولالمىدىم.   ئىككىلىمىز بىر دەريانىڭ بويىدا بولغاچقا تولا دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئۇ ئۇچرىسا   ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالاتتىم، مېنىڭ ئىچىم بەكلا سىقىلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن ئاداۋەت ساقلاشنى نۇمۇس دەپ بىلەتتىم   شۇڭا ئۆزۈم ئالدىغا ئىگىلىپ باردىم ؛
   - مېنى كەچۈر كېيىك ، ئەمدى سەندىن ئىپارنى بەر دەپ داۋا قىلمايمەن.  مېنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كەتكىم بار .  ئۇمۇ تارتىشمايلا ماقۇل بولدى. شۇنداق يەنە دوست بولۇپ قالدۇق .  لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى . ئۇ   نەۋرۇز كۈنى  ئىدى،  مەن ئۇنىڭغا رەڭمۇ رەڭ چېچەكلەردىن گۈل دەستە تىزىپ سوۋغا قىلماقچى بولدۇم . ئىلگىرىمۇ مەن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق گۈل دەستىلەرنى سوۋغا قىلاتتىم ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلاتتى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ كۆڭىل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغامنى مېنى مەنسىتمىگەندەك  كۆرمەسكە سالدى، شۇ چاغدا ئاچچىقىم چېكىغا يەتتى، سېنىڭدىن  كۆڭۈل سۇراپ  بوينۇمنى ئېگىپ قويغۇنۇمغىلا  مۇشۇنداق تىلەمچى كۆرۈپ مەنسىتمەيۋاتىسەنغۇ ، بىلىپ قوي مەن شۆھرىتى پۈتۈن جاھانغا سىغمىغۇدەك ئوۋچىمەن، سەن بىر ئەرزىمەس جاندار سەن .   كاللامغا تەلۋە بىر خىيال كەلدى، بۇ ئىززىتنى  بىلمەيدىغان ھاكاۋۇر كېيىكنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويماقچى بولدۇم:
  - سېنى ئوينىتىپ قويغان ئىدىم،- دېدىم مەن  ئۇنىڭغا -، ئەمەلىيەتتە سېنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيمەن ، ھەم ئىپارىڭغىمۇ ئاشىق ئەمەسمەن .پەقەت زېرىكىپ كېتىپ سېنى ئوينىتىپ قويدۇم ،  سېنىڭ كۆڭۈلنى  تەجىربە قىلدىم ،ھەم مۇشۇ بانىدا كۆڭلۈمنى ئېچىۋالدىم .
    - نامەرد ،- دېدى ئۇ ، ئاندىن مېنى تىل ھاقارەت بىلەن كۆمىۋەتتى.گەرچە مەن ھەممە ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىپ قويغان بولساممۇ ، ئەمما بۇنداق بۇلارىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدىم . نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلە قالدىم ، شۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر گەپنى قىلدى:  ئەسلى بۇ كېيىكنىڭ  يىراق بىر يەردە مەشۇقى بار ئىكەن.ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىپار ئاشۇ نامەلۇم ۋۇجۇدقا شەيدا ئىكەن .  ئۇ  ئاشۇ مەشۇق ئوۋچىغا ساقلاۋېتىپتۇ.  خۇيۇم دەششەت تۇتتى، باشتا مۇشۇنداق بىرى بار دەپ  تىنىپ قويسا نىم بولۇدۇ؟!  مەنمۇ خەخنىڭ رىسقىغا چاڭ سالىدىغان نامەرتلەردىن ئەمەستىم، ھەم باشقا بىرگە تەۋە ئىپارنى تارتىۋېلىشمۇ قۇلۇمدىن كەلمەيتتى.
   بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان ئىدى، ئەقلىمنى قايتىدىن تاپقاندەك بولدۇم، مۇشۇ ناتىۋان كېيىكىنى ئالدىغان ھېسابتا بولسام، ئۇنىڭ قەلبىدە نەپرەتلىك ھەم يىرگىنىچلىك سىمايىمنى قالدۇرۇپ قويىشتىن باشقا ماڭا نىمە پايدا تېگەر ،ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ نامەرتلىكىم ئۈچۈن ئۇ ھەممە نەرسىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالسىچۇ ... ھەر نىمە دېگەن بىلەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەنغۇ،شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سۇراي ،دەپ ئويلۇدۇم .بىر كېچە ئۇخلىماي مەكتۇپ يازدىم:
  مېنى كەچۈر كېيىك ، مەن سېنىڭ ۋۇقۇدىڭدىكى ئىپارغا جان جەھلىم بىلەن ئاشىق،سېنىڭ قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە نادانلىقىڭغا چىدىماي  بىردەملىك ئاچچىق شۆھرەت پەرەسلىكمنىڭ سەۋەبىدىن ساڭا ئازار بېرىپ قويدۇم.
  لېكىن ئۇ يازغان مەكتۇپۇمنىمۇ قۇبۇل قىلمىدى، چىشىم يەنە بىر قېتىم قېيىشتى ، نىمە قىلغنىمغا مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىدۇ زادى، ئاشىقىلىق كەچۈرگىسىز گۇناھمۇ؟ئاشىق بىر ئاغرىق بولسا ،مەشۇق بىر ئەمچى بولۇپ كېسەلگە شىپا بېرىشى كېرەكققۇ، لېكىن ئۇ نادان كېيىكچۇ ، كۆڭۈل جاراھىتىمنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا ماڭا ئاھانەت  قىلسا  ...
  - بەس!!! ،-دېدى ئەقلىم -، بىراۋنى ئالداش نامەردلىك،  ئۇ مەيلى ساڭا ئىشىنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇم  شۆھرەت پەرەسلىك قىلىپ ئۇنى ئالدىماقچى بولدۇڭ ،  سېنىڭ قايسى گېپىڭگە ئىشىنىدۇ ؟!  سېنى كەچۈرمەسلىكىمۇ ھەقلىق .
   شۇنداق قىلىپ مەن بۇيەردىن كەتمەكچى بولدۇم ،چۈنكى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش، ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەسلىك ، ئەڭ ياخشى كەچۈرۈم سوراش ئىدى.
ئېتىمنى مىنىپ يەنە ئاشۇ پۇرۇقى يۇقاپ كەتكىلى ئۇزاق بولغان رەيھان تۈۋىگە قايتىپ كەلدىم.
  -سالپىيىپ قايتىپ كەپسەنغۇ باندىت، ئىپارىڭ قېنى؟
  -ھەممىسى يوق بولدى ، ئۇ كېيىكنىڭ قەلبىدىكى ئىپارنىڭ  ئەسلىدىنلا  ئىگىسى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىپار باشقا بىر ئوۋچىغا تەۋە ئىكەن.  ساڭا قىلغانلىرىم ئەمدى ئون بۇلۇپ ياندى، ئەسلى جېنىم چىقسىمۇ سېنى تاشلىۋەتمىسەم بولۇپتىكەن.
  - ئۈزۈڭنى ئەيىپلىمە ھېبىيىم ، ھەرئىنسان ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندىن قەدرىگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى تەقدىر . ئەمدى سېنى ئاسانلا بەل قۇيۇۋېتىپسەن دەپ ئەيىپلەپمۇ يۈرمەيمەن، چۈنكى ئاشۇ كېيىكنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىپار باشقا  بىرىگە مايىل ئىكەن، سەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىپارغا ئېرىشەلمەيسەن . پەرھاد  بىلەن شېرىنغا قارا ،  نامەرد خىسراۋ ھىيلە بىلەن ئۇلارنىڭ جىسمىنى ھالاك قىلغان بولسۇمۇ، ئەمما پەرھاتتىن شېرىننىڭ يۈرىكىنى تارتىۋالالمىدى.  يەنە ئويلان، سەنەمنى ئابدۇللا شاتىرمۇ ياخشى كۆرۈدۇ ، ھەتتا غېرىپتىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، لېكىن ئابدۇللا شاتىرغا لەنەت تامغىسى بېسىلىپ ، غېرىپ تىللاردا داستان بولدى.  سەۋەبى سەنەم ئابدۇللانى ئەمەس غېرىپنى ياخشى كۆرۈدۇ ... ھەتتا مېنىڭ جىسمىم ساڭا نېسىپ بولمىسىمۇ ۋۇجۇدۇدا  ئۇزاقتىن بېرى  ياشىدىڭغۇ، شۇڭا ئىپارغا مەجبۇرلاش بىلەن  ئېرىشەلمەيسەن .     شۇنىڭدىن كېيىن  رەيھان بىلەن قۇشۇپ  ماڭا نىسىپ بولمىغان ئاشۇ خۇش پۇراق ئىپارنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئۆتتۈم.
  تۈگۈدى.
2014- يىلى 18-ئاپرېل. سانجى ئىنىستىتوتى
«ئىپارنامە » ناملىق ئەسىرىمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 04:48 PM  


دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107508
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-6-7
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 06:58:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ.........

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14271
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2083 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 12:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ...................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12740
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31750
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 01:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن ئەقىدە،مېھرى -ۋاپا ئاساسىي ئىدىيە قىىلنغان دەيمىزمۇ؟

راستىنى ئېيتسام مەزمۇنىنى تازا چۈشىنەلمىدىم...

بىراقزە تىل ئىشلىتىش ماھەرىتىڭىزگە قول قويدۇم...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 924 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 10:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 01:07 PM
چىن ئەقىدە،مېھرى -ۋاپا ئاساسىي ئىدىيە قىىلنغان دەيمىز ...

كېيىكنى ئىنسان جىسمىغا، ئىپارنى قەلىبكە سىمىۋول قىلدىم ، ئاساسلىق دېمەكچى بولغۇنۇم مۇھابەتكە شورلاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر ساپ تەبىي تۇيغۇ،
كىمنىڭ ئابدۇللا شاتۇر ،كىمنىڭ غېرىپ بولۇپ قېلىشىنى سەنەمنىڭ قەلبى بەلگىلەيدۇ

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12740
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31750
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 10:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
b1a2g يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 10:34 PM
كېيىكنى ئىنسان جىسمىغا، ئىپارنى قەلىبكە سىمىۋول قىلد ...

شورلاش-زورلاش

ئەسلى زورلاش دېمەكچىتىڭىز مېنىڭچە......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10517
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 06:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز يازمىڭزما بۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 924 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 07:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 06:03 PM
ئۆز يازمىڭزما بۇ

ھەئە،  مۇنبەرگە يولىغانللىرىمنىڭ ھەمىسى ئۆزۈم يازغان نەرسىلەر……

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 810 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 09:08:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل ئىشلىتىشىڭىز ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.ئەڭ ئاددىي نەرسىمۇ ئىنسان قەلبى،يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ مۇرەككەپ نەرسىمۇ ئىنسان قەلبى........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش