مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1925|ئىنكاس: 4

قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى ئالتە قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3718 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 07:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



جۇڭگۇ خوتەن قاشگەرلىكى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالتە قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى







1404107166710_meitu_2.jpg






تارىخچىلار ۋە ئارخىلوگلار  ئۇزۇن يىللىق ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم قىلدى.



شىنجاڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋادىسىنى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرۈلگەن 1-رايۇن ۋە ئىككىنچى رايۇندىن مۇئەييەن ساندىكى قاشسىمان يۇمىلاق تاشلارنى بايقىغان بولۇپ يىل سانى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ھازىرقى ۋاقىتتىن 7000 يىل بۇرۇنقى تاشلار ئىكەن.




ئارخىلوگلار يەنە يۇقارقىدەك قاشسىمان تاشلاردىن بارماق ئىزى بارلىرىنىمۇ بايقىغان بۇلۇپ بۇ بارماق ئىزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن ئىكەن (تاشلارنىڭ قاتتىقلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا تاشتىكى بارماق ئىزى بەك روشەن ئەمەسكەن)






شىنجاڭ ئارخولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى،شىنجاڭ ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ئاسراش ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى جاڭ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ بارماق ئىزلىرى بولغان تاشلار بۇندىن بەش مىڭ يىل بۇرۇنقى يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى كىشىلەر ئوۋ ئوۋلاشقا ئىشلەتكەن تاشلار ئىكەن.





1404107176625_meitu_4.jpg






شىنجاڭ ئارخولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ خادىملىرى لوپنۇر رايۇنىدا ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايقىغان:


شۇ يەردىكى يەرلىك خەلق يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا قاشتىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك قوراللارنى ياسىغان.مەسىلەن ئوق بېشى دىگەندەك.ئۇنىڭدىن باشقا قاشتېشى پالتا ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.





1404107191241_meitu_6.jpg




(لوپنۇر رايۇنىدا بايقالغان قاش پالتىلار)


ئۇلار ياشىغان ۋاقىت بولسا---مىس قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ ئوۋچىلىق ئىقتىسادى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىق ئىشلىرىمۇ باشلانغان ئىدى.




تارىخىي دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا دىيارىمىز شىنجاڭدا  يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپلا قاش ئويمچىلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن.شا ، شاڭ ، جوۋ سۇلالىسى،چىن،خەن،تاڭ،سوڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە شىنجاڭ قاش ئويمىچىلىقى  ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەم ناھايىتى كۆپ داڭلىق كۆھكەنلەر ۋە داڭلىق ئويمىلار بارلىققا كەلگەن.




چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ خوتەن قاشلىرىنى قېزىش،سۈزۈش ھۇقۇقىنى چىڭ خان ئوردىسى بىۋاستە كونتورۇل قىلغان.قىزىش سانى ۋە قازىدىغان ئورۇندىن تارتىپ يۆتكەپ ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە بولغان ھەممە ئىشلارنى خان ئوردىسى بىر تۇتاش قاتتىق باشقۇرغان.شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ قاش ئويمىچىلىقى تەدرىجىي ئاجىزلاپ ئاخىرى خوتەن قاش خام ماتىريالى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان.










خوتەن قاشگەرلىكى تەرەققىياتى تارىختا ئالتە قېتىملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.




1-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____  يېڭى تاش قورال دەۋرىدۇر.


بۇ دەۋىردە ئىنسانلار خوتەن قاشلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان  ھەم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ،زىننەت بۇيۇملىرى ئۇيۇشتىن تەرەققىي قىلىپ مۇراسىم-يۇسۇن بۇيۇملىرى ياساشقا تەرەققىي تەرەققىي قىلغان ھەم قەدىمقى زاماندىكى قاش بۇيۇملار تەۋەلىكىنى بەرپا قىلغان.





1404107203917_meitu_7.jpg




1404107215322_meitu_8.jpg




1404107221008_meitu_9.jpg




1404107236494_meitu_10.jpg








2-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____ -شا،شاڭ، جوۋ سۇلالىسى دەۋرى


بۇ دەۋىرلەردە جۇڭگۇ <<ئىلاھىي قاش مەدەنىيىتى>> (شاڭ سۇلالىسى دەۋرى) ۋە  << مۇراسىم-يۇسۇن قاش مەدەنىيىتى>> (جوۋ سۇلالىسى دەۋرى) باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ ،قاشگەرلىك مەدىنىيىتىدىكى جۇڭگۇ چەتئەلگە داڭلىق << قاشتېشى يولى >> (يىپەك يولىنىڭ بوۋىسى) مۇشۇ ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن. ھەم ئالتە خىل قاش بۇيۇم ۋۇجۇدقا كەلگەن.تەرەپلەرنى ئىپادىلەيدىغان رەڭلەر بېكىتىلگەن.





1404107248334_meitu_11.jpg




1404107257880_meitu_12.jpg






1404107266984_meitu_13.jpg




3-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____ -جۇڭگۇنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدۇر.


بۇ دەۋىردە قاش بۇيۇملارنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى،سىياسىي قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرىلىپ قاش بۇيۇملار ھۇقۇقنىڭ،ئەخلاقنىڭ سىموۋلىغا ئۆزگەرگەن.





1404107277014_meitu_14.jpg




4-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____ -خەن سۇلالىسى دەۋرىدۇر.


خەن سۇلالىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ئاساسلىق دەۋر.بۇ دەۋردە مىللەت بىرلىككە كەلگەن،مەدەنىيەت بىرلىككە كەلگەن بولۇپ ،جۇڭگۇ مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.خوتەن قاش مەدەنىيىتى مىسلىسىز تەرەققىي قىلغان.


(ئاساسلىق قاش ئويما بۇيۇملار،قاش كېپەنلىك..........)





1404107297180_meitu_15.jpg




1404107302884_meitu_16.jpg






5-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____  مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدۇر.
تاڭ سۇلالىسى جۇڭگۇ تارىخىدىكى سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن،ئىقتىساد گۈللەنگەن دەۋىر بولغان.كۆپ خىل ماددىي مەدەنىيەت  بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ھەم تەرەققىي قىلغان.قاشگەرلىك مەدەنىيىتىدىمۇ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ئېقىم بارلىققا كەلگەن.



مىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە تۈرلۈك رەسساملىق نەتىجىلىرى  قاش ئويمىلاردا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپقان.لاھىيلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە بۆسۈش بولغان.بۇ دەۋردىكى قاش ئويمىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماي بەلكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان.شۇڭا مىڭ سۇلالىسى جۇڭگۇنىڭ قاشگەرلىكى گۈللەنگەن بەش دەۋىرگە كىرگۈزىلگەن.مىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى داڭلىق كۆھكەن لوزىگاڭ ياسىغان  قاش تەمتەك تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان.




بۇ دەۋردە بېيجىڭ،نەنجىڭ،سۇجۇ شەھەرلىرىدە قاش ئويمىچىلىق مەركىزى قۇرۇلغان.خەلق ئارىسىدىمۇ  قاش ئويمچىلىقى تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەنگەن.





1404107317089_meitu_17.jpg




6-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى ____  چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدۇر.


چىڭ سۇلالىسى دەۋرى-گەرچە فېئوداللىق جەمىئىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە توغرا كەلسىمۇ قاشگەرلىك مىسلىسىز تەرەققىياتقا،گۈللىنىشكە ئېرىشكەن.


پادىشاھلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،تۇرمۇش بۇيۇملىرى،نەزىر-چىراق ،مۇراسىم،تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە قاش مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرگەن.بۇ مەزگىلدە يەنە ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قاش ئويمىلارمۇ ئوردىغا كىرگەن ھەم قاشگەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان.ۋەكىل خاراكتىرلىك  ئەسەرلەردىن << يۈ ۋەزىرنىڭ كۈلكۈننى تىزگىللىشى>> ۋە ئىسلام ئۇسلۇبىدا ئۇيۇلغان << قاش لوڭقا>>،<< شېئىر ئويۇلغان خوتەن ئاققاش چىنە>> قاتارلىقلار بار.



1404107324383_meitu_18.jpg






(تەرجىماندىن:خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى 90-يىللاردىن كېيىن بولۇپمۇ 2008-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جۇڭگۇدا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلدى.ھازىر جۇڭگۇ خوتەن قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ 7-قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى يارىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.)




تەرجىمان:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن



ئابلىكىم ئاۋۇت



جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى



2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى





مەنبە:شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2014-يىلى 3-ئايدا نەشىر قىلغان


《新疆和田玉(白玉)子料分等定级标准及图例》




ناملىق كىتاب



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 07:46 PM  


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15138
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2808 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 11:08:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر بىز قاش سودىسىدا پاسسىپ ئورۇندا يەنى پەقەت دەريادىن ،كاندىن چىققان تاشنى ئىچكىردىكى قاش سودىگەرلىرىگە ساتىمىز،ئۇلار ئۇنىڭغا ئىش قوشۇپ نەچچە ھەسسە پايدا ئالىدۇ . يەنە كېلىپ خەنزۇلاردىن باشقا ئىنگىلىز ،ياپون ،گرمان ....قاتارلىق مىللەتلەر قاشقا قىزقمايدىكەن .
بولسا چەتئەللىكلەرنىڭ قاش ۋە قاش سودىسىغا بولغان كۆزقارىشى ،قاشنىڭ ياۋروپا-ئامرىكا بازارلىرىدا دەۋر سۈرۈش ئېھتىمالى بار يوقىلقى توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرسىڭىزكەن ...

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېغىلىق دەۋرى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى دەپ يېزىلىپ قاپتىمۇ نېمە ؟ ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم ...
سۈف~

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 01:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھازىرقى قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىنى ھەقىقەتەنمۇ 7-قېتىملىق قاشگەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى دېسەك بولغىدەك.

‏بىزدىمۇ كۆھكەنلىك مەدەنىيىتى، تېخنىكىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئۆزىمىز سۈزگەن، قازغان قاشلاردىن ھەر خىل نەپىس بويۇملارنى ئىشلەپچىقارساق ، قاشنىڭ تىبابەتتىكى ، ساغلام ئوزۇقلىنىشتىكى، گىرىم بۇيۇملىرىدىكى ئىشلىتىلىشى ئاشسا، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى (ئىقتىسادى نەپتىن سىرتقى پايدىسىنى )ھىس قىلغان ئىكەنمىز پايدىلانساق....
‏يەنە ئۇنى پىششىقلاپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ ساتساق پايدا تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3718 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 08:13:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 11:08 AM
لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر بىز قاش سودىسىدا پاسسىپ ئو ...

دىگىنىڭىز خاتا ئەمەس،ھازىر بىز ھەقىقەتەن پاسسىپ ئۇرۇندا تۇرۇپ قالدۇق.بىزدىكى ئۆگەنمەسلىك،دەۋرگە ماس قەدەمدە ئىلگىرلىمەسلىك...تەك قاششاقلىق بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.ئاز ساندىكى بىر قىسىم قاشگەرلىرىمىز بۇ بازاردا ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن كۆپۈنچىلىرىمىزنىڭ ھالى ياخشى ئەمەس.چۈنكى بىز قاشنىڭ پۈلىنى تاپقان بىلەن،پۈلدىن باشقىنى تاپالماي قالدۇق...بىراق،بىر پىرسەنت ئۈمۈت بولسىمۇ 99 پىرسەنت تىرىشىش روھى بولسىلا كەلگۈسىدە يەنە ئۈمۈد بار....
خوتەن قاشلىرىنىڭ خەلقارا بازاردىكى ئورنى ،كىشىلەرنىڭ خوتەن قاشلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم قاشنىڭ پۇلىنى تاپقان كىشىلەردىن ياخشىراق.بۇ ھەقتە بىز ئاللا خالىسا قەدەم-باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئۇچۇر بىرىمىز.

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش