|
|
|
|
ئەسلى فىلىم :
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، بۈگۈن ئۈندىداردا ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان فىلىم يەنە شۇ نۇرئەلىنىڭ نۇتۇقى بولدى، شۇنداق ئۇ بىزنىڭ ،پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تېلۋىزىيسىدە دىدى .. نۇرئەلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان تورداشلار خۇددى ئۆزى شۇ سۆزنى دىگەندەك ھاياجان بىلەن تارقاتتى. بەزىلەر مەنىسىنى چالا - پۇلا چۈشەندى ،بەزىلەر چۈشىنىپ يوللىدى ..شۇنداقتىمۇ پېقىر ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاتىكاچىلىق قىلىپ سىن فىلىمىنىڭ يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ...
تەرجىمە قىلىشقا زېھىن ۋە ۋاقىت كەتتى. سالون ياكى تور بەتلەردە تارقاتقۇچىلار مەنبە ۋە ئەسكەرتىشنى قوشۇپ ئېلىپ قويۇشىنى سورايمەن .
بېيجىڭدا دەرس ئۆتىدىغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مۇنداق بەزىبىر قىزىقارلىق سۇئاللىرىغا يولۇقىمەن .مەسىلەن ،شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمنى بىلگەن ئوقۇغۇچۇمدىن بىرى شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا قوللىرىمنى سىقىپ تۇرۇپ :
-مۇئەللىم ،مەن شىنجاڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن .ھەر دائىم شىنجاڭغا بېرىپ بىپايان يايلاقتا ئولتۇرۇپ تويغىچە گۆش يەپ ،ئاتقا مېنىپ نەيزە ئوينېتىدىغان شۇنداق بىر خىل ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ باقسام دەيمەن ،مۇئەللىم سىز ئادەتتە قايسى خىلدىكى ئاتقا مېنىپ مەكتەپكە بارىسىز ؟
بۇ چاغدا ئوقۇغۇچۇمدىن يەنە بىرەيلەن
-بەك دۆتكەنسەن ،مۇئەللىم قانداقسىگە ئاتقا مېنىپ بارىدۇ ، مۇئەللىم چوقۇم مەكتەپكە ئېشەككە مېنىپ بارىدۇ .
-مۇئەللىم ،سىز دائىم ئۇسسۇل ئوينامسىز ؟شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇلنى ئىنتايىن چىرايلىق ئوينايدىكەنغۇ ،ھېلىقى «چۈمپەردەڭنى قايرېۋەت »دېگەن ناخشىغا بىر ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭە ،تېخى ئۇسسۇل ئوينىغاندا بوينىنى تولغايدىكەنغۇ ، سىزمۇ تولغاپ بېرىڭە مۇئەللىم .
بۇنداق سۇئاللارغا ھەر دائىم يولۇقىمەن .ئۇلار مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپلا ،مېنى ئاتقا مېنىپ ئۇسسۇل ئويناپ ،كاۋاپ پۇشۇرالايدۇ دېيىشىدۇ .يەنى «چۈمپەردەڭنى ئېچىۋەت »بىلەن قارىمۇ-قارشى ،مېنىڭ چۈمپەردەمنى ئاچماستىن بەلكى ماڭا چۈمپەردە ئارتىپ «ماركا»چاپلاپ قويىدۇ ،ماركىنىڭ ئۈستىدە شىنجاڭلىق دېگەن خەت بار ،ئەلۋەتتە .ئۇلارنىڭ چاپلىغان بۇ «ماركا»سىنى ئېلىۋەتكەندىكى مەن زادى كىم قانداق ئادەم ئۇ مۇھىم ئەمەس بولۇپ بولغان .راستىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ماڭا ئارتىلغان بۇ چۈمپەردىمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس .بۇ «چۈمپەردە»ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن ،باشقەلار كۆڭلىنى خۇش قېلىشىدۇ ،خالاس .
ئىلگىرى بىر قېتىملىق «ماتاڭ» ۋەقەسىدە مەن ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ ،بۇ ۋەقەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن «كېلىشكەن باي»دەپ ئاتالدىم،دېدىم .ئەمما مەن ئىچىمدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى ،بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەسىرىدىن يامان تەسىرى كۆپ ئەلۋەتتە .چۈنكى بۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىپ «ماركا»چاپلاش ،تەرەققىي قېلىپ ئاخىرىغا بارغاندا باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ .نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىشلەرگە ئۇچرايمىز ؟ھەر بىر جاي ،ھەر بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە ياخشىلارمۇ ،يامانلارمۇ بولىدىغۇ ؟! بىز ھەمىشە قارىغۇلارچە بەرگەن باھالىرىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل مىللەتكە «بەلگە»چاپلاپ قويىمىز ،يەنى ئاز ساندىكى ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قاقىمىز ،بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم ياخشى ئادەملىرىمىزنى ئازابلايمىز ،سانسىزلىغان ئادەملىرىمىز پەقەت يۈرەكلىرىدىلا يىغلىيالايدۇ .مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەنكى ،شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەش مېنىڭ بۇرچۇم ! مۇسبەت ئېنىرگىيە تارقېتىش ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى شىنجاڭنى تونۇشقا چاقىرىش ،چۈشىنىشكە چاقىرىش ،شىنجاڭنى سۆيۈشكە چاقىرىش مېنىڭ بۇرچۇم !
مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى بۇنداق «بەلگە»چاپلىنىپ ئېنىقلىما بېرىش شىنجاڭلىقلارغىلا ئەمەس ھەر قانداق كىشىلەرگە قىلىنىپ باققانىكەن ،مەسىلەن ،شەرىقى شىماللاق كىشىلەرنى قوپال ،توڭ دېيىشىدۇ . يەنە مەسىلەن ،«90-يىلىدىن كېيىن»كىلەرنى شەخسىيەتچى ،مەسئۇلىيەتسىز دېيىشىدۇ .يەنى ھەممىمىز مۇشۇنداق ئورۇنسىز باھالارنىڭ قۇربانى بولدۇق .بۇ قىلمىش جەمئىيەتتە بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشتى .مەن بىر تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھەممىمىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ « چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت »دېگەن ناخشىغا ئوخشاش چۈمپەردىمىزنى قايرىپ بىر-بىرىمىزگە يۈزىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،پەقەت يۈزىمىزلا ئەمەس ،ئادىمىيلىكىمىزنى ،ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن .شۇنداقلا بىز مەلۇم بىر توپقا تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئورۇنسىز ھاقارەتلەنمەيمىز ،تەنقىدلەنمەيمىز .ئۇ چاغدا بىر ئادەمگە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ باھا بېرىمىز . شۇنىسى ئېنىقكى ،ئايرىم بىر قىسىم ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن شۇ قاتاردا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ «بەلگە»چاپلانغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆز ياشلىرىمىز بار ،ئورتاق كۈلكىلىرىمىز بار .ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەسرەتلىرىمىز بار .ئورتاق بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىز بار ،شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ھىچقانداق پەرق يوق . رەھمەت !
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (جېن جىيەنبىڭ ): سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئۆزۈم بىۋاستە ھېس قىلغاندەك بولدۇم ،چۈنكى مەنمۇ شىنجاڭلىق ! ئالدىنقى قېتىم لىجا سىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ تالانتلىق ئادەم ئىكەنلىكى ئېيتقان . شۇنداق ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم . سىزدەك بىر يۇرتلۇقۇم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن .
ئەلى : رەھمەت !
رىياسىەتچى (لى يوڭ ): شىنجاڭ بولسا 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات يەر كۆلىمىگە ئىگە جاي دېمەك 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرچىلىك ھېسسىيات قايناپ تۇرىدۇ . گەرچە سىز ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن بولسىڭىزمۇ ئەمما بىز سىزنىڭ سەھنىدىكى بىر قانچە مىنوت ئىچىدە ئىپادىلىگەن ھىسسىياتىڭىزنى ھېس قېلىپ يىتەلىدۇق .ئىنتايىن قالتىس ئىكەنسىز ئەلى ، بىز بەك ياقتۇردۇق .
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (لۇيۈ): سەھنىگە چىققاندا ئاۋۋال دوپپا كىيىپ كېيىن دوپپىنى ئېلىۋىتىش ئارقىلىق ھەم شىنجاڭلىقلارغا ھەم شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكىكەرگە ۋاكالىتەن سۆزلىدىڭىز ، گەرچە بۇ ھېسسىيات ئارلاشقان كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ ،بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق ،بۈگۈنكى ئىپادىڭىز بەكمۇ قالتىس بولدى ،رەھمەت سىزگە ئەلى !
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى 2014- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى
|
|
|
|
|
|