ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر،ئالتۇن بويۇڭلار ئامانمۇ؟مەنكى مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام.....
ئەمدە مەقسەتكە كەلسەك،2014-يىلى 1- ئاينىڭ 23 -كۈنى سىلەردىن ياردەم سوراپ بىر تېما يوللىغان ئىدى ،مانا بۇ تېمىنىڭ ئادرېسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-117996-1-2.html
بۇ تېمىنى يوللىغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە <<بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ قېلىش(腰椎间盘突出)كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ چىققان ئىدىم.ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈچ باسقۇچ يېتىپ داۋالاندىم،(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانا،مىللىي شىپاخانىدا)،ئۇ يەردىكى دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۆسكەن بەل ئۇمۇرۇتقا تەخسىسى يۇلۇننى بېسىۋاپتۇ.خەنزۇچە(压迫神经)دېيىلىدىكەن.بۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئىكەن،مەن ئوپراتسىيە قىلدۇرماي ساقىيىش ئويىدا 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاپتونۇم رايونلۇق جوڭيى دوختۇرخانىسىدا بالنىستتا يېتىپ،كۆپلىگەن تەكشۈرتۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،ئۇ يەردىكى دوختۇرلارمۇ <<ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ>>دېگەچكە ،ئامالسىزلىقتىن (سول پۇتۇم تارتىشىپ ئاغرىپ ماڭالمىغان ئىدىم)4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوپراتسىيە قىلدۇردۇم.ھازىر ئوپراتسىيە قىلدۇرغىلى ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى،اللاھ شىپالىق بېرىپ كۈندىن كۈنگە ياخشى ،بىرەر ئايلارچە بولدى ئانچە -مۇنچە تالاغا چىقىپ بىرەر يۈز مېتىر يەرگە مېڭىپ بارالايمەن،(ئىككى ھەپتىچە بولدى ھاسىغا تايانماي ماڭغىلى)،بىراقزە بەش مىنۇتمۇ ئولتۇرالمايمەن،ئولتۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇرسام ،كېچىسى ئۇخلاپ ئورنۇمدىن تۇرسام بېلىم قېتىپ قالغاندەك تۈز بولالمايمەن،توققۇز كۆز،سول تەرەپ يانپاش قىسمىم ئاجراپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيدۇ.(بولۇپمۇ سول تەرەپ يانپاش قىسمىمنىڭ ئاغرىشى بەكراق ئېغىر)
ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن <<مۇشۇنداق ئولتۇرالماس بولۇپ قالارمەنمۇ؟>>دەپ،ھازىرغۇ تەتىل ۋاقتى،ئۆيدە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتىمەن .تەتىلدىن كېيىن ئىشقا چۈشسەم ھەمىشە يېتىپ ئارام ئالغىلى بولمايدۇ،شۇڭا مۇنبەرداشلاردىن ئۆتىنىدىغىم :
قانداق ئۇسۇللارنى قوللانسام،ياكى قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەم،تېزراق ئەسلىمگە كېلەلەيمەن؟ئورنۇمدىن تۇرماي يېتىپ ئارام ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى كۆپرەك ھەركەت قىلىپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟قانداق ياخشى چارە -ئاماللار بار؟
بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن....
كېسەلغۇ پاتمانلاپ كىرىپ ،مىسقاللاپ چىقىدىكەن،شۇنداقتىمۇ بەل ئاغرىقى ئادەمنى بەك قىينايدىغان كېسەلكەن...
شۇڭا تورداشلارنىڭ ياخشى مەسلەھەتلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمامنى تەتستىقلاپ قويىشىنى ئۆتىنىمەن.
مەنبە : كېسەل كاللام
تېمىنىمۇ يېتىپ تۇرۇپ يېزىپ يوللاۋاتىمەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-5 03:17 PM