مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5628|ئىنكاس: 104

قىزلار يېقىنلاشسا بولمايدىغان 13 خىل ئەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22085
تۆھپە نۇمۇرى: 1133
توردا: 3258 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 07:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىزلار يېقىنلاشسا بولمايدىغان 13 خىل ئەر




1. مۇھەببەتلىشىش تەجرىبىسى مول ئەرلەر
بۇنداق ئەرلەر ناھايىتى تەجرىبىلىك بولۇپ، ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ، قىلىقلىرىدىن سىزئۆزىڭىزنى ئۇ بىر ئۆمۈر تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان قار مەلىكىدەك ھېس قىلىسىز. ئەمما ئۇ بۇنداق ھۈنىرىنى باشقا ئاياللارغىمۇ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
2. ئەۋزەللىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەرلەر
بۇ خىل ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەسىپتە ئالاھىدە مۇۋەپىقىيەت قازانغان، خىزمەت ئورنى ، كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا ، غايىسىدىكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، باشقىلار بەھرىمەن بولالمىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا نىسىبەتەن سىز بىر ئالىي دەرىجىلىك يىغىپ ساقلايدىغان بۇيۇم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى سىزگە بېسىم بولىدۇ. ئۇلار ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ مۇھەببەتنى بىر مەيدان سالاھىيەت ئىمتىھانىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ - دە، سىزدە ئۆزىڭىزنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ھەممىگە بويسۇنىدىغان قىلىۋېتىدۇ. ئۇ مەڭگۈ مەركەز، سىز پەقەت ئۇنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پەرداز بۇيۇمىغا ئوخشاپ قالسىز.
3. زىيادە ئۆزۈمچى ئەرلەر
بۇنداق ئەرلەر ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆككە كۆتىرىپ يېتەرسىزلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئادەم كۆپ جايدا سىزگە پوپوزا قىلىدۇ، باشقىلار ئالدىدا ئەيىبىڭىزنى ئاچىدۇ. ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان بۇ خىل ئەرلەر ئۆز خاتالىقىنى ئەڭ يېقىن ئادىمىگە يۈكلەپ قويالايدۇ. سىزدىن رىشتىسىنى ئۈزگەندە سىزنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋېتىدۇ.
4. ئۆزىنى زىيادە كەمستىىدىغان ئەرلەر
ئوڭۇشسىزلىققا ئوچراشتىن قورقىدىغان ، بىرەر ئىش قىلغاندا ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزلىكىدىن ۋاز كېچىدىغان ئەرلەر ئادەتتە ناھايىتى كىچىك پېئىل ، قۇلىقى يۇمشاق بولۇپ، كۆپىنچە ئۆز ئاجىزلىقى بىلەن نۇرغۇن چوڭ ياشلىق ئاياللار ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ، ھېسىداشلىق قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاشۇ ئايالارنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمسىتىلىش تۇيغۇسىنى تولۇقلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ ئاياللارغا تايىنىپ جان باقىدۇ.
5. ئاياللارنى ئۇرىدىغان ئەرلەر
ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئاياللارنى ئۇرىدىغان ئەرلەرنى داشقال دەپ قارايدۇ.
6. خاراكتېرى ئاجىز ، مەسئۇلىيەتتىن قورقىدىغان ئەرلەر
بۇ خىل ئەرلەر كىچىك پېئىل كېلىدۇ، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۋالمايدۇ ، ئەرلەر ئەزىز ئىدىيسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەرلەرگە ئوخشاش قەتئىي ۋە بىپەرۋا ئەمەس . خوتۇننىڭ ھەر قانداق ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەممە ئىشتا خوتۇننى خوجايىن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما خوتۇنى ئۇنى بىرەر پىلان كۆرسىتىشكە ئۈندىسە ئىككىلىنىپ ئىككى ئېغىز ئۇرۇنلۇق گەپ قىلالمايدۇ.بىرەر ئىش تېرىپ قويسا ھەر ئاماللار بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
7. ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئەرلەر
ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋاپادار ئوغۇل بولۇشنى خالايدۇ. بىراق ۋاپادارلىق بىلەن ھەممە ئىشىنى ئانىسىغا دېيىش تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش . مەسىلەن ، قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قىز بىلەن يىگىتنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقىنى ، نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يىگىتنىڭ ئانىسى بەش قولدەك بىلىپ تۇرسا ھەمدە ئوغلىغا قىزغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا پىلان كۆرسىتىپ تۇرسا ، بۇ نېمە دېگەن قورقۇنىچلۇق - ھە !
ئادەتتە يالغۇز ئانا - بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى يۇقىرقىدەك بولىدۇ. بۇ خىل يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن قىزلار ئۇلارنىڭ ئانا - بالىلىق مېھر - مۇھەببەت چەمبىرىكىگە ناھايىتى تەستە سىغدىلىپ كىرىدۇ.

8. كونترۇل قىلىش غەرىزى كۈچلۈك ئەرلەر
بۇ خىل يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن قىزلار دەسلەپتە ئۇلارنىڭ شېرىن - شېكەر سۆزلىرى ۋە ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشلىرىدىن قانائەتلىنىدۇ. بۇنداق يىگىتلەر ھەر قانداق ئىشتا قىزلاردىن خاتىرجەم بولالمايدۇ ، ھەممە ئىشتا قىزلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، قىزلارنىڭ نەدە ، نېمەئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ، كىم بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى كېلىپلا تۇرىدۇ . كۆرۈنۈشتە قىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كونتىرۇل قىلىشلىرى قىزلارنى نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار قىزلارنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەيدۇ ياكى مەنئىي قىلىدۇ، ھەمىشە گۇمانلىنىدۇ ، نازارەت قىلىدۇ. بۇنداق يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالغان قىزلارنى ھەقىقەتەن قارا باستى، دېيىش كېرەك.
9. ھېسسىياتسىز ئەرلەر
ئۇلار كۆرۈنۈشتە گويا سىزنىڭ ۋاتىلداشلىرىڭىزغا ، غەزەپلىنىشلىرىڭىزگە چىداۋاتقاندەك ، تىللىسىڭىزمۇ جاۋاپ قايتۇرمايۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھېچقانداق ئىشنى كۆڭلىگە ئالمايدىغانلار بولۇپ، ئالاقە جەريانىدا نېمىلا دېسىڭىز ھېچقانداق پىكىرى چىقمايدۇ ، مۇئامىلىسى سۇس بولىدۇ.
10. مۇقىم خىزمەتنى ياقتۇرمايدىغان ئەرلەر
بۇ خىل ئەرلەر ھەمىشە خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، مۇقىم خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ۋاقتىنى ياقتۇرمايدۇ. ھەمىشە كاماندۇرۇپكا ، يىغىن ، سىمېنا ئالمىشىش ، سىمېنا قوشۇپ ئىشلەش دېگەنلەر بىلەن ھەلەك بولۇپ يۈرىيدىغان بۇ خىل ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باھانىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.بەلكىم سىز ئالدانغانلىقىڭىزنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن بىلىشىڭىز مۇمكىن.
11. ئۆتمۈشتىكى نوچىلىقىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەرلەر
باشقىلارغا ئۇستاز بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ، ئۆزىنىلا ماختايدىغان ، ھەر قانداق ساھەدە مۇتەخەسسىسلىك رولىنى ئالالايدىغان، بىلەرمەن، ھەمىشە مەن ئەينى چاغدامۇنداق قىلغان ، بۇ ئىشنى ئەسلى مەندىن سورايتىڭلار دېگەندەك سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەرلەر ئادەمنى ھەددىدىن زىيادە بىزار قىلىۋېتىدۇ.
12. قولغا كەلتۇرۋېلىپلا كارى بولمايدىغان ئەرلەر
تەلۋىلەرچە سۆيۈش ئادەتتە ھېسسىياتنىڭ تۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قالىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئىش. ئەگەر ئۇ سىزنى چىن قەلبىدىن سۆيسە ، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىشنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويمايدۇ. مۇبادا ئۇ سىزدىن بەھرىمەن بولۇشنىلا ئويلاپ بەدەل تۆلەشنى خالىمىسا ياكى بۇ خىل ھېسسىياتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ مەقسىتىگە يەتىسىلا ھەرگىز بەدەل تۆلەپ يۈرمەيدۇ.
13. مەلۇم نەرسىگە خۇمارى بار ئەرلەر
قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىش ياكى زەھەر چېكىشكە ئادەتلەنگەن ھەتتا خىزمەت ياكى باشقا بىرەر ئىشقا زىيادە باش چۆكۈرۈپ كىرىشىپ كەتكەن ئەرلەر ئىشەنچىلىك ئەمەش . بىرەر پائالىيەتكە قىلچە كونترۇللۇقى بولمىغان چۆكۈپ كېتىش - يېنىك بولغاندا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەسىريەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇرمۇشىڭىزنى قالايمىقانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ.



شىنجاڭ ياشلىرى


تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31411
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6453 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقارىقى ئالاھىدىلىكنىڭ ئۈچ تۆتى باركەن مەندە . ئاپامغا ئامراق. ئاپام ئەزەلدىن قىزلار تەرەپتە ، ماڭا يان باسمايدۇ.
ھەددىن ئاشسا ئۇرىمەن. بەك بۇلالمىغاندا.( غۇرۇرمغا تەگسە)
كونتىرول قىلىشنى ياخشى كۈرىمەن، مۇۋاپىق ئەركىنلىكمۇ بىرىمەن، [s:112]
بۇلار ئەرلەردە بولسا بۇلىدىغۇ دەيمەن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:10:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2647
تۆھپە نۇمۇرى: 116
توردا: 6111 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
14-خىلدىكى ئاتالمىش قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئۆلچەملىك بولغان ئەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگىم بار ، ،...  [s:111]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4900
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5410
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بېر قانچىسىگە چۇشىدىكەنمە...........

ھاياتنىڭ قىممىتى قەدىرلەشتە...!

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8245
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5707
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2011-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە 14 خىلنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن  ! كېتەيمىكى تەكلىماكانغا.

نادانلارچە قىز غىنلىق - قاراڭغۇدا ئۇزۇن سەپەر قىلغان بىلەن باراۋەر.

ئاشىقنىڭ يۈرىكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7722
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5579
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2011-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7. ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئەرلەر 5(E&jKn&  
ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋاپادار ئوغۇل بولۇشنى خالايدۇ. بىراق ۋاپادارلىق بىلەن ھەممە ئىشىنى ئانىسىغا دېيىش تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش . مەسىلەن ، قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قىز بىلەن يىگىتنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقىنى ، نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يىگىتنىڭ ئانىسى بەش قولدەك بىلىپ تۇرسا ھەمدە ئوغلىغا قىزغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا پىلان كۆرسىتىپ تۇرسا ، بۇ نېمە دېگەن قورقۇنىچلۇق - ھە ! 5 HE5$S  
ئادەتتە يالغۇز ئانا - بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى يۇقىرقىدەك بولىدۇ. بۇ خىل يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن قىزلار ئۇلارنىڭ ئانا - بالىلىق مېھر - مۇھەببەت چەمبىرىكىگە ناھايىتى تەستە سىغدىلىپ كىرىدۇ

زىمىننىڭ يۈزىدە مۇشۇنداق ھەممە گەپسۆزىنى ئانىسىغا دەيدىغان بالا
قىزلارنى باپلا دەيدىغان ئانا بارمۇ، قاملاشمىغان،،،،،،،،،،،،....

بىلەر بولساڭ كۆڭۈل ئاياشنى، تېڭىپ يۈرمە، تاياققا تاشنى، خارلانغاندىن،بىۋاپالارغا، ئەۋزەل كۆردۈم،يالغۇز ياشاشنى.

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12084
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12659 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقمۇ باھا بولامدۇ؟ئەر زاتىدا ھېچ بولمىغاندايۇقارقىلاردىن بىرسى بولار......

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2154
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17081
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل  ئالدىراش  بولۇپ  قالدىم ،  بولمىسا  يېقىنلىشىشقا  بولمايدىغان قىزلارنىڭكىنىمۇ  يوللاپ  قۇياتـتىم.

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9376
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-6 08:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرگە تېگىش بەس مۈشكۈل بولدىغۇ ئەمدى ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش